ئالاھىدە تەۋسىيە:
يېقىندا، «ۋىيتنامنىڭ ئېكسپورت سوممىسى شېنجېندىن ئېشىپ كەتتى.» دېگەن تېما توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. بەزىلەر مەخسۇس ماقالە يېزىپ مۇنداق دېيىشتى: «ۋىيتنام تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-پەسىلدە ۋىيتنامنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 89 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەخمىنەن 580 مىليارد يۈەن بولغان، شېنجېننىڭ 1-پەسىللىك ئېكسپورت سوممىسى 407 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ۋىيتنامغا يەتمەيدۇ.» كۆپچىلىك بۇ سانلىق مەلۇماتنى كۆرۈپ ناھايىتى ئەنسىزلىك ھېس قىلىپ «ۋىيتنام ياسىمىچىلىقى» تېز باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، ۋىيتنام جۇڭگونىڭ ئورنىدا دۇنياۋى زاۋۇتقا ئايلىنىدۇ، دېيىشتى.

غۇلغۇلا تېمىسى مانا مۇشۇنداق، بۇ تېمىدىن قانداق بىلىم ئۆگەنگىلى بولىدۇ، قاراپ باقايلى:
ئالدى بىلەن، بۇنداق سېلىشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. نوپۇس كۆلىمى جەھەتتە ۋىيتنامنىڭ نوپۇسى 100 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ؛ شېنجېندا ئاران 17 مىليون نوپۇس بار؛ ئېكسپورت قۇرۇلمىسى جەھەتتە، ۋىيتنام توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلارنى ئاساس قىلىدۇ، شېنجېن بولسا يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. دېمەك، ۋېيتنام بىلەن شېنجېننىڭ سېلىشتۇرغۇدەك يېرى يوق. ئەگەر نوپۇس كۆلىمى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى جەھەتتە سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ۋېيتنامنى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىدىكى ئۆلكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئازراق ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ۋېيتنامنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى توغرىسىدا، دېپلومات شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى شى جەن مۇئەللىم مەشھۇر «تېشىپ چىقىش نەزەرىيەسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى: يەنى «بۇ جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ يۆتكىلىشى ئەمەس، بەلكى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ۋېيتنامغا تېشىپ چىقىشى، ۋېيتنامنى پۈتكۈل جۇڭگو ياسىمىچىلىق تورىغا كىرگۈزۈشىدۇر.» لېكىن يەنە بەزىلەر «جۇڭگونىڭ كەڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى يەنىلا ئارقىدا، ئەگەر جۇڭگو ياسىمىچىلىقى تېشىپ چىقىشقا توغرا كەلسە، نېمە ئۈچۈن شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويى رايونلىرىدىن ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارغا تېشىپ چىقماي، ۋيېتنامغا تېشىپ كېتىدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ.
بۇ مەسىلىنى ياخشىراق سۆزلەپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
بۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتى «جۇڭگو يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق كەسپىنى پۈتۈنلەي ئىستېمال قىلىشى كېرەك، «ئوغۇت، سۇ باشقىلارنىڭ ئېتىزىغا ئېقىپ كەتسە بولمايدۇ.» ۋەياكى يۇقىرى قوشۇلما قىممەت قىسمىنىلا ساقلاپ قېلىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق كەسپىنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە سىرتقا تاشتۇرامدۇق؟» دېگەندىن ئىبارەت.
بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى دى دۇڭشېڭ مۇنداق بىر ئېنىق ھۆكۈم چىقاردى: «ھەممىنى يېيىش» ھەم مۇمكىن ئەمەس، ھەم بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ.
ئاۋۋال، «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە توختىلايلى:
بىرىنچى، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىدىن قارىغاندا
دى دۇڭشېڭ مۇئەللىم مۇنداق بىر ھېسابات قىلىپ بەردى: ھازىر جۇڭگو بىر تۈرلۈك «كېكىرتەكنى بوغىدىغان» تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئۆزەك، ئوپتىك ئويۇش ماشىنىسى ۋە چوڭ ئايروپىلاننى ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، ھەر يىلى تەخمىنەن 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرېۋوتنى تېجەپ قالالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ئېلېكتىروموبىل ساھەسىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يەر شارى بويىچە ئەڭ مۇھىم باتارىيە، ئېلېكتىر موتور ۋە پۈتۈن ئاپتوموبىل ئېكسپورت سودىگىرىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ھەر يىللىق سودا ئاكتىپ بالانىسى يەنە تەخمىنەن 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېڭەيدى.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، پۈتۈنلەي ئالدىن كۆرگىلى بولىدىغان كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگودا ھەر يىلى 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا ئاكتىپ بالانىسى كۆپىيىدۇ، بۇ كەلگۈسىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چوقۇم زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، دوللارغا ئايرىۋاشلاش نىسبىتى 1:5 ھەتتا 1:4.5 لىك سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق يۇقىرى پېرېۋوت نىسبىتى سەۋىيەسىدە، تۆۋەن قوشۇلما قىممەتلىك ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ياسىمىچىلىق جەھەتتە ۋىيتنام، ھىندىستان بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن تۆۋەن قوشۇلما قىممەتلىك كەسىپلەرنىڭ ۋىيتنامغا تېشىپ چىقىپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىشىنىڭ ناھايىتى تەسلىكىنىڭ سەۋەبى، چۈنكى خەلق پۇلى ئىشلىتىدىغانلا بولسا، تۆۋەن قوشۇلما قىممەتلىك كەسىپلەرنىڭ ئېكسپورت ئەۋزەللىكى بولمايدۇ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﻧﻮﭘﯘس ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا
ھازىر جۇڭگو نوپۇس ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېقىنلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، كەلگۈسىدە ياش ئەمگەك كۈچلىرى بارغانسېرى قىممەتلىشىپ، ئىشچى قوبۇل قىلىش بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ. ئاشۇرما قىممىتى تۆۋەن كەسىپلەر ئىش ھەققى جەھەتتە يۇقىرى ئاشۇرما قىممىتى بار كەسىپلەر بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ. فۇشىكاڭمۇ يۇقىرى مائاش بىلەن ئادەم تالىشىۋاتىدۇ، ئاياق، پايپاق ياسايدىغان زاۋۇتلارنىڭ ئادەم قوبۇل قىلالماسلىقى ئېنىق ئىش.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﻛﺎﭘﯩﺘﺎل ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺴﺘﺮاﺗﯧﮕﯩﻴﻪﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرىغاندا
جۇڭگو كاربوننى چوققىغا يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم يۇقىرى بۇلغىمىلىق، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان ۋە بايلىق كۆجۈملەشكەن كەسىپلەردىن ۋاز كېچىشى كېرەك.
شۇڭا، ئوبيېكتىپ جەھەتتە، جۇڭگونىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپلىرىنىڭ «ھەممىنى يەۋېتىشى» مۇمكىن ئەمەس.
ئەمدى، نېمە ئۈچۈن «ھەممىنى يەۋېتىش»كە بولمايدۇ؟ دېگەن سوئال ئۈستىدە توختالساق:
دى دۇڭشېڭ مۇئەللىم مۇنداق دەپ قارايدۇ: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئەمەلىيەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ تىركىشىشى بولماستىن، بەلكى ئىككى پاراللېل بازار سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت. «قايسى سىستېمىنىڭ ئومۇمىي بازار كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ، قايسى سىستېمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ تولۇق، قايسى سىستېمىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز.» دېگەندەكلەرنىڭ رىقابىتىدىن ئىبارەت.
بۇنداق رىقابەت ئەندىزىسىدە، جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»، RECP (رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى) قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك كېلىشىملەر ئارقىلىق، ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى جۇڭگو مەركەز قىلىنغان بازار سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. بۇ سىستېمىدا، جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى كېرەك: بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە كاپىتالى بۇ دۆلەتلەرگە كىرىپ، تېخىمۇ چوڭ خەلقئارا بازار بوشلۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ دۆلەتلەرمۇ جۇڭگودىن پۇل تاپقاندىلا، ئاندىن جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىستېمال قىلالايدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ قوشۇلما قىممىتى تۆۋەن قىسمەن كەسپلەرنى بۇ دۆلەتلەرگە چىقىرىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ۋىيتنامغا تېشىپ كېتىشى، جۇڭگونى يادرو قىلغان بازار سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا پايدىلىق، ئەگەر مېكسىكىغا تېشىپ كەتسە، شەرقىي ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش تورىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇناسىۋىتى ئەمەس، بەلكى رىقابەت مۇناسىۋىتى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، «تېشىپ چىقىش» ئاددىيلا يولغا سېلىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى كەسىپ زەنجىرىگە باھا بېكىتىش ھوقۇقى ۋە كونترول قىلىش كۈچى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا، دى دۇڭشېڭ مۇئەللىم «كەسىپ زەنجىرىنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى» دېگەن سۆزنى ئىجاد قىلغان. بۇ پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىدىكى يادرولۇق تېخنىكا ۋە يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك ئىش ئورۇنلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، رايون ئىچىدە كەسىپ زەنجىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە «ھەممىنى يېيىش»نى قوغلاشماستىن، بەلكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە «تەھرىرلەش ئىقتىدارى»نى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر
