搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدا كۈچلۈك ئۆلكە مەركىزى بولۇشى كېرەك
>
ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدا كۈچلۈك ئۆلكە مەركىزى بولۇشى كېرەك
Nepkar
2022-04-24
0
导读:سىز جۇڭگونىڭ ئۆتكەن يىلى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئېقىپ كىرگەن شەھەرنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
سىزنىڭ شەھىرىڭىز، ئاستا-ئاستا قېرىۋاتامدۇ؟
ئەگەر سىز سىچۈەنلىك بىر ياشتىن كەلگۈسىدە قەيەردە ئولتۇراقلىشىپ قالماقچى؟ دەپ سورىسىڭىز، پەرىزىمچە ئۇ چوقۇم چېڭدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەگەر سىز خۇنەنلىك بىر ياشتىن كەلگۈسىدە قەيەردە ئولتۇراقلاشماقچى؟ دەپ سورىسىڭىز، پەرىزىمچە ئۇ چاڭشا، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. يەنە خۇبېيلىق دوستلار، گۈيجۇلۇق دوستلار، خېنەنلىك دوستلار قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر بەرگەن جاۋابلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى بولۇشى مۇمكىن.
يېقىندا يەنە بىر ئىش يۈز بەردى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «شىئەن مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى تەرەققىيات پىلانى»نى تەستىقلاپ ماقۇللاپ، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويدى. بۇ شىئەننىڭ بەشىنچى دۆلەت دەرىجىلىك شەھەر چەمبىرىكى بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۆتى بار ئىدى: نەنجىڭ شەھەر چەمبىرىكى، فۇجۇ شەھەر چەمبىرىكى، چېڭدۇ شەھەر چەمبىرىكى، چاڭجۇتەن شەھەر چەمبىرىكى. يەنە چۇڭچىڭ، ۋۇخەن، شېنياڭ، گۇاڭجۇ ۋە جېڭجۇلارمۇ پائال ئىلتىماس قىلماقتا. سىز بايقىدىڭىزمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلكە مەركىزى شەھىرىدۇر.
دۆلەت دەرىجىلىك شەھەر چەمبىرىكى بولۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ئالدى بىلەن ئويلاپ يەتكىنىمىز، تېخىمۇ كۆپ مۇھىم تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئەتراپتىكى رايونلاردىن بارغانسېرى كۆپ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر چەمبىرىكى ئۇقۇمى چوڭ شەھەردىن ئېشىپ كەتكەن، شىئەننى ئېلىپ ئېيتقاندا، 2021-يىلى شىئەندە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 13 مىليونغا يەتمەيتتى، GDP سى 1 تىرىليون 70 مىليارد، لېكىن شەھەر چەمبىرىكى دائىرىسىدە، شىئەن شەھەر چەمبىرىكىدە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 18 مىليوندىن ئاشىدۇ، GDP سى تەخمىنەن 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئۆلكە مەركىزىدىكى «سىفون ئېففېكتى» كۈچەيدى دېگەن گەپ.
نۇرغۇن دوستلار ئەگەر بىر ئۆلكىنىڭ مەبلىغى ۋە ئىختىساسلىق خادىملىرى ئۆلكە مەركىزى شەھىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا، ئۆلكە ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
بىر ئۆلكە مەركىزى شەھىرىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچ بار بولۇپ، ئۇ «ئىقتىسادنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئۆلكە مەركىزى شەھىرى GDP سىنىڭ پۈتۈن ئۆلكە GDP سىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدە ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن، چېڭدۇنىڭ GDP سى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ GDP سىنىڭ %37 ىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا چېڭدۇ كۈچلۈك ئۆلكە مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ۋۇخەننىڭ GDP سى خۇبېينىڭ GDP سىنىڭ %35.4 نى ئىگىلەيدۇ، شۇنداقلا كۈچلۈك ئۆلكە مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. يەنە شەرقىي قىسىمدىكى بىر قىسىم چوڭ ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، جىنەن شەندۇڭنىڭ GDP سىنىڭ پەقەت %13.8 نى، نەنجىڭ جياڭسۇنىڭ GDP سىنىڭ پەقەت %14 نى ئىگىلەيدۇ، فۇجۇ، خاڭجۇلارنىڭ ئىقتىسادتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %23 ۋە %24 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاجىز ئۆلكە مەركىزىگە تەۋە.
سىز بايقىدىڭىزمۇ، ھازىر كۈچلۈك ئۆلكە ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇۋاتقانلار ئاساسلىقى ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمدىكى بەزى رايونلار. نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار كۈچلۈك ئۆلكە مەركىزىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؟
بىرىنچى، نوپۇسنىڭ ئېقىپ كېتىشى
سىز جۇڭگونىڭ ئۆتكەن يىلى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئېقىپ كىرگەن شەھەرنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ جاۋابى چېڭدۇ بولۇپ، ئېقىپ كىرگەن نوپۇس 245 مىڭ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلكە ئىچىدىكى شەھەر ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىن كەلگەن. ئىلگىرى سىچۈەن ئىزچىل ئەمگەك كۈچى چىقىرىدىغان چوڭ ئۆلكە ئىدى، ئەگەر ئۆلكە ئىچىدە چېڭدۇغا ئوخشاش كۈچلۈك ئۆلكە مەركىزى بولمىسا، بۇ 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە باشقا شەھەرلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. بۈگۈن سىچۈەن يائەندىكى بىر ياشقا نىسبەتەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، خاڭجۇلارنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق، چېڭدۇ ئۆيگە بىر قەدەر يېقىن، ئۇ بەلكىم چېڭدۇنى تاللىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ قاتلامدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۈچلۈك ئۆلكە مەركىزى شەھىرى ئەمەلىيەتتە ئۆز ئۆلكىسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قالىدۇ.
ئىككىنچى، تاشقى رىقابەت
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ بىر مەخپىي نومۇرى «يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ شىركەتلىشىش رىقابىتى». ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ رىقابىتى ئەمەلىيەتتە ئۆلكە مەركىزى، يادرولۇق شەھەرلەرنىڭ رىقابىتىنى ئاساس قىلىدۇ. باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، ئەگەر بىر ئۆلكىدە كۈچلۈك چوڭ شەھەر بولمىسا، دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسەت ۋە تۈرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە چوقۇم زىيان تارتىدۇ. مەسىلەن، جياڭشى نەنچاڭ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇش دەرىجىسى ئاران %22.5 بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەمىشە كىشىلەرگە مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ۋۇخەن، چېڭدۇغا ئوخشاش «تور چولپىنى» تۈسىنى ئالمىغان، شۇڭا بەزى دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ تۈرلەردىمۇ دائىم سەل قارىلىدىغان ئوبيېكتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئۈچىنچى، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى
چوڭى بىر دۆلەتكىچە، كىچىكى بىر شەھەرگىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ: ئالدى بىلەن يىغىلىش، ئاندىن تېشىپ چىقىش. ئالدى بىلەن مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ تورت ياساپ، ئاندىن تورتنى بۆلۈشىمىز كېرەك.
پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، نېمە ئۈچۈن نىيۇيورك، لوندون، توكيوغا ئوخشاش خەلقئارا چوڭ شەھەرلەر بارلىققا كېلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم ۋاقىت بۆلىكىدە ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ ۋە بايلىقنىڭ توپلىنىشى بىلەن ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ، ئاندىن ئەتراپقا كېڭەيگەن. ئاخىرىدا، چوڭ شەھەرلەر بىلەن كىچىك شەھەرلەرنىڭ GDP ئومۇمىي مىقدارىدا زور پەرق بار، لېكىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سىدا ئاساسەن چوڭ پەرق يوق.
كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىدىكى كۈچلۈك ئۆلكە مەركىزى ئىستراتېگىيەسىمۇ بۇ لوگىكىغا ئۇيغۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرمۇ «كۈچلۈك ئۆلكە مەركىزى» ئاساسىدا «كۈچلۈك شەھەر چەمبىرىكى» ئىستراتېگىيەلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، بۇ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى رادىئاتسىيە دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا تورداش دوستۇم، سىز مۇشۇ كۈچلۈك ئۆلكە مەركىزى بولغان شەھەرلەردە ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» ناملىق سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408