大数跨境

شۈ جيايىن يۇقىرى قاتلام سىگنالىنى پۇراپ قالدى!

شۈ جيايىن يۇقىرى قاتلام سىگنالىنى پۇراپ قالدى! Nepkar
2022-02-12
2
导读:خېڭدانىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى، جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە بولدى.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
يېڭى يىل باشلىنىپلا، شۈ جيايىن كۈچلۈك ھاياتلىق ئىزدەش ئېڭىنى نامايەن قىلدى. 
يېقىندىلا، خېڭدا 2022-يىللىق قۇرۇلۇش باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، شۈ جيايىن ئامما ئالدىدا: بۇ يىل 70 مىليون كىۋادرات مېتىرلىق بىنانى تاپشۇرۇش ۋەزىپىسىنى چوقۇم ئورۇندايمىز، دەپ جاكارلىدى. 
بۇ قانداق ئۇقۇم؟ 
بۇ ھەر بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە كۆلىمى 110 كۇۋادىرات مېتىر دەپ ھېسابلىغاندا، خېڭدا بۇ يىل 600 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي تاپشۇرۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
«بۇ يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن 200 مىڭ يۈرۈش ئۆينى تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 300 مىڭ يۈرۈش ئۆينى تاپشۇرۇشقا تىرىشىپ، يېرىمدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، يېرىمدىن كۆپرەك ئۆينى تاپشۇرۇشقا تىرىشىمىز!»
نۆۋەتتە، خېڭدانىڭ تەخمىنەن بىر مىليون 300 مىڭ يۈرۈش ئۆيى تېخى تاپشۇرۇلمىغان بولۇپ، شۈ جيايىننىڭ «ھەربىي بۇيرۇقى» خېڭدانىڭ بىر يىل ئىچىدە بارلىق بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تۈرىنىڭ %50 نى تاماملايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
بىز بۇ بىر مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆيگە قانچىلىك ئادەمنىڭ پۇل تۆلىگەنلىكىنى بىلمەيمىز، ئەمما خېڭدانىڭ ئۆينى تاپشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئۆلكە، شەھەردە خېڭدانىڭ تۈر ئۆيىنى تاپشۇرۇش مەخسۇس گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. 
ئۆينى تاپشۇرۇش، بۇ يۇقىرى قاتلامنىڭ تۆۋەن چېكى. 
گەرچە شۈ جيايىن شوئار توۋلاپ جاھاننى بىر ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل 600 مىڭ يۈرۈش ئۆينى تاپشۇرۇش يەنىلا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس. 

ئالدى بىلەن مەبلەغ مەسىلىسى
خۇددى شۈ جيايىن ئېيتقاندەك، بۇلتۇر 6-ئايدىن باشلاپ خېڭدا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئېقىپ كىرىدىغان مەبلىغى يوق دېيەرلىك بولدى، ئۇ پەقەت ئەرزان مۈلۈككە تايىنىپ تىجارىتىنى قامداشقا مەجبۇر بولدى.
داچا سېتىش، ئايروپىلان سېتىشنى دېمەيلا قويايلى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، شۈ جيايىن 500 مىليون يۈەنگە سېتىۋالغان گوللاندىيە شىركىتىنى 14 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا سېتىۋەتتى. 

چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن، شۈ جيايىن ھەتتا شېنجېندىكى جويۆ خوۋخەي مەركىزىدىكى خېڭدانىڭ باش ئىشتابىنىمۇ قايتۇرۇۋەتتى. 
ئەينى يىلى شېنجېنغا كۆچۈپ كىرگەندە، خېڭدا شېنجېن قولتۇقى دەرىجىدىن تاشقىرى باش ئىشتابى تېخى ئىش باشلىمىغان بولۇپ، شۈ جيايىن جويۆ خوۋخەي مەركىزىدىن جەمئىي 20 قەۋەتنى ئىجارىگە ئالغان. 

بۈگۈنكى كۈندە بۇ جويۆ خوۋخەي مەركىزىگە كىرسىڭىز، خېڭدانىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق، زەنجىرىمۇ يوق، ئىچكى قىسمىدا بىرمۇ ئادەم يوق، پەقەت ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان قەغەز قاپ، ئايرىش تاختىسى قاتارلىق نەرسىلەرلا قالغان. 
ھەقىقەتەن «ئىلگىرى قانچىلىك شانلىق بولغان بولسا، ھازىر شۇنچىلىك غېرىبلىق ئىچىدە قالدى.» 

ئۇنىڭدىن قالسا، قەرز مەسىلىسى 
بىر يىل ئىلگىرى، خېڭدا بىلەن شۈ جيايىننىڭ ئىستىقبالى يەنىلا ناھايىتى گۈزەل ئىدى. 
ئويلىمىغان يەردىن، خېڭدانىڭ مالىيە دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر خېڭدانىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 970 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. 
بۇ قانداق ئۇقۇم؟ 
2020-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە ئومۇمىي كىرىمى 18 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، خېڭدانىڭ قەرزى پۈتۈن مەملىكەت مالىيە ئومۇمىي كىرىمىنىڭ ئوندىن بىرىدىن ئېشىپ كەتتى دېگەن گەپ! 
2021-يىلىدىن بۇيان، شۈ جيايىن ئىزچىل «يۇقىرى ئېشىش، كۆلەمنى تىزگىنلەش، قەرزنى تۆۋەنلىتىش»نى توۋلىدى. 
نۆۋەتتە بىر تىرىليون 900 مىليارد يۈەن قەرز ھەر قانداق بىر كارخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر ئاسترونومىيەلىك سان ھېسابلىنىدۇ. 

ئەڭ ئاخىرىدا سودا ئىناۋىتى مەسىلىسى
خېڭدانىڭ مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈپ، 1 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنلىك قەرز مەسىلىسىدە دۆلەت ئىچىدە ئاللىقاچان چوڭ غوۋغا كۆتۈرۈلۈپ، شىركەتنىڭ ئوبرازى چۈشۈپ كەتتى. 
بۇنداق ئەھۋالدا، خېڭدا تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى. 
بىرىنچى، تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ خېڭداغا قارىتا كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، پۇل بولمىسا ئىش قىلمايمىز دەپ قاشقا چىقتى؛ 
ئىككىنچى، ئىستېمالچىلارنىڭ خېڭدانىڭ ئۆيىنى سېتىۋېلىشقا ئىشەنچى بارمۇ-يوق؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.
ئارقىمىزغا قارايدىغان بولساق، خېڭدانىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى، جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە بولدى. 
خېڭدا ئىلگىرىكى يىللاردىكى يەر-زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تايىنىپ، ئۈزلۈكسىز مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئۆزىنىڭ قەرز نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە تەلۋىلەرچە يەر ئېلىپ، بىنا سالدى، بۇنىڭ بىلەن خېڭدانىڭ يەر-زېمىن سودىسى چەكسىز بولدى. 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېڭىيىپ كەتكەن شۈ جيايىن يېڭى كەسىپنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى. 
مەسىلەن خېڭدا پۇل مۇئامىلىسى، خېڭدا ماشىنىسى، خېڭدا تاراتقۇسى، خېڭدا ئىچىملىكى، خېڭدا ساغلاملىقى، خېڭدا ساياھەتچىلىكى، خېڭدا كىنوچىلىقى قاتارلىق 8 چوڭ كەسىپ. 
بۈگۈنگە قەدەر، خېڭدا ئاپتوموبىلى يەنىلا بىر ئاپتوموبىلى ئىشلەپ چىقىرالمىدى، خېڭدا خوجىلىقى ۋە ئاخباراتچىلىقى بولسا، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، مەبلەغ ۋە پۇل يۈرۈشتۈرۈش ھېكايىسىگە ئايلاندى. 
خېڭدا ئىچىملىكىگە كەلسەك، دەسلەپكى ئۈچ يىلدا 4 مىليارد زىيان تارتقان بولۇپ، 2016-يىلى 1 مىليارد 800 مىليون يېسىۋېلەك باھاسىدا سېتىۋېتىلگەن. 

غالجىرانە كېڭىيىش يۇقىرى قەرز، يۇقىرى خەۋپتىن دېرەك بېرىدۇ. 
يەر ئېلىش ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە، بىنا سېلىش ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە، ئاپتوموبىل ياساش ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. 
ئۆي بازىرى بوشاپ كەتسە، ئۆي سېتىلماي قالسا، خېڭدانىڭ مەبلەغ بېسىمى شىددەت بىلەن ئېشىپ، مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلىدۇ. 
نەق پۇل ئۈزۈلۈپ قالسا، مەيلى شىركەت ياكى شەخس ئۈچۈن بولسۇن، ھەممىسى ئاپەت بولىدۇ. 
ئۆي بازىرىنىڭ «پىشاڭ پادىشاھى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، خېڭدانىڭ غالجىرلىق بىلەن پىشاڭ قوشۇش دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
دۆلەت «ئۆينى تۇرالغۇغا ئىشلىتىش، ھايانكەشلىك قىلماسلىق»نى تەكىتلىگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى كىچىكلەپ، يېتىپ پۇل تاپىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى. 

شۈ جيايىننىڭ ھالاكىتى ماڭا جيا يۆتىڭنى ئەسلەتتى. 
2004-يىلى، جيا يۆتىڭ لېشى شىركىتىنى قۇرۇپ، ئۇنى بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ پېيىنى بازارغا سالغان.
2014-يىلى، لېشى تورى 41 مىليارد يۈەنلىك بازار قىممىتى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش تاختىسىدىكى بىرىنچى شىركەتكە ئايلاندى، جيا يۆتىڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەش تاختىسىدىكى تۇنجى باي بولۇپ قالدى. 
تىراگېدىيە بولسا، جيا يۆتىڭ جاڭ جىندۇڭغا ئوخشاشلا، لېشى پۇل تاپمىغان ئەھۋالدا كۆپ مەنبەلىك قارا ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتكەن. 
نەچچە يىلدىن بۇيان، جيا يۆتىڭ ئاتالمىش لېشى ئېكولوگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى: سىن، تەنتەربىيە، كىنو، يانفون، تېلېۋىزىيە، ئاپتوموبىل، بىۋاسىتە تارقىتىش، توردا ئاپتوموبىل چاقىرىش، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار. 
يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە، لېشىنىڭ بازار قىممىتى 200 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، كىشىلەر يەنە بىر ئەلى بابا باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، دەپ قارىغان چاغدا يەر تەۋرىدى. 
2017-يىلى، لېشىنىڭ غايەت زور زىيىنى 13 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، «ئېكولوگىيەلىشىشكە قارشى تۇرۇش» ھادىسىسى يۈز بېرىپ، مەبلەغ زەنجىرى ئومۇميۈزلۈك يىمىرىلدى. 
شۇنىڭدىن كېيىن، نۇرغۇن بانكىلار لېشىنىڭ مۈلكىنى توڭلاتتى، جيا يۆتىڭ ئامېرىكىغا قېچىپ بېرىپ ئاپتوموبىل ياساشقا كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر قايتىپ كەلمىدى. 
شۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئە يەنە بىر كاتتا باي جاڭ جىندۇڭنىڭ جىسمىدىمۇ تەلتۆكۈس ئىپادىلەندى. 

ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، چوڭ ئىستراتېگىيە ئويناشقا بىرىلىپ كېتىش ئىدى، ھەممىسى نەق پۇل ئېقىۋاتقان پولات ئارغامچىدا بالېت ئۇسسۇلى ئوينىغان ئىدى. 
سۇنىڭنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، جاڭ جىندۇڭ سېتىۋېلىش دەۋرىنى باشلىدى. 
ئون يىلدىن بۇيان، جاڭ جىندۇڭ سۇنىڭ يىۋۇ، سۇنىڭ ئەشيا ئوبوروتى، سۇنىڭ پۇل مۇئامىلىسى، سۇنىڭ پەن-تېخنىكىسى، سۇنىڭ ئۆيچىلىكى، سۇنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى، سۇنىڭ تەنتەربىيەسى، سۇنىڭ مەبلەغچىلىكى قاتارلىق سەككىز چوڭ كەسىپ بۆلىكىنى بەرپا قىلدى. 
لېكىن بۇ سەككىز چوڭ بۆلەكنىڭ بىرسىدىمۇ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ. 
كۆپچىلىك بەلكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن، ھەتتا سۇنىڭ ئاساسىي كەسپىدىمۇ زىيان تارتتى. 
يېقىنقى يىللاردا جاڭ جىندۇڭ شەرقىي تامنى چىقىپ غەربىي تامنى ئوڭشىدى، ھە دېسە ھەر تەرەپتىن قەرز ئالدى، تاراتقۇلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، سۇنىڭدىكى نەق پۇل يوچۇقى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. 
2021-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، جاڭ جىندۇڭ پاي چېكىنى سېتىپ، سۇنىڭنىڭ باش مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئايرىلدى. 
مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شۈ جيايىن، جاڭ جىندۇڭ ۋە جيا يۆتىڭنىڭ تىراگېدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. 
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كاپام يەپلا سېمىز بولۇپ، بىر قەدەم مېڭىپ ئۇپۇققا بېرىشنى ئويلايدۇ. 
نەدىمۇ بۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن. 
ئىگىلىك تىكلەش ئاسان، ئىگىلىكنى ساقلاپ قېلىش تەس. 
نۇرغۇن كىشىلەر، مەيلى كارخانا قۇرۇش بولسۇن، مەيلى ئادەم بولۇش بولسۇن، قەدەمنى بەك چوڭ تاشلىماسلىق، بەك چوڭ تاشلىسا ئاسانلا چاتراق يېرىلىپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولىدۇ.
تاماقنى بىر يۈتۈم بىر يۈتۈمدىن يېيىش، يولنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مېڭىش كېرەك. 
ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىش زۆرۈر. 
بۇ سۆزنى بارلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئەستە چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبە: TOP互联网 سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0