搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
تاشقى پېرۋوت سودىسىدا پايدا يوق ياكى ئالدامچىلىققا ئۇچرايسىز!
>
تاشقى پېرۋوت سودىسىدا پايدا يوق ياكى ئالدامچىلىققا ئۇچرايسىز!
Nepkar
2022-02-09
2
导读:دۆلىتىمىز بىرەر تاشقى پېرۋوت سۇپىسىنىڭ تاشقى پېرۋوت سودىسى قىلىشىغا رەسمىي تەستىق چۈشۈرۈپ بېرىپ باقم
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
تاشقى پېرۋوت سودىسى قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، ئەمما بۈگۈنگە قەدەر، دۆلىتىمىز بىرەر تاشقى پېرۋوت سۇپىسىنىڭ تاشقى پېرۋوت سودىسى قىلىشىغا رەسمىي تەستىق چۈشۈرۈپ بېرىپ باقمىدى.
ئالدىنقى كۈنى ئۈندىدار ئىقتىساد بىلىملىرى مۇنازىرە توپىمىزدا دېگەندەك، تاشقى پېرۋوت سودىسى دۆلىتىمىزدە قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، ھەم قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ئەمەس، مۇشۇنداق ئارىلىق رايوندا تۇرىدۇ.
گەرچە دۆلىتىمىزدە ئېچىۋېتىلگەن تاشقى پېرۋوت سودا بىرژىسى بولمىسىمۇ، ئەمما شىياڭگاڭ ۋە چەتئەللەردىن كىرگەن تاشقى پېرۋوت سۇپىلىرىغا قارىتا چەكلەش چىقارمىغان، چەكلىمە يوق، شۇڭا شىياڭگاڭ ياكى چەتئەلنىڭ تاشقى پېرۋوت سۇپىسىدا تاشقى پېرۋوت سودىسى قىلسا قانۇنغا خىلاپ ئەمەس.
ئەمما بۇ سودىدا كىرىم ناھايىتى زور بولغانلىقتىن نۇرغۇنلىغان قانۇنسىز سۇپىلار بارلىققا كەلدى. ئالدىنقى يىلى دۆلىتىمىزدە ئاشكارىلانغان قارا سۇپا 160 قا يەتكەن، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن سودا شىركىتى 200 دىن ئاشقان.
سىزنى تاشقى پېرۋوت سۇپىسىغا ئەكىرگۈچى ھەم شۇ سۇپىدا مۇلازىمەت قىلغۇچى خادىم سىزگە توختىماستىن بۇ سودىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. 20 نەچچە يىلدىن بېرى بۇ تورلاردا كۆپ مۇنازىرە بولۇنغان مەسىلە، قانۇنسىز دەيدىغان يازمىلارنىمۇ ھەم قانۇنلۇق دەيدىغان يازمىلارنىمۇ كۆپ ئۇچرىتىسىز.
خىزمەتچى خادىمنىڭ بىر ئايلىق پايدا نىسبىتى %10 بولسا مائاشى 6000 يۈەن بولىدۇ، بەزى سۇپىلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن سۇپىدا ھېساب ئېچىپ بېرىشنىمۇ ئېيتىدۇ.
ئايلىق پايدا نىسبىتى %15 بولسا مائاشى 8000 يۈەن بولىدۇ.
ئايلىق پايدا نىسبىتى %30 بولسا مائاشى 12000 يۈەن بولىدۇ.
ئايلىق پايدا نىسبىتى %50 بولسا مائاشى 20000 يۈەندىن ئاشىدۇ.
تاشقى پېرۋوتتا سۇپا نۇقتا پەرقى رەسمىيەت ھەققى بار، بۇنى بەش نۇقتا بويىچە تەڭشىۋالىدۇ، يەنى 50 دوللار دېگەن گەپ. يەنى سىزدىن 50 دوللار رەسمىيەت ھەققى تۇتۇپ قېلىپ، بۇنىڭ 15 دوللار قىسىمىنى ۋاكالەتچى شىركەتكە ئايرىپ بېرىدۇ.
بىر نۇقتا پەرقى 10 دوللار، نۇقتا پەرقى قانچىلىك بولسا سىزدىن شۇنچىلىك رەسمىيەت ھەققى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى بانكىلارنىڭ نۇقتا پەرقى 2~3، شىياڭگاڭ سۇپىسىنىڭ 5، چەتئەلنىڭ ئوتتۇرچە 6~8، ئەڭ يۇقىرىلىرىنىڭ 10 غا يېتىدۇ.
تاشقى پېرۋوتتا مىسالى دوللار بىلەن باشقا بىر پۇلنىڭ پېرۋوت نىسبىتى 5.3465 بولسا، باھا ئۆزگىرىشى بولۇپ 5.3466 ياكى 5.3464 كە ئۆزگىرىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر خانىسىدا بىر سان پەرق بولسا بۇ بىر نۇقتا پەرقى ھېسابلىنىدۇ، بىر قول سودىدا بىر نۇقتا پەرقى ئۆزگىرىشى 10 دوللارغا توختايدۇ.
بىر نۇقتا پەرقى ئۆزگىرىشىنىڭ قىممىتى دوللار \ ياۋرودا ئون دوللارغا توختايدۇ. پۇل تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىتا بەزىسىدە 15~16 دوللارغا توختايدۇ.
سودا قىلغۇچى پايدا ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم باھا نۇقتا پەرقى 5 نۇقتىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ئەگەر 5.365 ياكى 5.3565 بولسا سودا يۆنىلىشى توغرا بولسا ئاندىن تەڭدە تەڭ نىسبەت پايدا ئالالايدۇ. باھا ئۆزگىرىش نۇقتا پەرقى 10 نۇقتا بولۇپ 5 نۇقتىنى رەسمىيەت ھەققىگە چىقىرىۋەتسە 5 نۇقتا ئۆزىگە پايدا بولىدۇ، ئاران 50 دوللار كىرىم بولىدۇ.
ئەگەر بۇ سودىنى شۇ كۈن ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرمىغان بولسىڭىز، كېچىلىك تۈنىگەن سودا بولسا بىر كۈنلۈكىگە 2~3 دوللاردىن كېچىدىن ئۆتۈش رەسمىيەت ھەققىي تۆلەيسىز، ئەگەر مەشغۇلات قىلىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغان بولۇپ ھەپتىگە سوزۇلۇپ كەتسە 15~20 دوللارغا يېقىن رەسمىيەت ھەققى تۆلەيسىز.
دېمەك، سىز سودا قىلغان پۇل تۈرى پېرۋوت نىسبىتىدە 4~5 كۈندە ئاران يۈز نۇقتا پەرقى كۆرۈلدى، تەلىيىڭىزگە سودا يۆنىلىشى ئوڭ كەلدى دېسەك، 50 دوللار رەسمىيەت ھەققى، 15~20 دوللار كېچىدىن ئۆتۈش رەسمىيەت ھەققى تۆلىسىڭىز سىزگە 20~30 دوللارلا قالىدۇ.
ئەگەر سىز بىرلا پۇل تۈرىنى تاللىغان بولسىڭىز بىر كۈندىكى نۇقتا پەرقى رەسمىيەت ھەققىڭىز 50 دوللار بىلەن تۈگەيدۇ، ئىلگىرى بىر دوللار يەتتە كويدىن يۇقىرى ئىدى، بۇ دېگەنلىك رەسمىيەت ھەققىگە 370~380 كوي تۆلىدىڭىز دېگەن گەپ، ئەگەر سىز ئاچكۆز بولسىڭىز ياكى ھېلى ئۇنى ئېلىپ باقىدىغان ھېلى بۇنى ئېلىپ باقىدىغان يېڭى ئۆگەنگۈچى بولسىڭىز ھەربىر تۈرگە 50 دوللاردىن نۇقتا پەرقى رەسمىيەت ھەققى تۆلىسىڭىز، بىر كۈندە ئۈچ-تۆت تۈرنى ئەپ قويسىڭىزلا 150~200 دوللار رەسمىيەت ھەققىي تۆلەيسىز، يەنى خەلق پۇلىدا 1000~1500 كوي رەسمىيەت ھەققىي تۆلەيسىز دېگەن گەپ.
سىزدە بىكارلىق پۇل بارمۇ ياكى سىز شۇ شىركەت خادىمىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئېرىمۇ دېگەندەك، ئۇلار سىزنى سودا قىلسىكەن دەپ توختىماي تېلېفون قىلىدۇ، سىزمۇ سوروس ياكى باففېتتىن قېلىشمىغۇدەك پىشىۋادەك ھەپتىدە ئاز بولسا ئۈچ كۈن بولمىسا بەش كۈن سودا قىلىسىز، بولمىدى دېگەندىمۇ ئايدا 10~15 كۈن سودا قىلىسىز، شۇنىڭ بىلەن بىرلا تۈرنى ئېلىپ سودا قىلغان بولسىڭىز بىر ئايدا 3500~5500 كويغىچە رەسمىيەت ھەققىي تۆلىدىڭىز دېگەن گەپ. ئەگەر ئۈچ-تۆت تۈرنى ئېلىپ ئويناپ سودا قىلغان بولسىڭىز، 10~20 مىڭ كوي ئەتراپىدا رەسمىيەت ھەققى تۆلىدىڭىز دېگەن گەپ.
ئەگەر سىز يالغۇز دوللار \ ياۋرو بىرلا تۈرنى ئالماي، دوللارنى ئاساس قىلىپ دوللار \ ياپونىيە يىنى، دوللار \ كانادا دوللىرى، دوللار \ ئاۋىستىرالىيە دوللىرى دېگەندەك قىلىپ ئۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىۋېلىپ، دوللار \ ياپونىيە يىنىنى ئەتىگىنى سېتىۋېلىپ چۈشتىن كېيىن ساتسىڭىز، بىر قول سودىدا بىر نۇقتا پەرقى بولسا پايدا-زىيان توققۇز دوللاردىن جىقراق بولىدۇ.
ئەگەر تېخىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ سودا قىلغان بولسىڭىز، ياۋرو \ فونىستىرلىڭ، ياۋرو \ ئاۋىستىرالىيە دوللىرى، ياۋرو \ ياپونىيە يىنى دېگەندەك، ئاندىن ياۋرو \ ياپونىيە يىنىنى ئەتىگىنى سېتىۋېلىپ چۈشتىن كېيىن ساتسىڭىز، بىر قول سودىدا بىر نۇقتا پەرقى بولسا پايدا-زىيان 450 دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ.
تاشقى پېرۋوتتا باھا ئۆزگىرىشى ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر سان، يەنى بىر نۇقتا پەرقىدىلا توختاپ قالمايدۇ، بىر قول سودىغا ئاران مىڭ دوللار كەتسىمۇ، لېكىن نۇقتا پەرقى چوڭ بولسا سىزنىڭ بىر قول سودىدىكى پايدا زىيىنىڭىز نەچچە يۈز دوللارغا يېتىدۇ ھەتتا نەچچە مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ، سىزنىڭ ھېسابىڭىزدىكى پۇل يېتىشمەسلىكى مۇمكىن.
قانۇنلۇق سودا سۇپىسىدىمۇ سىزنىڭ سودا قىلىدىغىنىڭىز سان-سىفىر بولىدۇ، سىز يۆتكىگەن پۇل بانكا ئارقىلىق سىز ھېساب ئاچقان ۋاكالەتچى شىركەتنىڭ ئانا شىركىتىنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىلىدۇ، سىز 50 مىڭ دوللار يۆتكىگەن بولسىڭىز، شۇ پۇل يۆتكەش ئۇچۇرىغا قارىتا 50 مىڭ دېگەن ساننى ھېساباتىڭىزغا كىرگۈزۈپ قويىدۇ. سىزگە ئوخشاش سودا قىلغۇچىدىن پۈتۈن دۇنيادا تۈمەن مىڭى بار، شۇ تۈمەن مىڭ ئادەمنىڭ سودىسىدا باھا پەرقى ئارقىلىق شىركەتكە پايدا قالىدۇ. مىسالى ئوخشاش بىر تۈرنى ئۆسۈشكە ئالغان سومما 10 مىليارد دوللار بولۇپ، چۈشۈشكە ئالغان سومما 9 مىليارد بولغان بولسا مۇشۇ باھا پەرقىدىن پايدا ئالىدۇ، يەنە ھەر تۈرلۈك رەسمىيەت ھەققىدىن پايدا ئالىدۇ. ۋاكالەتچى بالا شىركەتلەر ئانا شىركەت خېرىدارلاردىن تۇتۇپ قالغان سودىسىدىكى رەسمىيەت ھەققىنىڭ %30 قىسىمىغا ئېرىشىدۇ.
تاشقى پېرۋوت سودا سۇپىلىرى بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ.
بازار ئاچقۇچى، ۋاستىچى، بازار ئاچقۇچى ھەم ۋاستىچىلىكنى ئارىلاشتۇرۇپ بىرگە قىلغۇچى.
بازار ئاچقۇچى شىركەت ئۇ ئازراق پەرق ئارقىلىق پايدا ئالىدۇ ھەمدە ئېھتىياجلىق بولغاندا خېرىدار بىلەن قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە سودا قىلىپ، قىماردا پايدا ئالىدۇ. مىسال ئالايلى: سىز ئۇ تۈردىكى شىركەت سۇپىسىدىن مەلۇم ساندىكى EUR/USD نى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، شىركەت ئالدى بىلەن خېرىدارلارنىڭ زاكاز تالونىدىن EUR/USD نىڭ زاكاز تالونىنى سېتىۋالىدۇ ياكى سىزنىڭ زاكاز تالونىڭىزنى بىۋاسىتە بانكىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بىراق، ئەگەر سىزنىڭ زاكاز تالونىڭىزغا ماس كېلىدىغان قارشى يۆنىلىشتىكى زاكاز تالونى بولمىسا، ئۇلار قارشى يۆنىلىشتە سىز بىلەن سودىلىشىدۇ.
ۋاستىچى شىركەت ئۇ بارلىق سودىلاشقۇچىلارنىڭ زاكاز تالونىنى بانكىغا يوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بانكا نۇقتا پەرقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۇلارغا يوللاپ بېرىدۇ، ئۇلار نۇقتا پەرقى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىككى خىل تاللاش ئېلىپ بارىدۇ: بىرى، نۇقتا پەرقىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، يەنە بىرى، بىر قانچە بانكا (سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى) ئىچىدىن ئەڭ ياخشى سېتىۋېلىش باھاسى ۋە سېتىش باھاسىنى تاللاپ، نۇقتا پەرقىنى تۇراقسىزلاشتۇرىدۇ.
ئۇنداقتا، ۋاستىچى تىپىدىكى شىركەت قانداق پايدا ئالىدۇ؟ ئۇلار سودىلاشقۇچىلار بىلەن سودا قىلمايدۇ، ئۇلار بانكىدىن ئالغان پەرققە ئازراق قوشۇلىدۇ. مەسىلەن، بىر نەچچە ھەرىكەتچان تەمىنلىگۈچى سودىگەر تەمىنلىگەن ئەڭ تۆۋەن سېتىش باھاسىغا بىر نۇقتا ياكى يېرىم نۇقتا پەرقى قوشىدۇ، تەمىنلىگەن ئەڭ يۇقىرى سېتىۋېلىش باھاسىنى بىر نۇقتا ياكى يېرىم نۇقتا كېمەيتىدۇ. ئۇلار ئازراق پايدا ئېلىش ئارقىلىق، سودىلاشقۇچىنىڭ زاكازىنى ئەمەلىي باھا بىلەن بانكىغا ئەۋەتىدۇ.
يەنى سودىلاشقۇچىنىڭ پايدا-زىيىنى ئۇلارنىڭ پايدا ئېلىشىغا ھېچقانداق تۈرتكە بولالمايدۇ، ئۇلار سىزنىڭ سودىڭىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
نۇرغۇن ۋاستىچى شىركەتلەرنىڭ قوللىنىدىغىنى بازار ئاچقۇچى ھەم ۋاستىچىلىكنى ئارىلاشتۇرۇپ بىرگە قىلىشى ئەندىزىسى.
ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ ھەممىسى بانكا بىلەن سودا توختامى ئىمزالايدۇ، بۇ توختامدا بانكا قوبۇل قىلالايدىغان ئەڭ كىچىك سودا كۆلىمى بەلگىلەنگەن. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان زاكاز تالونى (ئادەتتە 0.1 قول)، ۋاسىتىچى شىركەت زاكاز تالونىنى بىۋاسىتە بانكىغا يوللايدۇ.
كىچىك سودا سوممىسى زاكازىنى (ئادەتتە 0.1 قول) بانكا قوبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا سودا سۇپىسى بىۋاسىتە بانكىغا يوللىمايدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار بۇ خىل زاكازنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ ئۇلار بۇ چاغدا بازار ئاچقۇچى شىركەت سۇپىسى شەكلىنى قوللىنىپ، سۇپىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تاقابىل تۇرىدۇ. بۇ خىل ئارىلاشما تىپتىكى سودا سۇپىسى ئاساسەن مۇشۇنداق قىلىدۇ.
بازار ئاچقۇچى تۈرىدىكىلەر ئەڭ روشەن بولىدۇ، ئۇلار نۇقتا پەرقى ئارقىلىق پايدا ئالىدۇ، سودىلاشقۇچىلارنىڭ زىيىنىغا تايىنىپ پايدا ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار خېرىدارلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سودىلاشقۇچىلار قانچە كۆپ زىيان تارتسا، ئۇلار شۇنچە كۆپ پايدا ئالىدۇ. ــ مانا بۇ بىز ئاممىباپ ناملار بىلەن ئاتاپ كەلگەن «دو تىكىش سۇپىسى».
ئەگەر شۇ سۇپىدىكى ئومۇمىي سودىدا يۆنىلىشنى توغرا تاللىغۇچىلارنىڭ سودا سوممىسى 10 مىليارد بولۇپ خاتا تاللىغۇچىلارنىڭ سودا سوممىسى 9 مىليارد بولسا، باھا پەرقى بويىچە خېرىدارلار ھېساباتىغا بىر مىليارد ئۇرۇپ بېرىدۇ، ئەگەر خاتا تاللىغۇچىلارنىڭ سودا سوممىسى 10 مىليارد بولۇپ توغرا تاللىغۇچىلارنىڭ سودا سوممىسى 9 مىليارد بولسا ئۆزىگە بىر مىليارد قالىدۇ.
مۇشۇنداق بولغاندا سودا يۆنىلىشىنى توغرا تاللىغۇچىلار بىلەن خاتا تاللىغۇچىلار ئارىسىدىكى باھا پەرقى، يەنى خېرىدارلار ھېساباتىغا ئۇرۇپ بېرىشكە توغرا كېلىدىغان پۇل پەقەت بىر مىلياردلا بولماي غايەت زور بىر سان بولسا، ئۇ چاغدا زىياننى ئازايتىش ئۈچۈن ئانا شىركەت بانكا بىلەن بىرلىشىپ باھا ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدۇ. ياكى ئۆزى خېرىدارلار بىلەن قارمۇ قارشى دوئىلغا چۈشىدۇ دېگەن گەپ. ئىشقىلىپ زور زىياننى ئازايىتشقا ئۇرۇنىدۇ.
ئۈستىدە ئېيىتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى نورمال بولغان سۇپىدىكى سودىنىڭ گېپى.
تۆۋەندىكىسى بولسا قارا سۇپىدىكى سودىنىڭ گېپى.
دۆلىتىمىزدە تاشقى پېرۋوت سودا بىرژىسى يوق، شىياڭگاڭ ۋە چەتئەلنىڭ تاشقى پېرۋوت سودا سۇپىسىغا قارىتا چەكلىمە يوق، ئۇنىڭغا ۋاكالەتچى بولۇشقا قارىتا چەكلىمىمۇ يوق.
دۆلىتىمىزدە نېمە كۆپ دېسە پروگراممېر كۆپ. باشقىلارنىڭ سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ سۇپا قۇرۇۋېلىش كاللىسى رىكىتتەك ئىشلەيدىغان پروگراممېرلار ئۈچۈن ئانچىمۇ تەس ئىش ئەمەس.
تاشقى پېرۋوت ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچى خادىملار ھەممىسى دېگۈدەك ئىقتىساد پۇل-مۇئامىلە كەسپىدە ئوقىغانمۇ ئەمەس، لېكىن ۋاكالەتچى بولغۇچى بۇ ساھەگە قارىتا خېلى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە. شۇڭا ئۇ خىزمەتچىلىرىگە ئىقتىساد پۇل-مۇئامىلە ئىلىمىدىكى نورمال بىلىملەرنى ئۆگىتىپ تەربىيەلەش قىلىدۇ، قانداق بولسا باھا ئۆزگىرىشى بولىدۇ؟ سۇپىدىكى بىر قول سودىغا قانچە پۇل كېتىدۇ؟ نەچچە پۇل بىلەن قانچىلىك مىقداردا سودا قىلغىلى بولىدۇ؟ دېگەندەك. ئاشۇنداق ئۆگىتىپ ئۇ سۇپىنىڭ ئابونىتى كۆپىيىپ بولغاندىن كېيىن، پروگراممېر ياكى باش شىركەتتىكى سودا مەشغۇلات خادىمى ھۆنىرىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ، يەنى خېرىدارغا تۇيدۇرماي سودا سوممىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش، باھا پەرقىنى ئۆزگەرتىۋېتىش، باشقىلارنىڭ ھېساباتىنى بىۋاستىلا نۆل قىلىۋېتىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىدۇ، ھەتتا سىزنىڭ ھېساباتىڭىزنى توڭلىتىۋېتىشىمۇ مۇمكىن.
تۆۋەندىكىسى بۇ ھەقتىكى فىلىم:
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0