搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىقتىساد ئىدراكى مائارىپىنى بالىلىقتىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك!
>
ئىقتىساد ئىدراكى مائارىپىنى بالىلىقتىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك!
Nepkar
2022-04-23
2
导读:ئەگەر سىز بالىغا پۇل بىلىملىرىنى ئۆگەتمىسىڭىز، كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا باشقىلار ئۆگىتىشى مۇمكىن...
سىز ئەقلى ئىدراك (ئەقىل بۆلۈنمىسى) ۋە ھېسسىي ئىدراك (ھېسيات بۆلۈنمىسى)نى ئاڭلاپ باققان، ئەمما سىز ئىقتىساد ئىدراكى دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ نېمىنىڭ ئىقتىساد ئىدراكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال كۆپچىلىك بىلەن بىر ھېكايىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېرەك.
ئامېرىكىدا بابالا ئىسىملىك بىر ئايال يازغۇچى بولۇپ، ئۇ «مېنىڭ تۆۋەن قاتلامدىكى تۇرمۇشۇم» دېگەن كىتابنى يازغان. ئۇ تۆۋەن قاتلامدىكى ئادەم ئەمەس، بەلكى خۇپىيانە تۆۋەن قاتلامغا سىڭىپ كىرىپ بىر مەيدان ئىجتىمائىي تەجرىبە ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە، ئۇ نامراتلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىللە ئىشلەپ، ئوخشاش پۇل تاپقان، ئۇ بىر ئىشنى چۈشەنمەكچى بولغان، يەنى ئامېرىكىدىكى نامراتلار جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ-يوق؟
تەجرىبە باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى تېزلا تۆۋەن قاتلامدىكى بۇ كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى ناھايىتى تىرىشىپ ئىشلىسىمۇ، ئەمما ھەر كۈنى تاپقان پۇلىنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، بىر ئايال ئىشچى ھەر كۈنى ئاشخانىدا ئىشلەپ، بىر كۈندە تەخمىنەن 40~50 ئامېرىكا دوللىرى تاپىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ مېھمانخانىدا تۇرسا، بىر كۈنلۈك ياتاق ھەققى 40 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ، بىر ئايدا 1200 ئامېرىكا دوللىرى ياتاق پۇلى خەجلەيدۇ، ئېشىپ قالغان پۇلنىمۇ تاماق يېيىشكە سەرپ قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مالىيە ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار.
بابالا غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، ئۇ ئايال ئىشچىدىن: «سىز نېمىشقا بىر يۈرۈش ئۆي ئىجارە ئالمايسىز؟ بىر يۈرۈش ئۆي ئىجارە ئالسىڭىز مېھمانخانىدىن خېلىلا ئەرزان.» دەپ سوراپتۇ. لېكىن ئايال ئىشچى: «بولمايدۇ، بىر يۈرۈش ئۆي ئىجارە ئېلىش ئۈچۈن مىڭ دوللاردىن ئارتۇق زاكالەت پۇلى كېتىدۇ. مەن بۇنچە كۆپ پۇلنى نەدىن تاپىمەن؟ مەن پەقەت مېھمانخانىدا تۇرالايمەن.» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
بۇ گەپتە ئاڭلىماققا چاتاق يوقتەك قىلىدۇ، لېكىن ئۇ بۇ مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى قەرز ئالسىمۇ، مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىسىمۇ بولىدۇ، نەچچە ئادەمدىن بىر ئازدىن پۇل يىغسىمۇ بولىدۇ، پەقەت بۇ پۇلنى ئالدىن تۆلەپ قويسىلا، ئۇنىڭ مالىيە ئەھۋالى ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىدۇ، بەلكىم بىر يىل ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئامانەت پۇلى بولۇشى مۇمكىن.
بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېسابلاپ باقايلى، ئۇ ھەر ئايدا مېھمانخانىنىڭ ياتاق ھەققى ئۈچۈن 1200 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيدۇ، ئۇ ئۆي ئىجارە ئالسا ئۆينىڭ زاكالەت پۇلىمۇ 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، ئۇ پەقەت بىر ئايلىق مەسىلىنى ھەل قىلسىلا بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇ بۈگۈن بولسىلا بولدى، ئەتە بىرگە بولسۇن، دېگەن قاراش بويىچە، ناچار مالىيە ئەھۋالىغا ئىزچىل بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى خالىمايدۇ.
بۇ مىسال ئامېرىكىنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. كېيىن، بابالا بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇردى. ئۇنىڭ يەكۈنى ناھايىتى ئۈمىدسىز بولۇپ، ئامېرىكىدىكى تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ پۇرسىتى يوقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى تەپەككۇر ۋە ئىدىيەسى ئۇلارنى مەھكەم چۈشەپ قويغانلىقىدىن بولغان دەيدۇ.
ھېكايە مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، بىز يەنە «ئىقتىساد ئىدراكى دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا قايتىپ كېلەيلى. ئىقتىساد ئىدراكى دېگىنىمىز «پۇل مۇئامىلە ئەقىل بۆلۈنمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىزنىڭ بايلىقنى تونۇش، بەرپا قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئىقتىدارنى چوقۇم كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەر بىر ئادەم بىر ئۆمۈر بايلىق بىلەن ھەپىلىشىدۇ، كىچىكى كۈندىلىك مال سېتىۋېلىش، ھەر ئايلىق مائاش چىقىمى؛ چوڭى ماشىنا سېتىۋېلىش، ئۆي سېتىۋېلىش، كەسىپ پىلانى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پىلانى قاتارلىقلارغىچە. بىز قانداق پۇل يىغىشىمىز، قانداق خەجلىشىمىز كېرەك؟ قايسى نەرسىلەر مۈلۈككە تەۋە؟ قايسى نەرسىلەر قەرزگە تەۋە؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. (تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئىقتىساد ئىدراكى يېتىلدۈرۈشتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!)
ئەگەر سىز بالىغا پۇل بىلىملىرىنى ئۆگەتمىسىڭىز، كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا باشقىلار ئۆگىتىشى مۇمكىن، ئۇ باشقىلار بەلكىم بانكا، قەرز ئىگىسى بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا ئالدامچى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، غەرب دۆلەتلىرى ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان مال-مۈلۈك، ئىقتىساد ئىدراكى مائارىپى جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا دۆلىتىمىزگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. 1986-يىلىلا ئامېرىكا داشۆسى ئالاقىدار دەرسلەرنى تەسىس قىلغان. 2003-يىلى ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ساپاسى ۋە مائارىپ كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ئىقتىساد ئىدراكى (مالىيە-سودا) مائارىپىنىڭ كېڭىيىپ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدا نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش ئائىلىلەردىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بەش ياشتىن باشلاپ تۆت دانە پۇل ساقلىغۇچ سېتىۋالىدىغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا چىقىم، ئامانەت قويۇش، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىئانە قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەربىر پارچە پۇلنى نىسبەت بويىچە تۆت دانە پۇل ساقلىغۇچقا سېلىپ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بىر تەرەپ قىلغۇزۇپ، بالىلارنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئىدراكى (مالىيە-سودا) مائارىپىغا ھازىرچە تېخى ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىلمىدى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىگە خاس قارىشى بار بولۇپ، ئۇلار بالىلىرىنىڭ قولىدا پۇل بولسا قالايمىقان خەجلىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىلىرىنى پۇل بىلەن ئۇچراشتۇرمايدۇ، ھەتتا ھېيتلىق پۇلنىمۇ يىغىۋالىدۇ. نۇرغۇن بالىلارنىڭ پەقەت شۇ كۈنلۈك پارچە پۇلى ياكى بىر ھەپتىلىك پارچە پۇلىلا بار. بۇ بالىلار يازمىنىڭ ئالدىدا تىلغا ئالغان ئايال ئىشچىلارغا ئوخشاش غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ-دە، ئۇلار بايلىقنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىشقا پۇرسەت تاپالمايدۇ. بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇلاردا پۇلغا نىسبەتەن بىر بولسا توغرا تونۇش كەمچىل بولىدۇ-دە، پەقەت ئۆزىدە پۇل بولسىلا، ناھايىتى چوڭ خەجلەيدۇ، مالىيە باشقۇرۇش قارىشى بولمايدۇ، ئۆمۈر بويى نامراتلىشىپ كېتىدۇ ياكى پۇلغا زىيادە سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ، ھەرقانداق ئىشتا يىپىدىن-يىڭنىسىگىچە زىغىرلاپ كېتىدۇ، تولىمۇ ئېھتىياتچان بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ھادىسە بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ. بىز پۇل تېپىش مۇھىم، ئىقتىساد ئىدراكى (مالىيە-سودا) مائارىپىدا تەربىيەلىنىش، مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش تېخىمۇ مۇھىم دەيمىز.
(تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئىقتىساد ئىدراكى يېتىلدۈرۈشتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، ئىقتىسادى ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرسۇن» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!)
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئىقتىساد ئىدراكى (مالىيە-سودا) مائارىپى بىلەن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا پۇلنى توغرا چۈشىنىشىنى ھەم ياخشى پۇل مۇئامىلە ساپاسى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0