大数跨境

كەلگۈسىدە سانائەتلىشىش يۈزلىنىشى ۋە پايدىسى قەيەردە؟

كەلگۈسىدە سانائەتلىشىش يۈزلىنىشى ۋە پايدىسى قەيەردە؟ Nepkar
2022-04-24
1
导读:ئىنسانلارنىڭ مۇھىتنى كونترول قىلىش ئۈنۈمى يېزا ئىگىلىكىنى تولۇق سانائەتلەشتۈرۈش دەرىجىسىگە يېتىدۇ.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepdan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
----
سانائەتلىشىش تىلغا ئېلىنسا، ئادەتتىكى كىشىلەر بۇنى ئۆزىدىن سەل يىراقتەك ھېس قىلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، سانائەت ئىنقىلابى گەرچە ناھايىتى ئۇلۇغ بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر تارىخ. ھازىردا بولسا، ئەگەر ياسىمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانمىساق، سانائەتلىشىشنىڭ بىز بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوقتەك قىلىدۇ. 
ئەگەر سىز يەنىلا مۇشۇنداق ئويلىسىڭىز، بەلكىم خاتالاشقان بولۇشىڭىز مۇمكىن! 
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سانائەتلىشىش تەپەككۇرىنى ھازىرلىغان ئادەم مەڭگۈ باشقىلارغا قارىغاندا يىراقنى كۆرەر ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. 

نېمە ئۈچۈن؟ 
سانائەت ئىنقىلابىدىن باشلاپ، سانائەتلىشىش مۇساپىسى بارلىق كىشىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان. 
سانائەتلەشتۈرۈش دېگەن نېمە؟ 
ئىككى ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بار. 
بىرىنچى، مەھسۇلاتنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. 
ئىككىنچى، مەھسۇلاتنى تېز سۈرئەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقارغىلى (كۆپەيتكىلى) بولىدۇ؛ 
ئىلگىرى سانائەتلەشتۈرۈش ئاساسەن ياساش كەسپىگە مەركەزلەشكەن ئىدى، ھازىرچۇ؟ سانائەتلىشىش ھازىر ئۈچىنچى كەسىپ (مۇلازىمەت كەسپى)گە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى! 
توغرا! سىز خاتا كۆرۈپ قالمىدىڭىز، قارىماققا خاسلاشتۇرۇشنى ئەڭ تەكىتلەيدىغان مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى سانائەتلەشتۈرۈش-مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتىشتىن ئىبارەت. 
بۇ تۈردىكى مىساللار ناھايىتى كۆپ، بىر قەدەر تىپىك بولغىنى بارغانسېرى مەركىزىي ئاشخانىغا تايىنىدىغان زەنجىرسىمان يېمەك-ئىچمەك كەسپىدىن ئىبارەت. 
كەلگۈسىدىچۇ؟ 
سانائەتلىشىش بىرىنچى كەسىپ (يېزا ئىگىلىكى)نىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشى، ئەلۋەتتە، يېزا ئىگىلىكىنى سانائەتلەشتۈرۈش ئۆلچىمى يۇقىرىراق بولۇشى كېرەك، ھېچ بولمىغاندا ئېنېرگىيە باھاسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەندىلا، ئاندىن كەڭ كۆلەمدە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
بىراق، ھازىر «سۈنئىي گۆش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ بىر تىپى.» دەيدىغان بەزى بىخلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 
كۆپچىلىككە مۇنداق بىر كۆز قاراشنى ئورتاقلاشماقچىمەن. 
كەلگۈسى دەۋردىكى يۈزلىنىش خاراكتېرلىك پايدا قەيەردە؟ 
ئىككىسى بار. 
بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئېشىپ كەتكەن دەۋردە، ئالاقە تورىنىڭ پايدىسىدۇر.
ئىككىنچى، 3-كەسىپنىڭ سانائەتلىشىش پايدىسى (1-كەسىپنىڭ سانائەتلىشىش پايدىسى بىزدىن خېلىلا يىراق). 
مەن ھەمبەھىرلىگەن بۇ ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇسىڭىز، سىزنىڭ ئىككىنچى پايدىغا بولغان تونۇشىڭىز ئېنىق بولىدۇ. 
مەنبە: جىخۇ تورىدىن لېڭ جې 

1. سانائەتلەشكەن مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىش
سانائەتلەشتۈرۈش دېگەن نېمە؟ سانائەتلەشتۈرۈش يالغۇز ياساش كەسپىلا ئەمەس، ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشمۇ ئەمەس، كەسپىي قورال-سايمانلار ۋە كەسپىي ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشمۇ ئەمەس. 
سانائەتلىشىش بىر خىل ئۆزگىچە مېتودولوگىيەگە ئىگە. 
ھەر قايسى ساھەلەردىكى سانائەتلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشتا، بارلىق يۈزەكى بولغان ماشىنا، مەھسۇلاتلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويغاندا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مېتودولوگىيە ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ:
(1) تەرتىپ بويىچە سانسىز قېتىم ئىجرا قىلىش؛ 
(2) تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى قاتتىق ئىجرا قىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛
(3) ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش. 
سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشتا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىردەكلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنداق بىردەكلىك چوقۇم پۈتۈنلەي ئوپمۇ ئوخشاش بولۇشى ناتايىن، بەزىدە سانائەت بۇيۇملىرىدىمۇ ئۆز ئالدىغا ئوخشاش بولمىغان تەپسىلاتلار بولىدۇ. بىردەكلىكنىڭ يادروسى شۇكى، مەھسۇلات ئالدىن بېكىتىلگەن مەھسۇلات ئۆلچىمىنى بىردەك قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئاساسىي جەھەتتىن ئۆلچەمگە توشمايدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى سۈپەتسىز مەھسۇلاتلار بولۇپ، ناچار مەھسۇلاتلار زىياندىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر سۈپەتسىز مەھسۇلات زاۋۇتتىن چىقىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈلمىسە، كېلىپ چىقىدىغان زىيان تېخىمۇ زور بولىدۇ. 
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىردەكلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىدىكى ھەربىر قېتىملىق كونكرېت مەشغۇلات بىرلىككە كەلگەن تەرتىپ بويىچە تاماملاش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوخشاش مەشغۇلات، ئوخشاش خام ئەشيا، ئوخشاش مەھسۇلات ھاسىل قىلىدۇ. 

كۆپىنچە ئەھۋالدا، سۈپەتسىز مەھسۇلاتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەب، تەرتىپ مۇكەممەل ئىزچىل ئىجرا قىلىنمىغان. ئادەم قانداقلا بولمىسۇن ماشىنا ئەمەس، ماشىنىمۇ ئۇپراپ كېتىدۇ. تۈمەن قېتىملىق مەشغۇلاتتا، قانداق قىلغاندا باشتىن ئاخىر بىردەك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭغا تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆلچەش ئەسۋابلىرى، كۆز بىلەن كۆرۈپ باشقۇرۇش، ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئەڭ ئاخىرىدا، تەرتىپ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس. ناچار تەرتىپ ئوخشاشلا ياخشى مەھسۇلات نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە يەنە كەسپىي كېسەل ياكى جىسمانىي بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەرتىپ يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. ئوخشاش بولغان ياخشى مەھسۇلات نىسبىتى شارائىتىدا، بەزى تەرتىپلەر زور مىقداردىكى ئادەم كۈچى، ۋاقىت، ئېنېرگىيە ياكى ماددىي ئەشيالارنى ئىسراپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق تەرتىپ مۇكەممەل بولمايدۇ، تەرتىپ ھامان ئۈزۈكسىز ئەلالىشىدۇ. ئېھتىمال تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ تاكى يېتەرلىك ياخشى بولغانغا قەدەر بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ تەننەرخكە مەبلەغ سېلىپ تەرتىپنى ئەلالاشتۇرغاندا تەننەرخنى قايتۇرۇۋېلىش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. 

بۇ ئاڭلىماققا چۈشىنىكسىزدەك قىلىدۇ. بىز بىر مىسال كەلتۈرەيلى: 
نۇرغۇن كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە سانائەتلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمىدى، ھەمىشە ئاشخانىدىكى ئاشپەزلەرنى ئىشسىز قالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە يېمەك-ئىچمەك كەسپى دەل ئەڭ يېڭى سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا زەنجىرسىمان ئاشخانا (ئون دۇكاندىن يۇقىرى) تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، يەككە دۇكان ۋە كىچىك زەنجىرسىمان ئاشخانىنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. 
مەركىزىي ئاشخانا، يېرىم تەييار مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر + ئاپتوماتلاشقان تاماق ئېتىش ئۈسكۈنىسى + مەشغۇلات ئەندىزىسى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئاشخانىلاردا چوڭ ئاشپەزلەرنىڭ ئىش ئونىنى يوقىتىدۇ، ئىلگىرىكى كۆكتات تەقسىملەش-ياردەمچى-باش ئاشپەزنىڭ ئۆسۈش يولىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يوقىلىدۇ. 
ئىلگىرى قورۇما تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىشتا چوڭ ئاشپەز ئۆزى باش قاتۇراتتى ياكى ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشەتتى. بىز سانائەتلەشكەن قورۇما تۈرىنىڭ قانداق تەتقىق قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. 

بىر مۇكەممەل قورۇما تۈرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەرتىپى قانداق؟ 
ئالدى بىلەن مەھسۇلات دىرېكتورى مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەلىيىتى (best practice)نى بېكىتىپ، مەھسۇلاتقا ئېنىقلىما بېرىدۇ. 
ئاندىن تەتقىقات ئىنژېنېرى ئەسلى نۇسخىسىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەسلى نۇسخىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا ئاساسىي رېتسىپ بېكىتىلىدۇ، يەنى قانداق گۆش، قانداق دورا-دەرمەك ئىشلىتىش، ئاساسىي پىشۇرۇش تەرتىپى بېكىتىلىدۇ. بۇنى A باسقۇچ دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، بۇ ئاساسلىقى مەھسۇلاتنىڭ تەبىرىنى قانائەتلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، بۇ چاغدا ھەتتا مەھسۇلاتنى مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىن بولمايدىغان ھەر خىل ھۈنەر-سەنئەت، خام ئەشيالارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 
ئۈچىنچى باسقۇچ ھۈنەر-سەنئەت لايىھەلەش باسقۇچىغا كىرىدۇ، بۇ باسقۇچقا ئادەتتە ھۈنەر-سەنئەت ئىنژېنېرلىرى مەسئۇل بولىدۇ (B باسقۇچ). خۇش پۇراق ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى سېلىنامدۇ ياكى ئىزىپ سېلىنامدۇ؟ قوي گۆشى ئالدىن سۆڭەكتىن ئاجرىتىلامدۇ ياكى پىشقاندىن كېيىن ئاجرىتىلامدۇ؟ قوي گۆشى قانداق توڭلىتىلىدۇ؟ بۇنى B باسقۇچ دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ماتېرىيال ۋە ھۈنەر-سەنئەتنىڭ مەھسۇلاتنىڭ ئېنىقلىمىسىنى قانائەتلەندۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت، ئەمما ئادەتتە بۇ راستتىنلا مۇكەممەل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى شارائىتىدا تاماملانمايدۇ. 
بۇ تەتقىقات ۋە لايىھەلەر ئەڭ ئاخىرىدا ھۈنەر-سەنئەت يېتەكچى كىتابىغا يىغىنچاقلىنىدۇ. ھۈنەر-سەنئەت يېتەكچى كىتابىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەپسىلىي تەرتىپى بەلگىلەنگەن بولۇپ، چوقۇم قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. ھۈنەر-سەنئەت يېتەكچىلىكىگە ئەمەل قىلمىسا، ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. 
ئەڭ ئاخىرىدا ئىجرا قىلىش قاتلىمىغا كىرىپ، مەشغۇلاتچىلارنى تەربىيەلەپ، مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىدا ئىجرا قىلىش تېخنولوگىيە يېتەكچىسىنى سىناپ بېقىش كېرەك. ئەلۋەتتە، يولغا قويۇش نەق مەيدانىدا ئىلگىرى ئويلاشمىغان مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن، ھەر قايسى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ شارائىتى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ھۈنەر-سەنئەت يېتەكچىلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. 
بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان C باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئاساسلىقى ھەقىقىي مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى / شارائىت ئاستىدا مىقدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ماتېرىيال، ھۈنەر-سەنئەت ئارقىلىق مەھسۇلات تەبىرىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 
تەتقىقات ۋە ھۈنەر-سەنئەت لايىھەسى بىلەن ماس قەدەمدە، تەمىنلەش زەنجىرى كوللېكتىپى ھەر خىل خام ماتېرىياللار ئۈچۈن لاياقەتلىك تەمىنلەش سودىگىرى تېپىشى كېرەك. مەھسۇلات لاياقەتلىك بولۇپلا قالماي، سۈپىتىمۇ مۇقىم بولۇشى كېرەك. دائىم يەنە تاپشۇرۇش مۇددىتى، ھېسابات مۇددىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپلەر بولىدۇ. 
بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، مەھسۇلاتنى ئاز مىقداردا ئىشلەپچىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاز مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىشنى D باسقۇچ دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئاساسلىقى مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى ياكى شارائىت ئاستىدا مەھسۇلات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان ماتېرىيال، ھۈنەر-سەنئەت ۋە رېتىم (ھەر بىر ئىش تەرتىپىنى ئىشلىتىش ۋاقتى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ) ئارقىلىق مەھسۇلات ئېنىقلىمىسى قانائەتلەندۈرۈلىدۇ.
يۇقىرىقى باسقۇچنىڭ ھەممىسى تاماملانغاندىن كېيىن مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىرىدۇ.
بەزى ئىشلەپچىقىرىشتا دەسلەپتە ئىشلەپچىقىرىش رىتىمىغا بولغان تەلەپ يۇقىرى بولمىغاچقا، بىۋاسىتە D باسقۇچتىن ئۆتۈپ، مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشى مۇمكىن. 
بارلىق جەريان، بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى مەھسۇلاتنى ئۆلچەش ئۈچۈندۇر. 
مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ قورقۇنچلۇق يېرىدۇر. 

2. سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ قوللىنىلىشى 
ئەگەر ئۆردەك ئالدىنقى كۈنى كەچتە تەييارلىنىپ بولغان بولسا، خېرىدار زاكاز چۈشۈرگەندىن كېيىن، خام ئۆردەكنى دۇخوپكىغا سالىدۇ، پۈتكۈل پىشۇرۇش جەريانىغا ئىككى سائەتچە ۋاقىت كېتىدۇ. 
سىز ئاشخانىدا قورۇما تۈرىنىڭ ئۈستەلگە چىقىشىدىكى ھەر بىر مىنۇتنى كۈتۈشىڭىزگە توغرا كەلسە، بۇنىڭ ھەممىسى سودىگەرنىڭ زىيىنىدۇر. چۈنكى سىز ئىستېمال قىلمىدىڭىز. ئادەتتە بىر ۋاق تاماقتا نوقۇل ھالدا بىر-ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر سىز زاكاز قىلىشىڭىز بىلەن تەڭلا ئۆردەك كاۋىپى ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىلسا، ئۇنداقتا بۇ بىر ۋاق تاماققا ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ئەگەر ئۆردەك كاۋىپى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۈستەلگە چىقسا، بۇ بىر ۋاق تاماققا تۆت سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. 
بۇ ئاغدۇرۇلۇش نىسبىتىدە بىر ھەسسە پەرقنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئوخشاش مەيدان كۆلىمى، ئوخشاش ئادەم كۆلىمىدە، ئالدىنقىسىنىڭ كىرىمى كېيىنكىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ، ئەمما يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بارلىق ئاشخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنىڭ %50 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ئالدىنقىسىنىڭ ساپ پايدىسى كېيىنكىسىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. 
قېنى ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر بۇ ئىككى ئاشخانىنىڭ تامىقىنىڭ تەمى ئانچە ياخشى بولمىسا، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئاشخانىسى بىلەن سانائەتلەشتۈرۈش ئاشخانىسى قانداق رىقابەتلىشىدۇ؟ 
ھازىر كۆپچىلىك ھەر خىل ئاشپۇزۇللارغا، بولۇپمۇ داڭلىق زەنجىرسىمان تاماقخانىلارغا بارسا، تاماقلىنىش سۈرئىتىنىڭ بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن. 
ھازىر سىز بىر ئاشخانىغا بېرىپ ئۆردەك كاۋىپى يېسىڭىز، يېرىم سائەت ئىچىدە ئۈستەلگە چىقىش ئەڭ ئاساسىي تەلەپ. چۈنكى ئۆردەك ئاللىبۇرۇن مەركىزىي ئاشخانىدا پىشۇرۇلۇپ بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىۋېرسال دۇخوپكىدا قايتا قىزدۇرۇلۇپ پوستى چۈرۈكلەشتۈرۈلسىلا بولىدۇ. باشقا كۆپ قىسىم قورۇمىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، بولۇپمۇ تاماق تىزىملىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ھەر خىل پېچىنە-پىرەنىكلەر، تاتلىق يېمەكلىكلەر. 
سانائەتلىشىش بارلىق «قىممەت» نەرسىلەرنى بۆلەكلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى بىر-بىرلەپ بەھرىمەن قىلىدۇ. ئىلگىرى سۈپىتى مۇقىم ئەمەس (مەسىلەن، قول بىلەن ياسالغان ئاپتوموبىل)، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ (مەسىلەن، قەدىمكى زاماندىكى مۇنەۋۋەر شەمشەر) ياكى خام ماتېرىيال چەكلىمىگە ئۇچرىغان (مەسىلەن، راك)، پەقەت ئاز ساندىكى ئالاھىدە كىشىلەر ئىشلەپچىقىرالايدىغان نەرسىلەر ئادەتتىكى كىشىلەر قول بىلەن مەشغۇلات قىلالايدىغان، ئىشلەپچىقىرالايدىغان نەرسىلەرگە ئايلانغان، ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا ئادەم كۈچى بىلەن بىۋاسىتە قاتناشمايلا ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلانغان. 
نەتىجىدە ماددىي بايلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئادەم كۈچى، يەرلىك كىلىمات، يەرلىك مۇھىت، يەرلىك بايلىقتىن تەدرىجىي ئايرىلىپ، پۈتكۈل دۇنيادا ماددىي بايلىق مىسلىسىز بېيىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سانائەتلىشىش ھەربىر باسقۇچقا قەدەم قويغاندا، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرغان ماددىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىلغارلىقىنى ئالدىنقى باسقۇچتا تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس. 
بۇنداق دېسەك كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر بىزنى سانائەتلىشىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن 2-كەسىپنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ GDP سىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى مۇلازىمەت كەسپىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتتى. 
لېكىن سانائەتلىشىش تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق. 
يېمەك-ئىچمەكنى سانائەتلەشتۈرگەندە شىبېي بارلىققا كەلدى. 
ئۆي ئىجارىگە بېرىشنى سانائەتلەشتۈرگەندە، زىرۇ، كېدەن بارلىققا كەلدى. 
گەرچە بۇ كەسىپلەر سانائەتلىشىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئىنتايىن ئېنىق. سانائەتنىڭ باشقۇرۇش ۋاسىتىسى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەشكىلىي شەكلى بارغانسېرى كۆپلىگەن ساھەلەردە قوللىنىشقا باشلىدى. 
ئېنېرگىيە تېخنىكىسى مەيلى قۇياش ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى ياكى يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى تېخنىكىسى بولسۇن، ماھىيەتلىك بۆسۈشكە ئېرىشسە، ئېنېرگىيە تەننەرخى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالىدۇ. بارلىق مۇھىتنى كونترول قىلىش مەسىلىسى، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى ئېنېرگىيە مەسىلىسى بولىدۇ. 
ئېنېرگىيە مەسىلىسى ھەل قىلىنسا، ئىنسانلارنىڭ مۇھىتنى كونترول قىلىش ئۈنۈمى يېزا ئىگىلىكىنى تولۇق سانائەتلەشتۈرۈش دەرىجىسىگە يېتىدۇ. 
بۈگۈنكى كۈندە يېزا ئىگىلىكىدە يەنىلا تەبىئەتكە تايىنىپ جان بېقىشقا مەجبۇرىمىز. لېكىن ئېنېرگىيە تەننەرخى ئىنتايىن تۆۋەن بولسا، بارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زاۋۇت ئۆيلىرىدە ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ. 
يېزا ئىگىلىك زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ ئېگىزلىكى نەچچە قەۋەت بولۇپ، كېچە-كۈندۈز مۇقىم تېمپېراتۇرا، مۇقىم نەملىك ۋە تۇراقلىق يورۇقلۇقنى ساقلاپ، پۈتكۈل مۇھىتنى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئەڭ پايدىلىق سەۋىيەدە ساقلايدۇ. كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيانداشلىقىنى پۈتۈنلەي توسۇپ، ھېچقانداق دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى، تۈرنى ياخشىلاش ئارقىلىق تېخىمۇ تېز ئۆسۈش دەۋرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ چاغدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سانائەت ماللىرىغا ئوخشاش قەرەللىك، نورمىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.
ھەتتا گۆشمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. يەنە كالا، توخۇ بېقىشنىڭ ھاجىتى يوق. توخۇ گۆشى ھۈجەيرىسى بىلەن كالا گۆشى ھۈجەيرىسى توخۇ بىلەن كالا تېنىدە بولماستىن، بىۋاسىتە مۇۋاپىق ئۆستۈرگۈچتە ئۆسەلەيدۇ. گۆش يېگەندە ئەمدى جانلىقلارنى ئۆلتۈرمىسەكمۇ بولىدۇ. ئەمدى يەم-خەشەك، ئانتىبىوتىك لازىم بولمايدۇ. 
ئاخىردا، مەيلى دېڭىز بويى ياكى ئېگىزلىك بولسۇن، مەيلى قۇرغاق رايون ياكى نەم ئېدىرلىق بولسۇن، ئۇ يەردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتلىرى ئەسلىدە باشقا جايلاردا ئۆسكەن نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. شىزاڭدىكى زاۋۇتلاردا سەدەپ، دېڭىز ئادەمگىياھى، خەينەن ئارىلىدىكى زاۋۇتلاردا ئۈزۈم، ئالما ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. 
سىز كالا ئالماقچى بولسىڭىز، چاتاق يوق، سىز كالىنىڭ كونكرېت ئورنى ۋە ئېھتىياجىنى بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ، بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن مال بىلەن تەمىنلىنىدۇ. 
دۇكانغا ئاپىرىپ بەرگەندە، گۆش ھەتتا تېخى «سويۇلمىغان» ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ خۇددى بىر قىسىم ماشىنا زاپچاسلىرىنى زاكاز قىلغانغا ئوخشاش. بۈگۈنكى كۈندە قىممەت باھالىق راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلار، سانائەتلەشكەن ھامان ناھايىتى ئەرزان بولۇپ كېتىدۇ.

3. ئېتىكىلىق ئاغدۇرمىچىلىقنىڭ قورقۇنچلۇقى 
تېخنىكىنىڭ ئۆسۈشى، ئېنېرگىيەنىڭ ئەرزان بولۇشىغا ئەگىشىپ، سانائەتلىشىش بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، جەمئىيەتنىڭ ماددىي بايلىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسىدۇ.
بۇ ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېتىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
ئۆتمۈشتە ئاچ قېلىپ ئادەم ئۆلۈش نورمال ئىش ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە سانائەتلىشىش جەمئىيىتى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر بولغان زور سەۋەنلىككە ئايلاندى. 
ھازىر كۆپچىلىك جەمئىيەتتە ھورۇنلارنى بېقىشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ يېرىمى ھۇرۇن بولسىمۇ، بېقىشتا قىلچە بېسىم بولمايدۇ. ئۇلار كۈن بويى چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ، خىزمەت قىلمىسىمۇ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ھېچقانداق روشەن يۈك پەيدا قىلمايدۇ. 
ئۇ چاغدىكى ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدە، ھازىرقى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەگىمۇ قاراش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە پەقەت شىمالىي ياۋروپانىڭ بەزى جايلىرىدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىرىم تۈزۈمى (شەخسىي ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەي، ھەر ئايدا ھۆكۈمەت ھەر بىر كىشىگە مۇقىم سوممىدىكى پۇلنى تارقىتىپ بېرىدۇ، ئادەتتىكى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.) كېيىن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك تۈزۈمگە ئايلىنىدۇ. 
تۇرمۇش شارائىتى، مۇھىت كونتروللۇقىنىڭ ئوخشاش بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇ چاغدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت تەدرىجىي ئوخشاش بولۇپ، ئارازلىق تېخىمۇ ئازىيىدۇ. 
بۇ زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟ ئىنسانىيەت سانائەتلىشىشكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بارلىق ئېتىكىسى ئاغدۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈزلۈكسىز ئاغدۇرۇلىدۇ، مانا بۇ سانائەتلىشىشنىڭ قورقۇنچلۇقىدۇر.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!

-----

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»

ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0