搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ماسك بىلەن بىل گايتىسنىڭ ئۆزئارا تىل ئىمبارگۇسى ئەۋج ئالماقتا!
>
ماسك بىلەن بىل گايتىسنىڭ ئۆزئارا تىل ئىمبارگۇسى ئەۋج ئالماقتا!
Nepkar
2022-05-06
1
导读:بىل گايتىس يېقىنقى پائالىيەتتە يەنىلا تېسلانىڭ پاي چېكىنى بايقۇت قىلغان قىلمىغانلىقىغا ئىجابىي ئىنكا
ئالاھىدە تەۋسىيە:
بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
----
يېقىندا ماسكنىڭ تىۋىتتېرنى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار مۇنازىرە بېسىقماي تۇرۇپلا يەنە باشلاندى. ماسك ئۈستىدىن شىكايەت قىلىد
ىغان يەنە بىر ئاتامان كۆپەيدى. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس بىر قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقاندا، تىۋىتتېرنىڭ كەلگۈسىدە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە «ماسك بۇ خىل ئەھۋالنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.» دېدى.
بىل گايتىس
گايتىس: تىۋىتتېر ماسكنىڭ ئەسلىدىكى مۇسابىقە يولى ئەمەس
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، تىۋىتتېر مۇدىرىيىتى ماسكنىڭ سېتىۋېلىش لايىھەسىنى ماقۇللىدى، شىركەت 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باھا قويۇپ تىۋىتتېرنى ماسكقا سېتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن تىۋىتتېر بىر خۇسۇسىي شىركەت بولۇپ قالدى. ھازىر بۇ سودا يەنىلا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە پايچىكلار يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتمىگەن بولغاچقا تېخى تاماملانمىدى.
يېقىندا، «ۋال سترېت گېزىتى» ئۆتكۈزگەن CEO يىغىنىدا، تېسلانىڭ CEO سى ئېلون ماسك ۋە ئۇنىڭ تىۋىتتېر سۇپىسىنى سېتىۋېلىشقا قارىتا قانداق كۆز قارىشى بارلىقى سورالغاندا، بىل گايتىس ماسكنىڭ تېخىمۇ ناچار قىلىۋېتىش مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئەسلىدىكى مۇسابىقە يولى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
«تېسلا بىلەن SpaceX نىڭ نەتىجىسى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ مەقسىتى نېمە؟» بىل گايتىس ئۆزىنىڭ ماسكنىڭ مۇنبەردە ئېلان قىلغان ۋە تەشەببۇس قىلغان نۇرغۇن سۆزلىرىنى چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىل گايتىس يەنە «ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىغا ئىگە كىشىلەر ساختا ئۇچۇرغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە بەلگىلىك رول ئوينىشى كېرەك، ئەگەر كىشىلەر ئەسلىدىنلا سۇپا رەھبەرلىرىنىڭ قارىشىغا ئىشەنمىسە، ئۇنداقتا سۇپا كىشىلەرنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ ئامالسىز.» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ماسك بىلەن بىل گايتىس ۋاكسىنا ئەملەش ئىشىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان.
كونا-يېڭى تۇنجى بايلارنىڭ «ئۆچ ئاداۋىتى» ئۇزاقتىن بۇيان بېسىقىپ باقمىد، ماسك ئىلگىرى گايتىسنى «ھامىلىدار» بولغان دەپ يوشۇرۇن مەسخىرە قىلغان
ئەمەلىيەتتە، بۇ ماسك بىلەن بىل گايتىسنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا «ئۈستۈنلۈك تالىشىشى» ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا-يېڭى دۇنيادىكى بىرىنچى باي دېگەن نام بۇ ئاداۋەتكە تېخىمۇ قىزىقارلىق تۈس قوشقاندەك قىلاتتى.
ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتمىگەن بىر پارچە پاراڭلىشىش كەسمە رەسىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماسك بىل گايتىستىن تېسلانىڭ پېيىنى بايقۇت قىلىۋاتقان-قىلمىغانلىقىنى سورىغان، كەسمە رەسىمدە بىل گايتىس ئۆزىنىڭ خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈرگەن، كەسمە رەسىمدە ماسك جاۋاب قايتۇرۇپ: «كەچۈرۈڭ، سىز تېسلانىڭ پېيىنى بايقۇت قىلىۋاتقاندا، مەن سىزنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى جەھەتتىكى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىڭىزغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلالمايمەن، چۈنكى تېسلا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئەڭ كۆپ ئەجىر قىلغان شىركەت.» دېگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، بىل گايتىس بۇلتۇر «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئېلونغا تېسلادا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ھېچكىم يېتىشەلمەيدۇ، ئېلوننى تۆۋەن مۆلچەرلەش ياخشى چارە ئەمەس.» بىراق ئۇمۇ تېسلانىڭ يەنە تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تولۇقلاپ ئېيتتى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ماسك تىۋېتتىردا يازما ئېلان قىلىپ، بىل گايتىس بىلەن بىر ھامىلىدار ئەرنىڭ چىراي ئىپادىسىنى سېلىشتۇرۇپ، بىل گايتىسنى مەسخىرە قىلغان.
بىراق، بىل گايتىس يېقىنقى پائالىيەتتە يەنىلا تېسلانىڭ پاي چېكىنى بايقۇت قىلغان قىلمىغانلىقىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرمىغان، لېكىن ماسكنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى ئۇنىڭغا ھېچقانداق قىيىنچىلىق تۇغدۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا 2020-يىلى، بىل گايتىس ئۇنى ئۆزى تېسلا سېتىۋالماستىن بەلكى بىر پورسچى Taycan سېتىۋالغان، دېگەن. تىۋىتتېر ئابونتى: «نېمىشقا بىل گايتىس تېسلا سېتىۋالماي بەلكى Taycan نى سېتىۋالىدۇ؟» دەپ سوئال قويغاندا، ماسك بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «راستىنى ئېيتقاندا، مەن بىلەن گايتىس تېخى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغۇدەك دىيالوگ بولۇپ باقمىدى.» دېگەن
تىۋىتتېر ھەقلىق قىلىنامدۇ؟ سېتىۋالغاندىن كېيىنكى سودا ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ
ماسك 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى باھا بىلەن تىۋىتتېرنىڭ سېتىۋېلىشىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، يېقىندا يەنە يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئادەتتىكى ئابۇنىچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تىۋىتتېر مەڭگۈ ھەقسىز، لېكىن سودا \ ھۆكۈمەت ئابۇنىچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئازراق تەننەرخى بولۇشى مۇمكىن.» دېدى.
گەرچە سېتىۋېلىش تاماملانمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىۋىتتېرنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئاپپاراتلاردىكى ئابونتلاردىن ھەق ئېلىش سىگنالىنى تارقاتقان، ئۇ ئالدىنقى ئايدا يەنە تىۋىتتېرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇشتەرى بولۇش مۇلازىمىتى «Twitter Blue» ئابۇنتلىرى ھەر ئايدا ئۈچ ئامېرىكا دوللىرى تۆلىشى ھەم دەرھال بىر ئىسپات ئىسچوتىغا ئېرىشىشى كېرەك، دېدى.
بۇ سۆزلەر بەلكىم نۆۋەتتىكى تىۋىتتېر ئېلاننى ئاساسلىق پايدا ئېلىش ۋاسىتىسى قىلغان سودا ئەندىزىسىدە ماسك سېتىۋېلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى جاكارلىشى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن كونكرېت يۆنىلىشى قانداق؟ يەنىلا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
تېسلانىڭ CEO سى ئېلون ماسك
سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى Statista نىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى تېۋىتتېردا 329 مىليون ئابۇنىچى بولىدىكەن، تېۋىتتېر شىركىتىنىڭ 2021-يىلىدىكى ئېلان مۇلازىمىتى كىرىمى 4 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، شىركەت ئومۇمىي تىجارەت كىرىمىنىڭ %88.7 نى ئىگىلەيدىكەن.
ھازىر فوربېس تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ماسك 265 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىقى بىلەن دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي ئورنىدا تۇرماقتا، بىل گايتىس 131 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىقى بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز
بۇ يەرنى بېسىپ
مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0