بىلىش ئېشىندىسى دېگەن نېمە؟
ئالاقە تورى قورالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ھەمكارلىشىش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، كىشىلەرنىڭ ئەركىن ۋاقتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇنى بىر خىل بايلىققا ئايلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ئەمەلگە ئاشتى، بىز ئۇنى «بىلىش ئېشىنچىسى» دەپ ئاتايمىز.
ئەگەر بىر توپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ بىلىش ئېشىندىسىدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق تۆھپە قوشماقچى بولسا، پەقەت ئۇلارنىڭ ئىش قىلىشتىكى ئىچكى مۇددىئاسىغىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، مۇكەممەل ھەمكارلىق مېخانىزمىغا ئىگە توردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. توردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا قوللىنىلىدىغان «مەركەزسىزلەشتۈرۈش»تەك ھەمكارلىشىش شەكلى ئەنئەنىۋى سودا ئەندىزىسى، كارخانىلارنىڭ تەشۋىقات تاكتىكىسى ۋە شەخسنىڭ تەرەققىيات يولىغا يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ.
بىرىنچى، «بىلىش ئېشىنچىسى»نى پەيدا قىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرى
نۆۋەتتىكى جەمئىيەتتە، «بىلىش ئېشىندىسى» بىر خىل بايلىققا ئايلىنالايدۇ، بۇ ئىككى شەرتنى قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك، يەنى كىشىلەردە يېتەرلىك بىلىم قۇرۇلمىسى، خاس ماھارىتى شۇنىڭدەك ئىش قىلىشتىكى ئىچكى مۇددىئاسى بولۇشى ۋە ئالاقە تورى ھەمكارلىق قورالىنىڭ بارلىققا كېلىشى كېرەك.
(1) كىشىلەردە ھەقىقەتەن «خالىس تۆھپە قوشۇش»تەك ئۆزىنىڭ ئەركىن ۋاقتىدىن پايدىلىنىش ئىچكى مۇددىئاسى بولىدۇ
كىشىلەرنىڭ ئىش قىلىشتىكى ئىچكى مۇددىئاسى ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، قىزغىن سۆيۈش، يەنە بىرى، ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىش. بىر ئادەم ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى چۈشەندۈرەلەيدىغان ۋە ئېتىراپ قىلدۇرالايدىغان بولغاندا، ئۇنىڭدا چىن كۆڭلىدىن قانائەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.
دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى مۇنبەرنى مىسالغا ئالساق، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ رومانلىرىنى ھەقسىز تورغا چىقىراتتى. مۇنبەردە ئەسەر يېزىشتا ئاپتورغا ھېچقانداق ھەق بېرىلمىسىمۇ، لېكىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۇنىڭ توختىماي ئەسەر يېزىشىغا ئىلھام بېرىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىدى.
(2) ئالاقە تورىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ئۇچۇر خالىغان تور تۈگۈنلىرى ئارىسىدا قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلەلەيدىغان بولدى
ئىنتېرنېت تورى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئۇچۇرنىڭ يۆتكىلىشى تېلېۋىزور، رادىيو، گېزىتكە ئوخشاش ئەنئەنىۋى تاراتقۇلارغىلا تايىناتتى. بۇ ئەنئەنىۋى تاراتقۇلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ تاق يۆنىلىشلىك مەزمۇن چىقىرىش، خېرىدار پەقەت پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلسىلا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ چاغدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كىشىلەرگە كەسپىي تاراتقۇ خادىملىرى ئىشلىگەن مەزمۇنلارنىلا تارقىتاتتى. ئىنتېرنېت تورىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇچۇرنىڭ يۆتكىلىشى يەككە يۆنىلىشتىن قوش يۆنىلىشكە ئۆزگەردى، ئابۇنىچى ھەم مەزمۇن ئىستېمالچىسى، ھەم مەزمۇن ئىشلەپچىقارغۇچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتكۈل ئالاقە تورى ئېچىۋېتىلگەن قۇرۇلما بولۇپ، ھېچقانداق شىركەت ياكى ئاپپاراتقا تەۋە ئەمەس ئىدى. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا سىز مەيلى تېڭشۈننىڭ CEO سى بولۇڭ ياكى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچى بولۇڭ، توردا باراۋەر ھالدا ئاۋاز چىقىرالايسىز.
ھازىر ئالاقە تورى تۇرمۇشىمىز بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولۇق. شۇڭا ماشىنا ساقلاش، ئادەم ساقلاشتەك پارچە-پۇرات ۋاقىتلاردىنمۇ پايدىلانغىلى بولىدۇ، ھەمكارلىشىشنىڭ شەرتى ۋە تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

ئىككىنچى، توردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان سۇپىنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟
ئەگەر بىر توپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ «بىلىش ئېشىندىسى»نى داۋاملىق تەقدىم قىلماقچى بولسا، بىر يۈرۈش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى لايىھەلەشكە توغرا كېلىدۇ. خۇددى بىر تۈپ دەرەخ تىكىش ئۈچۈن تۇپراق ۋە ئۇرۇق بولسىلا كۇپايە بولغىنىدەك، ئەمما كۆچەتنىڭ ياخشى ئۆسۈشى ئۈچۈن بىر يۈرۈش ئېكولوگىيەلىك سىستېما بولۇشى كېرەكلىكىدەك. بۇ ئېكولوگىيەلىك سىستېما «توردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان سۇپا» دەپ ئاتىلىدۇ. توردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان سۇپا قۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك.
(1) دەسلەپتە كىچىك نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، سۇپا تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنىڭ كېرەكلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «كېرەكلىك» مۇلازىمەت خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك، ئەگەر تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ساختا ئېھتىياجنى چىقىش قىلسا، بۇ سۇپىدا تىجارەت قىلىش ناھايىتى تەس بولىدۇ. شۇڭا، بۇ جەھەتتە ئالدى بىلەن ئۈندىدار سالونى، سىنقانال ياكى دوۋيىن قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم ئاساسىي ئېقىمنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ.
(2) بىر يۈرۈش ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى سىجىل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك
كىشىلەر گەرچە ئالاقە تورى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىش ئېشىندىسىدىن بەھرىلەنسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل جەريان ئېنىقسىزلىققا تولغان، نېمىلا دېگەن بىلەن تورداشلار بەھرىلىنىشنى خالىمىسا بەھرىلەنمىسىمۇ بولىدۇ، بىزمۇ ئۇلارنى مەجبۇرلىيالمايمىز. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سۇپىدا بىر يۈرۈش ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى لايىھەلەپ، خېرىدارلارنىڭ ئىچكى مۇددىئاسىغا ماسلىشىش ئارقىلىق سۇپا مۇلازىمىتىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
كلاير شوكى «قايتما ئىنكاس مېخانىزمى ئورنىتىش»نى «پۇرسەت ئارقىلىق يېتەكلەش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان، يەنى ئابۇنىچىلارنىڭ ئىچكى مۇددىئاسىنى جاۋابقا ئېرىشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئابۇنىچىلارنىڭ سىجىل ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بىز ئىلگىرى مۇزاكىرە قىلغان ئىچكى مۇددىئا بىر ئىشقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت ۋە تونۇش تۇيغۇسىغا بولغان ئىنتىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى داۋاملىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ.
(3) مۇلازىمەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنى تېز سۈرئەتتە ئەلا مۇلازىمەتكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك
بىر سۇپا خېرىدارلارنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، خېرىدارلارغا باشتىن-ئاخىر ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ئۈندىدار سالونى ۋە دوۋيىن قاتارلىقلارنىڭ بوسۇغۇسى ناھايىتى تۆۋەنلەپ، پەقەت كۇنۇپكا تاختىسى باسالايدىغان ياكى تېلېفوننى نورمال ئىشلىتەلەيدىغانلا ئادەمنىڭ ھەممىسى سالون قۇرالايدىغان، دوۋيىن تىزىملىتىپ ماڭدۇرالايدىغان بولدى.
ئەمما ئاشۇ كۆپلەپ بارلىققا كەلگەن سالون، دوۋيىنلارنىڭ ھەممىسى بىزگە نەپ بېرەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى ئاشۇ سالوننى قۇرغان ياكى دوۋيىن ماڭدۇرغان ئادەمدە چوقۇم بەلگىلىك بىلىم قۇرۇلما، ساپا ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ تارقىتىۋاتقان ئۇچۇرىنىڭ ئەتراپتىكىلەرگە ئاكتىپ ئېنىرگىيە، پايدىلىق بىلىم بولالايدىغانلىقىنى ئىلغىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. بىراق، بۇنداق تەلەپنى ھەر قانداق ئادەمگە قويغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى سۈپەتلىك مەزمۇن ئىشلەپچىقارغۇچىلارلا بۇ تەلەپلەرنى قانائەتلەندۈرەلىشى مۇمكىن.
ھازىر قارايدىغان بولساق دوۋيىندىن نىسبەتەن ئۈنۈملۈك پايدىلانغۇچىلارنىڭ بىرى غايە مائارىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلاجان بولسا كېرەك. ئابلاجاننىڭ دوۋيىندىن كىرىم قىلىش ئەندىزىسى ھەققىدە كېيىنچە يەنە مەخسۇس يازمىدا توختىلىمىز، ھازىرچە بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمايمىز.
ئۇنداقتا، دوۋيىندا يېتەرلىك ئەگەشكۈچى بولسىلا پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ، دوۋيىن ياكى سالون پەقەت بىر بوسۇغا بولۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ، ئۇ پەقەت بىر «دەرۋازا» خالاس، يېتەرلىك ئەگەشكۈچى يىغقاندىن كېيىن سىزدە بىر «مەكتەپ» ياكى «بازار» بولۇشى كېرەك. بۇ «مەكتەپ» ياكى «بازار»نى قەيەرگە قۇرۇش كېرەك؟ ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازارغا قۇرساق بولامدۇ؟ ياكى قەشقەردىكى ھېيتگاھقا قۇرساق بولامدۇ؟ بەلكىم بولۇشى مۇمكىن، ئەمما دوۋيىن ۋە سالوندىكى ئەگەشكۈچىلەر توردا بولغاچقا، ئۇلارغا ئەڭ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن يەنىلا بۇ «مەكتەپ» ۋە «بازار»نى يەنىلا توردا قۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىقتىدارى كۈچلۈك، كىرىم يارىتىش جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان سىستېما بولۇشى كېرەك. بۇنداق ئىقتىدارنى ھازىرلىغان سۇپا ھازىر گەرچە خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئىشنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقىنى ئويلاشقاندا بۇنداق سىستېمىنى خالىغانچە تاللاشقا بولمايدۇ، چوقۇم ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش كېرەك.
بۇ جەھەتتە مېنىڭ سىستېما تاللاش جەريانىمدىن ئازراق ھەمبەھرلەنگۈم كېلىۋاتىدۇ:
مەن بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك سىستېما بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئودا ئۈچ ئاي توردىن تاللاش ئوبيېكتى بولالايدىغان ھەر خىل سىستېمىلارنى بىرمۇ بىر سىناق قىلىپ، ناھايىتى كۆپ ئىزدەندىم. بەزى سىستېمىلار قارىماققا دەماللىققا ئېھتىياجنى قاندۇرالايدىغاندەك قىلغان بىلەن ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىش ياكى سىجىل تەرەققىياتلىق ئېھتىياجنى قاندۇرۇش جەھەتتە چەكلىمىلىككە ئىگە ئىدى. ئۆزۈم ئەسلىدىنلا تور تېخنىكىسىنىڭ ئىچكى لوگىكىسىنى چۈشىنىدىغان بولغاچقا، باشقىلارغا قارىغاندا بۇ جەھەتتە ئېنىقلا كەسپىيچانلىققا ئىگە ئىدىم.
مەن ئۈچ ئاي ئىزدىنىش، سىناق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى نىشانىمنى شياۋئېتۇڭ (ئوماق غاز) سىستېمىسىغا تىكتىم، ئەلۋەتتە، بۇ سىستېما ئەڭ دەسلەپتە بىزنىڭ يېزىقىمىزنى قوللىمايتتى، مەن ئۈچ ئاي ھەر خىل سۇپىلارنى سىناش جەريانىدا شۇ سۇپىنى تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ بىزنىڭ يېزىقىمىزنى قوللاش ئىمكانىيىتى بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈردۈم، ئاساسەن ھەممىسىدە رەت قىلىنىپ، پەقەت شياۋئېتۇڭدىن ئازراق ئۈمىدنى كۆردۈم، ئۇلار دەسلەپكى قەدەمدە يېزىقىمىزنى قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بەردى (ئەلۋەتتە ھازىرغىچە يېزىقىمىزنىڭ ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى يوق، ئەمما بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ بولماسلىقى بىزنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىزغا چوڭ تەسىر يەتكۈزمەيتتى.) كېيىن داۋاملىق سىناش ئارقىلىق بەزىبىر تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەندىن كېيىن ئۇلار مۇۋاپىق تەكلىپ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلدى ھەم شۇ بويىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى، مانا مەن ئۈچ يىل بولۇپتۇ، بۇ سىستېمىنى ئىزچىل ئىشلىتىپ پايدىلىنىپ كېلىۋاتىمەن.
ئۈچ يىلدىن بىرى شياۋئېتۇڭنى ئىشلىتىش جەريانىدا مەن بۇ سىستېمىنىڭ بىزنىڭ يېزىقىمىزدا بىلىش ئېشىندىسىدىن پايدىلىنىشتىكى ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولالايدىغانلىقىنى ھەر جەھەتتىن چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم ھەم مۇشۇنداق ئېھتىياجى بار تورداشلارغا بۇ سىستېمىنى تەشۋىق قىلىپ بىلدۈرۈشنى ئۆزۈمنىڭ بىر ۋەزىپىسى قىلىۋالدىم.
شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن مەن قەرەللىك ھالدا شياۋئېتۇڭدىن ئىبارەت بۇ سىستېمىنى ھەر جەھەتتىن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ تۇرىمەن.
ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئاجايىپ تالانت بولسا، پۇرسەتنى توغرا تونۇپ، ئۇنى نامايان قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئىنتېرنېت تورى ھەربىر ئادەمنى تالانتىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇڭا ئىقتىدارلىق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپ خىل سالاھىيەتكە ئىگە بولۇش بىر خىل نورمال خىزمەت ھالىتىگە ئايلىنىدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئالغان غايە مائارىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلاجانمۇ ئۆزىدىكى ئۆزگىچە بولغان سۆزلەش مىتودى (ئوقۇتقۇچىغا خاس)دىن پايدىلىنىپ دوۋيىن ۋە شياۋئېتۇڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ، جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ ئەجرىگە چۇشلۇق كىرىم يارىتىپ ئۆز قىممىتىنى ئاشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. (ئابلاجاننىڭ سودا ئەندىزىسى توغرىسىدا كېيىن ئايرىم يازمىدا توختىلىمىز.)
خوش، بۈگۈنكى يازمىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، سالونىمىزدىكى شياۋئېتۇڭ ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك يازمىلارغا دىققەت ئېتىبارىڭىزنى بېرىپ ماڭسىڭىز، بەلكىم سىزمۇ ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە ئۆزىڭىزنىڭ تور دۇنياسىدىكى بىر بايلىق كانىڭىزنى قۇرۇپ چىقالىشىڭىز مۇمكىن.




