ئالاھىدە خوش خەۋەر:
ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

يېقىندا، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر پايدىلىق سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆي بازىرىغا بولغان چەكلىمىنى بوشاتتى، لېكىن كىشىلەر ئەمدى تالىشىپ ئۆي سېتىۋالمايدىغان، زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغانلارمۇ ئۆي سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى.
ئۆي بازىرىنىڭ يۈزلىنىشىگە قانداق قاراش كېرەك؟ ئۆي باھاسىدا زادى كىمنىڭ دېگىنى ھېساب، بىز تەھلىل قىلىپ باقايلى.
بىرىنچى، دۆلىتىمىزدە ئۆي باھاسى چۈشسە كىم ئەڭ جىددىيلىشىدۇ؟
بۇ يەردە يەرلىك ھۆكۈمەت، سودا بانكىسى، ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى، قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغۇچى قاتارلىقلار بار. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن، يەرنىڭ سېتىلماسلىقىدىن، سودا بانكىلىرى تەرەققىيات سودىگەرلىرى ۋە سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۆي قەرزىنى قايتۇرالماسلىقىدىن، قەرز پۇلغا ئۆي سېتىۋالغۇچىلار مەنپىي مۈلۈكتىن، پۈتۈن سوممىلىق ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بولسا مۈلۈكنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەگەر ئۆي-مۈلۈك مەسىلىسىدە چاتاق چىقسا، بۇ ئېنىقلا پۈتۈن جەمئىيەتتىكى چوڭ مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.
ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ھەممە ساھەگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەر سېتىش كىرىمى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئۆي-مۈلۈك ساھەسى يۇقىرىدا بانكا، تۆۋەندە قۇرۇلۇش سودىگەرلىرى، يەنە ئۆي-مۈلۈك ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆي سېلىشقا پولات ماتېرىياللىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ياغاچ ماتېرىياللىرى، سېمونت، ئائىلە جابدۇقلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىقلار كېتىدۇ.
ئۆي سېتىۋېلىش بىلەن ئۆي سېتىش ئەسلىدە بىر بازار ھەرىكىتى بولۇپ، باھا ئەسلىدە ئۆسۈپ چۈشۈپ تۇرۇش نورمال ئەھۋال ئىدى. لېكىن جۇڭگونىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى ناھايىتى غەلىتە، باھا بىر ئۆسسە نۇرغۇن يىللار داۋاملىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلار، ئۆي سېتىۋالسىلا باھاسى ئۆسىدۇ، ئۆي سېتىۋالمىسا زىيان بولىدۇ، دەيدىغان ئاڭ شەكىللىنىپ قالغان. ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپى خۇددى يۈگەنسىز ياۋا ئاتقا ئوخشاش بولۇپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى توختاتقىلى بولمايتتى. لېكىن ھازىر ھۆكۈمەت قانداقلا قىلمىسۇن ئورنىدىن تۇرالمايۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا زادى ئۆي باھاسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ ياكى ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىشەنچىسى قالمىدىمۇ؟

ئىككىنچى، يېقىندا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆي بازىرىنى جانلاندۇرۇشقا دائىر نۇرغۇن سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، لېكىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ھەممىدىن بەك خالىمايدۇ، لېكىن ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. يەنە بەزىلەر، ئەگەر ھۆكۈمەت ئۆي باھاسىغا ئارىلاشمىغان بولسا، ئېلىمىزنىڭ ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى ئاللىقاچان ۋەيران بولغان بولاتتى، دېيىشتى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى كۆپۈك يېرىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ، لېكىن يۆنىلىشنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، چۈنكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ھامان چۈشىدۇ، پەقەت ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك مەسىلىسى مەۋجۇت، ئەكسىچە بولغاندىمۇ شۇنداق.
بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «ئۆي باھاسىنى ھۆكۈمەت ياخشى تەڭشىيەلەمدۇ ياكى بازارنىڭ ئەركىن داۋالغۇشىمۇ؟» شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا كۆرگىلى بولمايدىغان بىر قول بار، ئۇ بولسىمۇ باھا مېخانىزمىنىڭ رولى. ئۆي بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاندا، ئۆي سېتىۋالىدىغانلار كۆپ، ئۆي ساتىدىغانلار ئاز بولسا، ئۆي باھاسى ئۆرلەيدۇ؛ ئۆي بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۆي ساتىدىغانلار كۆپ، ئۆي سېتىۋالىدىغانلار ئاز بولسا، ئۆي باھاسى چۈشۈپ كېتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ تەڭشەش-تىزگىنلىشى پەقەت ئۆي باھاسىغا قىسقا مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئۆي باھاسىنى بەلگىلىگىلى بولمايدۇ.
ئۇنداقتا، ئۆي باھاسىدا زادى كىمنىڭ دېگىنى ھېساب؟
ئەلۋەتتە سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ دېگىنى ھېساب، تەمىنلەش-ئېھتىياج باھانى بەلگىلەيدۇ. ئۆي باھاسى ئەرزان بولسا بەزىلەر سېتىۋالىدۇ، ئۆي باھاسى قىممەت بولسا بەزىلەر ساتىدۇ. مانا بۇ بازار ئىگىلىكى، ئۆي باھاسىنى ئەڭ ئاخىرىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج بەلگىلەيدۇ.

ئۈچىنچى، سېتىۋالسا باھا ئۆسىدۇ، سېتىۋالمىسا باھا چۈشىدۇ
بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئېيتىلغان ئېھتىياج تۆلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئېھتىياجنى كۆرسىتىدۇ، جۇڭگودا ئۆي سېتىۋالماقچى بولغانلار كۆپ، لېكىن ئۆي سېتىۋېلىشقا پۇل بارمۇ يوق؟ مانا بۇ مۇھىم ھالقا. ھازىر ئۆي باھاسى چۈشۈپ كەتتى، سەۋەب زادى كىشىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋالغۇدەك پۇلى يوقمۇ؟ ياكى يەنىلا ئۆي باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىگە نىسبەتەن ئىشەنچىسى يوق، سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمامدۇ؟ ۋەياكى ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ساقلاپ ئاندىن سېتىۋالماقچىمۇ؟
سوراپ باقسام، ئۆي باھاسى قانچىلىك چۈشسە، ئاندىن سىز سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالايسىز؟ ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ پىسخىكىسى بولسا، سېتىۋالسا باھا ئۆسىدۇ، سېتىۋالمىسا باھا چۈشىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. ئۆي باھاسى ئۆسكەنسېرى كىشىلەر سېتىۋېلىشقا ئالدىرايدۇ، چۈشكەنسېرى ئۆي سېتىۋالمايدۇ، كۆڭلىدە ئەتە تېخىمۇ كۆپ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا ئۆي باھاسى ئۆرلىسىمۇ چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ، چۈشسىمۇ ئوخشاشلا چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ. چەت ئەلنىڭ ئەمەلىيىتى تەرىپىدىن ئىسپاتلاندىكى، ئامېرىكىنىڭ 2007-يىلىدىكى ئىككىلەمچى قەرز كرىزىسىدىن كېلىپ چىققان ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكىنىڭ يېرىلىشى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ھازىر ھۆكۈمىتىمىز ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۆي-مۈلۈككە بولغان كەلگۈسى كۆزلىمىسىنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلغاندىلا، ئاندىن بازارنى قۇتقۇزغىلى بولىدۇ.
ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەتلەر نۇرغۇن سىياسەتلەرنى چىقاردى، ھازىر قىيىنچىلىق باردەك قىلىدۇ. چۈنكى، كىشىلەردە بىر خىل كۆزلىمە شەكىللىنىپ قالسىلا، مەيلى سىز قانداق قىلىڭ، ھەرگىز ھاياجانلانمايدۇ، ھەم مەبلەغ سالمايدۇ. ئەگەر ئەتە ئۆي باھاسىنىڭ تېخىمۇ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، بۈگۈن ئۆي سېتىۋالمايسىز ھەم مەبلەغ سالمايسىز. كىم ئۆزىنىڭ پۇلىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ؟ بۇ دەل دۆلىتىمىزنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى. ئەلۋەتتە، ئۆي باھاسى چۈشۈپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئۆي سېتىۋېلىش مۇۋاپىق بولىدۇ.

تۆتىنچى، ئەگەر ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى يىرتىلىپ كەتسە، كىم ئىگە بولىدۇ؟
(1) دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ بايلىقىنىڭ %70 ئۆي-مۈلۈكتە، ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاھالىلەرنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارمۇ بار، ئۆي باھاسى چۈشۈپ كەتسە بانكا قەرزىنى قايتۇرالمىسا، مەنپىي مۈلۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ.
(2) بانكا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر زېمىن سودىگەرلىرى ئۆينى ساتالمىسا، بانكىدىن ئالغان قەرز پۇلنى قايتۇرالماي، بانكىنىڭ تىرىلمەس ھېسابىغا ئايلىنىپ قېلىپ، بانكا پايدىسى ئازىيىپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا خەۋپ-خەتەر كېلىپ چىقىدۇ.
(3) يەرلىك مالىيەنىڭ %40 تىن كۆپرەكى يەر سېتىشقا تايىنىپ كىرىم قىلىدۇ. ئۆي سېتىلمىسا، يەر سېتىش سوممىسى ئازىيىپ، يەرلىك مالىيەنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختايدۇ.
(4) ئۆي سېتىلمىسا، ئۆي-زېمىن سودىگىرى يەر ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۆي سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. پەقەت ھازىر بار بولغان ئۆي-مۈلۈك زاپىسىنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت كېتىدۇ.
(5) ئۆي-مۈلۈك دۆلىتىمىزدىكى بىر چوڭ تۈۋرۈك كەسىپ، نەچچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ قورسىقىنى باقىدۇ، ئەگەر ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىن چاتاق چىقسا، ئىشسىزلىق مەسىلىسى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
يۇقىرىقىلارنى ئاساس قىلغاندا، دۆلىتىمىز ئۆي بازىرىنى قاتتىق ماكرولۇق تەڭشەپ، ھايانكەشلەرنىڭ ھايانكەشلىك بىلەن ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكىنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول قويماي، پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

چۈنكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە چۈشۈشىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆي بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج. تەمىنلەش مىقدارىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك بولۇشى بىر ئېنىق سان، لېكىن ئېھتىياج مىقدارى قىسقا مۇددەتلىك بولمايدۇ. ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خۇسۇسىيلار. يۇقۇم تارقالغىنىغا ئۈچىنچى يىل بولدى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم ئەمەس، مۆلچەرى ياخشى ئەمەس، ئەتە ئۆي بازىرىنىڭ يەنە چۈشۈپ كېتىدىغان ياكى كەتمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغان تەقدىردىمۇ قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، بانكا قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەن تەقدىردىمۇ، تۇنجى قېتىم تۆلەيدىغان پۇل بىلەن نىسبەتلەشمەيدۇ. ئۆي مۈلۈككە مەبلەغ سالماقچى بولغانلار تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ قالدى. شۇڭا ئېھتىياج مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل.
دۆلىتىمىزدىكى ئۆيلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى: تەمىنلەش كۆپ، ئېھتىياج ئاز، ئۆي باھاسى چۈشۈپ كەتتى. شۇڭا كۆپچىلىك ئۆي سېتىۋالغاندا، چوقۇم تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئەھۋالىغا قاراش كېرەك.
كۆپچىلىك قاراڭلار، ئىلگىرى مەيلى قانچىلىك يۇقىرى قەرز بولسۇن، كىشىلەر تالىشىپ ئۆي سېتىۋالاتتى، ھازىر قانچىلىك تۆۋەن قەرز ئېلىشقا توغرا كەلسىمۇ، كىشىلەر ئۆي سېتىۋالمايۋاتىدۇ، چۈنكى ھەممە ئادەم ئەتە ئۆي باھاسىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
سىزدىن سوراپ باقسام، ھازىر جۇڭگولۇقلار يەنە ئۆي سېتىۋېلىشى كېرەكمۇ؟ يەنە بەزىلەر ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلامدۇ؟ ئەلۋەتتە بار! ئۇنداقتا ھازىر ئۆي باھاسى شۇنچە تۆۋەن، قەرز ئېلىش شارائىتى شۇنچە ياخشى تۇرسا، نېمىشقا سېتىۋالمايسىز؟ يادرولۇق مەسىلە بولسا كۆزلىمە ياخشى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى كەسىپلىرى ھازىر شۇنداق. شۇڭا كۆزلىمىنى ئۆزگەرتىش ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشى.
ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ياكى چۈشۈشى بازار ھەرىكىتى بولغاچقا، ئۆي باھاسىنى نورمال داۋالغۇتۇپ، ئۆي بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنى نىسپىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، بازار قوبۇل قىلالايدىغان تەڭپۇڭ باھانى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، ئەمما بۇ بىر جەريان، ئۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ. ئېلىمىز ئۆي مۈلۈك بازىرىدا بازار باھاسىدىن ئىبارەت بۇ كۆرۈنمەس قولنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىز ئۆي باھاسىنىڭ تەدرىجى ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:
6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!
16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر
24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ
