大数跨境

شى جىنپىڭ مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى ئاچتى Nepkar
2022-04-27
1
导读:شى جىنپىڭ مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى...
ئالاھىدە تەۋسىيە: 
بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
----

شى جىنپىڭ مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

شى جىنپىڭ مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ11-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

 جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش مەسىلىسى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇل ئەسلىھە- ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تىرىكى، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك؛ مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، جايلار، تارماقلار مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىنى توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ياخشى ئەمەلىيلىشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا ئەسلىھەلىرى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، قاتناش تۈگۈنى، ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك زاپىسى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ھالقىما ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك كاپالىتى ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئۇيغۇنلىشالمايۋاتىدۇ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش، سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى دەل جايىدا تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلمىسى، فۇنكسىيەسى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، بىخەتەرلىك ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قوللاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش؛ مەۋقەنى كەلگۈسىگە قارىتىپ، ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتىنىڭ دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە بولغان تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ مۇۋاپىق ئالدىدا مېڭىپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىن قۇرۇش سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەش؛ ئىلمىي پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى پۈتۈن ئۆمۈرلۈك بولۇشقا قارىتىپ، تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ جايلىشىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ كۆپ تەرەپلەر تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، مەركەز بىلەن يەرلىك، دۆلەت كاپىتالى بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ كۆپ تەرەپلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قاتلام ۋە تۈرلەر بويىچە كۈچەيتىش؛ ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئىقتىسادىي ھېسابات، ھەم ئۇنىۋېرسال ھېسابات قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ پۈتۈن ئۆمۈرلۈك ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قاتارلىق تور تىپىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تورلاشتۇرۇش، تورنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تور ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش؛ دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئاساسىي رامكىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دېڭىز بويى ۋە ئىچكى دەريا پورتلىرىنىڭ سۇ يولى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ تىرانسپورت ئەسلىھە تورىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ تەقسىملەنمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ دۆلەت سۇ تورى غول رامكىسى ۋە چوڭ تومۇرى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق سۇ مەنبەسى، سۇغىرىش رايونى، كەلكۈن سۈيىنى يىغىش رايونى قۇرۇش ۋە زامانىۋى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۇچۇر، پەن-تېخنىكا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سۇپىسى، كەڭ بەلباغلىق ئاساسىي تور قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى ۋە يىغىش تارقىتىش تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى، ھەممىباب ئايرودۇرۇم ۋە يۈك تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇرۇش؛ شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، شەھەرلەر قاتنىشىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يول تورى بەرپا قىلىپ، شەھەر رايونى (شەھەر ئەتراپى) تۆمۈر يولى ۋە شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەر ئۇنىۋېرسال يول قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدور قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىش، پاسكىنا سۇ ۋە ئەخلەتلەرنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول، ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك مەنبەسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى قاتناش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆلەملەشكەن سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ پاسكىنا سۇ ۋە ئەخلەتلەرنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تىرەكلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، يەر، دېڭىز، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق بايلىق ئامىللىرى كاپالىتىنى كۈچەيتىش؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ غەملەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مەركەزلىك كاپالەتلىك قىلىش؛ ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاشكارا يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشقا يېتەكلەش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە تېخنىكىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ زور كۆلەملىك پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زورايتىپ، زور بىر تۈركۈم قالتىس ئىنژېنېرلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم تۈپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش، ئاساسىي تۇتقىنى چىڭ تۇتۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىنى ئىلمىي تۈزۈش، ئەمەلىيەتتە، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، كەلگۈسى بىلەن ھازىرنى بىرلەشتۈرۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، زور خەۋپ-خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، ھەقىقىي كارغا كېلىدىغان تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە كونكرېت مەشغۇلات تەدبىرى بولۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىنى توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى؛ باھالاش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا تۈزىتىشى؛ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەت نەتىجىسى ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە باھا بېرىشى؛ بازار كۆزلىمىسىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە پىرىنسىپىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، بازار ئىشەنچىنى مۇقىملاشتۇرۇشى؛ ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0