大数跨境

تەپەككۇر ئۇچقۇنى: توشقان قانداق قىلىپ بۆرىنى يەپ كەتكەن؟

تەپەككۇر ئۇچقۇنى: توشقان قانداق قىلىپ بۆرىنى يەپ كەتكەن؟ Nepkar
2022-05-14
1
导读:بۇ يەردىكى ئىلھام شۇكى، ئۆزىمىزنىڭ خېرىدار بايلىقىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئىزدەپ تېپىشتۇر.

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---

بىز مەيلى تۇرمۇش ياكى خىزمەتتە بولسۇن چوقۇم كۆپ تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلىنىشىمىز كېرەك. تەپەككۇرنىڭ كۈچىگە، خاسلىقىغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. 

تۆۋەندىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى يازمىسىنى ئوقۇشتىن سىرت، سىزنى يەنە مۇنۇ يازمىنىمۇ كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. 

ماركىتىڭ: سىز نېمىنى كۆردىڭىز، مەن نېمىنى ھېس قىلدىم؟ (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ!)

-------------

بۈگۈن مەن «توشقان بۆرىنى قانداق يەپ كەتكەن؟» دېگەن ھېكايىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭقۇر ئىگىلىك تىكلەش قائىدىسى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ھېكايىدە خىزمەتچىلەرنىڭ ماھارىتى سۆزلەنگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەكلا بىزدەك يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلاردىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، چۈنكى نۇرغۇن چوڭ كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز دەل شىر بىلەن توشقاننىڭ مۇناسىۋىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمىز. يەنى، ئۇلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىش ياكى رىقابەتچىلەر تەرىپىدىن يېيىلىپ كەتمەسلىكمۇ ناھايىتى چوڭقۇر بىلىم ھېسابلىنىدۇ.


ئىستراتېگىيە قەدەم-باسقۇچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش غەلىبىنى بەلگىلەيدۇ
ھېكايە مۇنداق باشلىنىدۇ:
بىر كۈنى بىر توشقان ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىدا ماقالە يېزىپتۇ، بىر بۆرە كېلىپ: 
-توشقان، نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟
-ماقالە يېزىۋاتىمەن.
-نېمە تېمىدا؟
-توشقاننىڭ بۆرىنى قانداق يەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا.
بۆرە قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ-دە، ئىشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توشقان بۆرىنى ئۆڭكۈرگە باشلاپ كىرىپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن توشقان ئۆزى يالغۇز ئۆڭكۈردىن چىقىپ، داۋاملىق ماقالە يېزىپتۇ.
بىر ياۋا توڭگۇز يېتىپ كېلىپ:
-توشقان سەن نېمە يېزىۋاتىسەن؟
-ماقالە.
-تېمىسى نېمە؟
-توشقاننىڭ ياۋا توڭگۇزنى قانداق يەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا.
ياۋا توڭگۇز ئىشەنمەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئىش يۈز بېرىپتۇ.
ئاخىرىدا، ئۆڭكۈردە بىر شىر بىر دۆۋە ئاق سۆڭەكلەر ئارىسىدا، رازىمەنلىك بىلەن چىشىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ، توشقان تاپشۇرغان «بىر ھايۋاننىڭ ئىقتىدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۇنىڭ خوجايىنىنىڭ كىملىكىگە باغلىق» تېمىدىكى ماقالىنى ئوقۇپتۇ.

كارخانا قۇرۇشمۇ ئوخشاش، مۇھىم ھالقا كەسىپ تاللاش ۋە سىزنىڭ بايلىق ئارقا كۆرۈنۈشىڭىز. ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئىقتىدارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ، لېكىن سىز ئىش باشلىغان سۇپىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى ئىشقا سېلىش-سالماسلىقىڭىزنى ياكى چوڭايتىش-چوڭايتماسلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
مېنىڭ بىر دوستۇم ئىقتىسادى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بىر ناھىيە بازىرىدا تېببىي دورا زەنجىرسىمان كارخانىسى قۇرغان بولۇپ، شۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ تېببىي دورا زەنجىرسىمان كارخانىسى ئىدى. ئۇ ناھايىتى ياخشى قىلغان ئىدى.
ئۇ: «مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ناھىيە بازىرىغا تەكلىپ قىلىش ناھايىتى تەس.» دەيدۇ، ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئىدى.
نيۇ گېنشېڭنىڭ بىر پارچە بىلوگىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ئىستراتېگىيە قەدەم-باسقۇچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش غەلىبە قىلىشنى بەلگىلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق.
بىر كارخانىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى سىزنىڭ ئىستراتېگىيە قەدەم-باسقۇچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزغا باغلىق، ئىستراتېگىيە قەدەم-باسقۇچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى بولمىسا، خىزمەتچىلەر بىلەن خوجايىننىڭ ئىقتىدارى ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ نەتىجە قازىنالمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھېكايە خىزمەتچىلەرنى قانداق تۇتۇپ قېلىشقا نىسبەتەنمۇ ئىلھام بېرىدۇ، يەنى سىز تىرىشىپ خىزمەتچىڭىزنىڭ خۇددى شىرغا ئوخشاش خوجايىنى بولۇشىڭىز كېرەك، كارخانا ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
مەسىلەن، يېڭى شەرقتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى بويىچە تەربىيەلەش كەسپىگە ئادەم يىغىشى باشقا كىچىك ئىنگلىز تىلى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا قارىغاندا ئاسان بولۇشى مۇمكىن.
كارخانىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىر خوجايىننىڭ خىزمەتچىلەر ئالدىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى ناھايىتى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى.

ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرغاندا ئاندىن ئۇ كارخانىلارنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ؟
بۇ توشقان بىر قېتىم ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆز مەخپىيىتىنى بىر توشقان دوستىغا ئېيتىپ قويۇپتۇ، بۇ خەۋەر بارا-بارا ئورمانلىقتا تارقىلىپ ھەممە ھايۋانلار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپتۇ؛
شىر بۇنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق ئاچچىقلانغان ھالدا توشقانغا:
-ئەگەر بۇ ھەپتىدە كامارغا كىرىدىغان يېمەكلىك بولمىسا، مەن سېنى يەيمەن.
دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن توشقان داۋاملىق غار ئېغىزىدا ماقالە يېزىپتۇ، بىر كىچىك بۇغا كېلىپ: 
-توشقان، نېمە قىلىۋاتىسەن؟
-ماقالە يېزىۋاتىمەن.
-نېمە تېمىدا؟
-توشقاننىڭ بۆرىنى قانداق يەپ كەتكەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىش.
-ھا ھا، بۇ ئىشنى پۈتۈن ئورمانلىقتىكىلەر بىلىدۇ، مېنى كولدۇرلاتما، مەن ئۆڭكۈرگە كىرمەيمەن.
-مەن پېنسىيەگە چىقاي دەپ قالدىم، شىر مېنىڭ ئورنۇمغا ئادەم تاپىمەن دەيدۇ، ئەجەبا سەن بۇ ماقالىدىكى توشقاننىڭ كىچىك بۇغىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمامسەن؟
كىچىك بۇغا ئويلىنىپ كۆرۈپ، ئاخىرى ئېزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، توشقانغا ئەگىشىپ ئۆڭكۈرگە كىرىپ كېتىپتۇ.
توشقان ئۆزى يالغۇز ئۆڭكۈردىن چىقىپ، داۋاملىق ماقالە يېزىپتۇ، بىر تايچاق مېڭىپ كەپتۇ، ئوخشاشلا ئىش يۈز بېرىپتۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئۆڭكۈردە بىر شىر بىر دۆۋە ئاق سۆڭەك ئارىسىدا رازى بولغان ھالدا چىشىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ توشقان تاپشۇرغان «تۆۋەنگە چۈشكەن ھايۋانلارنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇپ خوجايىنغا يېمەكلىك تەمىنلەش ھەققىدە» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپتۇ.

بۇ يەردە ئەمەلىيەتتە بىر ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ئۈستىدە توختالغان، ھەرگىزمۇ ھايۋانلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سۆزلىمىگەن، لېكىن بۇ تېما ناھايىتى زور ئىلھامغا ئىگە، ئۇنى «ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھلىرىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش»كە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
ھەمكارلاشقۇچى بولمىسا كارخانا چوڭ ئىش قىلالمايدۇ، ھازىر رىقابەت، ھەمكارلىق دەۋرى، ھەر بىر كارخانا ھەممە ئىشنى قىلىپ بولالمايدۇ، ھەمكارلاشقۇچىغا تايانغاندىلا كارخانىنىڭ يېتەرلىك يېمەكلىكىنى تاپقىلى بولىدۇ، مەن ئەمەلىي ئىش قىلىش جەريانىدا بۇ نۇقتىنى تولۇق تونۇپ يەتتىم. 
ئىلقۇت ئىلىمكانى سۇپىسى ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىشتىن سىرتقى كىرىم قىلىش ئىستىكى بار تورداشلار ئىلقۇت ئىلىمكانىغا ۋاكالەتچى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېيىغا بىر نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش ھالىتى شەكىللەندى. بىزمۇ ئۇلارغا ئايرىلىدىغان پايدا نىسبىتىنى ئالاھىدە يۇقىرى قىلىپ تەڭشىدۇق. گەرچە قارىماققا ئاشۇ ۋاكالەتچىلىكنى قىلغۇچىلارغا ئايرىلغان پايدا «سەل كۆپ» بولۇپ كەتكەندەك قىلسىمۇ، لېكىن بۇ مەنپەئەتلەر ئەسلىدىنلا بىزنىڭ ئەمەس، ئۇ باشقىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بەدىلىگە كەلگەن، ئەگەر بۇ مەنپەئەتلەرنى ئۇلارغا بەرمىسەك، بىز تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيمىز، ھەتتا ئىستراتېگىيەنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەسىر يېتىدۇ.

ئىلھام تېمىسى: ئۆزىنىڭ خېرىدارىنىڭ قەيەردىلىكىنى ئىزدەش
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، شىر بارغانسېرى يوغىناپ، توشقاننىڭ يېمەكلىكى بىلەن قورساق تويمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
بىر كۈنى ئۇ توشقانغا:
-مېنىڭ يېمەكلىك مىقدارىم ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ئەسلىدە تۆت كۈندە بىر كىچىك بۇغا بولسا، ھازىر ئىككى كۈندە بىرنى يېمىسەم بولمايدىغان بولدى. ئەگەر بىر ھەپتە ئىچىدە ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمىسەڭ، مەن سېنى يەيمەن.
دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن توشقان ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن ئايرىلىپ، ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ، ئۇ بىر بۆرىنى كۆرۈپ:
-توشقاننىڭ بۆرىنى بىمالال يەپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ 
دەپتۇ.
بۆرە قاقاقلاپ كۈلۈپ، ئىشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توشقان بۆرىنى ئۆڭكۈرگە باشلاپ كىرىپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن توشقان ئۆزى يالغۇز ئۆڭكۈردىن چىقىپ، داۋاملىق ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپتۇ، بۇ قېتىم ئۇ بىر ياۋا توڭگۇز بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ.
-توشقاننىڭ ياۋا توڭگۇزنى ئاسانلا يەۋېتىشىگە ئىشىنەمسىز؟
 ياۋا توڭگۇز ئىشەنمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئىش يۈز بېرىپتۇ.
ئەسلىدە ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ھايۋانلار توشقان بىلەن شىرنىڭ ھېكايىسىنى بىلمەيدىكەن.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئۆڭكۈردە بىر شىر بىر دۆۋە ئاق سۆڭەك ئارىسىدا رازى بولغان ھالدا چىشىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ توشقان تاپشۇرغان «قانداق قىلغاندا تۇرغۇن سودىگەردىن ھەرىكەتچان سودىگەرگە ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خوجايىننى تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؟» دېگەن ماقالىنى ئوقۇپتۇ.
بۇ يەردىكى ئىلھام شۇكى، ئۆزىمىزنىڭ خېرىدار بايلىقىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئىزدەپ تېپىشتۇر.

بەزىدە داۋاملىق ئىشخانىدىن چىقماي ئولتۇرغاندا، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش مۇمكىن بولماي قالىدۇ، چوقۇم ئىشخانىدىن چىقىپ بازارغا يۈزلىنىش، بازارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، ھېس قىلىش، چۈشىنىش تولىمۇ مۇھىم. 
كۆپ ھاللاردا ئىشخانا بىلەن بازار ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈكلۈك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، يەنى ئىشخانا خادىملىرى بازارنىڭ ھەقىقىي ئۇچۇرىغا ئېرىشەلمەسلىك ياكى ئۇچۇرنىڭ كېپىكى كۆپ بولۇپ كېتىش ئەھۋالىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئىشخانا خادىملىرىنىڭ بىۋاسىتە بازارغا چۆكۈپ بازارنى چۈشىنىشىمۇ زۆرۈردۇر.
ئىلھام: ئۆزگىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئۆزىنى راۋاج تاپقۇزغىلى بولىدۇ. ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمىسە، مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.
شۇنداق قىلىپ ھېكايە ئاخىرلاشتىمۇ؟ ياق، بۇ ھېكايە ئۇنداق ئاسان ئاخىرلاشمايدۇ، ئەگەر ھېكايىنىڭ راۋاجىغا قىزىقسىڭىز ئەجىر ھەققى تۆلىۋېتىپ داۋاملىق يېڭىچە تەپەككۇر ئۇچقۇنى بىلەن تەپەككۇرىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزگىچە تەپەككۇر ئېڭى يېتىلدۈرۈڭ!

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408