大数跨境

ماسك ئامېرىكا دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولدى

ماسك ئامېرىكا دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولدى Nepkar
2022-02-10
1
导读:ئەمما ماسكنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىقىغا تاللانغانلىقى كىشىنى ھەيران

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
ئامېرىكا ئىنژېنېرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شان-شەرىپىگە يېڭى ئەزا قوشۇلدى. 
ئامېرىكا دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى يېقىندىلا يېڭى بىر قارارلىق سايلىنىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، جەمئىي 111 ئاكادېمىك ۋە 22 چەت ئەللىك ئاكادېمىك بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. 
بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى ئېلون ماسكنىڭ تاللىنىشى ئىدى. 
ماسك جوبستىن كېيىنكى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش باشلامچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تېسلا، SpaceX، Neuralinkk قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىش شىركەتلىرىنىڭ كاپىتانى، شۇنداقلا يەر شارىدىكى ئەڭ باي كىشى ھېسابلىنىدۇ.


ئەمما ماسكنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىقىغا تاللانغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 
باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، ئامېرىكا دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا قۇرۇلۇش ئىلمى ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي ئىلمىي تەشكىلات، شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى تۆت چوڭ دۆلەتلىك ئىلمىي ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى. 
ماسك گەرچە كەسىپ ساھەسىدە كۆپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم تەنقىدچىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ كۆپ قېتىم يولدىن چىقىپ كەتكەن، ئىدىيە، كۆز قاراش ۋە ئەمەلىيەت ئۇسۇلى دائىم چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بىت پۇلى سودىسى قىلىش، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تولا «بىلجىرلاش» قاتارلىقلار «توغرا يول»غا ئۇيغۇن ئەمەس. 
ھەتتا ماسكنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخىمۇ تولۇق كۇرستىن ئىبارەت. 
لېكىن، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭدىن كېيىن ماسكنىڭ بىر سالاھىيىتى كۆپەيدى: ئامېرىكىلىق ئاكادېمىك! 
بۇ قېتىمقى تىزىملىكتە نۇرغۇن كەسىپ ساھەسىدىكى زاتلارمۇ بار. مىكروسوفتنىڭ CEO سى ساتىيا نادېللا، ئالما شىركىتىنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى ئېنژىنىرى بېرگېرون VP Kathleen Bergeron. 
يەنە نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارمۇ بۇ تىزىملىككە كىردى. مەسىلەن، بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىدىكى پىروفېسسور فاڭ دەينىڭ، جىيۈەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ كېڭەش باشلىقى، دوكتور جاڭ خۇڭجياڭ قاتارلىقلار. 
بۇ قېتىم ماسكنىڭ تاللىنىشىدىكى سەۋەبى SpaceX نىڭ نەتىجىسىدىن بولغان دەپ قارالماقتا.


ماسك SpaceX نىڭ CEO سى ۋە باش ئىنژېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن راكېتانىڭ تەكرار ئىشلىتىلىشى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى لايىھەلەش، ياساش قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلدى، دەپ قارالغان. (بۇ يەرنى بېسىپ «ئېلون ماسكنىڭ قورقۇنچلۇق سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
Musk, Elon Reeve, founder, chief executive officer, and chief engineer, SpaceX, Hawthorne, Calif. For breakthroughs in the design, engineering, manufacturing, and operation of reusable launch vehicles and sustainable transportation and energy systems.
ئېنىقكى، SpaceX مۇ ماسكنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرى ئىچىدە، ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر بولغىنىنىڭ بىرى. 


2002-يىلى قۇرۇلغان SpaceX بولسا ماسك X.com/Paypal ئىگىلىك تىكلەپ مالىيە ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن ئاچقان يېڭى سەھىپە. 
چۈنكى ماسك ئىنسانلار «تىنچلىق مەزگىلى»دە پلانېتىلار ئارا ساياھەت ۋە كۆپ سەييارىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېز ئىگىلىشى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ.
ماسكنىڭ قارىشىچە، ئالەم تىنچ ئەمەس، يەر شارىمۇ مەڭگۈ بىخەتەر ئەمەس، مەسىلەن، كىچىك سەييارىلەرنىڭ سوقۇلۇشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ ئېھتىماللىقى يوق ئەمەس، ئىنسانلار تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇشى كېرەك. 
شۇنىڭ بىلەن ماسك ساھە ھالقىپ تەتقىق قىلىش ۋە ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى ساھەسىگە كىرىشكە باشلىغان. ماسكتىن ئىلگىرى، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى «پۇقراۋى سودا ساھەسى» ئەمەس ئىدى، ھېچكىم بۇ ساھەدە ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىمايتتى. 
دەسلەپتە ماسك تەييار راكېتا سېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تەننەرخى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىدى، كېيىن ئۆزى تەتقىق قىلىپ راكېتا ياسىغان ۋە قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاخىرى راكېتانى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىش ھەمدە تېخىمۇ مۇھىم بولغان كۆپ قېتىم تەكرار پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. 
ھازىرغا قەدەر، SpaceX جەمئىي 11 راكېتانى ئۇدا قويۇپ بېرىش ۋە يىغىۋېلىشتەك ئۇلۇغ ئىشنى يارىتىپ، پۇقراۋى راكېتا شىركىتىنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى رېكورتىنى ياراتتى، قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى باشقا تەشكىلاتلارنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىش رېكورتىنى ئىشقا ئاشۇردى... 


بىراق، SpaceX نىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمىدى. 
تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەريانىدا كەينى-كەينىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن باشقا، ئۈزلۈكسىز «مەغلۇب بولۇش» يۈز بەردى. SpceX يەنە بىر مەھەل توختاپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، بىر مەھەل ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان. 
ماسك تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ ئېرىشكەن بايلىقىنىڭ ھەممىسىنى SpaceX كە سېلىپلا قالماي، يەنە تېسلادىن پايدىلىنىپ SpaceX قا قان سېلىپ، غەربىي تامنى چېقىپ شەرقىي تامنى تولۇقلىغان. 
لېكىن، ئاخىرقى ھېسابتا، جاپالىق بىر قانچە يىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ماسك كۆپ لىنىيەلىك ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. 
SpaceX ھازىر راكېتانى تەكرار قويۇپ بېرىش ۋە ئادەملىك ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا كىرىش تېخنىكىسىنى تولۇق ئىگىلىدى، كېيىنكى قەدەمدىكى نىشان مارسقا قونۇش. 


ھەمدە SpaceX باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش جەريانىدا، يەنە Starlink غا ئوخشاش «سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى»دىكى ئالتۇن تۇخۇمنى روياپقا چىقىرىپ، بىر خىل ئاغدۇرمىچىلىق شەكلىدىكى سودىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرگە قونۇش ئەندىزىسىنى يېڭىدىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، SpaceX نى دۇنيادىكى باھاسى ئەڭ يۇقىرى، پېيى بازارغا سېلىنمىغان شىركەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. (بۇ يەرنى بېسىپ «ئېلون ماسكنىڭ قورقۇنچلۇق سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
تېسلامۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، سېتىش مىقدارى، پاي باھاسى ۋە بازار قىممىتى بىردىنلا ئۆرلەپ كەتتى، ھازىر تېسلا دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئاپتوموبىل شىركىتى بولۇپ قالدى، ماسك بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ باي، ھەتتا تارىختىن بۇيان يەر شارىدىكى ئەڭ باي ئادەم بولۇپ قالدى. 
بۇنىڭدىن باشقا، ماسكنىڭ باشقۇرۇشىدا يەنە نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش شىركەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلدى. 
مەسىلەن: قۇياش ئېنېرگىيە شىركىتى SolarCity، تونېل شىركىتى Boring، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول شىركىتى Hyperloopp، مېڭە ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى شىركىتى Neuralinkk. 
ماسك جوبىستىن كېيىنكى دۇنيادىكى ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخس بولۇپ قالدى. 
لېكىن ماسك ھەققىدە تالاش-تارتىشى يوق ئەمەس. 
ماسك 1971-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇغۇلغان، 17 يېشىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كاناداغا كۆچۈپ بارغان، دەسلەپتە خانىش داشۆسىدە ئوقۇغان، كېيىن ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە داشۆسىگە يۆتكىلىپ، ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە فىزىكا پەنلىرى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 
1995-يىلى ماسك كالىفورنىيەگە كۆچۈپ بېرىپ، ستانفورد داشۆسىنىڭ ماتېرىيال ئىلمى بويىچە دوكتورلۇقنى ئۇلاپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، لېكىن مەكتەپكە كىرىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ ئوقۇشتىن چېكىنىپ، كىرېمنىي جىلغىسىدا ئالاقە تورىدا ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىغا قاتناشقان. 


ماسك تۇنجى تور يۇمشاق دېتال شىركىتى Zip2 نى قۇرغان بولۇپ، 1999-يىلى كامپەچ تەرىپىدىن 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا سېتىۋېلىنغان. 
شۇنىڭدىن كېيىن ماسك يەنە توردا پۇل تۆلەش شىركىتى X.com نى قۇرۇپ، Confinityy بىلەن بىرلىشىپ پايپالنى قۇرغاندىن كېيىن، eBay تەرىپىدىن 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا سېتىۋېلىنغان. 
ماسك بۇنىڭ بىلەن شەخسىي بايلىق ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغان. 
2002-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ SpaceX نى قۇرۇپ، CEO، CTO ۋە باش ئېنژىنىرلىق قاتارلىق بىرقانچە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. 
2004-يىلى ئۇ مەبلەغ سالغۇچى سالاھىيىتى بىلەن تېسلاغا كىرىپ، ئەسلىدىكى قۇرغۇچىسىنى تېپىپ چىقىرىپ، شەخسەن ئۆزى CEO بولۇپ، تېسلانىڭ 0 دىن 1 گە ھالقىپ رەسمىي بازارغا سېلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. 
ماسكنىڭ تالاش-تارتىشى، بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ «بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقىدا». تېسلانىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، شۇنداقلا تېسلانىڭ SpaceX كە قان سېلىشى قاتارلىق قىلمىشلار ۋە ئاپتوماتىك ھەيدەشنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا زىيادە رادىكال، قائىدىگە خىلاپ، ئادىمىيەت روھى كەمچىل دەپ قارالغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، ماسكنىڭ نۇرغۇن ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە كۆز قارىشىمۇ كەينى-كەينىدىن تالاش-تارتىش قوزغىغان. بۇ، يۇقۇم باشلانغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زاۋۇت ئىشچىلىرىنى ئىش باشلاشقا مەجبۇرىلاش، كۆپچىلىك پىكرىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەمدە تېسلادا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ... 


ماسك يەنە «ۋالاقتەككۈر ئېغىزى» سەۋەبىدىن ئارقا-ئارقىدىن شىكايەت قىلىشقا ئۇچىرىغان، 2018-يىلى تېسلانى خۇسۇسىيلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پاي باھاسىدا كۈچلۈك داۋالغۇش پەيدا قىلغان، ئۇ ئامېرىكا ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن مەھرۇم قالغان. لېكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن ماسك تىۋىتتېردا يازما ئېلان قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزىنى چەكلىمىگەن. 
قىسقىسى، تالاش-تارتىش بولمىسا ماسىك بولمايدۇ. ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەر ئۇنى يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىنىڭ يولتۇزى دەپ قارايدۇ، ئۇنى تەنقىدلەيدىغان كىشىلەر ئۇنى تېخنىكا قوللىنىش ئالدىدا ئۆز ھاياتىغا ئېتىبارسىز قارايدۇ، دەپ قارايدۇ. 
قىزىق يېرى شۇكى، مۇنازىرە قوزغىغان ماسك ئامېرىكا دۆلەت قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلاندى. 
ھەتتا بەزى تورداشلار ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنىڭ پەقەت تولۇق كۇرس ئىكەنلىكىنى مازاق قىلىشماقتا.
ماسكتىن باشقا، بۇ قېتىم تىزىملىككە كىرگەن 133 نەپەر يېڭى ئاكادېمىك ئىچىدە داڭلىق شىركەتلەرنىڭ داڭلىق شەخسلىرى ئاز ئەمەس. 


مەسىلەن، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ CEO سى ساتيا نادېللا، ئۇنىڭ تاللىنىشىدىكى سەۋەب بۇلۇت ھېسابلاش جەھەتتىكى نەتىجىسى بولۇپ، نادېللا بۇلۇت ھېسابلاشنىڭ ئۇل ئەسلىھە بولۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىغان. 
بېرگېرون ئالما شىركىتىنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى VP، Homepod نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى قاتتىق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنداقلا ئالمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى داڭلىق ئايال تېخنىكلارنىڭ ۋەكىلى. 


ئۇنىڭدىن باشقا ئالما ماتېرىيالى جەھەتتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئېنژىنىر Jim Yurko جىم يۇركومۇ تەڭلا ئاكادېمىك بولۇپ سايلانغان. 
دۆلىتىمىز تەرەپتىن، بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىدىكى پىروفېسسور فاڭ دەنىڭ، جىيۈەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ كېڭەش باشلىقى، دوكتور جاڭ خۇڭجياڭ قاتارلىقلار چەت ئەللىك ئاكادېمىكلىققا سايلاندى. 


ئاخىرىدا بۇ ئاكادېمىكنىڭ شان-شەرىپىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. 
ئامېرىكا دۆلەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئامېرىكا قۇرۇلۇش ئىلمى ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي ئىلمىي تەشكىلات، شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى تۆت چوڭ دۆلەت ئىلمىي ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئامېرىكا دۆلەتلىك تېببىي شۆيۈەنى ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك پەن تەتقىقات كومىتېتى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدۇ. 
1964-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە تاللىنىش ئامېرىكا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئېنژېنېرلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي كەسپىي شان-شەرىپىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.


ئامېرىكا دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىنىڭ «ئۆلچىمى» بىۋاسىتە «قۇرۇلۇش تەتقىقاتى، ئەمەلىيەت ياكى مائارىپ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان شەخسلەر»نى تەقدىرلەيدۇ. 
بۇ يىل يېڭىدىن سايلانغان 111 نەپەر ئامېرىكا ئاكادېمىكى ۋە 22 نەپەر چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاكادېمىكنى قوشقاندا، ئۇنىڭ ئاكادېمىكلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 2388 گە، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاكادېمىكلارنىڭ سانى 310 غا يەتتى. 
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل تاللانغان چوڭ تىزىملىكتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىك بار. 
ئاساسىي ساھەگە كۆڭۈل بۆلۈش. ماتېرىيال، يەر شارى ئىلمى قاتارلىق ئالاقىدار ئاساسى ساھەلەردىن نۇرغۇن مۇتەخەسسىس تاللاندى. 
ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىش، ھاياتلىق ئىلمى قاتارلىق ساھەلەرگە كۆڭۈل بۆلگەن. ماسك، ۋىرگىن سامانيولى ئوربىتا شىركىتىنىڭ CEO سى قاتارلىقلارنىڭ تاللىنىشى، شۇنداقلا Pfizer شىركىتىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ تاللىنىشى بۇنىڭ ئىپادىسى. 


ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىمىز، ئىنژېنېرلار ئوقۇش تارىخى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. 
ماسك، نادېللا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىقلارنىڭمۇ «دوكتور»لىق ئوقۇش تارىخى يوق. 
ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىي ئىلمىي خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇش تارىخىغىلا ئېسىلىۋالماي، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەشكىمۇ ئەرزىيدۇ. 
مەنبە: زاكېر ئەپ دېتالىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0