大数跨境

چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ئادەتتىكى ئادەملەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ئادەتتىكى ئادەملەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ Nepkar
2022-05-10
0
导读:يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلار خادىم ياللاپ ئىشلەپچىقىرىش، ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ....

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
ئارىدىن 14 يىل ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى يەنە باشلاندى.
يېقىندا يۇقىرى قاتلام مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىدا: «ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.» دەپ تەكىتلەندى، يەنى بىز دەۋاتقان چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت. نېمە ئۈچۈن ھازىر يەنە چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟ بۇ قېتىم قانداق ئوخشىماسلىق بار؟ ئادەتتىكى ئادەملەرگە قانداق تەسىرى بار؟
كۆپچىلىك شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى دەرىجىلىك يۇقىرى قاتلام مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنى 2018-يىلىدىن ھازىرغىچە، ھەر قېتىملىق تەتقىقات مەزمۇنى جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئىنتايىن مۇھىم يۆنىلىش كۆرسىتىپ كەلمەكتە، مەسىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش، ئورتاق بېيىش قاتارلىقلار، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ يىغىندا تارقىتىلغان ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ چۈشەنسەكلا، دۆلەتنىڭ كېيىنكى سىياسەتلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنى چۈشىنەلەيمىز. 
دۆلەتنىڭ بۇ چاغدا ئاساسىي قۇرۇلۇشنى يەنىمۇ زورايتىشىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە سەۋەب شۇكى، ھازىر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي بېسىمى ئېغىر. 1-پەسىلدە GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشقان بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان %5.5. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەر يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ قايتا قوزغىلىشىغا دۇچ كەلدى، خەلقئارادا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ توقۇنۇشى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇپ مۈلۈك-قەرز جەدۋىلىنى قىسقارتىشى سەلبىي تەسىر پەيدا قىلدى، بۇلار جۇڭگونىڭ ئېكسپورتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. ئېكسپورت مۇقىم بولمىسا، ئىچكى ئىستېمالمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، 3-ئايدىكى ئىستېمال ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 تۆۋەنلىگەن، بۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور تۆۋەنلەش نىسبىتى بولۇپ، ئىستېمالنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئېكسپورتمۇ، ئىستېمالمۇ جانلانمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، مەبلەغ سېلىشقا تايىنىپ، چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشنى كۈنتەرتىپكە قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. 

بىر نەچچە كۈندىن كېيىنكى «429» سىياسىي بىيۇرو يىغىنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قۇرۇلۇشنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ، يېڭى-كونا ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئۆستۈرۈشنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق دەرىجىدە ئالدىغا ئۆتۈپ مەبلەغ سېلىشنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىنىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «سىياسىي بىيۇرونىڭ 429 يىغىن تەھلىلى: سىياسەت چوڭ يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
كۆپچىلىك بىلەمسىلەر؟ يۇقۇم كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى دۆلەت ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ، قارىغۇلارچە مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ، دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەن ئىدى. ھازىر چوڭ بۇرۇلۇش بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئالدىن مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەكىتلەندى. كونا ئاساسىي قۇرۇلۇشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۆي-مۈلۈك كەسپىمۇ پايدىلىق پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى «شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىش»تىن بىۋاسىتە ھالدا جايلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللاشقا ئۆزگەردى. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار يولغا قويغان ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، سېتىۋېلىشقا، سېتىشقا چەك قويۇش قاتارلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن، ئەھۋالنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن، سىياسەتنىڭمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
بۇ قېتىمقى يىغىندا يۇقىرى قاتلامدىكىلەر «زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش.»نى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. بۇ ئىككى جۈملە سۆزدىن بۇ قېتىمقى چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرىنى بىلىشكە بولىدۇكى، «دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»قا ئاساس سېلىش. 
ئۇنداقتا، زامانىۋىلاشتۇرۇش دېگەن نېمە؟ 
بۇ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىرى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشى
يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش گەرچە يەنىلا ئەسلىدىكى تاشيول، تۆمۈريول، كۆۋرۈك قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسىمۇ، لېكىن يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يادرولۇق ساھە قىلغان يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش بار، مەسىلەن، 5G، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىم، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىقلار، مەسىلەن، 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرغاندىلا، ئاندىن 5G ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. ئاساسىي پونكىت ۋە ئۆزەك بولسىلا، ئاپتوماتىك ئادەمسىز ھەيدەش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G يانفون قاتارلىقلارمۇ يېڭى بازارغا ئىگە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاخىرىدا زور بىر تۈركۈم بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كارخانىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. 


ئىككىنچى، ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشىشى
ئىلگىرى چەت، يىراق رايونلاردا يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش ئارقىلىق مەركىزىي رايون بىلەن بولغان ئارىلىق قىسقارتىلىپ، چەت، يىراق رايونلارنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەممە ئادەمنى رەقەملىك تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بەھرىمەن قىلىش ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، يىراقتىن داۋالاش، ئادەتتىكى دوختۇرخانىلاردىمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى داۋالاشنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى قاتناش، يانفوندا ئاممىۋى قاتناشنىڭ ئەمەلىي ئورنىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا قولايلىق بولىدۇ، ۋەھاكازالار. 
بەزىلەر: «بۇ قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئاساسىي قۇرۇلۇشنى باشلاش ئۈچۈن يەنە 2008-يىلىدىكى 4 تىرىليون يۈەنلىك كونا يولدا مېڭىشقا توغرا كېلەمدۇ؟» دەيدۇ. 
دېمەك، بۇ قېتىمقى چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ ئىككىنچى ئوخشىماسلىغىغا كەلسەك، بۇ قېتىمقى يىغىندا مالىيە ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش يېتەكچى، پۇل ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش قوشۇمچە قىلىنىدۇ، يەنى بۇ قېتىم دۆلەت باستۇرۇپ سۇغىرىش ۋە قارغۇلارچە قوزغىتىشتەك كونا يولدا ماڭمايدۇ، دېگەن ئېنىق سىگنال بېرىلدى. 
چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ 
جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال، چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قانداق تۈرتكە بولغانلىقىنى چۈشىنىپ ئۆتەيلى. 
يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسىنى مىسالغا ئالساق، ئالدى بىلەن پولات ماتېرىياللىرى، سېمونت قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ-دە، بۇ ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، قۇرۇلۇش لايىھەلەش، چارلاش، ئەشيا ئوبوروتى، تىرانسپورت، ئارقا سەپ تەمىناتى قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ.
بۇ تۈرلەرنى ئېلىپ بارغاندا، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلار خادىم ياللاپ ئىشلەپچىقىرىش، ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇ كىشىلەر خىزمەت ۋە كىرىمگە ئىگە بولغاندىلا ئاندىن ئىستېمال قىلالايدۇ
ئىستېمال باشلانسىلا، يەنە باشقا ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىجتىمائىي سېتىۋېلىش كۈچى قايتىدىن كۈچىيىدۇ، ئىجتىمائىي بايلىق قايتىدىن توپلىنىدۇ، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ ئىچكى ئېھتىياج بازىرى جانلىنىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ. چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ پايدا زور مىقداردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىككىنچىدىن، كاپىتال بازىرىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، دەۋرنىڭ پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ
ئەگەر سىزدە يېتەرلىك مەبلەغ ياكى بايلىق بولسا، بۇ قېتىمقى يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش مۇسابىقە يولىنى چۆرىدەپ، كەسىپتىكى باشلامچى شىركەتلەرنى بايقاپ مەبلەغ سېلىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان مۇنەۋۋەر شىركەتلەرنى سىز ئۈچۈن پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ پايدىسىدىن ۋاسىتىلىك بەھرىمەن بولالايسىز. 

ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ قېتىمقى يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن، ھازىر خەينەن ئۆلكىسىدە بارلىققا كەلگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش سىگنال چىرىغى يول ئېغىزىدىكى ئاپتوموبىل ئېقىمىغا ئاساسەن ھەر ۋاقىت تەڭشەپ قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى بېكىتىدۇ، يەنە چوڭ سانلىق مەلۇمات تورى بار، بىر يانفون ئارقىلىق نۇرغۇن ئىشلارنى بېجىرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ماشىنا ئادەم باشقىلارنىڭ ئورنىدا «جاپالىق، مۇشكۇل، مەينەت، خەتەرلىك» ئىشلارنى قىلالايدۇ. 
ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن جۇڭگو يەنە بىر قېتىم چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشنى باشلىدى، بۇ يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، بۇ چوڭ يۈزلىنىش ئاستىدا، ھەر بىر ئادەم كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشى كېرەك، ئەگەر مۇشۇ مەزگىلدە، چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ دەۋر پايدىسىنى كۆرەلىسە، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408