搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى: نېفىت، پۇل مۇئامىلە ئىمبارگۇسى!
>
چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى: نېفىت، پۇل مۇئامىلە ئىمبارگۇسى!
Nepkar
2022-03-21
2
导读:مانا بۇ ھازىر ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە پۇل مۇئامىلە جازاسىدىكى تىركىشىشى...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
24-فېۋرال، رۇسىيە-ئۇكرائىنا
ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش قانات يايدى. ئامېرىكا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ رۇسىيەنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولدى. شۇڭا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشىنى ئىمكانقەدەر كەينىگە سۈرۈپ، ئالدى بىلەن پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى قىلىپ، رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم بانكىلىرىنى SWIFT خەلقئارا پۇل مۇئامىلە راسچوت سىستېمىسىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، كۆمۈرلىرىگە قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بىرلىكتە رۇسىيەنى جازالاشقا يېتەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. رۇسىيىمۇ بوش كەلمەي، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلاندى. بىز ئۇلارنىڭ قانداق كۈچ سىنىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئالدى بىلەن نېفىت بىلەن كۈچ سىنىشىشقا، ئاندىن پۇل مۇئامىلە بىلەن كۈچ سىنىشىشقا قاراش كېرەك.
بىرىنچى، نېفىت ئىمبارگۇسى
1. رۇسىيەدە نېمە بار؟
ئۇنىڭ مول نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈرى بار بولۇپ، دۇنيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەسى جەھەتتە چەت ئەلگە ئېكىسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەت، ياۋروپا ئېنېرگىيە مەنبەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم. 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بەس-بەستە نېفىت ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ياكى ئازايتىشنى بىلدۈردى. گېرمانىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى شىمالىي تۇربا 2-نومۇرنى ۋاقىتلىق توختىتىش كۇنۇپكىسىنى باستى. بۇ ۋەزىيەتنىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېكسپورتىنى توسۇش دېگەن مەنىسى بار. رۇسىيە ئېنېرگىيە ئېكسپورتىغا تايىنىپ ياشايدۇ، ئېنېرگىيە مەنبەسىنى قىسىپ تۇرۇش رۇسىيەنىڭ جان تومۇرىنى قىسىۋالغانغا باراۋەر.
ئۇلار قانداق كۈچ سىنىشىدۇ؟
رۇسىيە دۇنيادىكى مۇھىم نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، ھەر كۈنى تەخمىنەن 7 مىليون تۇڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ پۈتۈن دۇنيا نېفىت بىلەن تەمىنلەشنىڭ تەخمىنەن %7 ىنى ئىگىلەيدۇ. رۇسىيە ئىپادە بىلدۈرۈپ، غەربنىڭ رۇسىيەنى جازالىشى دۇنيا بازىرىغا ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، نېفىت باھاسىنىڭ ھەر تۇڭى 300 دوللارغا ئۆرلەپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، دېدى. رۇسىيە ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزۈپ تاشلاشنى چەتكە قاقمايدۇ. بۇ خىل ئىپادىدىن كېيىن، خەلقئارادا ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 132.45 دوللارغا شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، غەربى تېكساس قەرەللىك مال مېيىنىڭ ھەر تۇڭى 128.55 دوللارغا چىقىپ، 14 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. ئامېرىكا بۇلتۇر رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلغان ئېنېرگىيە مىقدارى تەخمىنەن %8 نى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە نېفىتىدىن ئىمپورت قىلىنغان ئېنېرگىيە مىقدارى ئاران %3 نى ئىگىلىگەن. ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس، لېكىن ياۋروپا ئېچىنىشلىق بولدى، چۈنكى ياۋروپا رۇسىيەدىن ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ.
2. شىمالىي تۇربا 2-نومۇر، ئامېرىكا بۇ تۈرنىڭ ھالاكىتىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىمالىي تۇربا 2-نومۇر تۈرىنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى پەقەت دېڭىز ئاستىدىكى بىر پارچە مېتال، ئۇنى قايتا قوزغاتقىلى بولمايدۇ، دېدى. ئامېرىكا تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ، شىمالىي تۇربا 2-نومۇرنى ۋەيران قىلىپ، رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ياۋروپانى ئۆز قولىدا تۇتماقچى بولدى. ئەمما رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە بۇ تۈرنى يەنە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ كۆپ قېتىم ئېيتقان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا تەبىئىي گاز زاكاز مال باھاسى ئامېرىكا باھاسىدىن 20 نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان. ياۋروپانىڭ كۈنلىرى ئىنتايىن ئازابلىق، پۇل پاخاللىقى ئېغىر، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق.
ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازاسى ئەسەبىيلىشىپ، جازالاش تۈرى 5532 گە يېتىپ، ئامېرىكا جازالىغان ئىران، سۈرىيە ۋە چاۋشيەن قاتارلىق دۆلەتلەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. رۇسىيە ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە جازالاش توختاپ قالمايدۇ، كەچۈرۈڭ، رۇسىيە شىمالىي تۇربا 1-نومۇر گاز يەتكۈزۈش تورۇبىسىنى توختىتىپ، ياۋرۇپادا رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازى يوق، دېدى. رۇسىيە قانغا قان، جانغا جان ئارقىلىق ياۋروپاغا تەبىئىي گاز تەمىنلەشنى ئۈزۈپ تاشلىدى.
سىلەر قانداق قىلىسىلەر؟ بىز: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا دۇنيادا ئىككى قېتىم نېفىت كرىزىسى يۈز بەرگەن، ئەمدى تەكرارلىنىدىغان بولدىمۇ؟ دەپ سورايمىز.
ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە ئىمبارگۇسى
كۆپچىلىك پەرەز قىلىپ بېقىڭلار، بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ توڭلىتىلغان، تۇتۇپ قېلىنغان چەتئەل مۈلكى قانچە پۇل؟ بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئومۇمىي كۆلىمى تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن، بۇ بىر ئاسترونومىيەلىك سان. رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىرى مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ تەخمىنەن 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئالتۇن ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسى توڭلىتىلغان بولۇپ، بۇ رۇسىيە خەلقئارا زاپىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدۇ. يەنى رۇسىيەنىڭ 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بار، رۇسىيەلىك بايلارنىڭ چەتئەلدىكى مۈلكىدىن ئاز دېگەندە 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۇتۇپ قېلىندى، يەنە ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ چەت ئەلگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى، زايومى قاتارلىقلار بار. چەتئەل مۈلكىنى توڭلىتىش رۇسىيەگە غايەت زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى، يەنى قەرەلى توشقان قەرزنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. رۇسىيە قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، «ئۈچ پالتا»غا قايتۇرما زەربە بەردى.
ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا رۇسىيەنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى تۇتۇپ قالدى.
بىرىنچى، رۇسىيە دوستانە بولمىغان 40 نەچچە دۆلەتنىڭ قەرزىنى رۇبلى بىلەن قايتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ مەنىسى، رۇسىيە سىلەرگە قەرز بولۇپ قالغان پۇلنى سىلەر سېتىۋالغان رۇسىيە زايومىنى بىز پەقەت رۇبلى بىلەنلا قايتۇرىمىز، دېگەنلىكتۇر.
ئىككىنچى، پاتېنت تۆلەم پۇلى بىۋاسىتە نۆللەشتۈرۈلۈپ قايتۇرۇلمايدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدىكى دۆلەت ھالقىغان 59 كارخانىسىنى «مۈلۈكنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈش» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. غەربنىڭ بۇ يەرگە مەبلەغ سالغان كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى رۇسىيەگە تەۋە بولدى. ھەر بىر تەدبىر ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ يېغىرىغا تەگدى. سىلەر رەھىمدىللىك قىلمىساڭلار، مەنمۇ ئادالەتسىزلىك قىلىمەن.
كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئامېرىكا، ياۋروپا توڭلىتىۋەتكەن رۇسىيەنىڭ غايەت زور چەت ئەل مۈلكى ئەڭ ئاخىرىدا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ ئېغىزغا كىرىپ بولغانلار ئاسانلىقچە قۇسىۋەتمەيدۇ، ئامېرىكا-ياۋروپا ھەممىسى بۇنى ساقلاۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق پۇلى ئۇكرائىنانىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا قالدۇرۇلدى. بۇ بەك گۈزەل بولدى. ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ چەت ئەلدىكى غايەت زور مەبلىغىگە يىرتقۇچلاردەك خىرىس قىلىپ، باي بولماقچى بولدى. مانا بۇ ھازىر ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە پۇل مۇئامىلە جازاسىدىكى تىركىشىشى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا داۋاملىق دىققەت قىلىمىز.
مەنبە: خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ ناملىق سالوندىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408