大数跨境

نېمىشقا شارائىتى ياخشىلارنىڭ لايىق تېپىشى تېخىمۇ تەس؟

نېمىشقا شارائىتى ياخشىلارنىڭ لايىق تېپىشى تېخىمۇ تەس؟ Nepkar
2022-05-22
1
导读:ئىقتىسادشۇناسلىقتا دائىم قوللىنىلىدىغان بىر قائىدە بار، ئۇ «%37 قائىدىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
بىز مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىدىيەۋى تەجرىبە ئىشلەپ باقايلى، ئەگەر 100 ئوغۇل ۋە 100 قىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال شارائىتىغا ئاساسەن 0 دىن 100 گىچە نومۇر قويىمىز، ئاندىن نومۇرنى قىز-ئوغۇللارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ كەينىگە چاپلايمىز، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ نومۇرىنى كۆرەلمەيدۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ نومۇرىنى كۆرەلەيدۇ.
ھازىر بۇ قىز-يىگىتلەرنىڭ 10 مىنۇت ئىچىدە ئەركىن جۈپلىشىشىگە چەك قويۇپ، نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
دەسلىپىدە، دۈمبىسىگە 80~90 نومۇر چاپلانغان ئوغۇل-قىز بالىنى ناھايىتى تېزلا باشقىلار ئورىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق تالاشتا قالغانلىقىنى كۆرۈپ، كەينىگە چاپلانغاننىڭ چوقۇم يۇقىرى نومۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ-دە، شۇڭا «ئۆزىنىڭ ئوقۇرىنى ئېگىز قىلىپ» ساقلاپ تۇرىدۇ.
بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار بايا تېخى ئۆزىنى تالاشقانلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن باشقىلار بىلەن جۈپلەشكەنلىكىنى بايقايدۇ. ھازىر پەقەت 50~60 نومۇرلۇق قوغلاشقۇچىلارلا قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار ئۆزىچە «بۇنداق بولسا بولمايدۇ، بايا تېخى شۇنچە يۇقىرى نومۇرلۇقلارغا مەن قوشۇلمىغان تۇرسام، شۇڭا مەن قېپقېلىشقا رازىكى، بۇنداق ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلمايمەن.» دەپ ئويلايدۇ. 


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە كۈتۈپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا 50~60 نومۇرلۇق قوغلاشقۇچىلارمۇ قالمايدۇ، ئاخىر ۋاقىت توشاي دەپ قالغاندا، ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ جۈپلىشىدۇ ياكى ئويۇندىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
يۇقىرىدىكىسى پەقەت بىر ئىدىيە سىنىقى، كۆپچىلىك بەك ئىشىنىپ كەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. لېكىن بىر زىددىيەت بار، ئۇ بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدا شۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت، ھەتتا بىز ئۆزىمىزمۇ دۇچ كېلىمىز. كۆپىنچە «يۇقىرى نومۇرلۇقلار» ئۆزى شارائىتى ئادەتتىكىچە بىر ئوبيېكتقا دۇچ كەلگەندە، ھەمىشە «مەن تېخىمۇ ياخشىسىنى ئۇچرىتالايمەن.» دەپ ئويلايدۇ؛ لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئەندىشىمۇ قىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇچرىغان ئادەم ھازىرقىغا يەتمەسلىكى مۇمكىن.
ئۇلار بىر تەرەپتىن ئىككىلىنىپ، بىر تەرەپتىن پۇشايمان قىلىشتىن قورقىدۇ.
ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئەڭ ياخشى يېشىمنى تاپقىلى بولىدۇ؟
ئىقتىسادشۇناسلىقتا دائىم قوللىنىلىدىغان بىر قائىدە بار، ئۇ «%37 قائىدىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. «%37 قائىدىسى» يەنە «ئەڭ ياخشى توختىتىش نەزەرىيەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر بىر ئىشتا بىر ۋاقىت سۈرئەت نۇقتىسى بولسا، ئالدىنقى %37 ۋاقىتتا سىز چوقۇم قانغۇچە ئىزدىنىشىڭىز، رازى بولغۇدەك بىر تۈرنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك؛ %37 تىن كېيىن، پەقەت ئالدىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى تاللاشقا دۇچ كەلسىڭىز، دەرھال قولغا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك. بولمىسا ئەڭ ئاخىرىدا، سىز ئامالسىز بىر ياخشى بولمىغان تاللاشنى قوبۇل قىلىشىڭىز مۇمكىن. بەزىلەر «نېمە ئۈچۈن  %37 بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ماتېماتىكا ئالىملىرى كومپيۇتېر ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق چىقارغان نەتىجىدۇر.

ھازىر، ئەگەر سىز 100 كۈن ئىچىدە بىر خىزمەت تاپماقچى بولسىڭىز، بەك ئالدىراپ كېتىشنىمۇ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىمۇ خالىمايسىز. سىز ئالدىنقى 37 كۈندە قانغۇچە ئىزدىنىشىڭىز كېرەك، كۆپرەك يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا بارسىڭىز بولىدۇ، لېكىن قارار چىقارماڭ. 37 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، سىز ئالدىدا كۆرگەن خىزمەتتىنمۇ ياخشىراقنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز، دەرھال قولغا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك. بەك قول سالغاندا، يۆنىلىشنى خاتا تاللاپ قېلىپ، پۇشايمان قىلىشى مۇمكىن؛ بەك كېيىن ئالسا، ئۇزۇن ۋاقىت كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا، ئالدىراپ-تېنەپ ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان خىزمەتنى تاللاشقا مەجبۇرى بولۇشى مۇمكىن.
ئوخشاشلا، بۇ نەزەرىيە ئارقىلىق لايىق ئىزدەشكە يېتەكچىلىك قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بىر قىز 18 ياشتىن باشلاپ لايىق ئىزدەپ، 30 ياشتىن بۇرۇن توي قىلىشنى نىشان قىلغان بولسا. ئۇنداقتا، «%37 قائىدىسى» بويىچە، بۇ ئىككى باسقۇچىنىڭ پاسىلى 22.4 ياش بولىدۇ. دېمەك، 22.4 ياشتىن بۇرۇن كۆزىتىش مەزگىلى، ئۇ پەقەت باردى-كەلدى قىلىپ توي قىلماسلىقى، 22.4 ياشتىن كېيىن تەدبىر بەلگىلەش مەزگىلى بولۇشى كېرەك، ئىلگىرى ئۇچراتقانلىرىدىن ياخشى بولغان ئادەم ئۇچراپ قالسا، دەرھال توي قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشى كېرەك.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408