ئالاھىدە خوش خەۋەر:
ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

ئەگەر دۇنيادىكى تاۋارلارنى ئىككى تۈرگە ئايرىساق، بىر خىلى «زۆرۈر بۇيۇملار»، يەنە بىر خىلى «ھەشەمەت بۇيۇملىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.
زۆرۈر بۇيۇملار، باھا ئىلاستىكىلىقى تۆۋەن، مەيلى باھاسى ئۆرلىسۇن ياكى چۈشسۇن، ئېھتىياج مىقدارى ئانچە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. ھالبۇكى، ھەشەمەت بۇيۇملىرى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنىڭ باھا ئېلاستىكلىقى چوڭ بولۇپ، باھاسى ئۆسسىلا، ئېھتىياج مىقدارى دەرھال ئازىيىدۇ؛ باھاسى چۈشسىلا، ئېھتىياج زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئادەتتە بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزچە، زۆرۈر بۇيۇملار كەمبەغەللەرنىڭ تۇرمۇشىدا چوقۇم بولۇشى كېرەك، ئەمما ھەشەمەت بۇيۇملىرى بايلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تەمىنلىنىدۇ.
مەيلى دۆلىتىمىز ياكى غەرب دۆلەتلىرى بولسۇن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ھامان ئىككى خىل يۈزلىنىش بولىدۇ. بىر يۈزلىنىش بولسا، ماددىي جەھەتتە، ھەشەمەت بۇيۇملىرىدىن زۆرۈر بۇيۇملارغا ئايلىنىش بارغانسېرى كۆپىيىدۇ؛ يەنە بىر يۈزلىنىش بولسا، مەنىۋى جەھەتتە زۆرۈر بۇيۇملار ھەشەمەت بۇيۇملىرىغا ئايلىنىش بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.
بىز ئاۋۋال ماددىي قاتلامنى سۆزلەيمىز.
بىز ھەرقايسى يىللاردىكى توي ئىشلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئەينى چاغدىكى «ھەشەمەت بۇيۇملىرى»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

50-يىللاردا: سۇناي، تەختىراۋان، بىر خالتا شېكەر؛
60-يىللاردا: ئۈستەل، ئورۇندۇق ۋە يوتقان؛
70-يىللاردا: قول سائىتى، ۋېلىسپىت، كىيىم تىكىش ماشىنىسى؛
80-يىللاردا: تېلېۋىزور، كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ؛
90-يىللاردا: ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سىنئالغۇ.
ئىلگىرى، توي قىلغاندا «ئۈچ چوڭ بۇيۇم» سېتىۋالالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى پۇلدار ئائىلىلەر ئىدى. كىم بۇنىڭغا ئىگە بولسا، ھەممىسى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ھېسابلىناتتى. لېكىن ھازىر بۇ تاۋارلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ تاۋارلار بىر بولسا ئاللىقاچان ھەممە ئائىلىنىڭ زۆرۈر بۇيۇملىرىغا ئايلىنىپ بولغان، بىر بولسا ۋېلسىپىت، كىيىم تىكىش ماشىنىسى، سىنئالغۇ قاتارلىقلارنىڭ ئورنىنى ئاللىقاچان باشقا نەرسىلەر ئالغان.
ئىلگىرى تېلېۋىزور، كىرئالغۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنى باھاسى چۈشۈرۈلسىلا سېتىۋالىدىغان كىشىلەر بىردىنلا كۆپىيىپ كېتەتتى. ھازىر ھەممە ئائىلىدە بار، بىر قېتىم سېتىۋالسىلا، ئودا نەچچە يىل ئىشلىتەلەيدۇ، باھاسى چۈشكەن تەقدىردىمۇ كۆپچىلىك ئەسەبىيلەرچە تالىشىپ سېتىۋالمايدىغان بولدى.
شۇڭا ماددىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بارغانسېرى ھەشەمەتلىك بۇيۇملار زۆرۈر بۇيۇملارغا ئايلىنىپ قالدى.
لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەنىۋىي جەھەتتە، نۇرغۇن ئېھتىياجلار ھەشەمەت بۇيۇملىرىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ.

بىر چاغلاردا، قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشى «زۆرۈر ئېھتىياج» ھېسابلىناتتى، چۈنكى قاتناش تەرەققىي قىلمىغان، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئاستا بولغاچقا، كىشىلەر ئۆمرىدە يولۇقىدىغان ئادەملەر ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ، شۇڭا ھەر قانچە جاپا تارتساقمۇ، ھېرىپ-چارچىساقمۇ بىللە بولۇشنى تاللايتتۇق.
لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «تېز تاماق شەكلىدىكى مۇھەببەتلىشىش» دېگەن بىر سۆز ئەۋج ئالدى. ھازىرقى ياشلارنىڭ تاللىشى بەك كۆپ، بارغانسېرى سەۋر-تاقىتى يوق، مۇھەببەتلىشىشىمۇ، ئايرىلىپ كېتىشىمۇ تېز. چۈنكى مۇھەببەت تەننەرخ ئېشىپ كەتسە، مەسىلەن، ئىككىيلەن باشقا جايدا بىر مەزگىل كۆرۈشمىسە، ناھايىتى تېزلا ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
شۇڭا، بۇ قاتلامدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇھەببەتلىشىشنىڭ باھا ئېلاستىكلىقى چوڭىيىۋاتىدۇ، مۇھەببەتلىشىش ۋە توي قىلىش ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇشتىن ھەشەمەتكە بېرىلىشكە ئۆزگەردى. سىزدە بۇنداق ھېسسىيات بارمۇ يوق بىلمىدىم؟
يەنە مەسىلەن، ھازىرقى ياشلار بارغانسېرى تۇغقان يوقلاشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن بىر چاغلاردا، ھېيت-بايراملاردا تۇغقان يوقلاشمۇ بىر خىل «زۆرۈر ئېھتىياج» ئىدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، ھېسسىياتى زىچ باغلانغان بولۇپ، نۇرغۇن ئورتاق تېمىلارمۇ بار ئىدى.
لېكىن ھازىر مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ياشلار بارغانسېرى مۇستەقىل بولۇپ كەتتى. مەسىلەن، ئىلگىرى ئۆي كۆچكەندە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنى ياردەمگە چاقىراتتۇق، ھازىر ئۆي كۆچۈرۈش مۇلازىمىتىنى چاقىرساقلا بولدى، ھېچكىم ھېچكىمنى ئاۋارە قىلمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تور دۇنياسىغا سالغان ھېسسىياتى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئەمما رېئاللىقتىكى ھېسسىيات سېلىنمىسى ئازىيىپ كەتتى.

نۇرغۇن ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھېيت-بايراملاردا تۇغقان يوقلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلار بارغانسېرى بۇ ئىشنىڭ «ئىقتىدار-باھا نىسبىتى» ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ، ھەتتا قانچىلىك ھېيتلىق پۇل ئالىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ، ئاندىن تۇغقان يوقلاشنى خالايدۇ.
شۇڭا، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تۇغقان يوقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنىڭ ئېھتىياج ئېلاستىكلىقى چوڭىيىپ، «زۆرۈرىيەت»تىن تەدرىجىي ھالدا «ھەشەمەتچىلىك»كە ئايلىنىدۇ.
قىسقىسى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەتراپىمىزدىكى تاۋارلار بارغانسېرى كۆپەيدى، مۇلازىمەتمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. نۇرغۇن بىز ئىلگىرى «ھەشەمەت بۇيۇملىرى» دەپ قارىغان نەرسىلەر ھازىر مەھسۇلات مىقدارى كەمچىل بولمىغاچقا، ئەڭ ئاخىرىدا «زۆرۈر بۇيۇم»غا ئايلىنىپ قالدى.
لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپچىلىك روھىي ۋە ھېسسىيات قاتلىمىدا تاللاش كۆپ بولغاچقا، بارا-بارا يەڭگىلتەك بولۇپ قالدى، سەمىمىي ھېسسىيات دەسلەپكى ئېھتىياجدىن ھەشەمەت بۇيۇمىغا ئۆزگەردى.
ئەڭ ئاخىرىدا، تورداش دوستلاردىن بىر سوئال سوراپ باقاي: يېقىندا يۇقۇم ئەھۋالى تۈپەيلىدىن، كىشىلەرنىڭ كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتتى، نۇرغۇن ھەشەمەت بۇيۇملىرىنى ئويلاشمىدۇق، كىيىنىش-تويۇنۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، پەقەت زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولۇشنىلا ئويلاشتۇق، سىزنىڭچە بۇ يۈزلىنىش بولۇپ قالامدۇ؟
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:
6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!
16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر
24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ
