搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئېلون ماسك: «ساراڭلىق» تەلۋىسى
>
ئېلون ماسك: «ساراڭلىق» تەلۋىسى
Nepkar
2022-05-08
2
导读:ئۇ تېخىمۇ ئەقىللىك بولۇپ، يەنىلا ئېنىق ھەم يىراقنى كۆرۈپ قارار چىقىرالايدۇ...
ئالاھىدە تەۋسىيە:
بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
«ساراڭلىق» تەلۋىسى
يىداۋ ماشىنىچىلىقىنىڭ CEO سى جۇ خاڭ
مېنىڭ ئېلون ماسك بىلەن ئازراق تەقدىرداشلىقىم بار. توكلۇق ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ساھەنىڭ ھەممىسىدە ئازتولا بىلىدىغانلىرىم بار.
مەن تېسلانى ئەڭ بۇرۇن سېتىۋالغان ئادەم. 2013-يىلىنىڭ باشلىرى ئىدى، ئۇ چاغدا دۆلەت ئىچىدە ھېچكىم ئۇنى بىلمەيتتى. بۇ تېسلا مەن ئۆزۈمگە سوۋغا قىلغان 40 ياشلىق تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، مەن پۈتۈنلەي بۇ خىل يېڭى ماشىنا ھەيدەش تەسىراتىغا مەپتۇن بولۇپ قالغان ئىدىم. ماشىنىنىڭ ئىچى قۇپقۇرۇق بولۇپ، خوتقا سېلىپلا ماڭغىلى بولاتتى، ماتورنىڭ گۈرۈلدىشى يوق، فىزىكىلىق كۇنۇپكا يوق ...... ھەقىقەتەن بەك سىرلىق ئىدى.
ماشىنىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەن « يېڭىلىق يارىتىشتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەش كېرەك» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يازدىم. ماقالىدە تۆۋەندىكى مەنا ئىپادىلەنگەن:
«بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ئەگەر تېسلا پەقەت "توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ كەلگۈسىنى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولۇش كېرەك." دەپ جار سالغان بولسا، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولامتى؟ ئاندىن ئۇ ئەگەر ئۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىيەلمىسە، باشقا زاۋۇتلارغا ئوخشاش تەييار ماشىنا نۇسخىسىنى ئەكېلىپلا توكلۇق نۇسخىسى قىلسا، ئۇنىڭ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولامتى؟ ئەگەر ئۇ سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىر بولغان توكلۇق ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ياسىسا، مەن پۇل تۆلەمدىم؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! پەقەت تېسلا مېنىڭ ئەندىشەمدىكى توكلۇق ئاپتوموبىلنى ۋايىغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، مەن ئاندىن دادىللىق بىلەن يېڭى تۇرمۇشقا قۇچاق ئاچىمەن. يېڭىلىق تۇيغۇسى بولمىغاچقا، تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىلىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، يەنە بىر ماشىنامنى ھەيدەپمۇ باقمىدىم.»
كېيىن بىلسەم، ئېلون ماسك توكلۇق ئاپتوموبىل ياساپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ نەۋرە قېرىندىشى بىلەن بىللە «قۇياش شەھىرى» دەپ ئاتىلىدىغان پاكىز ئېنېرگىيە تۈرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىكەن. بىر قېتىم مەن «قۇياش شەھىرى»دىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان بىر خىزمەتچى بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇ ماڭا «قۇياش شەھىرى»دە تەتقىق قىلىنىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىش تاختىسىنىڭ توك سائىتىنى تەتۈر ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دېمەك، ئابۇنىچىلار بۇ خىل توك چىقىرىش تاختىسى ئارقىلىق پۇل تېجەپلا قالماي، يەنە ساقلانغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يىغىۋېلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىغا قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، يەنە پۇل تاپالايدۇ.
مېنىڭ ئەينى چاغدىكى ھېسسىياتىم تۇنجى قېتىم تېسلانى ھەيدىگەنگە ئوخشاش ھاياجانلىق ئىدى: ئەسلىدە يەنە مۇنداق قىلغىلى بولىدىكەندە!
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، مەن فلورىدا شىتاتىغا باردىم. كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدە، مەن «قۇياش شەھىرى»دىكى غايەت زور قويۇپ بېرىش جازىسى(发射架)نى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) ۋە قۇياش شەھىرىنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىۋاتقان ھېكايىسىنى ئاڭلىدىم. بۇ چاغدا مېنىڭ تۇيغۇم ھاياجانلىق ئەمەس، بەلكى چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم. مەن كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن ئايرىلىپ نەچچە كۈندىن كېيىن، «بۈركۈت 5-نومۇر» بۇ يەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.
مەنمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلون ماسك دېگەن بۇ ئادەمگە قىزىقىپ قالدىم. مەن ئۇنى ئىككى قېتىم كۆرگەن، بىر قېتىم ئۇ جۇڭگوغا كەلگەندە، يەنە بىرى مەن تېسلاغا بارغاندا. مەن ئۇنىڭدىن «سىز شۇنچە كۆپ ئەسەبىي ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلارنى قىلدىڭىز، ئەجەبا مەغلۇپ بولۇشتىن ئەنسىرىمەمسىز؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ ئىشلارنىڭ مەغلۇپ بولۇش ئېھتىماللىقى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقىدىن خېلىلا چوڭ، مېنىڭ بۇنى قىلىشىمدىكى سەۋەب، بۇ ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەقەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇ مېنىڭ دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەشەببۇسۇم.» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.
مەغلۇبىيەت توغرىسىدا، بۇ ئىلگىرى مەن ئېلون ماسكقا ئەڭ قىزىقىدىغان جاي ئىدى. تېسلادا كەينى-كەينىدىن توسالغۇغا ئۇچراپ، «بۈركۈت 1-نومۇر»نى ئۇدا ئۈچ قېتىم قويۇپ بېرىشتە مەغلۇپ بولۇپ، يەنە پۇل مۇئامىلە بورىنىغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ زادى قانداق بەرداشلىق بەرگەن بولغىيدى؟ ئۇنىڭ جاۋابىنىڭ بۇنداق تەمكىن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.
ھېلىمۇ ياخشى بۇ كىتاب بىزگە تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. بىزگە مەلۇم، ئېلون ماسك بۇ ئىككى يېڭى تۈرنى باشلىغان ۋاقىتتا، ئۇ 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بار ئىنتېرنېت تورى ئاتامىنى ئىدى، ئەمما پۇلىنىڭ يېرىمىنى خەجلەپ بولغاندا، ئىككى تۈردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغان. ئۇ ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، تېسلانى گۇگولغا سېتىپ بەرگىلى تاس قالغان، شۇنداقلا ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ پارچىلىنىشىغا دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭ «ئىگىلىك تىكلەش تۇرمۇشى ئەينەك چايناپ، تېگى يوق ھاڭغا تىكىلىپ قاراشنى كۆرسىتىدۇ.» دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئايالى بولسا «شېكسپېرچە تراگېدىيە» دەپ ئاتىغان.
قەھرىماننىڭ ئاجىز تەرىپى كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلار بولغان بولسا ئاللىقاچان ۋەيران بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئېلون ماسك ھايات قالدىلا ئەمەس، بەلكى كرىزىس ئاستىدا يەنىلا كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇنىڭ ھەمراھى: «ئۇ تېخىمۇ ئەقىللىك بولۇپ، يەنىلا ئېنىق ھەم يىراقنى كۆرۈپ قارار چىقىرالايدۇ، بېسىم قانچە ئېغىر بولسا، ئۇ شۇنچە ياخشى قىلىدۇ، ئۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بارلىق ئىشلارنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭدەك قەيسەر ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغان.» دەيدۇ.
دېمىسىمۇ، ئېلون ماسك ئۇلۇغۋار ئىرادىلىك تەۋەككۈلچى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى سانائەت كەشپىياتى ۋە شىركەت تەشكىلى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ئويلايدۇ، پەقەت سودا مۇۋەپپەقىيىتىنىلا قوغلاشمايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئېلون ماسك جوبىسنىڭ ئىزىنى بېسىپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى مەبۇدىسىغا ئايلاندى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ئۈن-تىنسىز تەسىرلىنىش جەريانىدا ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
بۇنىڭ تەسىرى شۇكى، ئارزۇ يەنە ئازراق تەلۋىلەرچە بولسا بولىدۇ، يەنە ئازراق ئەسەبىي بولسا بولىدۇ ...... پەقەت سىز ئەستايىدىل بولسىڭىزلا.
شۇنىڭ بىلەن، مېنىڭ راستتىنلا ماشىنا ياسىغۇم كەلدى. ئېلون ماسكنى دوراش ئەمەس، مېنىڭچە ئاپتوموبىلدىن ھەمبەھرلىنىش دەۋرى راستىنلا ھەمبەھرلىنىش ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئاپتوموبىلغا ئېھتىياجلىق. ئىلگىرى، مەن ئەڭ كۆپ بولغاندا ئويلاپ باققان، ياكى چوڭ-كىچىك سورۇنلاردا دەپ باققان خالاس. ھازىر، مېنىڭ قىلغۇم بار. راست دەۋاتىمەن، يىداۋ (易到) چىرۈي بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ياساۋاتىدۇ.
قارىماققا رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نۇرغۇن ئارزۇلار ئەمەلىيەتتە ئەستايىدىل بولسىلا، سىزنىڭ دىققەت نۇقتىڭىز ئەمدى «يولغا قويۇشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى» ئەمەس، بەلكى «ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولى»نىڭ نېمىلىكىدىن ئىبارەت بولىدۇ. مەن شۇنى بايقىدىمكى، بۇ بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بىلەن «ئاددىي ئادەم»نىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى.
كىتابتا تىلغا ئېلىنغان بىر تەپسىلات كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. تېسلانى تەتقىق قىلىپ ياساش جەريانىدا باتارېيە ئۈسكۈنىلىرى بەك ئېغىر بولغاچقا، چوقۇم ماتېرىيالدىن قول سېلىپ ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش كېرەك ئىدى. ماسك ئىنژېنېرلاردىن ئاليۇمىننى پولاتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ئەينى چاغدا پۈتكۈل شىمالىي ئامېرىكا رايونىدا ئاليۇمىن ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ تاختايلىرىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتلىرى ساناقلىقلا ئىدى. ئاليۇمىن ماتېرىيالى غايەت زور بېسىم ماشىنىسى ئاستىدا ئاسانلا سوزۇلۇپ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇددى چېكە سىزىقلىرىغا ئوخشاش ئوڭغۇل-دوڭغۇل سىرتقى يۈز ھاسىل بولۇپ، ئۈستى رەڭگىنىڭ تەكشى بولماسلىقىغا سەۋەبچى بولىدۇ. غايەت زور مەشغۇلات قىيىنچىلىقى ئالدىدا، كوللېكتىپ كۆپ قېتىم ماسكقا بۇ ئويىدىن ۋاز كېچىشكە نەسىھەت قىلىدۇ.
ئەمما ماسك بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، قىلچە مۇرەسسە قىلمايدۇ. ئۇ: «مەن بىزنىڭ چوقۇم قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمەن، پەقەت قانچىلىك ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىش مەسىلىسى خالاس.» دەيدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ خىزمەتداشلىرىدىن مەڭگۈ «يولغا قويۇشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى»نى تالاش-تارتىش قىلماي، «يولغا قويۇشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئويلىشىش»نى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسى كەلگۈسىدىكى يىراق مەنزىلدە تۇرۇپ كۆز ئالدىدىكى ئەھۋالغا قاراش بولۇپ، مەلۇم ھالقىش خاراكتېرىگە ئىگە.
بۇ يىل چاغاندىن بۇرۇن، مەن دوستۇم ليەن جاڭ بىلەن بىر مەزگىل پاراڭلاشقان. بىز خېلى پاراڭلاشتۇق. «ئەگەر ئەمدى پەقەت بىرلا ئىشنى قىلغىلى بولسا، سىز نېمە ئىش قىلىسىز؟» مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن، «ئىقتىسادشۇناس بولىمەن. بىر يېڭى ئەندىزىدىكى ئىقتىسادشۇناس بولىمەن.» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ مېنىڭ دوستۇم، ئۇ قىلچە گۇمانلانمىدى، بەلكى ئەستايىدىللىق بىلەن مەن بىلەن نېمىنىڭ يېڭى ئەندىزىدىكى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىكەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى. كىشىلىك ھاياتتا يەنە نۇرغۇن ھەقىقىي قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىساملا، ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كېتىمەن.
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن
كىرىپ
كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408