大数跨境

بۇ شەرتنامە ئۈچ ئايدىن كېيىن جۇڭگودا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ!

بۇ شەرتنامە ئۈچ ئايدىن كېيىن جۇڭگودا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ! Nepkar
2022-02-08
2
导读:بۇ شەرتنامە دۇنيادىكى تۇنجى، شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر نەشر ھوقۇقى ساھەسىدىكى بىردىنبىر كىشىلىك ھوقۇق ش

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇڭگو تەرەپ دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىغا «ئەمالار، كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ياكى باشقا باسما بۇيۇملىرىنى ئوقۇشىدا توسالغۇ بولغۇچىلارغا نەشر قىلىنغان ئەسەرلەردە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ماراكەش شەرتنامىسى»نىڭ تەستىقنامىسىنى تاپشۇردى، شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، شەرتنامە ئۈچ ئايدىن كېيىن جۇڭگودا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ شەرتنامە دۇنيادىكى تۇنجى، شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر نەشر ھوقۇقى ساھەسىدىكى بىردىنبىر كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسى بولۇپ، كىتاب ئوقۇش توسالغۇسىغا ئۇچرىغانلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپتا باراۋەر ئېرىشىش ھوقۇقىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىدۇ.


مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنچۈن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دېڭ خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ماراكەش شەرتنامىسىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەرتنامىدىكى ئوقۇشتا توسالغۇغا ئۇچرىغانلارغا بولغان قوللاشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى رامكىسىدىكى دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تۈزەشكە چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك بولغان نەشر ھوقۇقى خەلقئارا يېڭى تەرتىپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، نەشر ھوقۇقىنى قوغداش ۋە نەشر ھوقۇقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتىنى تەقدىم قىلىدۇ.»
دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى خەلقئارا قانۇن چىقىرىش قاتلىمىدا كىتاب ئوقۇشتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ماراكەش شەھىرىدە ئېچىلغان دىپلوماتىيە يىغىنىدا بۇ شەرتنامىنى ماقۇللىغان. بۇ شەرتنامە 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، ھازىر 84 پۈتۈشكۈچى تەرەپ بار.
جۇڭگو شەرتنامە ماقۇللانغاندىن كېيىن بۇ شەرتنامىگە ئىمزا قويدى، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، شەرتنامىنى تەستىقلاش ئۈچۈن قانۇن تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى. 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 23 -كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئەمالار، كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ياكى باشقا باسما بۇيۇملىرىنى ئوقۇش توسالغۇسىغا ئۇچرىغانلارنىڭ نەشر قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەردە قولايلىق يارىتىپ بېرىش توغرىسىدىكى ماراكەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0