大数跨境

ماسكنىڭ زېرىكىشلىك شىركىتى: ھەر كۈنى 11 كىلومېتىر تونىل قېزىش!

ماسكنىڭ زېرىكىشلىك شىركىتى: ھەر كۈنى 11 كىلومېتىر تونىل قېزىش! Nepkar
2022-05-10
2
导读:ئېكران ئالدىدىكى زېرىكىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا نېمە ئىشلارنى قىلىسىز؟ ھاڭۋاقتىلىق؟ چوڭقۇر خىيال سۈرۈش؟ ي

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
كۆپىنچە كىشىلەر بەزىدە زېرىكىپ قالىدۇ، ھالبۇكى ئېكران ئالدىدىكى زېرىكىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا نېمە ئىشلارنى قىلىسىز؟ ھاڭۋاقتىلىق؟ چوڭقۇر خىيال سۈرۈش؟ ياكى كىتاب، گېزىت ئوقۇمسىز؟
لېكىن بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز بىر «زېرىكىشلىك» شىركەت. نۇرغۇن كىشىلەر «ئادەم زېرىكىپ قالىدۇ، شىركەتمۇ زېرىكىپ قالامدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ شىركەتنىڭ ئىنگىلىزچە ئىسمى Boring Company بولۇپ، ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە تەرجىمە قىلساق «زېرىكىشلىك شىركەت» دېگەن مەنىدە، ئۇنداقتا بۇ «زېرىكىشلىك» شىركەت زادى قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ماسك يەنە قانداق ئادەم؟ بۈگۈن بىز ماسكنىڭ ئاجايىپ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ «زېرىكىشلىك» شىركىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. 

1. ئېلون ماسك 
ماسك 1971-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مەمۇرىي پايتەختى پرېتورىيەدە تۇغۇلغان، ئۇ داڭلىق كارخانىچى، ئىنژېنېر، ساخاۋەتچى ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى. شۇنداقلا ئامېرىكا كانادا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە. 
ماسك ئىلگىرى تېسلا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ CEO سى بولغان، ئۇنىڭ Boring Company بولسا بىز ئادەتتە دەۋاتقان «زېرىكىشلىك شىركەت» دەل تېسلا قارمىقىدىكى بالا شىركەت. ھەربىر شىركەتنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى بولىدۇ، ئەمما قانداق كارخانا مەدەنىيىتىگە ئىگە بولۇش ناھايىتى زور دەرىجىدە باش مۇدىرنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق. 
ئۇنداقتا ئېلون ماسك قانداق ئادەم؟ 

ماسك كىچىكىدىنلا ئىلىم-پەنگە ئىنتايىن ھېرىسمەن بولۇپ، 10 ياش چېغىدىلا پىروگرامما تۈزۈش تېخنىكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. 12 يېشىدا ئۆزى يالغۇز بىر ئويۇن يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، بۇ يۇمشاق دېتالغا تايىنىپ ھاياتىدىكى تۇنجى پۇلنى تاپقان. 
كېيىن خۇددى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى ئەر باش پىرسۇناژلارنىڭ تىياتىرلىق ھاياتىغا ئوخشاش، كىچىكىدىن تارتىپلا ئەلاچى بولغان ماسك سىتانفورد داشۆسىگە ئۆتكەن، ئەمما كىشىلىك ھايات ئۈچۈن غايە ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغان. ماسك تېسلانىڭ باش CEO سى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىشىلەر دائىم تىلغا ئالىدىغان ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش شىركىتى SpaceX شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى. 

ماسكنىڭ خېلى بۇرۇنلا مارسقا كۆچۈش ئۇلۇغۋار پىلانى باردەك قىلاتتى، ئۇ قۇرغان بۇ شىركەتمۇ ئىزچىل تۈردە بۇنى ئاخىرقى نىشان قىلىپ كەلگەنىدى، شۇڭا ماسك ھەتتا ئۆزىنىڭ بارلىق ئۆي-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، شىركەتنىڭ تېخنىكا تەتقىقاتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان. 
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 2019-يىللىق يەر شارى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىدا، ما يۈن بىلەن ماسكنىڭ سۆھبىتىدە ماسك ئىزچىل ھالدا كەلگۈسى تېخنىكا ئۈستىدە توختالغان، يەنە كەلگۈسىدىكى تېخنىكا ئارقىلىق نېمە ئىش قىلىشقا بولىدۇ؟ بۇنىڭدىن ماسكنىڭ بىر غايىچى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر پارچە يۇلتۇزلار دېڭىزى بار. 

2. Boring Company 
«زېرىكىشلىك شىركەت (Boring Company)» ماسك تېسلا شىركىتى قارمىقىدىكى بالا شىركەت، بۇ شىركەتنى قۇرۇشتىكى مەقسەت شەھەرلەردىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ياخشىلاش مەسىلىسى ئىدى، ماسك ئەڭ دەسلەپتە يەر يۈزىگە ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدىغان قۇرۇلما ئورنىتىش، ئاندىن ئاپتوموبىل بۇ قۇرۇلمىلارغا توختىتىپ قويغاندا، بۇ قۇرۇلمىلار لىفىتقا ئوخشاش يەر ئاستىغا چۈشۈپ، ئاندىن يەر ئاستىدىن تونېل قېزىش ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە توشۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 
زېرىكىشلىك شىركەت تونىل قېزىش ئۈچۈن لايىھەلىگەن تونىل قېزىش ماشىنا ئادىمىنىڭ ئىسمى Prufrock بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بىرىنچى ئەۋلاد مەھسۇلاتنىڭ قېزىش سۈرئىتى ھەپتىسىگە 250 مېتىر ئەتراپىدا بولغان، ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان ئۈچىنچى ئەۋلاد مەھسۇلاتىنىڭ قېزىش سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈنىگە 11 كىلومېتىرغا يەتكەن. 


3. «زېرىكىشلىك»، لېكىن «كېرەكسىز» ئەمەس
«زېرىكىشلىك» شىركەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە خېلى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2018-يىلى 11-ئايدا، لوس ئانجىلىسقا جايلاشقان تۇنجى تونېل تۇتاشتۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 12-ئايدا سىناق تاماملانغان. 2019-يىلى، «زېرىكىشلىك» شىركەت كالىفورنىيەدە بىر مەيدان قىزىقارلىق مۇسابىقە ئۆتكۈزدى، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.8 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇرۇقلۇق ۋە «زېرىكىشلىك» شىركەت قازغان تونېلدا مۇسابىقە ئۆتكۈزدى، نەتىجىدە تونېلدىكى ماشىنىلار بىر مىنۇت 36 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن ئاسانلا غەلىبە قىلدى، بۇمۇ يەنە تەرەپتىن تونېل قېزىشنىڭ قولايلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. 
دۆلىتىمىز دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەلكىم نۇرغۇن كىشى «ئەتىگەنلىك قاتناش يۇقىرى ۋاقتى»، «كەچلىك قاتناش يۇقىرى ۋاقتى»نىڭ چەكسىز قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن، 2019-يىلى 8-ئايدا، ماسكمۇ جۇڭگودا تونېل قېزىش پىلانىنى ئېلان قىلدى، ئەگەر بۇ پىلان روياپقا چىقسا، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ قىستاڭچىلىق ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. 


ماسكنىڭ تونېل قېزىش ئۇلۇغۋار پىلانى پەقەت تىرانسپورت ئاپتوموبىلى بولۇپلا قالماي، يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى پويىز يولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جايلار ئارىسىدىكى يەتكۈزۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا سائىتىگە 200 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. «زېرىكىشلىك» شىركەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نىشانى 30 قەۋەتلىك ھەيۋەتلىك يەر ئاستى تونېلى ياساش بولۇپ، سائىتىگە 5050 يولۇچى توشۇيدۇ. 

خۇلاسە 
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ماسك دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ «باي ئەمما شەپقەتسىز ئەمەس»، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ئۈچۈن تەييارلانغان تەييارلىق. 
بەزىلەر ماسكىنى نوقۇل سودىگەر ئەمەس، بەلكى خىيالپەرەس دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ «زېرىكىشلىك» شىركىتىمۇ مېنىڭچە زېرىكىشلىك ئەمەس، بەلكى چۈشنى رىئاللاندۇرىدىغان زاۋۇت. 

ئارزۇ قوغلاشقۇچى ھەر بىر ئادەم ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك، ماسك تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك، بىز ئۇ ۋە ئۇنىڭ «زېرىكىشلىك» شىركىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلىپ، دۇنياۋى ئۇلۇغۋار پىلاننى بالدۇرراق بەرپا قىلىشىغا چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز، دوستلار سىلەرچىچۇ؟ 
---
تۆۋەندىكى يازمىغا قىزىقامسىز؟
سوئال: ماسك زادى كىم؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا تىۋىتتېرنى سېتىۋالىدۇ؟ بۇ قېتىملىق سېتىۋېلىش سودىسىنىڭ كەينىگە زادى قانداق غەرەز-مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان؟... 
 ئەگەر بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ!
---
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0