ئالاھىدە خوش خەۋەر:
ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

6-ئايدىن باشلاپ، نۇرغۇن جايلار يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىشقا باشلىدى. مائاشىڭىزغا قانچە پۇل قوشۇلغانلىقىغا تېزدىن قاراپ بېقىڭ!

جۇڭگو ھاۋارايى تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 16-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 14 گىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك شەھەر، ناھىيەلەردە جەمئىي 508 قېتىم يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ 2022-يىلىدىن بۇيانقى دائىرىسى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھېسابلىنىدىكەن.
دۆلەت بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار مۇنداق بەلگىلىگەن: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنى 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا سىرتتىكى ئوچۇق مۇھىتتا مەشغۇلات قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرسا ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خىزمەت سورۇنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 33 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرەلمىسە، ئەمگەكچىلەرگە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى بېرىشى ھەمدە مائاش ئومۇمىي سوممىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

نۇرغۇن جايلارنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇل ئۆلچىمى 300 يۈەنگە يەتتى
تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 28 ئۆلكە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلغان، نۇرغۇن جايلار ئاي ياكى كۈن بويىچە تارقىتىشنى ئېنىق بەلگىلىگەن. پەقەت خېنەن ئۆلكىسىلا سائەت بويىچە تارقىتىشنى بەلگىلىگەن، يەنى: سىرتتا ئوچۇقچىلىقتا مەشغۇلات قىلىدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ سائىتىگە ئىككى يۈەن، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈسكۈنىسى يوق ياكى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلاش ئۈسكۈنىسى بار بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت سورۇنىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۈنۈمى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا تۆۋەنلىتىلمىگەن بولسا، ئەمگەكچىلەرنىڭ سائىتىگە 1.5 يۈەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى بېرىشنى بەلگىلىگەن.
ئايلىق ئۆلچەم بويىچە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشىدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان. جياڭشى ئۆلكىسى سىرتتا ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلىدىغان ئەمگەكچىلەرگە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىنىڭ 300 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقىنى؛ قالغان بەش ئۆلكە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنىڭ 300 يۈەنگە يېتىشىنى تەلەپ قىلغان.
كۈنلۈك ئۆلچەم بويىچە سېلىشتۇرغاندا، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ھەر كۈنلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى 25 يۈەن، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ھەر كۈنلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى 10 يۈەندىن 18 يۈەنگىچە، گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ ھەر كۈنلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى 11.5 يۈەندىن 13.8 يۈەنگىچە، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ھەر كۈنلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى 12 يۈەن بولغان.
خەينەن ئۆلكىسى ئۇدا 7 ئاي يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىدۇ
تارقىتىش ۋاقتىدىن قارىغاندا، كۆپ ساندىكى ئۆلكىلەردە 6-ئايدىن 9-ئايغىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىلىدۇ، خەينەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق شەرقىي جەنۇب رايونلىرىدا تارقىتىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولىدۇ.
كونكرېت ۋاقىت بويىچە قارىغاندا، خەينەن ئۆلكىسى ھەر يىلى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىشنى ئېنىق بەلگىلىگەن. گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ئۆلكىلىرى ھەر يىلى 6-ئايدىن 10-ئايغىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىشنى ئېنىق بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولسا، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى «ئىشلەمچىلەر» 5-ئايدىن باشلاپلا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ئالالايدۇ، بۇ ئەمەلىي كۆرۈلگەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۈن سانى × 12 يۈەن بويىچە ھېسابلىنىپ تارقىتىلىدۇ، 6-ئايدىن 9-ئايغىچە ھەر ئايدا 260 يۈەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
جىلىن، لياۋنىڭ قاتارلىق شىمالدىكى ئۆلكىلەرنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىش ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جىلىن ئۆلكىسى ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە تارقىتىدىغانلىقىنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ھەر يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىگەن.
«ماش سۈيى»نى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقاتسىمۇ، تارقاتمىسىمۇ بولىدىغان «پاراۋانلىق» ئەمەس.
فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەگەر بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىنى تارقاتمىغان بولسا، بۇ ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قالغانلىق ياكى سەۋەبسىز نېسى قالدۇرغانلىققا كىرىدۇ، ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە سۈرۈك ئىچىدە بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ بەرمىسە تۆلەم پۇلىنى قوشۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار يەنە يۇقىرى تېمپېراتۇرا مەشغۇلاتى قىلىدىغان ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا مەشغۇلات قىلىدىغان ئەمگەكچىلەرنى يېتەرلىك، تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدىغان ئىچىملىك ۋە زۆرۈر دورىلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مەسىلەن: ماش سۈيى، تاۋۇز قاتارلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدىغان يېمەكلىكلەر ياكى ئالاقىدار دورىلارنى تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.
ئۇنداقتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئىچىملىكى تارقاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىنى ئاز تارقاتسا ياكى تارقاتمىسا بولامدۇ؟
ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئېنىق قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار پۇل ۋە بۇيۇملارنى تارقاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئىچىملىكى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلسا بولمايدۇ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئىچىملىكىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!
16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر
29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ


