大数跨境

چوڭ بازارنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق پايدىسى بار؟

چوڭ بازارنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق پايدىسى بار؟ Nepkar
2022-05-05
1
导读:چوڭ بازار ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنى، بازار ئىگىلىكىنى كۆرسىتىدۇ، پىلانلىق ئىگىلىك ئەمەس.

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
----
يېقىندا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار ھەققىدىكى يازمىلار تورنى بىر قاپلاندى، بۇنى قانداق قىلغاندا ئاممىباپ چۈشەنگىلى بولىدۇ؟ (بۇ يەرنى بېسىپ «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى قانداق چۈشىنىمىز؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)
پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگىنىمىز، مەلۇم بىر رايوننىڭ ئەمەس، پۈتۈن مەملىكەت قاتلىمىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى يەرلىك قورۇقچىلىقنى بۇزۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت. چوڭ بازار ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنى، بازار ئىگىلىكىنى كۆرسىتىدۇ، پىلانلىق ئىگىلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
نېمە ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىنىدۇ؟ قانداق قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە، كۆپچىلىك ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى سىننى كۆرۈپ چىقسا بولىدۇ.
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
نوپۇسقا ئېلىش تېخىمۇ ئەركىن بولىدۇ
ھازىر بىر قىسىم يېزا ئاھالىلىرىنىڭ شەھەردە نوپۇسقا ئېلىشىنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلىرى بار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش يىل چېكى، ئولتۇراقلىشىش يىل چېكى، ئوقۇش تارىخى قاتارلىقلارغا قارايدىغان بولساق، دۆلەت شەھەرلەرگە نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، كەلگۈسىدە يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى نوپۇسقا ئېلىش سانى كۆپ شەھەرلەردە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە مەبلەغ ياردىمىنى مۇناسىپ ھالدا كۆپەيتىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە مەبلەغ ياردىمىنى مۇناسىپ ھالدا ئازايتىدۇ. بۇلتۇر، دۆلەت دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 3 مىليوندىن تۆۋەن شەھەرلەردە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، شىجياجۇاڭ، كۇنمىڭ، نەنچاڭ، يىنچۈەن، فۇجۇ، جىنەندىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە مەركىزى شەھىرىدە بىۋاسىتە «نۆل ئۆلچەم بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش» يولغا قويۇلدى.
ئىسلاھاتنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ جاينىڭ «نۆل ئۆلچەم بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش»نى باشلاپ، قوشۇمچە ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە قولايلىق تۈرلەرنى قويۇۋېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەسىلەن، پەرزەنت تەربىيەسى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقاندا يۇرتىغا قايتىشنىڭ ھاجىتى بولماسلىق، ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈنۈش مەسىلىسى، يەنە ئۆي سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك.


خىزمەت تېپىشتا شەھەر تاللاشتىن كەسىپ تاللاشقىچە
ھازىر خىزمەت ئىزدەشتە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئالدى بىلەن چوڭ شەھەرلەرنى تاللايدۇ، چۈنكى بۇ شەھەرلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى مۇجەسسەملىگەن، كەلگۈسىدە ھەر بىر شەھەر ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرى ياسىمىچىلىقنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، غەربىي قىسىم رايونلار بايلىققا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا شەرقىي قىسىم رايونلار بايلىق يارىتىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىن ئاشلىق سېتىۋېلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرىدۇ، بۇ شۇ جايدىكى دېھقانلارغا پايدىلىق. ئوخشاش قائىدە بويىچە، شەرقىي رايوننىڭ تەرەققىياتى قانچە تېز بولسا، غەربىي قىسىمدىن سېتىۋالىدىغان ئېنېرگىيە شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن غەربىي رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدە خىزمەت ئىزدىگەندە چوڭ شەھەرلەرگە قىستىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، بەلكىم ئىككىنچى، ئۈچىنچى سەپتىكى كىچىك شەھەرلەر ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ماس كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى شۇ جايدىكى كەسىپلەر باشقا جايلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ.

تېخىمۇ ياخشى مال سېتىۋېلىش تەسىراتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ
ئۇزۇندىن بۇيان شىزاڭ، شىنجاڭ، ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق جايلاردىكى ئىستېمالچىلار توردا مال سېتىۋىلىشتا كىرا ھەقسىز ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۇ جايلارنىڭ ئارىلىقى يىراق، نوپۇس زىچلىقى تۆۋەن، ئەشيا ئوبورۇتى تەننەرقى يۇقىرى. تەننەرخى ئوخشاش بولغان تاۋارلار جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەيلەردە بىر باھا, شىزاڭ، شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇللاردا يەنە بىر باھا شەكلىدە سېتىلىپ كەلدى، كىرا ھەققى مالنىڭ سېتىلىش باھاسىدىن يۇقىرى بولدى. بۇ قېتىمقى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ھۆججەتتە تاۋارلارنى باشقا جايدا، باشقا دۇكانلاردا مال قايتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدىن كېيىن سىز خەينەندىن سېتىۋالغان نەرسىلىرىڭىزنى خېيلۇڭجياڭدىكى ئۆيىڭىزدە تۇرۇپ ئىشىك ئالدىدا ئالماشتۇرۇپ، بىر تۇتاش سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايسىز.

كونكرېت قايسى كەسىپلەر پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟
(1) ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى
ئېلىمىزنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت كۆلىمى زور، لېكىن تەننەرخى يۇقىرى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا، 2021-يىلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %14.7 بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بەزىلەر قۇتا 10 جىڭلىق جياڭيۇ ياكى 20 جىڭ گۈرۈچنى يەنچېڭدىن شاڭخەيگە ئەۋەتكەندە، يەتكۈزۈش ھەق ئۆلچىمى 30 يۈەن بولۇپ، تېز يەتكۈزۈش خىراجىتىلا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پايدا تەننەرخىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى ھۆججەتتە توسۇلغان نۇقتىلارنى ئېچىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتى كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بازار بوشلۇقىنىڭ يەنىمۇ كېڭەيگەنلىكى ۋە تىجارەت تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

(2) سودا
ئىلگىرى ئۆزىمىزنىڭ ياخشى مەھسۇلاتى بولسىمۇ، بەلكىم ئەشيا ئوبوروتى، ھەر قايسى جايلاردىكى بازارلارنىڭ قورۇقچىلىقىغا ئۇچرىشى سەۋەبلىك، پەقەت چەكلىك دائىرىدىلا سودا قىلغىلى بولاتتى، كەلگۈسىدە تۈرلۈك توسالغۇلارنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، كارخانىلار رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىپ، سودا رىقابىتىدە غەلىبە قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە سودا تۈرىدىكى شىركەتلەرگە پايدىلىق، يادرولۇق رىقابەت كۈچى يوق، شۇ جاينىڭ مالىيە تولۇقلىمىسىغا تايىنىدىغان كارخانىلارغا نىسبەتەن پايدىسىز ئەھۋالدۇر.

(3) يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشتا، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئومۇملۇقنى ئىگىلەش. يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش بولسا رەقەملىك ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى. مەسىلەن، 5G، يېڭى ئېنېرگىيەلىك زەرەتلەش تۈۋرۈكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق رېلىسلىق قاتناش، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىقلار. ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش يادرولۇق تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇپ، 2020-يىلى 4 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يېتەتتى، كومپيۇتېر پروگراممىرچىلىقىدا ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ئەڭ زور. ئەگەر سىزنىڭ بۇ تۈرلەرگە مەبلەغ سالغۇدەك پۇلىڭىز بولمىسا، ئۆزىڭىزنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىڭىزنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق يېڭى ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئايلانسىڭىز بولىدۇ.

(4) مۇھىت ئاسراش ۋە قوش كاربون سىياسىتى
ھۆججەتتە مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كەلگۈسىدە بەزى كارخانىلار ئېشىنچە كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى بولسىلا سېتىپ، ئارتۇقچە كىرىمگە ئېرىشەلەيدۇ.
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش كەلگۈسى 20~30 يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ھۆججەت، ئادىل رىقابەتلىشىشكە ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز بولغان بارلىق كەسىپ قائىدىلىرى ئۆزگەرتىۋېتىلىدۇ، بۇ جەرياندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ كەسىپلەر يېڭى تەرەققىياتنى كۈتۈۋالىدۇ.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0