搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
دىققەت! ھەر بىر ئادەمنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن!
>
دىققەت! ھەر بىر ئادەمنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن!
Nepkar
2022-03-28
0
导读:سىزنىڭ ئىلگىرىكى تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ ھەممىسى چۆكمە تەننەرخكە ئايلىنىپ، زىيان تارتىسىز.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەپەككۇرىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. يېقىندا ئىككى ئىش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ۋەقەنىڭ كەينىدىن كەلگەن سىگنالغا سەل قارىغان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەھلىل قىلىپ باقايلى، سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى قوزغىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بۇ سىگناللار ئەڭ ئاخىرىدا ھەربىر ئادەمنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىرىنچى ئىش، ئەلى بابا بىلەن تېڭشۈن خادىم قىسقارتقاندىن كېيىن، بۇ بىردىنلا قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. بۇ ئىككى ئاتامان كەسىپنىڭ باشلامچىسى. ھازىرقى مەزگىل ئەسلىدە ئەتىيازلىق خادىم قوبۇل قىلىشنىڭ جىددىي مەزگىلى ئىدى، لېكىن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بۇ يىل كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشەلمەيلا قالماي، يەنە خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆپلەپ خادىم قىسقارتىشقا دۇچ كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئەلى بابا، تېڭشۈنلا ئەمەس، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، كۆپلىگەن ئالاقە تورى شىركەتلىرىدىن «خادىم قىسقارتىش» خەۋىرى تارقالدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئالاقە تورى كارخانىلىرى باياشات تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان، ھەرقانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ، ئېلان كىرىمى كاپالەتكە ئىگە ئىدى. لېكىن بۇلتۇردىن باشلاپ، مائارىپ، ئۆي مۈلۈك قاتارلىق زور مىقداردىكى ئېلان بازىرى يوقىدى، نۇرغۇن ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ ئېلان كەسپى زور دەرىجىدە ئازايدى، پېيى بازارغا سېلىنغان ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ مالىيە دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئېلان كىرىمى ئىلگىرىكى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن بۇلتۇر 3-، 4-پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ بىر خانىلىق سانغا چۈشۈپ قالغان. ئېلاننىڭ ئازىيىپ كېتىشى، يۇقىرى ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادى مۇھىتى تەسىرگە ئۇچراپ، نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ئېلان بەرگۈدەك پۇلى قالمىغانلىقىدىن بولغان.
ئۆتكەن 20 يىلدا، ئالاقە تورى كەسپى ياۋايىلارچە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش شەكلىدە ئۆسۈپ، نۇرغۇن ماگناتلار بارلىققا كەلدى. لېكىن نوپۇس پايدىسىنىڭ يوقىلىشى ۋە سېلىنمىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، ئالاقە تورى چوڭ زاۋۇتى ئۆزىنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى قايتىدىن رەتلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز كەسىپلەرنى تاقىۋەتتى ياكى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئىلگىرى دۆۋىلىنىپ قالغان ئىختىساسلىقلار كۆپۈكى تەدرىجى يېرىلىپ، ئالاقە تورى چوڭ زاۋۇتلىرىنىڭ خادىم قىسقارتىشى دەل ئالاقە تورى كۆپۈكىنى تېشىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.
بەزىلەر: «بۇنىڭ بىز ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. دۆلەت ئاللىقاچان چوڭ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى: مەۋھۇمدىن چىقىپ ئەمەلىي بولۇش، سېلىنمىنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىدىن ساقلىنىش، قاتتىق پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئالاقە تورى كارخانىلىرى داۋاملىق ياشاش ئۈچۈن، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىپ ئۆزگەرتىپ، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك. تىپىنى ئۆزگەرتىش قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ، خادىم قىسقارتىش، مائاش تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ھادىسىلەر مۇقەررەر يۈز بېرىدۇ، ئالاقە تورىنىڭ بېيىتىش رىۋايەتلىرى تەدرىجىي بۇزۇپ تاشلانغاندا، يەنە قانچىلىك ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغان ياشلارنىڭ باش چۆكۈرۈپ چوڭ زاۋۇتلارغا كىرىدىغانلىرىدىن قانچىلىك بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچى ئىش، تاماشا چەمبىرىكىدىكى چولپانلارنىڭ باج ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن 106 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، ئۇلار دەرھال كەچۈرۈم سوراش خېتى ئېلان قىلدى، بىر ئازدىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەرقايسى سۇپىلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرى پۈتۈن تور دائىرىسىدە توسۇلدى، ھەمكارلىق ماركىلىرىمۇ بەس-بەستە كېلىشىمنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىنلا تورداشلارنىڭ «باي-كەمبەغەللىك تەڭسىزلىكى»، «يۇقىرى باھالىق فىلىم ھەققى» ۋە تاماشا چەمبىرىكىدىكى تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قارىتا ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈشى بولدى.
لېكىن يەنە بىر نۇقتا شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر سەل قارىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ نۇقتا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەميانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىنغان: «باج چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بايقالغان.» بۇلتۇر باشلامچى ئېقىم چولپانلىرى باجدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جېجياڭ ئۆلكىلىك باج ئىدارىسى تەرەپنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، دېلو «باج يىغىش چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش» ئارقىلىق بايقالغان.
ئۇرۇشتا ئاجايىپ تۆھپە ياراتقان بۇ «باج چوڭ سانلىق مەلۇماتى» زادى نېمە؟ ئۇ قانچىلىك يامان؟
باج چوڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئۆزى باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر تۈرلۈك چوڭ سانلىق مەلۇمات توپلىمىنى كۆرسىتىدۇ، باج تاپشۇرغۇچى تەسىس قىلىنىشتىن تىزىمدىن ئۆچۈرۈلۈشكىچە بولغان پۈتكۈل دەۋرىيلىك ئىچىدىكى مەلۇم قىلغان سانلىق مەلۇمات، تاپشۇرغان سانلىق مەلۇمات، تالوندىكى سانلىق مەلۇمات، باجغا چېتىشلىق قانۇنغا، قائىدىگە خىلاپ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى ئىگىلىنىدۇ. بۇ باج سانلىق مەلۇماتلىرى زادى قانچىلىك؟
مەسىلەن، بۇلتۇر 10-ئايدا، جياڭسۇ ئۆلكىسى «جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ باج ئېلىش-باج باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا بىر سانلىق مەلۇمات ئاشكارىلاندى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك باج ئىدارىسىدىلا 200 مىلياردقا يېقىن باج يىغىش چوڭ سانلىق مەلۇماتى بار بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سۈرىتى سىزىلىپ، مىڭدىن ئارتۇق باج خەۋپ-خەتەر كۆرسەتكۈچى مودېلى ئېچىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ «سالامەتلىكى» ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى.
ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ كۆرسەتكۈچ مودېللىرى خۇددى ئەلگەككە ئوخشاش، قائىدە بويىچە باج تاپشۇرغۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز ئىلغاپ، خەۋپ-خەتىرى بار ۋە خەۋپ-خەتىرى يوق باج تاپشۇرغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. بىر ئۆلكىدە 200 مىليارد ئۇچۇر بولسا، مەملىكەت بويىچە قانچىلىك بولار؟ ھەممە ئادەم چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
(بۇ يەرنى بېسىپ «2022-يىلى ئىقتىساد ساھەدىكى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» دېگەن يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ.)
نۇرغۇن كىشىلەردە بىر خاتا قاراش مەۋجۇت بولۇپ، باج تارماقلىرى پەقەت باج ئىشلىرىنىلا باشقۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۆۋەتتە تاشقى چوڭ سانلىق مەلۇماتمۇ باج ئوغرىلاش قىلمىشىغا زەربە بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، سودا-سانائەتنى تىزىملاش سانلىق مەلۇماتى، پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش سانلىق مەلۇماتى، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت قانۇن بويىچە ئاشكارىلىغان ئۇچۇر، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ھۆججىتى قاتارلىقلار.
كەلگۈسىدىكى «ئالتۇن باجنىڭ تۆتىنچى باسقۇچ» سىستېمىسىدا، بانكا، باج، سودا-سانائەت، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق چوڭ سىستېمىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئالتۇن باجنىڭ تۆتىنچى باسقۇچى دېگىنىمىز، دۆلەت باج ئىدارىسى باج باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، تۆتىنچى باسقۇچ مۇشۇ يۇمشاق دېتالنىڭ تۆتتىنچى ئەۋلاد دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئالتۇن باج تۆتىنچى باسقۇچى تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، باج ئىدارىسى شەخسنىڭ بانكىدىكى كىرىم-چىقىم ئاقما ھېسابات ئەھۋالىنى ئاسانلا ئىگىلەپ، «سان ئارقىلىق باجنى باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ − بۇ «سان» چوڭ سانلىق مەلۇمات بولۇپ، كارخانىنىڭ تۈرلۈك چوڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە شەخسنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باج بىر دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، ئورتاق بېيىش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ھۆكۈمەت باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇش سالمىقىنى جەزمەن زورايتىدۇ. 2022-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: «باج ئېلىش- باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج ئوغرىلاش، باج ئالدامچىلىقى قىلىشقا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك.» دەپ مەخسۇس تەكىتلەندى. بىز شۇنداق ئېيتىمىزكى، باج تاپشۇرۇش ھەر بىر پۇقرانىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى. ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز، باج يىغىش چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىن بايقالغان داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ باج ئوغۇرلىغانلىقى، كەلگۈسىدە خۇددى كوچىغا ئورنىتىلغان كۈزىتىش ئاپاراتىغا ئوخشاش، كۈچلۈك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاستىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرالايدىغىنى، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىن مۇتلەق ھالقىپ كېتىدۇ!
شۇڭا، ھەمىشە ئىلگىرى باج تاپشۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان كونا ئۇسۇل بىلەن باج ئوغرىلاشنى بىخەتەر دەپ ئويلىماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە «قۇلاقنى يۇپۇرۇپ قوڭغۇراق ئوغرىلاش.» ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدىغانلىق. بۇ يەردە بىلەرمەنلىك قىلسىڭىز، سىزنىڭ پۇرسەت تەننەرخىڭىز بەك چوڭ بولۇپ كېتىدۇ! سىزنىڭ ئىلگىرىكى تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ ھەممىسى چۆكمە تەننەرخكە ئايلىنىپ، زىيان تارتىسىز.
خۇلاسىلەپ باقايلى: يېقىندا ئىككى ئىش يۈز بەردى، بىرى، ئەلى بابا ۋە تېڭشۈندىن ئىبارەت باشلامچى ئاتامانلارنىڭ خادىم قىسقارتىش دولقۇنى، بۇ ئالاقە تورىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانلىق بايلىق يارىتىش ئالتۇن دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئېغىر ئىشلارنى قىلىپ، جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئىككىنچى ئىش، تاماشا ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قىلمىشى ئۈچۈن 106 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، يېقىن كەلگۈسىدە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق باج ئوغرىلاش قىلمىشىغا يوشۇرۇنىدىغان جاي چىقمايدۇ.
قارىماققا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنىدىغان بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئارقىسىدىكى سىگنال ئاللىقاچان ئايدىڭلىشىپ بولغان بولۇپ، مەركەزنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بۇرۇنلا تەدبىر قوللانغان بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى: مەۋھۇملۇقتىن قۇتۇلۇپ، ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ، ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408