ئالاھىدە خوش خەۋەر:
ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

نېمە ئۈچۈن داڭلىق ماركىلىق سومكىنىڭ باھاسى %20 چۈشۈرۈلسە، ساراڭلارچە تالىشىشتا قالىدۇ؟ ئاش تۇزىنىڭ باھاسى %20 چۈشۈرۈلسە ئۇنداق بولمايدۇ؟
ئەكسىچە، ئەگەر ئاش تۇزىنىڭ باھاسى %20 ئۆرلىسە، كىشىلەر يەنىلا ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا سېتىۋالىدۇ، ئەمما داڭلىق ماركىلىق سومكىلارنىڭ باھاسى %20 ئۆرلىسە، كىشىلەر دەرھال ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدۇ.
بۇ ھادىسىنى چۈشەندۈرگەندە، ئىقتىسادشۇناسلىقتا «ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقى» دېگەن بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ئېھتىياج مىقدارىنىڭ باھا ئۆزگىرىشىگە بولغان ئىنكاس دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان بىر كۆرسەتكۈچ.
ئەگەر باھا ئازراق ئۆزگەرسە، ئېھتىياج مىقدارى دەرھال زور دەرىجىدە ئاشسا ياكى زور دەرىجىدە ئازلىسا، بۇ مەزكۇر تاۋارنىڭ باھاغا نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقىنىڭ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەكسىچە، ئەگەر باھانىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى چوڭ بولسا، ئەمما ئېھتىياج مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى چوڭ بولمىسا، بۇ مەزكۇر تاۋارنىڭ باھاغا نىسبەتەن سەزگۈر ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقىنىڭ كىچىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەگەر باھاسى قانداق ئۆزگىرىشتىن قەتئىينەزەر، ئېھتىياج مىقدارى ئاساسەن ئۆزگەرمىسە، ئۇنداقتا بۇ خىل تاۋار «زۆرۈر ئېھتىياج» دەپ ئاتىلىدۇ.

شۇڭا، ئاش تۇزىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگەندە كۆپچىلىك يەنە سېتىۋالىدۇ، داڭلىق ماركىلىق سومكىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگەندە كۆپچىلىك ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى ئاش تۇزىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېلاستىكلىقى كىچىك، ئۇ تېخى زۆرۈر ئېھتىياج؛ داڭلىق ماركىلىق سومكىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېلاستىكلىقى چوڭ. سومكا ئالمىساق بولىدۇ، لېكىن تۇز بولمىسا بولمايدۇ.
تۇرمۇشىمىزدا قايسى تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئىلاستىكىلىقى چوڭ، قايسى تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئىلاستىكىلىقى كىچىك؟
ئاساسلىقى ئىككى ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىرى «تاۋارنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى». يەنە بىرى، تاۋارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشچانلىقىدىن ئىبارەت.
تاۋارنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى قانچە يۇقىرى بولسا، ئېھتىياج ئېلاستىكلىقى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. مەسىلەن، ئوتۇن، گۈرۈچ، ماي، تۇز، قازان-قۇمۇچ، قاچا-قۇچا قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى، باھانىڭ تەسىرىگە ئانچە چوڭ ئۇچرىمايدۇ، باھانى ئازراق ئۆستۈرسىمۇ يەنىلا سېتىۋالىمىز. يەنە مەسىلەن: ئەتىر سوپۇن، چىش چوتكىسى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، لۆڭگە، ياستۇق قاتارلىق ئائىلە سايمانلىرى، ئۇلارنىڭ باھاسى %10 ئۆستۈرۈلسە ياكى %10 چۈشۈرۈلسە، بىزمۇ سېتىۋېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى يۇقىرىقى تاۋارلارنىڭ ھەممىسى «زۆرۈر ئېھتىياج»غا تەۋە بولۇپ، ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى تۆۋەنرەك تاۋارلار، مەسىلەن: داڭلىق ئاپتوموبىل، داڭلىق سائەت، داڭلىق ھاراق، داڭلىق ماركىلىق سومكا، چەكلىك توپ ئايىغى قاتارلىقلار، بۇ تاۋارلار زۆرۈر ئېھتىياج ئەمەس، ناھايىتى كەلسە شۇ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، ئۇلار باھانىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ سەزگۈر، پەقەت باھانى چۈشۈرگەندىلا، ئاندىن نۇرغۇن كىشىلەر تالىشىپ سېتىۋالىدۇ.

كۆپچىلىك قاراڭلار، «قوش 11»دا كىشىلەر نېمىنى تالىشىپ سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ ئادەتتە تۇخۇم، گۈرۈچنى تالىشىپ سېتىۋالمايدۇ، بەلكى داڭلىق ماركىلىق كىيىم، داڭلىق ماركىلىق گىرىم بويۇملىرى، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر زۆرۈر ئېھتىياج ئەمەس، يەنە كېلىپ بىرقەدەر قىممەت، سېتىۋېلىش-سېتىۋالماسلىق پۈتۈنلەي بۇ تاۋارلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگەنلىكىگە باغلىق، مانا بۇ ئېھتىياجنىڭ ئېلاستىكلىقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
باھا ئېلاستىكىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككىنچى كۆپ ئۇچرايدىغان ئامىل، تاۋارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشچانلىققا ئىگە بولۇشى.
ئەگەر بىر تاۋارنىڭ ئورنىنى ئېلىش قىيىن بولسا، باھاسى ئۆسكەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئېھتىياج ئېلاستىكلىقى كىچىك بولىدۇ؛ ئەگەر بىر تاۋارنىڭ ئورنىنى باشقا تاۋارلار ئاسانلا ئالالىسا، ئۇنىڭ ئېھتىياج ئېلاستىكلىقى چوڭ بولىدۇ.
مەسىلەن: شىركىتىڭىزنىڭ سىرتىدا بىرلا ئاشخانا بار، بىر كۈنى تاماقخانىنىڭ تاماقلىرىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتسە، يەمسىز؟ ئوخشاشلا يەيسىز، چۈنكى سىزنىڭ تاللىشىڭىز يوق. بىراق، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، شىركەت بىناسىنىڭ ئاستىدا يەنە بىر ئاشخانا ئېچىلغاندا، بۇ تاماقخانىنىڭ باھاسى خالىغانچە ئۆسۈشكە پېتىنالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىشچانلىق ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ.
يەنە مەسىلەن: سىز يېرىم كېچىدە تاكسى توسۇپ ئۆيگە قايتسىڭىز، نېمە ئۈچۈن كۈندۈزى تاكسى توسقاندىن قىممەت بولىدۇ؟ چۈنكى يېرىم كېچىدە باشقا قاتناش قوراللىرى توختاپ قالىدۇ، سىزنىڭ باشقا ئامالىڭىز يوق. شۇڭا ماشىنا توسۇپ ئۆيگە قايتىش بۇ ۋاقىتتا زۆرۈر ئېھتىياج بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ سىز پويىز ئىستانسىسى، ئايرودۇرۇمدا ماشىنا توسسىڭىز، ئادەتتىكىدىن 30، 50 يۈەن قىممەت بولۇپ كېتىدۇ، سىزمۇ بۇنىڭدىن ئاغرىنالمايسىز، بولمىسا ئۆيگە قايتالمايسىز. لېكىن كۈندۈزى بولسا مېتروغا، كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئالدىڭىزغا چىقىشقا تەكلىپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان لايىھە كۆپ، تاكسى توسۇش ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، شۇڭا ھېچكىم باھانى ھەدەپ ئۆستۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، بولمىسا سودا كاساتلىشىدۇ.

«ئېھتىياج ئېلاستىكلىقى» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى چۈشىنىشنىڭ بىزگە نېمە پايدىسى بار؟
ئىستېمالچىلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇ بىزنىڭ قايسى تاۋارلار ياكى مۇلازىمەتلەرنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇلار يا زۆرۈر ئېھتىياج، يا ئاسانلىقچە ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدىغان ئېھتىياج بولىدۇ. بۇنداق تاۋارلارغا نىسبەتەن تاسادىپىي ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز ئالدىن يېتەرلىك تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.
سودىگەرلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، سىز «ئېھتىياج ئېلاستىكلىقى» ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ ئويلىنىپ بېقىڭ، سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز باھاغا سەزگۈرمۇ؟ ئەگەر سەزگۈر بولمىسا، زۆرۈر ئېھتىياج بولسا، سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش بوشلۇقى بولىدۇ، ئەگەر سەزگۈر بولسا، باھا بېكىتىشتە ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆپ مىقداردىكى خېرىدارلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.
تورداش دوستۇم، سىزمۇ كۆزىتىپ بېقىڭ، تۇرمۇشىڭىزدا قايسى تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئىلاستىكىلىقى بىر قەدەر چوڭ؟ قايسى تاۋارلار زۆرۈر ئېھتىياجغا تەۋە؟ ئىنكاس رايونىدا مۇزاكىرە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر
