大数跨境

نېمىشقا يېڭى شەرق بىردىنلا پۇلغا كۆمۈلۈپ كېتىدۇ؟

نېمىشقا يېڭى شەرق بىردىنلا پۇلغا كۆمۈلۈپ كېتىدۇ؟ Nepkar
2022-06-19
1
导读:يېڭى شەرق نېمە ئۈچۈن بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇنچە ئالقىشلىنىپ كېتىدۇ؟

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!


ھەممىمىز بىلىمىز، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان يېڭى شەرقنىڭ قوش تىلدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشى ئالاھىدە ئالقىشلىنىپ، مەستانىلىرى ئەسلىدىكى 1 مىليوندىن بىراقلا 16 مىليونغا يېتىپ، ھەپتىلىك سېتىش سوممىسى 200 مىليون يۈەندىن ئاشقان. 5 كۈنلۈك سودا كۈنىدە، «يېڭى شەرق توردا (新东方在线)» پاي باھاسى %500 ئېشىپ، بىۋاسىتە پۈتكۈل يېڭى شەرق مائارىپ گۇرۇھىنىڭ پاي باھاسىنىڭ شىددەتلىك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان.
خوش، ئۇنداق بولسا، يېڭى شەرق نېمە ئۈچۈن بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇنچە ئالقىشلىنىپ كېتىدۇ؟ بۇ راستىنلا يېڭى شەرقنىڭ پەقەت قوش تىلدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشتىكى ئالاھىدە ئىقتىدارىنىڭ نامايەن بولۇشىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟
بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەبى بار:
بىرىنچى، دۆلەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىر سۇپىلارغا قارىتىلغان مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، بايتلىق سەكرەش، ئەلى بابا، تېڭشۈن (BAT)غا قايتىدىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پۇرسىتى بەردى. ئۈچ ئاتامان كاپىتال بازىرىغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي بىڭسىنى نامايەن قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئاكتىپ ھالدا IPO غا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان چۈمۈلە ۋە دوۋيىنغا نىسبەتەن بۇ تېپىلماس پۇرسەت.
ئىككىنچى، «6.18» كېلىشتىن بۇرۇن ئەلى بابا (تاۋباۋ)نىڭ ئېقىم چولپىنى لى جياچى تۇيۇقسىز (ئەمەلىيەتتە تۇيۇقسىز ئەمەس، سەۋەبى ئىلگىرى سالوندا چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان) بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشتىن چېكىندى، بۇ دوۋيىن (بايتلىق سەكرەش) ۋە تېڭشۈنگە پۇرسەت بەرگەن.
ئۈچىنچى، ئۇزۇن مۇددەتلىك بېسىم مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تۇيۇقسىز ئۈمىد ئۇچقۇن يالتىرىغاندىن كېيىن BAT زور ئىچكى يۆگىمىلىشىشكە دۇچ كەلگەن.
تۆتىنچى، دوۋيىننىڭ ئېقىم چولپىنى لو يوڭخاۋنىڭ ئىككى يىللىق توختام ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، لو يوڭخاۋ قەتئىيلىك بىلەن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشتىن چېكىنىپ چىقىپ، قايتىدىن ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلاندى. شۇڭا ئەلى بابانىڭ بازىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن دوۋيىن تېزلىكتە يېڭىدىن بىر ئېقىم چولپىنىنى تىكلەپ چىقىشقا مۇھتاج بولۇۋاتقان پەيتتە، يۈ مىنخۇڭ بىلەن دوۋيىن ياخشى تېپىشىپ، قوش يېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دوۋيىن شىركىتى يۈ مىنخۇڭ (يېڭى شەرق)نى زور كۈچ بىلەن ئېقىم ۋە ماركا جەھەتتىن قوللاپ، يۈ مىنخۇڭ (يېڭى شەرق)نى ئېقىم چولپىنى قىلىپ تاۋلاپ چىقىشقا بەل باغلىغان. 
يۇقىرىقى تۆت سەۋەبتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېڭى شەرقنىڭ بىردىنلا ئالقىشلىنىپ كېتىشى قانداقتۇر ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە يېڭى شەرق قوش تىلدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان، بۇنى تامامەن يېڭى شەرقنىڭ تەلىيى دېيىشكە بولىدۇ.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408