搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
2022-يىلى ئۆي سېتىۋېلىش كېرەكمۇ ياكى سېتىش كېرەكمۇ؟
>
2022-يىلى ئۆي سېتىۋېلىش كېرەكمۇ ياكى سېتىش كېرەكمۇ؟
Nepkar
2022-03-05
4
导读:شۇڭا ھازىر ئۆي سودىسى قىلىشنىڭ تەننەرخى يەنىمۇ ئېشىشى، خەتىرى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ دەۋردە بىر شەھەردە بىر قەدەر كۈچلۈك تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر چوقۇم ئۆزىگە تەۋە ئۆي بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بۇ ئاۋات ۋە چۇس جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرىدىغان خاتىرجەم جاي بولىدۇ.
ۋاقىت 2022-يىلىغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە، ئۆي باھاسى يەنىلا تۆۋەنلىمەيۋاتىدۇ. لېكىن سەل قاراشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ئېلىمىز ئومۇمىي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى خەلقنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. گەرچە ئادەتتىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ شەھەرلەردىن ئۆي سېتىۋالالمىسىمۇ، ئەمما بۇ نۇرغۇن ئائىلىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئىش.
ئۇنداقتا، ئىقتىسادىي شارائىت يار بەرسە، ئۆي سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكمۇ ياكى ئارتۇق ئۆينى تېزدىن سېتىۋېتىش كېرەكمۇ؟
1. نۆۋەتتىكى ئۆي باھاسى يۈزلىنىشى
ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ زور بولۇشى ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا سەۋەبچى بولدى. ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا ئۆي باھاسى بىردەك ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، لېكىن بازارنىڭ ئېھتىياجى زور بولغاچقا، ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە نۇرغۇن شەھەرلەردە «بىر ئۆينى تېپىش تەس بولۇش» ئەھۋالى كۆرۈلدى، بولۇپمۇ «مەكتەپ رايونىدىكى ئۆي» بەزى رايونلاردا يۇقىرى باھادا سېتىلدى.
ئېلىمىزدىكى يېڭى بىرىنچى سەپتىكى شەھەر چېڭدۇنى مىسالغا ئالساق، 2008-يىلى چېڭدۇدا ئۆينىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 5 مىڭ يۈەندىن ئازراق ئاشاتتى، ئەمما 2018-يىلىدىن كېيىن چېڭدۇدا ئۆينىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقان ئۆي باھاسى تېخىمۇ كۆپ پۇلدارلارغا سودا پۇرسىتىنى ھېس قىلدۇردى، ئۇلار بارغانسېرى ئۆرلەۋاتقان ئۆي باھاسىنى كۆرۈپ ئۆز مەبلىغى بىلەن ئۆي توپلاشقا باشلىدى. نۇرغۇن ئۆينى مەبلەغ سېلىش مەھسۇلاتى قىلغان كىشىلەرنىڭ نامىدا بىر نەچچە يۈرۈش ئۆي بار بولۇپ، بۇ يىللاردا ئۇچقاندەك ئېشىۋاتقان ئۆي باھاسى ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرگە زور پايدا ئېلىپ كەلدى.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئۆي باھاسىدا يەنىلا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلمىدى، لېكىن ئۆي سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىدا قايتا قاتلام بويىچە قىزىيدىغان كۆرۈنۈش يوق.
ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مەبلەغ يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا يەنە بىر نەچچە يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ تېزراق ئۆي سېتىۋېلىش كېرەكمۇ ياكى تېزدىن ئۆي سېتىش كېرەكمۇ؟
2. ما يۈن، ساۋ دېۋاڭ قاتارلىقلارنىڭ پىكىرى بىردەك
ئۆي سېتىۋېلىش ياكى سېتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، دۆلىتىمىزدىكى ئىككى داڭلىق كارخانىچى ساۋ دېۋاڭ ۋە ما يۈن بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما، ئويلىمىغان يەردىن ئىككى ئادەمنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ياكى سېتىش مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ئاجايىپ بىردەك بولدى.
ما يۈن ئىلگىرى: «مائارىپ چوقۇم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئەكىسچە يېڭى شەرق (新东方)نىڭ بولۇشى ناتايىن.» دېگەن. بۇ سۆز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەتنىڭ دەرستىن سىرتقى تەكرار سىنىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرتىپكە سېلىشى بىلەن ئىسپاتلاندى. بۇنىڭدىن ما يۈننىڭ سودا نەزىرىنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ما يۈن ئۆي-مۈلۈك بازىرى ھەققىدە: «كەلگۈسى ئون يىلدا ئۆي باھاسى پىيازغا ئوخشايدۇ.» دېدى.
بۇنىڭدىن ما يۈننىڭ مەبلەغ سېلىش مەقسىتىدە ئۆي سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. داڭلىق كارخانىچى ساۋ دېۋاڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە مەبلەغ سېلىش مەقسىتىدە ئۆي سېتىۋېلىشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى، ھەتتا سىڭلىسىغا قولىدىكى ئارتۇق ئۆينى تېزدىن سېتىۋېتىشنى ئېيتقان.
ئوخشاش بولمىغان ئىككى ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلارمەبلەغ سېلىش مەقسىتىدە ئۆي سېتىۋېلىشقا قارىتا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كەلگۈسىدىكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، مەبلەغ سېلىش مەقسىتىدە ئۆي سېتىۋېلىش ھەقىقەتەن بىر ياخشى تاللاش بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن پاتقاققا پېتىپ قالغاچقا، ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە ئىلگىرىكى شانلىق نەتىجىلەرنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
3. سىياسەتنىڭ تەڭشىلىشى
شۇنى بايقاش تەس ئەمەسكى، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا گەرچە ئۆي باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەندا شىركىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغۇن ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى كارخانا تىپىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە نىسبەتەن ئۈمىدسىز پوزىتسىيەدە بولىدۇ؟
ئەڭ مۇھىمى دۆلەتنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە قاراتقان سىياسىتى سەۋەبلىكتۇر. ئۆي-مۈلۈك بېجى نۇرغۇن جايلاردا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى. ئۆي-جاي بېجى ئۆي-جاي ئىگىلىرىنىڭ ئۆز نامىدىكى ئۆي-جايغا بەلگىلىك باج تاپشۇرىدىغانلىقى، ئۆز نامىدىكى ئۆي-جاينىڭ قىممىتى، سانى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان باج تۆلەش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر سىزنىڭ نامىڭىزدىكى ئۆي-مۈلۈك قىممىتى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇنداقتا سىز تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كارخانچىلارنىڭ قولىدىكى ئارتۇق ئۆينى تېزدىن سېتىۋېتىپ پۇلنى ئۆيگە سالماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى.
چۈنكى بۇ سىياسەت ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلسا، ئۆيگە مەبلەغ سالغۇچىلار ناھايىتى يۇقىرى نىسبەتتە باج يۈكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئۆينى ناھايىتى تېز سېتىپ چىقىرالمىساق، ئۇ ھالدا ئۆي-مۈلۈك بېجىنى ئىزچىل تاپشۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، دۆلەتنىڭ بۇ سىياسىتىمۇ «ئۆي سېلىش قىزغىنلىقى»نى مەقسەتلىك تىزگىنلىمەكتە. چۈنكى، دۆلەت قاتلىمىدىن يۇقىرى ئۆي باھاسىغا دىققەت قىلغاندا، يۇقىرى ئۆي باھاسى كىشىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا پايدىسىز، ئەمما ئۆينىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى مەبلەغ سېلىشقا ئەمەس، بەلكى تۇرۇشقا ئىشلىتىلىشى كېرەك.
4. ئېھتىياج مىقدارىنىڭ ئازىيىشى
ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئېلىمىزدە 30 يىلغا يېقىن جانلىنىپ كەتتى، 30 يىلدىن بۇيانقى ئۆي باھاسىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىنىڭ سەۋەبى كىشىلەرنىڭ ئۆيگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقىدا. بۇمۇ زور بىر تۈركۈم «ئۆي سودىسى قىلغۇچىلار»نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.
ئۆتكەن نەچچە ئون يىل ئىچىدە، پەقەت قولىڭىزدا ئۆي بولسىلا سېتىشتىن غەم قىلمايتتىڭىز، چۈنكى ئۇ چاغلاردا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شەھەردە ئۆيى يوق ئىدى. بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ بەزى قاتناش قولايلىق جايلاردىكى ئۆيلەر ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئۆيلەرگە بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ يۇقىرى ئىدى.
ئەمما ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولغان ئۆيلەرگە ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇسى تېخى زور دەرىجىدە كۆپەيگىنى يوق. بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز خەلقىنىڭ ئۆيگە بولغان ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.
شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن مەبلەغنى ئۆي-جايغا سېلىش، مەيلى دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياكى كىشىلەرنىڭ ئۆيگە بولغان ئېھتىياجى جەھەتتىن بولسۇن ھەممىسى ئاقىلانە تاللاش ئەمەس. ھەتتا ئېھتىياج مىقدارى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى يەنىمۇ كۆزىتىش كېرەك، چۈنكى نۇرغۇن شارائىتلار كەلگۈسىدىكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆي باھاسىنىڭ يەنە ئۆرلەپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا بەلگىلىك نىسبەتتە تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر نۇرغۇن مەبلەغنى ئۆي-جايغا مەبلەغ سېلىپ، ئەگەر تېز سۈرئەتتە نەق پۇلغا ئايلاندۇرماقچى بولسا بۇمۇ بىر ئاسان ئىش ئەمەس. چۈنكى ھازىر زۆرۈر ئېھتىياج بولغاندىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ مەبلىغىنى ئۆي-مۈلۈككە سېلىشنى خالىمايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەگەر 2022-يىلى ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سالماقچى بولساق، يەنە ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن ئىش قىلىشىمىز كېرەك.
خۇلاسە:
ما يۈن، ساۋ دېۋاڭ قاتارلىق داڭلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلار ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئىشىدا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولدى، ھەمدە ئىلگىرىكى ئۆي-مۈلۈك ماگناتى ۋەندا تىپ ئۆزگەرتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا قارىتا ئۆي ھايانكەشلىكى توغرىسىدا دىققەت قىلىش كېرەكلىكى سىگنالى بەردى. شۇڭا ئەگەر قولىڭىزدا نۆۋەتتە تۇرالغۇ ئۆيدىن باشقا ئارتۇق ئۆي بولسا يەنىلا شۇ ئۆينىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتمىگەن ۋاقىتتا سېتىشىڭىز كېرەك.
ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئۆي ھايانكەشلىكىگە قارشى تۇرىدۇ، ئۆي-مۈلۈك بېجىنى قوشۇپ ئېلىش سىياسىتىدىن دۆلەتنىڭ شەخسلەرنىڭ كۆپ يۈرۈش ئۆي-مۈلۈككە ئىگە بولۇشىغا ئىلھام بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ھازىر ئۆي سودىسى قىلىشنىڭ تەننەرخى يەنىمۇ ئېشىشى، خەتىرى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن.
بۇ ماقالىنى ئىكران ئالدىدا ئوقۇۋاتقانلاردىن سىزنىڭ بۇ يىل ئۆي مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئويىڭىز بارمۇ؟ ئىنكاس رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408