大数跨境

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش پايدىسىنى چىڭ تۇتۇڭ!

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش پايدىسىنى چىڭ تۇتۇڭ! Nepkar
2022-06-21
2
导读:يېقىندا 5-ئايدىكى ماكرولۇق سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىت

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!


يېقىندا 5-ئايدىكى ماكرولۇق سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.
بىز ئالدى بىلەن ئۈچ مۇھىم سانلىق مەلۇماتنى كۆرۈپ باقايلى:
بىرىنچى، 5-ئايدا ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلەرنىڭ قەرز پۇلى يېڭىدىن 288 مىليارد 800 مىليون يۈەن كۆپەيگەن، 4-ئايدا كۆپچىلىكنىڭ قەرز ئالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە مۇددەتتىن بۇرۇن قەرز قايتۇرغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك، بۇ بازار كۆزلىمىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشكە باشلاپ، ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئىككىنچى، 5-ئايدا تاشقى سودىدا قەد كۆتۈرۈش جېڭى قىلىندى، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئاشتى، 4-ئايدىكى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا كەسىپ زەنجىرىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئىدى.
ئۈچىنچى، 5-ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 تۆۋەنلىگەن، گەرچە يەنىلا مەنپىي بولسىمۇ، لېكىن 4-ئايغا سېلىشتۇرغاندا، ئىستېمال ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىغا نىسبەتەن زور پايدا ھېسابلىنىدۇ. 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، دۆلەت ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالتە جەھەتتىكى 33 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. خۇلاسىلىغاندا ئىككى مۇھىم نۇقتا بار، بىرى قان بېرىش، يەنە بىرى قان ئىشلەپچىقىرىش. ئېنىقكى، كېيىنكى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تېخىمۇ زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

بىز ئاۋۋال قان بېرىش ھەققىدە توختىلايلى، قانداق قان بېرىمىز؟
بىرىنچى، باج قايتۇرۇش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ھەققى
پارچە سېتىش كەسپى، ياتاق ۋە يېمەك-ئىچمەك كەسپى قاتارلىق ھازىر ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار يەتتە ساھە كارخانىسىغا 142 مىليارد يۈەن باج قايتۇرۇلدى. بۇ ھەقىقىي تۈردە بىۋاستە كارخانىغا بەرگەن پاراۋانلىق. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە قارىتا، ئالتە ئاي ئىچىدە سۇ، توك، گاز بىلەن تەمىنلەشتە «قەرز بولۇپ قالسىمۇ توختاپ قالماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئاندىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، كۆپچىلىك فوندىنى بەلگىلىمە بويىچە كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كەڭ بەلباغ ۋە مەخسۇس تور ھەققى يەنە %10 تۆۋەنلىتىلىپ، تىجارەت تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدۇ.

ئىككىنچى، قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، تولۇقلىما پۇلىنى كۆپەيتىش
كىرىمسىز قالغان كىشىلەرگە قارىتا، مەيلى ئۆي قەرزى بولسۇن ياكى ئىستېمال قەرزى بولسۇن، قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، يەنە، قەرز ئېلىپ يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋالغان شوپۇرلار يېرىم يىل كېچىكتۈرۈپ قەرز قايتۇرسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتىكى دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسى (خىمىيەۋى ئوغۇت، دىزېل مېيى، ئۇرۇق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالىغا قارىتا، يەنە 10 مىليارد يۈەن كۆپەيتىپ، ئەمەلىي ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا تولۇقلىما بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شال، بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش تەكىتلەندى.

ئەمدى قان ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدە توختالساق، قانداق قان ئىشلەپچىقىرىش كېرەك؟
بىرىنچى، قوللاش قەرز پۇلى
بۇ قېتىم دۆلەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېپىل بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تېزدىن قەرز بېرىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بولۇپمۇ مەدەنىيەت، ساياھەت، يېمەك-ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر قەدەر چوڭ ساھە كارخانىلىرىغا قەرز پۇل تارقاتتى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كېيىنكى قەدەمدە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆي قەرزى يەنىمۇ بوشىتىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىمۇ بوشىتىلىدۇ.

ئىككىنچى، ئىستېمالنى غىدىقلاش سېلىنمىسى قوزغىتىلدى، بۇ ئاپتوموبىل كەسپىگە پايدىلىق
مەسىلەن، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىپ ئېلىش، دۆلەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىش بەش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نىمكەش ئاپتوموبىللارنى كۆچۈرۈشكە چەك قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتى قاتارلىقلار. دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىگىچە تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۈچىنچى، چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار كەسىپلەرگە پايدىلىق بولۇش
تۆمۈريول، تاشيول، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئاساسىي قۇرۇلۇشلارمۇ، يېڭى ئېنېرگىيە زەرەتلەش تۈۋرۈكى، شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت قاتارلىق يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشلارمۇ بار. ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ، ئېھتىياجنى قوزغاتتى.

تۆتىنچى، سۇپا ئىقتىسادىغا پايدىلىق بولۇش
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بىر قاتار ئىپادىلىرىدىن قارىغاندا، سۇپا ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۆنىلىشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بىرىنچىدىن، پەن-تېخنىكا ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، مەسىلەن، سۇپا كارخانىلىرىنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۇلۇت ھېسابلاش، رايون-بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى تېخنىكا تەتقىقاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش؛
ئىككىنچىدىن، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى جانلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتقىلى بولىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق ئۈچ نۇقتىنى مۇلاھىزە قىلىمىز:
بىرىنچى، كېيىنكى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئالاقە تورى سۇپىسى ۋە پۇقراۋى كارخانىلار مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ زاۋۇتلىرى، %80 ئىش ئورنى تۆھپىسى ياراتقان بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن، ئازادە سىياسەت مۇھىتى بولۇشى كېرەك، شۇڭا كارخانىچىلار «ئۆزىنى تاشلىۋېتىش (躺平)»تىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئىككىنچى، جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئېقىشچانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بازارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە مۆلچەرىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ئىستېمالغا بولغان غىدىقلاشنى كۈچەيتىدۇ. ئىشەنچ  ۋە بەزى ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى بولغاندىلا، ئاندىن كۆپچىلىك ئىستېمال قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.

ئۈچىنچى، ئادەتتىكى كىشىلەرگە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپ بار:
بىرىنچىدىن، يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىگىلىك تىكلىمەسلىك كېرەك
يۇقۇم ئەھۋالى قايتا-قايتا كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئېشىپ كەتتى.
ئىككىنچىدىن، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مەبلەغ سېلىپ، قەرزنى ئازايتىپ، مۇقىم نەق پۇل ئوبوروتىنى ساقلاڭ
ئۈچىنچىدىن، ئالدىراپ ئىستېپا بەرمەڭ ياكى كەسىپ ئالماشتۇرماڭ
كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەڭ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزگە كۆپرەك توك قاچىلاڭ. ئەگەر ئىشسىز قالغىلى ئۇزۇن بولسا، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئويلىشىپ، ئاۋۋال قورساقنىڭ غېمىنى ھەل قىلىڭ.
ئۆتكەن بەش ئايدا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، كېيىنكى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى جەزمەن قايتىدىن جانلىنىپ كېتىدۇ.
مەنبە: خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ ماملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى: مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟
2. مۈلۈك چېگراسى: مۈلۈكنى قانداق قىلغان توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ؟
3. ﻣﯜﻟﯜك سەپلەش: ﺳﺎن-سىفىر ئارقىسىدىكى ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ئىستراتېگىيەسى
4. قەرز تىجارىتى: يۇقىرى قەرز يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە باراۋەرمۇ؟
5. ﻗﻪرزنىڭ يوشۇرۇنۇشى: ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺟﻪدۋﯨﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﯨﺰىس

6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!

7. پايدا سۈپىتى: سىجىل پايدا ئەڭ قىممەتلىك
8. نەق پۇل سەۋىيەسى: ئىلكىدىكى پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
9. ﻧﻪق ﭘﯘل ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻪق ﭘﯘل ﺋﻮﺑﻮروﺗﯩﻨﻰ مەنپىي بولغان شىركەتمۇ پېيىنى بازارغا سالالايدۇ؟
10. مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ قوشۇمچە ئىزاھاتى: خېتى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە مۇھىم بولىدۇ
11. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇناسىۋىتى: ھەقدار ۋە پايچىكلارنىڭ ئۆزئارا چەكلەش چارىسى
12. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ: ﻣﯘددﯨﺘﻰ ۋە ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قوش ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ
13. پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى: AB پاينىڭ كۈچى
14. مونوپوللۇق يەككە پايچىك: سەل قاراشقا بولمايدىغان باغلىنىشلىق سودا
15. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪسى: قىسمەن ئەلالاشتۇرۇش ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ئەلالاشتۇرۇش

16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر

17. تىجارەت تەدبىرى: ئۈنۈملۈك مالىيە ئۇچۇرلىرىنى قانداق تاسقاش كېرەك؟
18. تەننەرخنى پەرقلەندۈرۈش: تىجارەت تەدبىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى
19. بايلىق باشقۇرۇش: ۋاپاغا جاپا ئېففېكتىدىن ھوشيار بولۇش
20. باشقۇرۇش ئىسلاھاتى: ھەممە ئادەم بىر پارچە پايدا جەدۋىلىدۇر
21. مۇقىم مۈلۈك: سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىش كېرەكمۇ ياكى قەرز ئېلىش كېرەكمۇ؟
22. قىممەتكە مەبلەغ سېلىش: باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش
23. كاپىتال خام چوتى: تۈر ئارىسىدا قانداق PK قىلىش كېرەك؟

24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

25. ناتۇرال قەرەللىك ھوقۇقى: مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش
26. خەۋپ-خەتەرنى يۆتكىۋېتىش: سۇغۇرتا ۋە جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
27. قوشۇۋېلىش تاكتىكىسى: كىچىكىنىڭ چوڭىنى يېيىش پاراسىتى
28. قوشۇۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى: سودا ئىناۋىتىدىن ئىبارەت «كۈل رەڭ كەركىدان»

29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ

30. پايدا بۆلۈشۈش سىياسىتى: پايدىنى تەقسىملىگەن شىركەت ياخشى شىركەتمۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0