大数跨境

ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟

ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟ Nepkar
2022-05-01
2
导读:ئىقتىسادشۇناسلىقتا «مەبلەغچىلىكنى تېزلىتىش ئېففېكتى» دېگەن سۆز بار.

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
----
ئىككى يىل ئىلگىرى شېنجېندا 30 نەچچە ياشلىق بىر پىروگراممېر بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھەر ئايدا باجدىن كېيىنكى كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى. قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن شېنجېندىن ئۆي سېتىۋالماقچى بولىدۇ ھەم ئومۇمىي باھاسى 6 مىليون يۈەن بولىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئەمدىلا ئۆي سېتىۋېلىپ، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا شىركەت خادىم قىسقارتىدۇ، بۇ يىگىت بۇ قىسقارتىش تىزىملىكىدە بار ئىدى، ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ، چىقاي دېسە ئاسمان يېراق، كىرىپ كېتەي دېسە يەر قاتتىق تۇيۇلۇپ كېتىدۇ، خىزمىتى بولمىسا ئۆي قەرزىنى قانداق قايتۇرىدۇ؟
بۇ پروگراممېرنىڭ كەچۈرمىشى، ھازىرقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدۇر، بۇ يىل ئىنتېرنېت چوڭ زاۋۇتلىرىنىڭ خادىم قىسقارتىش دولقۇنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قانچىلىك ئادەم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ؟ ئۆي سېتىۋېلىش، ماشىنا سېتىۋېلىشتا قەرز ئالغاندىن كېيىن، ئىشسىز قالغاندا نېمە بىلەن قەرز قايتۇرۇش كېرەك؟ يەنە بىر خىزمەت تېپىش پۇرسىتى قەيەردە؟
ئىقتىسادشۇناسلىقتا «مەبلەغچىلىكنى تېزلىتىش ئېففېكتى» دېگەن سۆز بار. بۇ نېمە دېگەنلىك؟ بىر ئادەمنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتى «مۆلچەرى»گە ئەگىشىپ ماڭىدۇ، ئەگەر سىز بۇلتۇر 100 مىڭ يۈەن، بۇ يىل 200 مىڭ يۈەن تاپقان بولسىڭىز، كېلەر يىلى 300 مىڭ يۈەن تاپىمەن دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا ئالدى بىلەن 500 مىڭ يۈەن خام ماتېرىيال سېتىۋېلىشىڭىز ھەمدە قوشۇننى كېڭەيتىشىڭىز كېرەك، مانا بۇ «تېزلىتىش ئېففېكتى»دۇر.


نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ئاخىرى چىقمايدىغان بىنا بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھەر قايسى شەھەرلەردە شۇنچە كۆپ ئادەم تۇرمايدىغان بىنا بار؟ ئەمەلىيەتتە بۇ يەر مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ ئۈمىدۋار مۆلچەرى، ئالدىن مەبلەغ سېلىشىدىن كېلىپ چىققان نەتىجىدۇر. ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ئوخشاش، ئىلگىرىكى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى ئېشىش باسقۇچىدا، كىشىلەرنىڭ مۈلۈك ۋە كىرىمگە بولغان مۆلچەرى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆپ سوممىلىق قەرز ئېلىپ، ئۆي ۋە ماشىنا سېتىۋالىدۇ.
زىددىيەت شۇ يەردىكى، كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان كۆزلىمىسى ھەمىشە سىزىقلىق بولىدۇ، كىشىلەر ھەمىشە «تۈنۈگۈن قانداق بولغان بولسا، بۈگۈنمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەتىمۇ شۇنداق بولىدۇ!» دەپ قارايدۇ. لېكىن، ھەقىقىي دۇنيا قاراقۇ ۋە كۈل رەڭ كەركىدان بىلەن تولغان. مەسىلەن، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن كەسىپلەر ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، تۈنۈگۈن تېخى ياخشى ئىشلەۋاتقان ئادەم بۈگۈن تۇيۇقسىز ئىش توختىتىش، خىزمەتتىن توختاش، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىش، ئىشتىن بوشىتىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان مۆلچەرىگە زور دەرىجىدە ئۇيغۇنلاشماسلىق كۆرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش قەدىمى قالايمىقانلىشىپ كەتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ نەچچە ئون يىللىق يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى قۇرۇلمىلاشقان تىپ ئۆزگەرتىشكە دۇچ كەلمەكتە، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى كاساتلىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، گاڭگىراپ قالدى. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. بۇ نۇرغۇن ئوتتۇراھال كىرىملىكل قاتلىمىنى گاڭگىرىتىپ قويدى، ئۇلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.


ئىشسىز قالغان كىشىلەرنىڭ داۋاملىق خىزمەت تېپىشى ياكى كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە ۋاقىت كېتىدۇ. مەسىلە شۇكى، ئۇلار ماشىنا ۋە ئۆي سېتىۋالدى، قەرزنى داۋاملىق قايتۇرۇش كېرەك. ئىزچىل ئوتتۇرا كىرىملىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار خېلى كۆپ كىرىم قىلاتتى، ئەسلىدىكى ئۆي قەرزى ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ %30 تىن %40 نىلا ئىگىلەيتتى، نورمال ئەھۋالدا ئانچە چوڭ بېسىم يوق ئىدى، لېكىن ھازىر نەق پۇل ئوبوروتى ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، «قايتا نامراتلىشىپ كېتىش» ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىشكە مەجبۇر بولدى.
ئەلۋەتتە، بۇلار ئالاقە تورى خادىملىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىرى، مائارىپ تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلىرى، تېببىي دورا ۋەكىللىرى، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىرى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كەسپىي دىرېكتورلىرى، شىركەتلەرنىڭ ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلىرى قاتارلىقلار. ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 1-، 2-سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆي سېتىۋالىدىغان ئاساسىي قوشۇن ئىدى، ئەمما ھازىر، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر مۇشكۇلات ئوبيېكتىغا ئايلاندى.
ئىشسىزلارنى قانداق قىلغاندا قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟
تەكلىپىم: كەسىپ ئالماشتۇرسا بولىدۇ، ئەمما ئامال بار ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرماسلىق كېرەك. نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا ھال ئىشسىزلىق نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ تارىيىشىدىن كېلىپ چىققان، گەرچە سىز تۇرۇۋاتقان كەسىپ ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ تېخنىكىڭىزنىڭ ياخشى بولماسلىقى ناتايىن. مەسىلەن، سىز ئىلگىرى ئالاقە تورىدىكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىڭىز، ئەمدى سىز چوڭ ساغلاملىق ساھەسى، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ساھەسىگە بېرىپ ئاممىۋى مۇناسىۋەت خىزمىتى قىلسىڭىز بولىدۇ. سىز كەسپىي بىلىملەرنى تولۇقلىشىڭىزلا بولىدۇ، لېكىن سىزنىڭ ئىش ئورنى بىلىمىڭىز، بولۇپمۇ تەپەككۇر لوگىكىڭىز يەنىلا ئوخشاش.
بۇنداق كەسىپ ئۆتكۈنچى مەزگىلى نىسبەتەن سىلىق، تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. سىزنىڭ بۇ پىكىر يولىنى چىقىش قىلىپ، ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىڭىزنى بويلاپ، يۈكسىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان كەسىپكە چۈشۈپ، كەسپىڭىزنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەلۋەتتە، ئەگەر ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تېپىلمىسا، سىز ئۆز ئەۋزەللىكىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋۋال بىر كىشىلىك ئىش تېپىپ ئىشلەپ، ھېچبولمىغاندا ئائىلىدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلارنى مۇۋاپىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيسىز.
2022-يىلى مېنىڭ بىر سەمىمىي مەسلىھەتىم: ھازىرقى ۋەزىيەتتە يېگىلى قاچىسىدا تاماق بولۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى ھالەتتۇر.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408