大数跨境

تۇرمۇشتىكى باھادا كەمسىتىش

تۇرمۇشتىكى باھادا كەمسىتىش Nepkar
2022-06-26
2
导读:بۇنىڭدا تەننەرىخ ۋە ئوخشىمىغان رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى كۆزدە تۇتۇلغان.

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!


ئىككى يىل ئالدىدا بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىر ئەر بېشىغا قالپاق كىيىپ ئۆي سېتىش ئورنىغا بېرىپ ئۆي كۆرگەن، ئۇنىڭ بېشىغا قالپاق كىيىۋېلىشىنىڭ سەۋەبى ئۆي سېتىش ئورنىنىڭ چىراي تونۇتۇش سىستېمىسى تەرىپىدىن تونۇۋېلىشتىن ئەنسىرىگەن، چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە چىرايى تونۇۋېلىنغان ھامان، ئۇنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش مۇددىئاسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، ئەسلىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدىكەن.

ئۇنىڭ بۇ يەردە ئەنسىرەۋاتقىنى دەل «چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تونۇشنى بابلاش (大数据杀熟)» مەسىلىسىدىن ئىبارەت.

بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، ئوخشاش بولمىغان مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى يانفونلاردا توردا ماشىنا چاقىرىش ھەققى ئوخشاش بولمايدۇ؛ مەسىلەن، يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان يېڭى ئابۇنتلار، مەلۇم سۇپىدىن مال سېتىۋالسا تېخىمۇ ئەرزان بولىدۇ ۋە باشقىلار.

بۇ ھادىسىلەرنىڭ كەينىدە دائىم كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادشۇناسلىق ئۇقۇمى باھادا كەمسىتىش مەسىلىسى بار.

باھادا كەمسىتىش دېگىنىمىز، سودىگەرلەر پەرقلىق باھا بېكىتىش ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېشىنچىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تارتىۋالىدىغان بىر خىل ۋاسىتىنى كۆرسىتىدۇ.

نېمە ئۈچۈن باھادا كەمسىتىش بولىدۇ؟

سودىگەرلەر سودا قىلغاندا كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر بىرسى ئاشخانا ئاچسا، بىر قاچا چۆپ 15 يۈەن بولسا، نۇرغۇن ئادەم كېلىدۇ. لېكىن قەدەم تەشرىپ قىلغانلار ئىچىدە، بىر قىسىم كىشىلەر 15 يۈەننى بەك ئەرزان دەپ قارايدۇ، 20 يۈەن بولسىمۇ ئوخشاش يەيدۇ، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر 15 يۈەننى قىممەت دەپ قارايدۇ، يەنە باھا ئۆرلىسە باشقا دۇكانغا بېرىپ يېيىشنى ئويلىشىدۇ.

خوجايىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرزان كۆرگەن ئادەملەرنى تاللاپ چىقىپ، بىر قاچىسىنى 20 يۈەنگە سېتىشنى ئويلاپ باقسا بولىدۇ. ئىستېمال خاھىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىتا، باھانى پەرقلەندۈرۈش ئويى باھادا كەمسىتىشنىڭ كېلىپ چىقىشىدۇر.

ئىقتىسادشۇناسلىق باھادا كەمسىتىشنى ئۈچ تۈرگە ئايرىيدۇ.

بىرىنچى دەرىجىلىك باھادا كەمسىتىش، تولۇق باھادا كەمسىتىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەھۋال، سىز بۇنى ئىستېمالچىلار خەجلەشنى خالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر پۇڭ پۇلنى سىقىپ چىقىرىش دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.

مەسىلەن ئالايلى، ئەگەر قورسىقىڭىز ئېچىپ كوركىراپ كەتسە، ئاران تەستە بىر مانتا تاپسىڭىز، خوجايىنغا «ماڭا ئون مانتا كېرەك.» دېسىڭىز، لېكىن، غوجايىن «بىزنىڭ مانتا بىردىن بىردىن سېتىلىدۇ، بىرىنچىسى ئالتە يۈەن، ئىككىنچىسى بەش يۈەن بەش مو، ئۈچىنچىسى بەش يۈەن... تەرتىپ بويىچە تېخىمۇ ئەرزانلايدۇ، لېكىن چوقۇم بىرىنچىسىنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىككىنچىسىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دېسە.

مانتىخانىنىڭ خوجايىنىنىڭ سىزگە قوللانغىنى دەل بىرىنچى دەرىجىلىك باھادا كەمسىتىشتۇر. چۈنكى سىزنىڭ بىرىنچى مانتىنى يېيىش ئارزۇيىڭىز ئىككىنچى مانتىدىن كۈچلۈك، ئىككىنچى مانتا ئۈچىنچى مانتىدىن كۈچلۈك، شۇڭا خوجايىن ئالدىنقى مانتىنىڭ باھاسىنى كېيىنكى مانتىدىن قىممەت قىلىدۇ. ئونىنچىسىنى يەپ بولسىڭىز، كېيىنكى مانتىغا بىر كويلا پۇل كېتىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا سىز ئاللىبۇرۇن تويۇپ كەتتىڭىز.

بۇنداق سودا قىلىش باشقىلارنى بىزار قىلىدۇ، شۇڭا ئەمەلىيەتتە ھېچكىم بۇنداق قىلمايدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان باھادا كەمسىتىش تۆۋەندىكى ئىككى خىل بولىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىلىك باھادا كەمسىتىش، يەنە مىقدار بويىچە باھادا بېكىتىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مەسىلەن، «بىر قۇر كىيىمنى 60 يۈەندىن ساتسا، ئىككى قۇر كىيىمنى پەقەت 100 يۈەنگە سېتىش.»؛ «بىر ئىستاكان ئەتكەن چاي 10 يۈەن، ئىككىنچى ئىستاكان يېرىم باھا پەقەت 5 يۈەن»، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك باھادا كەمسىتىشىگە تەۋە.

نېمىشقا بۇنداق باھا بېكىتىلىدۇ؟

چۈنكى ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئارزۇسى بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ. لېكىن سودىگەرلەر يەنىلا خېرىدارنىڭ نەرسە سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن «ئىككىنچىسى يېرىم باھا»، «ئىككىنى سېتىۋالسا %80 ئېتىبار بېرىش»، «كارتا بېجىرگەندە تېخىمۇ ئېتىبار قىلىش» قاتارلىق پائالىيەتلەر يولغا قويۇلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «مىقدار بويىچە باھا بېكىتىش»تە سېتىۋېلىش مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ئەرزان بولۇشى ناتايىن، بەلكىم مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە قىممەت بولۇشىمۇ مۇمكىن.

مەسىلەن، مەلۇم شەھەردە ئاھالىلەر توك ئىشلەتكەندە پەلەمپەيسىمان توك باھاسى قوللىنىپ، ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ:

بىرىنچى دەرىجە ھەر ئايدا ئىشلىتىلىدىغان توك 230 كىلوۋات سائەت ئىچىدە بولسا، ھەر كىلوۋات سائەت توك بەش مودىن ئازراق ئاشىدۇ؛

ئىككىنچى دەرىجە 231~400 كىلوۋات سائەتكىچە بولسا، بىرىنچى دەرىجىدىكى توك باھاسى ئاساسىدا، ھەر كىلوۋات سائەتكە بەش پۇڭ قوشۇلىدۇ؛

ئۈچىنچى دەرىجە 400 كىلوۋات سائەتتىن يۇقىرى بولسا، بىرىنچى دەرىجىدىكى توك باھاسى ئاساسىدا، ھەر كىلوۋات سائەتكە ئۈچ مودىن قوشۇلىدۇ.

نېمىشقا بۇنداق باھا بېكىتىلىدۇ؟

چۈنكى بايلارنىڭ ئۆيلىرى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا توك ئىشلىتىش مىقدارى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، ئەمما ئۇلار توك باھاسىغا ئۇنچە سەزگۈر ئەمەس. شۇڭا، بۇ يەردىكى پەلەمپەيسىمان توك باھاسى بايلارنى باھادا كەمسىتىدۇ.

ئۈچىنچى دەرىجىلىك باھادا كەمسىتىش ئوخشىمىغان بازار ياكى ئوخشىمىغان ئىستېمال توپىغا قارىتا پەرقلىق باھا بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

«ئوخشاش بولمىغان بازار»نى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

مەسىلەن، ئوخشاش تىپتىكى بىر يانفوننىڭ ئامېرىكا ۋە جۇڭگودا باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ؛ يەنە نۇرغۇن زەنجىرسىمان دۇكانلار، جۈملىدىن يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى، قولايلىق دۇكان، دورا دۇكانلىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلاردا بېكىتكەن باھاسىمۇ ئوخشاش ئەمەس.

نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا قارىتا باھادا كەمسىتىش بولىدۇ؟

بۇنىڭدا تەننەرىخ ۋە ئوخشىمىغان رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى كۆزدە تۇتۇلغان.

ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان باھادا كەمسىتىش تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئادەتتىكى كىشىلەر ۋە بايلارغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم تەييارلانغان «ئەرزان بۆلمە، ھەشەمەتلىك بۆلمە»، «ئىقتىساد مېھمانسارىيى، ھەشەمەتلىك مېھمانساراي»، يەنە بېشىدا تىلغا ئېلىنغان، ئوخشاش بولمىغان يانفون ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتا، توردا ماشىنا چاقىرىش ھەققى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، ۋەھاكازالار. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەر توپىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن باھادا كەمسىتىشكە تەۋە.

ئەلۋەتتە، رېئاللىقتا بۇنداق باھادا كەمسىتىش مەلۇم بىر تۈردىكى كىشىلەرگە قارىتا باھاسىنى بىۋاسىتە «ئۆستۈرۈش»تە ئىپادىلەنمەيدۇ، يەنە باشقا بىر توپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ «پاراۋانلىق» ۋە «ئېتىبار بېرىش»تە ئىپادىلىنىدۇ.

مەسىلەن، مەلۇم مال سېتىۋېلىش سۇپىسى يېڭى ئابونتلارغا ئېتىبار بېلىتى بېرىش، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشتا ياشانغانلار ۋە بالىلارنى ھەقسىز قىلىش، مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە يېرىم باھادا ئېتىبار بېرىش قاتارلىقلار. ياشانغانلار ۋە بالىلارغا ئېتىبار بېرىلسە، ئۇنداقتا «كەمسىتىلىش» ئوبيېكتى ئىستېمال ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلاردۇر.

شۇڭا، تۇرمۇشتىكى «باھادا كەمسىتىش» ھەرگىزمۇ «چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تونۇشنى بابلىشى»لا ئەمەس، ئۇ بىز ئويلىغاندىنمۇ كەڭ بولۇپ، بىز ھەر كۈنى خىلمۇخىل باھادا كەمسىتىشلەرنى قوبۇل قىلىمىز. سىز 40 ياشقا كىرسىڭىزلا، 18 ياش ۋە 70 ياشلىقلار بەھرلىنىدىغان نۇرغۇن ئېتىبارلاردىن بەھرىمەن بولالمايسىز؛ سىز چوڭ شەھەرلەردە، كىچىك شەھەرلەردىكى تۆۋەن مال باھاسىدىن بەھرىمەن بولالمايسىز. باھادا كەمسىتىش بەزىدە بىزنى كۆپرەك پۇل خەجلەتكۈزىدۇ، بەزىدە ئازراق پۇل خەجلەتكۈزىدۇ، ئۇنداقتا سىز باھادا كەمسىتىشكە قانداق قارايسىز، ئۇ مۇۋاپىقمۇ؟

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى: مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟
2. مۈلۈك چېگراسى: مۈلۈكنى قانداق قىلغان توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ؟
3. ﻣﯜﻟﯜك سەپلەش: ﺳﺎن-سىفىر ئارقىسىدىكى ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ئىستراتېگىيەسى
4. قەرز تىجارىتى: يۇقىرى قەرز يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە باراۋەرمۇ؟
5. ﻗﻪرزنىڭ يوشۇرۇنۇشى: ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺟﻪدۋﯨﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﯨﺰىس

6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!

7. پايدا سۈپىتى: سىجىل پايدا ئەڭ قىممەتلىك
8. نەق پۇل سەۋىيەسى: ئىلكىدىكى پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
9. ﻧﻪق ﭘﯘل ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻪق ﭘﯘل ﺋﻮﺑﻮروﺗﯩﻨﻰ مەنپىي بولغان شىركەتمۇ پېيىنى بازارغا سالالايدۇ؟
10. مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ قوشۇمچە ئىزاھاتى: خېتى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە مۇھىم بولىدۇ
11. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇناسىۋىتى: ھەقدار ۋە پايچىكلارنىڭ ئۆزئارا چەكلەش چارىسى
12. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ: ﻣﯘددﯨﺘﻰ ۋە ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قوش ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ
13. پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى: AB پاينىڭ كۈچى
14. مونوپوللۇق يەككە پايچىك: سەل قاراشقا بولمايدىغان باغلىنىشلىق سودا
15. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪسى: قىسمەن ئەلالاشتۇرۇش ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ئەلالاشتۇرۇش

16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر

17. تىجارەت تەدبىرى: ئۈنۈملۈك مالىيە ئۇچۇرلىرىنى قانداق تاسقاش كېرەك؟
18. تەننەرخنى پەرقلەندۈرۈش: تىجارەت تەدبىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى
19. بايلىق باشقۇرۇش: ۋاپاغا جاپا ئېففېكتىدىن ھوشيار بولۇش
20. باشقۇرۇش ئىسلاھاتى: ھەممە ئادەم بىر پارچە پايدا جەدۋىلىدۇر
21. مۇقىم مۈلۈك: سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىش كېرەكمۇ ياكى قەرز ئېلىش كېرەكمۇ؟
22. قىممەتكە مەبلەغ سېلىش: باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش
23. كاپىتال خام چوتى: تۈر ئارىسىدا قانداق PK قىلىش كېرەك؟

24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

25. ناتۇرال قەرەللىك ھوقۇقى: مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش
26. خەۋپ-خەتەرنى يۆتكىۋېتىش: سۇغۇرتا ۋە جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
27. قوشۇۋېلىش تاكتىكىسى: كىچىكىنىڭ چوڭىنى يېيىش پاراسىتى
28. قوشۇۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى: سودا ئىناۋىتىدىن ئىبارەت «كۈل رەڭ كەركىدان»

29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ

30. پايدا بۆلۈشۈش سىياسىتى: پايدىنى تەقسىملىگەن شىركەت ياخشى شىركەتمۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0