搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ۋېيتنام جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟
>
ۋېيتنام جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟
Nepkar
2022-05-08
2
导读:شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ۋېيتنام جۇڭگونىڭ بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئورنىنى ئېل
ئالاھىدە تەۋسىيە:
بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
ۋېيتنام راستىنلا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، كېيىنكى دۇنيا زاۋۇتىغا ئايلىنالامدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ جەھەتتىكى مۇھاكىمىلەردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، يېقىندا ۋېيتنامنىڭ ئېكسپورت مىقدارى شېنجېننىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، بۇ تېما يەنە قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى. ۋىيېتنامنىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئېكسپورت سوممىسى 89 مىليارد 100 مىليون دوللار (584 مىليارد 200 مىليون يۈەن)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.4 ئاشتى، بۇ خىل ئېشىش سۈرئىتى ۋە ئومۇمىي سوممىسى ئۇدا ئۈچ يىل جۇڭگونىڭ ئېكسپورت مىقدارى ئەڭ چوڭ شەھەر شېنجېندىن ئېشىپ كەتتى، شۇنداقلا پەرق يەنىلا داۋاملىق زورىيىۋاتىدۇ. (شېنجېننىڭ 1-پەسىللىك ئېكسپورتى 407 مىليارد 660 مىليون يۈەن بولۇپ، %2.6 تۆۋەنلىگەن). يەنىلا 180 مىليارد يۈەن پەرق بار.
1986-يىلىدىن باشلاپ، ۋېيتنام جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى (改革开放)گە تەقلىد قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش (革新开放)نى يولغا قويۇشقا باشلىدى، بۇ ۋېيتنامنىڭ خەلقئارا بازارغا رەسمىي سىڭىپ كىرگەنلىكى ھېسابلىنىدۇ. 30 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ۋېيتنام خەلقئارا سودا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى. 2021-يىلى ۋىيېتنامنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 668 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيا تاشقى سودىسىدا 20-ئورۇندا تۇردى. ۋيېتنامنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 98 مىليون 200 مىڭ بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكىرى جايلىرىنىڭ 1/14 ىگىمۇ يەتمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تاشقى سودا سوممىسى ئېلىمىزنىڭ 9 دىن بىرىگە يەتتى. ۋېيتنامنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP 1986-يىلىدىكى 100 دوللارغا يەتمەسلىكتىن ھازىرقى 3700 دوللارغا يېتىپ، 37 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. ئوخشاش مەزگىلدە جۇڭگو 300 دوللاردىن بۈگۈنكى كۈندە 12 مىڭ دوللارغا يېتىپ، 40 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.
بۈگۈنكى كۈندە، ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقان ۋىيېتنام يەنە ئۆزىنى ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولدى، پۈتۈن دۇنيادىكى باشلامچى كارخانىلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگودىن ۋيېتنامغا چېكىنىپ زاۋۇت قۇردى، ئامېرىكا بازىرىدىكى ئاياغلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ھەمدە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ۋيېتنامدا پىششىقلاپ ئىشلەندى. ئېلىمىزنىڭ يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق سانائىتى ۋە ئويۇنچۇق يېنىك سانائەت ماگناتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپلا ۋيېتنامغا يۆتكەلدى.
بولۇپمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋېيتنام ۋە ئەتراپتىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قويۇۋېتىشنى تاللىغاندىن كېيىن، ئەسلىگە كەلگەن ياۋرۇپا، ئامېرىكا بازارلىرىنىڭ زاكاس تالونى ۋېيتنامغا كىرىشكە باشلىدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسۈتۈلىشىچە، ۋېيتنامدىكى نۇرغۇن كىيىم-كېچەك كەسپى زاۋۇتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى زاكاز تالونى بۇ يىل 3-پەسىلگىچە ئىگىلەپ بولۇنغان.
ۋيېتنامنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە تېز، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ۋېيتنام جۇڭگونىڭ بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ۋيېتنامغا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشنى خالىشىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئۇ يەردە ئادەم كۈچى تەننەرخى تۆۋەن، ئەمگەك كۈچى مول. 2021-يىلى ۋېيتنامنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق ئىش ھەققىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 1827 يۈەن، خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 2000 يۈەندىن 2400 يۈەنگىچە بولۇپ، نۇرغۇن ۋېيتناملىقلار تالىشىپ ئىشلىگەن. دۆلەت ئىچىگە قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن زاۋۇتلار 5000 يۈەندىن يۇقىرى مائاش بەرسىمۇ ئىشچى قوبۇل قىلالمايدۇ، ياشلار بۇيرۇتما ياكى تېز يوللانما يەتكۈزۈپ بېرىشكە رازىكى، زاۋۇتقا بېرىشنى خالىمايدۇ. كارخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىككىلا دۆلەت قىلالايدىغان خىزمەتتە ئەلۋەتتە ئەمگەك تەننەرخى ئەرزان بولۇشنى تاللايدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ كاساتلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ھازىر ۋېيتنامغا يۆتكەلگەن كارخانا تىپى، ئاساسلىقى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، يەنى كۆپچىلىك دائىم دەيدىغان «باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن زاۋۇتى»، مەڭگۈ ئەرزان باھالىق خىزمەت قىلىدىغان، تېخنىكا تەركىبى يوق ئىش تۈرىنىلا ئاساس قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللىبۇرۇن ئېنىق تونۇپ يەتكەن، ئەگەر تۆۋەن دەرىجىلىك ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش كەسپىدە باشقىلار بىلەن ئۈستۈنلۈك تالاشسا، ئۆزىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ، ھامان بىر كۈنى باشقا دۆلەتلەر ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.
شۇڭا 2013-يىلى ئېلىمىز كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2015-يىلى «جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ 2025-يىلىغىچە بولغان پىلانى»نى ئېلان قىلدى. 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئېلىمىز يۇقىرى سەرپىياتلىق، يۇقىرى بۇلغىمىلىق تۆۋەن دەرىجىلىك ياسىمىچىلىقتىن ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى، ماشىنا ئادەم قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە يۈزلىنىپ، 2025-يىلىغا بارغاندا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بەزى تۆۋەن دەرىجىلىك ياسىمىچىلىقنىڭ جۇڭگودىن چېكىنىپ چىقىشى پەقەت ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ۋېيتنام قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زاۋۇت قۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك ئاساسلىقى يەرلىك ياسىمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئىشسىز قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن مەۋجۇت. لېكىن يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ياسىمىچىلىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار تېخىمۇ بېيىيدۇ، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا بۇ جۇڭگوغا تېخىمۇ پايدىلىق. چۈنكى «باياشاتلىق» سېتىۋېلىش كۈچىدىن دېرەك بېرىدۇ، سېتىۋېلىش كۈچى جۇڭگونىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمىتى تەمىنلىنىدىغان ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن باشقا يەنە يېڭى بازار بار دېگەنلىكتۇر. كەلگۈسىدە، جۇڭگو كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پايدا نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ساتىدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باي ئىستېمالچىلارمۇ بۇ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى سېتىۋالالايدۇ. كەلگۈسىدىكى جۇڭگومۇ ھازىرقى ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش، كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوققىسىدىكى تەتقىق قىلىپ ياساش، لايىھەلەش پۇلىنى تېپىپ، بەزى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىشىگە تاپشۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھازىرقى ئىقتىدار باھا نىسبىتى ئارقىلىق پۇل تاپقانغا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ.
ئۇنداقتا، جۇڭگونىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى بولدىمۇ؟ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىلىرى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قىسىم مۇھىم پەن تەتقىقات تېخنىكىلىرىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. مەسىلەن، تېز زەرەتلەش تېخنىكىسى، 5G، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ ئايروپىلان ۋە ھازىرقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىقلار.
ئاپتوموبىل سانائىتىنى مىسالغا ئالساق، جۇڭگو ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ كۆلىمىنىڭ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئاپتوموبىل سانائىتى، جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئەڭ مۇھىم بىر ھالقا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئورنىنى ئېلىش. 10 يىل بۇرۇنقى چوڭ-كىچىك كوچىلاردا ياپونىيە ئاپتوموبىللىرى ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭدىن قالسا ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ماركىلىرى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك تىپتىكى مىنىبۇسلار ئىدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى ئەگىم يولدا يانداپ ئۆتۈۋاتىدۇ، 2021-يىلىغا قەدەر، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىنىڭ سىڭىش نىسبىتى %20 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە %80 دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار. ئىستېمالچىلارنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا بولغان ئىشەنچىسى كۈنسېرى ئاشتى.
يۇقىرىقى تەھلىل ئارقىلىق، سىز شۇنى بايقايسىزكى، ھازىر ۋيېتنامنىڭ ياساش كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى، 20، 30 يىل بۇرۇنقى جۇڭگو بىلەن نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پۈتۈنلەي بىر دەرىجە ئەمەس. دۆلىتىمىزدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ ۋىيېتنام قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆچۈشى مۇقەررەر، بۇ جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ خارابلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، سىز غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ياسىمىچىلىقنى جۇڭگو، ۋېيتنام ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى خارابلاشتىمۇ؟ ناھايىتى ئېنىقكى ئۇنداق بولمىدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزى ئىش ئورۇنلىرى ۋە ئىش تۈرلىرى تۆۋەن دەرىجىدە بولۇپ، پۇلغا يارىمايدۇ، ھەقىقىي يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىش ئورۇنلىرى ۋە ئىش تۈرلىرى ئاساسەن ئۆز يۇرتىدا قالىدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شۇنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دۆلىتىمىز نېمە ئۈچۈن ھازىر كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ھەممىلا يەردە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ؟ جۇڭگو غەيرەت قىلىدۇ!
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز
بۇ يەرنى بېسىپ
مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0