大数跨境

كېسەك ئالتۇن بەش دۆلەت بىردەك رۇسىيەنى جازالىمايدۇ!

كېسەك ئالتۇن بەش دۆلەت بىردەك رۇسىيەنى جازالىمايدۇ! Nepkar
2022-03-25
0
导读:ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسى يۇقۇم ئەھۋالىدىن ئەمدىلا ئەسلىگە كەلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى ھالسى

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
كۆپچىلىك بىلەمسىلەر بۇ دۇنيادا كېسەك ئالتۇن دۆلىتىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت بار، ئۇلار: جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستان، بىرازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت. ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. بۇ قېتىم ئامېرىكا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە رۇسىيەنى جازالىشى تەلەپ قىلدى، لېكىن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بولغان بۇ بەش دۆلەت بىردەك رۇسىيەنى ئەيىبلىمەيدىغانلىقى، جازالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز كونكرېت كۆرۈپ باقايلى.
1. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا جازا يۈرگۈزۈشى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆرسىتىپ ئۆتتى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدۇ. دۆلىتىمىز رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى. بۇ يىل 2-ئاينىڭ بېشىدا، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى ئېنېرگىيە سودىسى كېلىشىمى ئىمزالىدى، بىرى، جۇڭگو نېفىت شىركىتى رۇسىيە نېفىت شىركىتىدىن 100 مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلىدۇ، مۇددىتى 10 يىل. ئىككىنچىسى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە يەنە بىر يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ياسايدۇ، توختام 30 يىل بولىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە ھەر يىلى 10 مىليارد كۇب مېتىر گاز، ئوتتۇرا مەزگىلدە ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر گاز، كېيىنكى مەزگىلدە ھەر يىلى 60 مىليارد كۇب مېتىر گاز يەتكۈزۈلىدۇ. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى بىر-بىرىگە باغلانغان.
2. ھىندىستان بىتەرەپ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنى جازالىمايۋاتىدۇ، يېقىنقى مەزگىلدە ھىندىستان يەنە رۇسىيەدىن زور مىقداردا ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىۋاتىدۇ، بۇنى ئامېرىكىلىقلار ئويلاپ باقمىغان. ئامېرىكا ئىلگىرى ھىندىستاننى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھىندىستاننىڭ بۇ قۇلىقىدىن كىرىپ، ئۇ قۇلىقىدىن چىقىپ كەتتى. بۇ نۇقتا ئامېرىكىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى ھىندىستاننىڭ 3-ئايدا رۇسىيەگە قاراتقان نېفىت ئىمپورت مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.


3. بىرازىلىيە رۇسىيەگە يەككە تەرەپلىك جازا يۈرگۈزۈشكە قارشى تۇردى. برازىلىيە يېقىندا يەنە يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنى لايىھەلەش تېخنىكىسى توغرىسىدا رۇسىيەدىن ياردەم سورىدى.
4. جۇڭگو، ھىندىستان، بىرازىلىيە ئىپادە بىلدۈرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقىمۇ رۇسىيەنى جازالاشقا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، مەسىلىنى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ جازا يۈرگۈزۈشىگە قارشى تۇردى، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىك جازا يۈرگۈزۈشى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ۋېنسۇئېلا، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدەك رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈشنى رەت قىلدى.
ئالدىنقى ئايدا خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېلەت تاشلىغاندا، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان رۇسىيەنىڭ ئەيىبلىنىشىگە قوشۇلۇش بېلىتى تاشلىماي، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ھەدەپ قارىلىشىغا ئۇچرىدى، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %35 نى ئىگىلەيدۇ، پەقەت بۇ ئىككى پارچە ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن بېلەت ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ رۇسىيەنى جازالاش ۋە ئەيىبلەشنى رەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ جازالاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن «كېسەك ئالتۇن بەش دۆلەت»نىڭ مەيدانى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلدى، كونكرېت ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، قالغان تۆت دۆلەت رۇسىيەگە قارىتا ئەيىبلىمەسلىك، جازالىماسلىق تەدبىرلىرىنى قوللاندى. ھەر قايسى دۆلەتلەر رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ تېز ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربنىڭ «ئۆچمەنلىكى» ۋە «مەجبۇرىلاش» پوزىتسىيەسىگە قارشى تۇردى.


ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسى يۇقۇم ئەھۋالىدىن ئەمدىلا ئەسلىگە كەلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدەك تېخىمۇ چوڭ داۋالغۇش ئىچىدە قالدۇردى. رۇسىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە، ئاشلىق ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت، بۇ ئىككى جەھەتتە، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر تۆۋەن، رۇسىيەنى ئومۇميۈزلۈك جازالاشنىڭ ئامېرىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نىسبەتەن كىچىك. لېكىن، نېفىت، تەبىئىي گاز، بۇغداي باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشى باشقا دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە غايەت زور زەربە بولدى. ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا جازالىشى، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپانىڭ ھايات-ماماتىغا پىسەنت قىلماسلىقى، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئۇرۇش تەھدىتى ئېلىپ كېلىپ، مال باھاسىنى ئۇچقاندەك ئۆرلىتىۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئېڭى تېز بىخ سۈردى.
ئامېرىكىنىڭ جازاسىنىڭ ھەيۋىسىنىڭ زور بولۇشىدىكى سەۋەب مۇنداق:
بىرىنچى، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكرىنى كونترول قىلىشى. ئىككىنچى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا جازالىشى دۇنيا ئىقتىسادىغا يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا ئىنتېرنېت تورىنىڭ بۆشۈكى، ئامېرىكا بۇ تۇغما ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، خەۋەرلىشىشنىڭ تۆۋەن قاتلىمى، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى، خەۋەرلىشىش يۇمشاق دېتاللىرىدىن تارتىپ خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىگىچە بولغان ئومۇمىي جامائەت پىكرى سىستېمىسىنى كونترول قىلدى.
توردا مۇنداق بىر كۈلكىلىك گەپ بار: ياپونىيەلىكلەر: «چوڭام، ئاڭلىسام سىز رۇسىيە بىلەن GPS نىڭ ئۇلىنىشىنى ئۈزۈۋەتمەكچى بولۇۋېتىپسىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئامېرىكا: «سەن ئەخمەقمۇ؟ رۇسىيەدە ھازىر گلوناس سىستېمىسى بار، رۇسىيە بىلەن GPS نىڭ ئۇلىنىشىنى ئۈزۈشتە قانچىلىك رولى بار؟» دەپتۇ. كورىيە: «گلوناس سىستېمىسىنى GPS بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئامېرىكا: «بېيدۇۋنى قوشساڭلارچۇ؟ سىلەر ئىككى كالۋا ئامېرىكىنى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش بازىرىدىن ۋاز كەچكۈزمەكچىمۇ؟» دەپتۇ. ياپونىيە، كورىيە: «ياق، ياق، بىز رۇسىيەگە قانداق زەربە بېرىشنى ئويلاۋاتىمىز.» دەپتۇ.
رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان دوستانە بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلار تىزىملىكى 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا چېتىشلىق بولۇپ، دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىك بىلەن قاراش قىلمىشىنى جازالىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاساسىي قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408