大数跨境

دۇنيا تارىخىدىكى 10 چوڭ يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى

دۇنيا تارىخىدىكى 10 چوڭ يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى Nepkar
2022-03-06
2
导读:2006-يىلى زىمبابۋې تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى مىساللىرىنىڭ بىرىنى باشتى

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
2006-يىلى زىمبابۋې تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى مىساللىرىنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈردى. ئىقتىساد مۇقىم ئەمەس، بۇ دۆلەتنىڭ نۇرغۇن پۇقرالىرى ئائىلىسىنى بېقىشقا ئامالسىز قالدى. 
لېكىن، زىمبابۋېنىڭ پۇل مۇئامىلە قىيىنچىلىقى ھازىرقى زامان ئۆزىگىلا خاس ئەمەس. تاكى قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى پۇلنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنگە قەدەر، يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى مەزگىلى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىدا بىر ئورۇننى ئىگىلىدى. بۇنداق ئىقتىسادىي بۇزغۇنچىلىق ئاشلىق قىسلىقىنى ۋە توپىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى بىر دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. 

يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى ئادەتتە ھەر ئايدا %50 ياكى تېخىمۇ يۇقىرى نىسبەتتە بولۇش دەپ قارىلىدۇ، بۇنى ئامېرىكا دۆلەت ئىقتىسادىي تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى (Phillip Cagan) فىلىپ  1956-يىلى قۇرغان. 

خەۋەر ۋە ئىلىم-پەن جەھەتتىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، بىز 10 خەلقئارالىق مىسالنى يىغىنچاقلىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى دۆلەت ئېغىر دەرىجىدىكى يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقىنى باشتىن كەچۈرگەن، بەزىدە نەچچە يىل داۋاملاشقان. گەرچە نەچچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى دۆلەتلەر يەنىلا ئىقتىسادىي ئاپەتنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلماقتا. 

1634-يىلى: گوللاندىيە 
يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مىساللىرىنىڭ بىرى كۇركۇم گۈلى بازىرىدىن كەلگەن. 1634-يىلى شوتلاندىيەلىك يازغۇچى چارلېس ماك (Charles MacKay) ئۆزىنىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى ئاممىۋى خام خىيال ۋە كىشىلەر توپى ھەققىدىكى سەۋدايى ئەسلىمە» دېگەن ئەسىرىدە «كۇركۇم گۈلى تەلۋىلىكى» گوللاندىيەنى قاپلىدى، بۇ دۆلەت سەل قارالدى، نوپۇس ئەڭ تۆۋەن چەكتىمۇ كۇركۇم گۈلى سودىسىنى باشلىدى، دېيىلگەن. 

شىمىس ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كۇركۇم گۈلىنىڭ سەۋدايىلىق يۈزلىنىشى 1637-يىلى يوقالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خېرىدارلار يۇقىرى باھانى ئۈستىگە ئېلىشقا ئامالسىز قالغان. بىراق، بەزى ھازىرقى زامان ئالىملىرى، مەسىلەن، تارىخشۇناسلار، «كۇركۇم گۈلى تەلۋىلىكى: گوللاندىيەنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى پۇل، شان-شەرەپ ۋە بىلىم» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئاننى گولدگار (Anne Goldgar)نىڭ قارىشىچە، كۇركۇم گۈلى بازىرىنىڭ تەسىرى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 

1795-يىلى: فىرانسىيە 
فرانسىيە خەلقى 1795-يىلىدىكى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدىن باشلانغان يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئىقتىسادىي مائارىپ فوندىنىڭ ئېيتىشىچە، 1793-يىلىدىن 1795-يىلىغىچە بولغان مالىيەدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئىنقىلاب مەزگىلىدە باشقۇرغۇچى ئاپپارات خەلق پارلامېنتى ئەينى ۋاقىتتىكى فىرانسىيەنىڭ پۇلىنى قەرز قايتۇرۇشقا ئىشلەتكەن. 

1795-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە ئوبوروت مىقدارى 19 مىليارد 700 مىليونغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم بېسىلغاندىن بۇيان مەزكۇر پۇلنىڭ قىممىتى %99 تۆۋەنلىگەن. CATO تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، پۇل پاخاللىقى ئېغىرلىشىپ 1796-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە %304 كە يەتكەن. يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خەلق پارلامېنتى 1795-يىلى 12-ئايدا باھانى كونترول قىلىشنى يولغا قويغان ھەمدە پۇل بېسىشنى توختاتقان. 

1923-يىلى: گېرمانىيە 
گېرمانىيە 1920-يىللاردا باشتىن كەچۈرگەن يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقىنى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ زىيىنىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. «ۋېرسال شەرتنامىسى» ئۇرۇشتىن كېيىن ئېغىر قەرز تۆلەش يۈكىنى پەيدا قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانسېرى كۆپ پۇل بېسىشىغا سەۋەب بولۇپ، پۇل قىممىتى چۈشۈپ كەتكەن. CATO تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دۆلەت 1922-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۇل تۆلەش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن، شۇڭا 1923-يىلى 10-ئايغا كەلگەندە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئايلىق پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى %29500 كە يەتكەن. 

مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، 1923-يىلى 1-ئايدا، بولكىنىڭ باھاسى 250 مارك بولۇپ، BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇ 200 مىليون ماركقا يەتكەن. گېرمانىيە ئۆزىنىڭ قەغەز پۇل ماركىنى ئىجارە ماركقا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئىقتىسادى مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. 


1943-يىلى: گرېتسىيە 
كامبىرىج داشۆسى نەشرىياتى ئېلان قىلغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، گىرېتسىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقىدىن ئىبارەت پۇل مۇئامىلە خىرىسىغا دۇچ كەلگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، گرېتسىيەدىكى يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى ئازادلىقتىن كېيىن تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن، CATO تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1944-يىلى 10-ئايدا %13800 لىك چوققا قىممەتكە يەتكەن. بۇ مەزگىلدە، ئۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن سودىنى تۈگەتكەچكە، مەزكۇر دۆلەت قاتمۇ قات قەرزگە بوغۇلغان. 

1945-يىلى 12-ئايدا، گىرېتسىيە 18 ئاي ۋاقىت ئىچىدە بىر نەچچە خىل ئوخشىمىغان تاكتىكا ئارقىلىق دۆلەتنى مۇقىملاشتۇرغان، شۇنىڭدىن كېيىن گىرېتسىيەنىڭ زىيادە مەبلەغ قىيىنچىلىقى ئاخىرى ئاخىرلاشقان. بۇ ئۇسۇللار بىر دەرىجىدىن تاشقىرى مەركىزىي بانكا قۇرۇش، تاشقى ياردەم ۋە دۆلەت پۇلىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

1945-يىلى: ۋېنگرىيە 
ۋېنگىرىيەدىكى يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى مەزگىلى CATO تەتقىقات ئورنىنىڭ تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، پۇل پاخاللىقى ئەڭ ناچار دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. CATO تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1946-يىلى 7-ئايدا ۋېنگىرىيەدە يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى %13600000000000000 بولۇپ، باھا ھەر 16 سائەتتە بىر قاتلانغان. تىزىملىكتىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، ۋېنگرىيەمۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقىنى باشتىن كەچۈرگەن. 

1-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ۋىنگىرىيە خارابلىشىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. بۇ دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان، لېكىن تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رۇسىيەگە غايەت زور تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇلغان. 

1989-يىلى: ئارگېنتىنا 
تىزىملىكتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش، ئارگېنتىنادىكى يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى ئۇرۇش قەرزىنىڭ نەتىجىسىدۇر. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر دۆلەت 1982-يىلى فالكلاند تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشىدا زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، 1989-يىلىغا كەلگەندە، 30 مىليون نوپۇس ئىچىدە ئاران 30 مىڭ ئادەم تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغان. 

CATO تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1989-يىلى 7-ئايغا كەلگەندە ئايلىق پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى %197 كە يەتكەن. بۇ قالايمىقانچىلىق ۋە بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىشنى پەيدا قىلغان، كارلوس مېنېم (Carlos Menem) بۇ دۆلەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان. 1990-يىللاردا ئىمپورت بېجى تۆۋەنلىتىلگەن ھەمدە چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئارگېنتىنانىڭ پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى ئاخىرى تۆۋەنلىگەن. 

1993-يىلى: ئەرمىنىيە 
ئەرمىنىيە 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئىقتىسادى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر نەچچە دۆلەتنىڭ بىرى. بەختكە قارشى، ئەرمىنىيەنىڭ ئاۋارىچىلىقى بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمىغان. BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1988-يىلى بىر قېتىملىق ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك 6.8 بال يەر تەۋرەشتە 60 مىڭ ئەرمەن قازا قىلغان، نەچچە مىڭ ئادەم ماكانسىز قالغان. 


يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئەرمىنىيە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تاقاشنى قارار قىلغان، بۇ يەنە Metsamor يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ 1990-يىلىنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرا مەزگىللىرىگىچە بولغان ئېغىر ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە تەمىنلەش كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. CATO تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئامىللار ئەڭ ئاخىرىدا 1993-يىلى نويابىردىكى ئايلىق پۇل پاخاللىشىش نىسبىتىنى %43.8 كە يەتكۈزۈپ، باھانىڭ ھەر 13 كۈندە بىر قاتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

1944-يىلى: يۇگوسلاۋىيە 
ۋىنگىرىيە ۋە زىمبابۋېدىن كېيىن، ھۆكۈمەت چىرىكلىشىپ، باھا باشقۇرۇش ۋە يۇگۇسلاۋىيە ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن، يۇگۇسلاۋىيە يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى خاتىرىسىنىڭ ئۈچىنچى ئېغىر مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ. CATO تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ %80 تىن ئارتۇق مەبلىغى ھەربىي قىسىم ۋە ساقچىلارغا ئېقىپ كەتكەن. 


CATO تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1994-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە يۇگوسلاۋىيەنىڭ ئايلىق پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى %313000000 لىك چەككە يەتكەن بولۇپ، باھا ھەر 1.41 كۈندە بىر قاتلانغان. ئاچارچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن يۇگوسلاۋىيەلىكلەر ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ يېمەكلىك كۈتكەن. ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىسقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، يۇگوسلاۋىيە پۇل سىياسىتى ۋە پۇل دىنارنى ئۈزۈل-كېسىل تەڭشىگەن. 

2006-يىلى: زىمبابۋې 
زىمبابۋېنىڭ ئارقىسىدىكى تارىخ ۋە مەزكۇر دۆلەتتىكى يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى مۇرەككەپ، لېكىن قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ۋە تەمىنلەش قىس بولۇشتىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. 2006-يىلى مەزكۇر دۆلەت نۇرغۇن زىمبابۋې دوللىرى (ZWD)نى بېسىپ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قەرزىنى قايتۇرغان ھەمدە شۇ يىلى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مائاشىنى ئىككىنچى قېتىم باسقان. CATO تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە قىيىنچىلىقى شۇ قەدەر ئېغىرلاشقان، ھەتتا 2008-يىلىدىكى پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى %79000000000 گە يېتىپ، تارىختىن بۇيانقى ئىككىنچى ئېغىر يامان خاراكتېرلىك پۇل پاخاللىقى بولۇپ قالغان. 


«كىشىلەر پۇل قەرز ئېلىشنى خالايدۇ، لېكىن ئۇلار بىكاردىن بىكار پۇل قەرز ئېلىشنى خالىمايدۇ.» زىمبابۋېدىكى بىر لېكتور 2006-يىلى BBC غا شۇنداق دېگەن. «ئادەتتە %90 ياكى %100 ئۆسۈم نىسبىتى بولىدۇ. بەختكە قارشى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە زىمبابۋېنىڭ ئىقتىسادى ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى 2019-يىلى يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %300 كە يەتكەن، لېكىن يەنىلا داۋاملىق تىركىشىۋاتىدۇ.» 

2013-يىلى: ۋېنېسۇئېلا 

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2020-يىلى ۋېنېسۇئېلانىڭ ئىقتىسادى ئۇدا يەتتە يىل تۆۋەنلىگەن، بۇ يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مىساللىرىنىڭ بىرى. ۋېنېسۇئېلانىڭ مالىيە مەسىلىسى 2013-يىلى باشلانغان بولۇپ، سەۋەبى ھۆكۈمەت چىقىمنى ئاشۇرۇۋەتكەن ۋە پۇلنى ھەددىدىن زىيادە باستۇرغان. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2014-يىلى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ٪69 كە يېقىنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېكساس داشۆسى ئائۇستىن شۆبە مەكتىپى 2020-يىلى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، پۇل پاخاللىقى باھانىڭ ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قاتلىنىشىنى پەيدا قىلغان. 
ۋېنېسۇئېلا مەركىزىي بانكىسى ۋېنېسۇئېلا مەركىزىي بانكىسىنىڭ 2021-يىلى 3-ئايدا بايانات ئېلان قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ دۆلەت داۋاملىق پۇل پاخاللىقى خىرىسىغا دۇچ كېلىپ، يېڭى 200 مىڭ، 500 مىڭ ۋە 1 مىليون پارچە پۇل تارقىتىپ، «خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرماقچى» بولغان.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0