چاغاندىن كىيىنكى پاي بازىرىغا تەھلىل
ئانالىز ئەپەندىم

بۇ ھەپتە دۆلەت ئىچىدە قىزىق مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولسا دۆلەت ئەرلەر پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ 3:1 نەتىجە بىلەن ۋىيتنام كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشى بولدى. ھەر ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تارتىپ ئاددىي پۇخرالارغىچە نارازىلىق، تەنقىد سادالىرى تور تاراتقۇچلارنى قاپلىدى. بىراق بىر پۇتبۇل مۇتەخەسسىسىنىڭ سۆزى دىققەتنى قوزغىدى. ئۇياق دەيدۇكى 30 يىلدىن بىرى ئەرلەر پۇتبۇل كوماندىسىدىن بەكرەك بىزلەرنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ كەلگەن بىر ساھە بار، ئۇ بولسىمۇ جوڭگۇ پاي بازىرىنىڭ ئىپادىسى.
دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئىككىنجى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن پاي بازىرىنىڭ ئىپادىسى بۇنداق بولماسلىقى كىرەك ئىدى. بۇلتۇر ھەرقايسى دۆلەتلەر پاي بازىرىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بويىچە ۋىيتنام %125 ئۆسۈش نىسبىتى بىلەن دۇنيا بويىچە بىرىنجى بولدى. دۆلىتىمىز پاي بازىرىدىمۇ ۋىيتنامغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
گەپكە قايتىپ كەلسەك، 1-ئايدا بىزنىڭ پاي بازىرىنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولمىدى. ئۈچ چوڭ كۆرسەتكۈچ ئۈمۈميۇزلۈك خېلى ئۇبدانلا چۈشتى. يەككە پايلارنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ ناچار بولدى. ئىستاستىكىدا 1-ئايدا بازاردىكى %90 كە يېقىن پايلاردا چۈشۈش بولدى. ھەتتاكى بىر قىسىم پايلارنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كەتتى.
دېمەك، 1-ئايدا پاي بازىرىدىكى ھەر 10 ئادەمدىن 9 ئادەم قولدىكى پاي زىيانغا ئېسىلىپ قالغان ھالەتتە دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ.
ئەگەر بىرەرسى سىزگە مەن ئالغان پايلار ئالدىنقى ئايدا بەك ئۆسۈپ كەتتى دېسە ھەلا دەپ قويۇڭ. بۇ بازاردا ھېساباتتىكى پايلىرى كۆپكۈك زىياندا بولسىمۇ ئاسمانغا قاراپ پو ئېتىپ خۇشاللىق تاپىدىغانلارمۇ خېلى بار. ئەگەر ئەمەلىي نەتىجىنى كۆرسىتىپ بېرەلىسە ئۇ باشقا گەپ.
بۇ قېتىملىق چۈشۈشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ئالدىنقى ئايدا پاي بازىرىدىكى چوڭراق تەڭشىلىش سەۋەبى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار بار، ئاساسلىق قىلىپ ياۋرۇپا ئامېرىكا بازىرىدا چوڭراق چۈشۈش بولۇشى، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل كۆپلەپ ئۆسۈم قوشۇش بىشارىتى سەۋەبلىك بازاردا ئەنسىزلىك كەيپىياتى يۇقىرى بولدى. كۆپ قىسىم سودا قىلغۇچىلار مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. يەككە پايلاردا چۈشۈش چوڭراق بولغاچ چېكىنىپ تۇرۇشمۇ تەس بولدى. بىراق شۇ نەرسە ئېنىقكى، دۆلەت ئىچىدە پاي بازىرىغا كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان سىياسەت، ئىقتىساد جەھەتتىن يامان خەۋەر يوق دېيەرلىك. شۇڭا بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
بايرامدىن كېيىن بازار تۇراقلىشامدۇ؟
بۇ ھەپتە ئامېرىكا ياۋروپا پاي بازارلىرى چۈشۈشتىن توختاپ خېلى قاڭقىش بولدى. شىياڭگاڭ بازىرىمۇ پەيشەنبە، جۈمە ئىككى كۈن خېلى ياخشى قاڭقىش بولدى. دۆلەت ئىچىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىڭ مۇسابىقىسى باشلاندى. بۇ نۇقتىدىن ئەتە بازارنىڭ يۇقىرى ئېچىلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى دەپ قارايمەن. ئولىمپىك تۈگىگىچە بازارمۇ مۇقىم ھالەتنى ساقلاش زۆرۈردۇر.
كېلەر ھەپتە مېنىڭ قارىشىمدا چوڭ تاۋاق 3320-3550 گىچە تەۋرىنىش مۇمكىن. يەنە بىر خەۋەردە دۆلەت پاي بازىرىدىكى مۇھىم ئىسلاھەتنىڭ بىرى بولغان يېڭى پايلارنىڭ بازارغا چىقىشىغا بولغان رويخەتگە ئېلىش تۈزۈمى بۇ يىل ئىچىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. بۇ تۈزۈمنى يولغا قويۇش ئۈچۈن پاي بازىرىمۇ ياخشى قاڭقىش ھالىتىدە بولۇشى كېرەك. بازار ئاجىز ۋاقىتتا نازارەت بازارنىڭ بېسىمىنى ئويلىشىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ قارىشىمدە يېڭى تۈزۈم چوڭ تاۋاق قاڭقىپ 3600-3800 نۇقتىلارغا چىققاندا ئاندىن يولغا قويىدۇ.
كېيىنكى مەشغۇلات سودىدا قانداق قىلىمىز؟
كۆپ قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار شۇنداق سوئالغا دۇچ كېلىدۇ. ئالدىنقى ئايدا بازارنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن ھېسابتىكى پايلار زىيانغا ئېسىلىپ قالغان ھالەتتە، زىياندىكى پايلارنى ساقلاش كېرەكمۇ ياكى باشقا پايغا ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟
بۇنىڭدا ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى دەڭسەپ بېقىشى كېرەك. ئاۋۋال قولىڭىزدىكى پايلارنى ياخشى تەھلىل قىلىپ چىقىڭ. شۇ پاي دۆلەت سىياسىتى قوللايدىغان قىزىق نۇقتا ساھەسىدىكى پايمۇ؟ ھازىرقى پاي باھاسى يۇقىرى ئورۇندىمۇ ياكى چۈشۈپ نىسبەتەن بىخەتەر رايونغا كەلدىمۇ؟ شىركەتنىڭ مالىيە كۈچى قانداق؟ يېقىنقى ئۈچ ئايدا شىركەتنىڭ چىقارغان ئۇقتۇرۇشلىرى قانداق؟ شىركەت چوڭ پايچىكلىرى مال ئازلاتقان، شىركەت باشقۇرۇش قاتلىمى جازا، تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغاندەك يامان خەۋەرلىرى بارمۇ؟ شىركەت يېڭى ياخشى تېخنىكا تۈرلەرگە مەبلەغ سالغانمۇ يوق، ئالدىنقى ئون چوڭ پايچىكلار ئارىسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بار؟ بۇ ئۇچۇرلارنى ياخشى كۆرۈپ چىقىڭ.
ئەگەر قولىڭىزدىكى پاي دۆلەت سىياسىتى قوللايدىغان مىتا ئالەم، يېڭى ئېنىرگىيە، ھىدروگېن ئېنىرگىيەسى، يېشىل ئېلىكتىر، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەدىكى پاي بولسا مەنچە تۇتۇپ تۇرۇڭ. قارىسىغا گۆش كەسمەڭ، ھەرقانچە سېمىز بولسىڭىزمۇ گۆش كېسىۋەرسىڭىز ئورۇقلاپ ئىسكىلىت بوپ قالىسىز. يەنە بىرى نۇقتا بازاردىكى 4600 دەك شىركەت ئىچىدە %60 دەك شىركەتلەر ئالدىنقى يىللىق مالىيە مۆلچەر دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
قولىڭىزدىكى پايلارنىڭ بۇ ئۇچۇرىنى چوقۇپ كۆرۈپ چىقىڭ. مالىيەسى ياخشى چىقىش مۆلچەرلەنگەن قىزىق نۇقتا پايلىرىنىڭ قاڭقىپ ئەسلىگە كېلىشى تېزراق بولىدۇ. ئەگەر قولىڭىزدىكى پايلار سىياسەت بەكرەك قوللايدىغان قىزىق نۇقتا بولىكى بولمىسا، مالىيە ئاساسى ئاجىز پاي بولسا تەكلىپىم چوڭ تاۋاقتا قاڭقىش بولغاندا باشقا پايغا ئالماشتۇرۇڭ. مەسىلەن سىز بىر پاينى 10 كويدىن ئالدىڭىز، ھازىر چۈشۈپ 7 كويغا كەپ قالدى. چوڭ تاۋاقنىڭ قاڭقىشى بىلەن ئۆسۈپ 9 كويغا كەلسە ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ.
كۆپ قىسىم سودا قىلغۇچىلاردا شۇنداق خاتالىق بار. ئۇ بولسىمۇ 10 كويغا ئالغان پاي چۈشۈپ كېتىپ، كېيىن چوڭ تاۋاقنىڭ ئۆسۈشى بىلەن قاڭقىپ 9.9 كەلسىمۇ زىيانغا ساتمايمەن دەيدۇ. بۇ پاي ئەسلىدىنلا ئۇلى ئاجىز پاي بولغاچ يەنە تەڭلىشىپ 4-5 كويلارغا كېلىپ سودا قىلغۇچىلارنى نەچچە ئاي نەچچە يىل زىيانغا پاتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتۇڭ. پاي ئالماشتۇرغاندىمۇ ياخشى ئويلىشىپ پاي تاللاڭ. شىركەتنىڭ مالىيەسى ياخشى بولغانلىق پاي باھاسى ياخشى ئۆسىدۇ، دىگەنلىك ئەمەس. پاي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللار كۆپ خىل بولىدۇ. مالىيەسى ياخشىكەن، تىجارىتى سىياسەت قوللايدىغان ساھەكەن دەپ يۇقىرى نۇقتىدا پاي ئېلىپ ئالماشتۇرسىڭىز ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك تېخىمۇ زىيان تارتىۋىلىشىڭىز مۇمكىن.
شۇڭا ئاۋۋال سىياسەت قوللايدىغان قىزىق نۇقتا بۆلىكىنى تاللايمىز، ئاندىن مالىيەسى ياخشى چىققان، زىيان تاتقان شىركەت بولسا زىيانلىرى ئازلاپ پايدىغا قاراپ مېڭىۋاتقان ياكى پايدىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ مېڭىۋاتقان شىركەت بولسا، پاي باھاسى بەك يۇقىرى ئورۇندا بولمىسا، يەنى ھازىرقى باھاسى پاينىڭ بازارغا چىقىش باھاسىدىن تۆۋەن ئورۇندا بولسا يېقىنقى 2-3 ئايدا خېلى كۆرۈنەرلىك چۈشكەن. سودا مىقدارى كۈندىن كۈندىن ئازلاپ مېڭىۋاتقان پاي بولسا نىسبەتەن بىخەتەر ئورۇندىكى پايكەن دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. بەزى زىياندىكى ئاجىز پايلارنى تۇتۇپ تۇرىۋەرگەندىن مۇشۇنداق پايلارنى تاللاپ ئالماشتۇرساق زىيان ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى يۇقىرراق بولىدۇ، ھەم سىز ئويلاپ باقمىغان بەزى ياخشى پايدىلار سىزگە نىسىپ بولۇشى مۇمكىن.
پاي بازىرى ئېنىقسىزلىققا تولغان بازار. ھەرۋاقىت بىز ئويلاپ باقمىغان ياخشى يامان خەۋرلەر چىقىپ ھېساباتتىكى پايلار قىزىرىپ كۆكىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ بازاردا ئۆزىڭىزگە ماس بىر يولنى تېپىپ چىقىڭ ياكى شۇنداق سىزگە ماس كېلىدىغان تەھلىلگە ئەگىشىپ سودا قىلىڭ. ھەرگىزمۇ ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىدەك تولا ئۆزگىرىپ ھېلى بۇ تەھلىل ھېلى بۇ ئۇسۇللارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرەپ پايچىكى توپلىرى ئارىسىدا ساياھەت قىلىپ يۈرمەڭ. پاي بازىرىدا پۇرسەت چۈشۈشتىن خەتەر ئۆسۈشتىن كېلىدۇ. ئەگەر سىز پاي بازىرىغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىدىغان بىرى بولسىڭىز مانا مۇشۇنداق كۆپ ئادەم ئۈمىدسىزلەنگەن چاغدا دادىل بازارغا كىرىڭ. ھەرقانداق سودىدا غەلبە پۇرسەتنى تۇتالىغانلارغا نىسىپ بولىدۇ.
ئاخىرىدا مەن تاللاپ چىققان ئالدىنقى يىللىق مالىيە مۆلچەرى بەك ياخشى چىققان بەزى پايلارنى دەيمەن. تەنقىدىي پايدىلنىپ قالسىڭىزلا بولدى. تەۋسىيە پايكەن دەپ ئېلىۋالماڭ.
哈三联,天山x份,中化x际,东北x药,南玻啊,京山x机,派林x物,海特x新,诺德股份
