搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئۆي بازىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەكمۇ ياكى ئەمەلىي ئىقتىسادنىمۇ؟
>
ئۆي بازىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەكمۇ ياكى ئەمەلىي ئىقتىسادنىمۇ؟
Nepkar
2022-03-09
1
导读:دۆلەت ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى بېكىتتى: ئۆي-مۈلۈك كەسپى «يېڭى تەڭشەش»نى كۈتۈۋالىدۇ.
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
بۇلتۇر ئەتىيازدا، ما گۇاڭيۈەن ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە قارىتا مۇنداق بىر گەپنى قىلغان: «ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تايانچ كەسىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل يۈزلىنىش ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ.»
گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش سەۋەبلىك مەبلەغ سېلىشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئۆي-مۈلۈك كەسپى كۈچلۈك تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، نۇرغۇن سودا ساھەسىدىكى غوجايىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
ما گۇاڭيۈەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق گەپلەرنى قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۆي-مۈلۈك كەسپى باشتىن-ئاخىر ئېلىمىز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، يەنى نۇرغۇن كەسىپلەر ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ تۈرتكىسىدە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى دەرىجىگە يەتكەن.
ئۆتكەن نەچچە ئون يىل ئىچىدە، ئېلىمىزنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئۈزلۈكسىز گۈللەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مەلۇم دەرىجىدە تېزلەتتى.
ھەمدە مۇشۇ ئاساستا ئۆي مۈلۈك كەسپى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىقتىساد سىستېمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي-مۈلۈك كەسپى تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە ۋە مۇكەممەللەشمەكتە.
ھازىر ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى، ئىلگىرى ئۆي-مۈلۈك كەسپى بەلكىم نوقۇل ھالدا ئۆينى كۆپتۈرۈشكە تايىنىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۆپرەك نەپكە ئېرىشتۈرەتتى، لېكىن ھازىر ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈردى.
ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى ئاساس قىلغان باشقا يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرمۇ ئۈزلۈكسىز گۈللەنمەكتە، بەلكىم ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۆينىڭ باھاسىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ بەزى قوشۇمچە سودا قىممىتى پۈتكۈل ساھەنىڭ ئەڭ مۇھىم يادرولۇق ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىر نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار ئۆي-مۈلۈك كەسپى تەرەققىي قىلىپ ھازىرغا كەلگەندە، يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگۈسىدىكى بىر مەزگىل ئىچىدە، ئۆي باھاسى شۇ يىلدىكى باھا سەۋىيەسىگە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار ئېلىمىزدە ھازىر نۇرغۇن ئىقتىسادىي كەسىپلەرنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.
ھازىرغا قەدەر، ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈردى، شۇڭا مۇشۇ ئاساستا نەچچە ئون، ھەتتا يۈزدىن ئارتۇق كەسىپنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ يۈزلىنىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر مەبلەغ سالغۇچى ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە ئىككى يۈەن خەلق پۇلى مەبلەغ سالغان بولسا، ئۇنداقتا 16 يۈەنلىك سودا قىممىتى يارىتالايدىكەن.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ GDP تەرەققىياتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
شۇڭا ھازىر نۇرغۇن شەھەرلەر ئۆز ئىقتىسادىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بەس-بەستە ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى مۇھىم يول قىلىپ تاللىماقتا.
ھۆكۈمەتمۇ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئۈزلۈكسىز زورايتىۋاتىدۇ، بۇ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى سەكرەش تاختىسى قىلىپ، باشقا كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئۆي باھاسىنىڭ داۋالغۇشى مۇئەييەن باغلىنىشلىققا ئىگە، يەنى ئۆي-مۈلۈك كەسپى پەقەت ئۆي-مۈلۈك باھاسى ئۈزۈكسىز ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بەلگىلىك تەرەققىيات ئاساسىغا ئىگە بولالايدۇ.
ئەمما ھازىرغا قەدەر ئېلىمىزدە ئۆي باھاسى ۋەزىيىتىدە بىنورمال داۋالغۇش كۆرۈلدى. بۇنداق ئەھۋالدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە كېرەكلىك ئۆيلەرنى سېتىۋالالمايدۇ.
ئۇنداقتا، كەلگۈسىدىكى بىر مەزگىل ئىچىدە، ئۆي باھاسى بۇرۇنقىغا ئوخشاش داۋاملىق ئۇچقاندەك ئۆرلەمدۇ؟ ھەممىمىز بىلىمىز، ئۆي ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم نەرسىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ھازىر تۇرمۇشىمىز ئۆيدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، يەنە كېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزلىرىگە تەئەللۇق ئۆيگە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي بىر مۇكەممەل ئائىلە ھېسابلىنىدۇ.
يەنە كېلىپ نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەردە ئۆي كىشىلەرنىڭ پاراۋانلىق، توي، مائارىپ قاتارلىق بىر قاتار شەيئىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇ مەلۇم دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قوزغايدۇ، ئەمما ھازىر ئۆي باھاسىدىكى بىنورمال داۋالغۇش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي باھاسىنى تېزدىن چۈشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن رايونلاردىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى بەك يۇقىرى بولغاچقا، نۇرغۇن كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقا-ئارقىدىن سىرتقا كۆچۈپ كەتتى.
ئۆينىڭ باھاسى ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كەتكەچكە، نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ يەر تەننەرخى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆي ئىجارە تەننەرخى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كەتتى.
بۇ نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان مەبلىغىنى ئارقا-ئارقىدىن يەر تەننەرخىگە سەرپ قىلىشىغا سەۋەب بولدى، بۇمۇ نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ سىرتقا كۆچۈشنى تاللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.
خۇلاسە:
نۇرغۇن ئەمگەكچىلەر گەرچە بىر قەدەر يۇقىرى مائاش ۋە كىرىمگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۆي ئىجارە ھەققى تەننەرخى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئۇلار باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ، مانا بۇ ئۆي باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈپ كېتىشى پەيدا قىلغان بىر قاتار مەسىلىلەر.
بۈگۈنكى قىزغىن مۇنازىرە: 2022-يىللىق ئۆي باھاسى ۋەزىيىتى ئېنىق بولدىمۇ؟ دۆلەت ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى بېكىتتى: ئۆي-مۈلۈك كەسپى «يېڭى تەڭشەش»نى كۈتۈۋالىدۇ.
مەنبە: بەيدۇ تورىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0