搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىستېمال بىلەن يەر-مۈلۈك ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى مۇھىم سىگنال!
>
ئىستېمال بىلەن يەر-مۈلۈك ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى مۇھىم سىگنال!
Nepkar
2022-02-26
1
导读:شەخس نۇقتىسىغا قايتساق، بۇ سىگنال بىزنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىمىز ۋە مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشىمىزغا
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
تورداش دوستلار، ئەگەر سىلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىگە دىققەت قىلساڭلار، «ئۆينى تۇرالغۇغا ئىشلىتىش ھايانكەشلىك قىلماسلىق» ۋە «ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش»كە نىسبەتەن چوقۇم ناتونۇش ئەمەس. ئىلگىرى ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمالى ئۇزاق مۇددەت ئۆي-مۈلۈك تەرىپىدىن چۈشەپ قويۇلغانىدى، 2021-يىلى، تاۋار ئۆي سېتىلىش سوممىسى ئاران %4.8 ئاشقان ئەھۋالدا، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %12.5 ئاشتى.
بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمالى بىلەن يەر مۈلكى بىر-بىرىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تۈرتكىلىك رولى بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە، بۇ ھەم ھەربىرىمىزنىڭ كەسپىي تەرەققىياتى ۋە مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك.
ئالدى بىلەن كونكرېت ئىستېمال سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. 2021-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 44 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %65.4 كە يېتىپ، يەنە بىر قېتىم ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.
بارلىق ئىستېمال تۈرلىرى ئىچىدە، ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %9.9 بولۇپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2021-يىلى جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى 26 مىليوندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالدى؛ تېخىمۇ يارقىن بولغىنى شۇكى، 2021-يىلى جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئومۇمىي سېتىش مىقدارى 5 مىليونغا يەتتى، پۈتۈن دۇنيادا ھەر ئىككى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىلسا، بىرىنى جۇڭگولۇقلار سېتىۋالدى. ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت تۈرلىرىنىڭ بارلىق ئىستېمال تۈرلىرىدىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇپ، %29.8 كە يەتتى. قارىغاندا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۈنچە-مەرۋايىت سېتىۋېلىشنى خالايدىغاندەك تۇرىدۇ.
يۇقۇمنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئارزۇسى كۈچەيدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتۇننىڭ پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى قوشۇلۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى سىنالغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئالتۇنغا بولغان قىزىقىشى كۈچەيدى. قىزىقارلىقى شۇكى، مەلۇم ئورگاننىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 25 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىنىڭ ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ئىستېمال قىلىش نىسبىتى %76 كە يېتىپ، 35 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ %82 تىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، بۇ ئالتۇننىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ياشلارنى ئولجا قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگولۇق ياشانغان ئاياللار ئالتۇن تالىشىدىغان بولدى دېمەستىن، جۇڭگولۇق ياشانغان ئاياللار قىزى، كېلىنى بىلەن بىرلىكتە ئالتۇن تالىشىۋاتىدۇ، دېيىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى يېمەك-ئىچمەك ۋە ساياھەت كەسپى بولۇپ، 2021-يىلى بۇ ئىككى چوڭ كەسىپنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ كىرىمى 4 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %18.6 ئاشقان؛ دۆلەت ئىچى ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 2 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %31 ئاشقان. بۇ ئىككى چوڭ كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ ئۆرلەۋاتىدۇ. يەر شارىدا يەنىلا يۇقۇم ئەھۋالى ئەۋج ئېلىۋاتقان ئەھۋالدا، بىزنىڭ بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىمىز ئاسان ئەمەس.
لېكىن ئەڭ مۇھىمى ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي ئىستېمالنىڭ قانچىلىك ئاشقانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆي-مۈلۈكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدى، بۇ بىر مۇھىم سىگنال.
ئىلگىرى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمال سانلىق مەلۇماتى ئۆي-مۈلۈككە ئەگىشىپ ئۆرلەپ-چۈشۈپ، ئۆي بازىرى ئۆرلىسە، ئىستېمال يېتىشىپ ماڭاتتى. بىر تەرەپتىن، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تېخىمۇ كۆپ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنى جەلپ قىلىپ، ئۆي بېزەش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىستېمال پەيدا قىلاتتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بايلىق ئېففېكتى ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئۆي ھايانكەشلىرى كۆپ پۇل تاپاتتى، ئىلكىدە بىر يۈرۈش ئۆي بولسىمۇ، ئۆيىنىڭ باھاسى ئۆسكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ-دە، «مەن پۇلدار ئادەم بولۇپ قالدىم.» دەپ ئويلايدۇ، بۇ ئويلىمىغان يەردىن ئىستېمال ئارزۇسىنى ئاشۇراتتى.
لېكىن نۇقسانلىرىمۇ ناھايىتى روشەن. ئۆي باھاسى نامۇۋاپىق ئۆسكەچكە، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ بايلىقىدا ئۆي-مۈلۈكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70 تىن ئېشىپ كەتتى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سانى %50 ئەتراپىدا. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويدى، 2020-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ تاۋار ئۆي سېتىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشتى، لېكىن ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئاران %4.6 ئاشتى.
ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيەسىدە «پۇل ئوبوروتتا قىممەت پەيدا قىلىدۇ.» دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ 100 يۈەن پۇلىڭىز بولسا، مەڭگۈ خەجلىمىسىڭىز، ئۇ بىر پارچە كېرەكسىز قەغەز؛ ئەگەر سىز مېۋە سېتىۋالسىڭىز، ئۇ سىزگە قىممەت يارىتىدۇ؛ دۇكان ئىگىسى پۇلنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يەنە باشقا تاۋارلارنى سېتىۋالىدۇ. بۇ 100 يۈەنلىك ئوبوروت قانچە تېز بولسا، ھاسىل بولىدىغان قىممەت شۇنچە چوڭ بولىدۇ. جۇڭگو ئاھالىسىنىڭ %70 بايلىقى ئېقىشچانلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئۆي-مۈلۈككە قولۇپلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ بايلىق يارىتىش سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
2021-يىلى، «ئۆينى تۇرالغۇغا ئىشلىتىش ھايانكەشلىك قىلماسلىق» ۋە «ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش» سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %12.5 ئېشىپ، تاۋار ئۆينىڭ %4.8 لىك ئېشىش نىسبىتىدىن خېلىلا ئېشىپ، يەر-مۈلۈك ئاسارىتىدىن قۇتۇلدى. بۇ ئاھالىلەر بايلىقىنى بىۋاستە ئىستېمال قىلىشقا ئىشلىتىش سالمىقىنىڭ ئاشقانلىقىنى، ئىقتىسادنىڭ ئايلانما تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
شەخس نۇقتىسىغا قايتساق، بۇ سىگنال بىزنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىمىز ۋە مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك.
ئاھالىلەرنىڭ بىۋاسىتە ئىستېمالىنىڭ ئېشىشى دۆلەت مېلى دولقۇنىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. مەسىلەن، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قاتتىق ئەۋج ئالغان دۆلەت مېلى دولقۇنى ياشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئۆز ئالدىغا كۇرسلۇق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارمۇ ھەممە ئائىلىلەرگە كىردى. كەلگۈسىدە روشەن مەدەنىيەت ئامىلى، لايىھەلەش، سۈپەت، تېخنىكا جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان دۆلەت ماللىرىغا نىسبەتەن ئىگىلىك تىكلەش شامال ئېغىزى (ياخشى پۇرسىتى) بولىدۇ.
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408