搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
پاي چېكى ماھارىتى: ىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغ دېگەن نېمە؟
>
پاي چېكى ماھارىتى: ىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغ دېگەن نېمە؟
Nepkar
2022-03-21
1
导读:شىياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرى ئارقىلىق A پايغا سالغان مەبلەغمۇ زور مىقداردا چەت ئەل مەبلىغى بىلەن مەۋجۇت ب
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
پاي چېكى سودىسى قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى پاي چېكى بازىرىدىكى مەبلەغنىڭ كىرىش-چىقىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغاندا، بىر خىل مەبلەغنىڭ كىرى
ش-چىقىش ئەھۋالى نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغ.
ئۇنداقتا،
پاي چېكىدىكى شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغ دېگەن نېمە؟ ئۇ پاي چېكى بازىرىنىڭ يۆنىلىشىنى مۆلچەرلەشتە قانداق رول ئوينايدۇ؟
شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغ دېگەن نېمە؟
شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغ ئېلىمىزنىڭ A پاي چېكى بازىرىدا شاڭخەي-شياڭگاڭ ئالاقىسى ۋە شېنجېن-شياڭگاڭ ئالاقىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، شياڭگاڭنىڭ ئاكسىيە بازىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ A پاي چېكى بازىرىغا بىۋاسىتە مەبلەغ سالغان چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغنى كۆرسىتىدۇ.
ئىلگىرى چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ A پاي چېكىگە مەبلەغ سالماقچى بولغاندا، A پاي چېكى بازىرىدىن بىۋاسىتە پاي چېكى سېتىۋالغىلى بولمايتتى، سېتىۋېلىش ئۈچۈن پەقەت QFII فوندى ئارقىلىقلا سېتىۋېلىش كېرەك ئىدى. شاڭخەي-شياڭگاڭ ئالاقىسى بىلەن شېنجېن-شياڭگاڭ ئالاقىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىدا ھېسابات ئاچقان مەبلەغ سالغۇچىلار شارائىت يار بەرسىلا A پاي چېكى بازىرىدىكى پاي چېكىنى بىۋاسىتە سېتىۋالالايدۇ.
شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرى بولسا پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئەركىن ئېچىۋېتىلگەن بازار، ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار پەقەت شياڭگاڭ ئاھالىسىلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار بار. شۇڭا شىياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرى ئارقىلىق A پايغا سالغان مەبلەغمۇ زور مىقداردا چەت ئەل مەبلىغى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
چۈنكى شياڭگاڭ دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىغا بىر قەدەر يېقىن ئورۇندا بولغاچقا، شياڭگاڭدىن A پايغا كىرىدىغان مەبلەغ شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغ دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مەبلەغ سالغۇچى شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىنىڭ پاي چېكىگە مەبلەغ سالسا، بۇ بىر قىسىم مەبلەغ جەنۇبقا يۈزلەنگەن مەبلەغ دەپ ئاتىلىدۇ.
شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
پاي چېكىگە نىسبەتەن بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە كىشىلەر شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، پاي چېكى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە چۈشۈشى ئەمەلىيەتتە ئېلىم-سېتىم مەبلىغىنىڭ تىركىشىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەبلەغ ئالدىدا ئۇليۈز (基本面)، تېخنىكا بىر چەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. پەقەت مەبلەغنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشسىلا، ئۇليۈز، تېخنىكا دائىرىسى ئىنتايىن ناچار پاي چېكى بولسىمۇ، يەنىلا ناھايىتى ياخشى ئۆسىدۇ. ئەگەر مەبلەغ بولمىسا، ئۇليۈز ھەر قانچە ياخشى بولغان پاي چېكىنىڭمۇ ئۆرلەپ كېتىشى ناتايىن.
شۇڭا، شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغنىڭ رولى A پاي بازىرىنىڭ ئۆرلەش-چۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغ دۆلىتىمىزنىڭ A پاي بازىرىغا ئېقىپ كىرگەندە، A پاي چېكىنى ئۆستۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغ دۆلىتىمىزنىڭ A پاي بازىرىدىن ئېقىپ چىققاندا، A پايغا نىسبەتەن بەلگىلىك تۆۋەنلەش بېسىمى پەيدا بولىدۇ.
ئۇنداقتا،
پەقەت شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغنىڭ A پايغا ئېقىپ كىرگەنلىكىنى كۆرگەندىلا، A پاي ئۆرلەمدۇ؟ ياكى پەقەت شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغ ئېقىپ چىقسىلا، A پاي تۆۋەنلەپ كېتەمدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغنىڭ ئېلىمىزنىڭ A پاي بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. دۆلىتىمىزنىڭ A پاي بازىرىدا ھەر كۈنلۈك پۈتۈشۈش مىقدارى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، ئەمما شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغنىڭ ھەر كۈنلۈك كىرىپ-چىقىش مىقدارى نەچچە 10 مىليارد يۈەندىن ئاشمايدۇ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران %1 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ھەتتا %1 كىمۇ يەتمەيدۇ. سودا سوممىسىنىڭ %1 ى بويىچە بولغاندا، روشەنكى، A پاينىڭ ئۆرلەش-چۈشۈشىنى بەلگىلىگىلى بولمايدۇ.
ئەمما پاي چېكى بازىرىدىكى ھەر قايسى يۆنىلىشتىكى مەبلەغ گەرچە ئۆز ئارا مۇستەقىل بولسىمۇ، لېكىن قىلچە ئالاقىسى يوق ئەمەس. پەقەت شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغكىلا تايىنىش بەلكىم A پاينىڭ ئۆرلەش-چۈشۈشىنى بەلگىلىيەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن باشقا ھەر قايسى يۆنىلىشتىكى مەبلەغ بىلەن شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغ ھەمتۈرتكە تەسىر كۆرسەتسە، ئۇ ھالدا پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۆرلەش-چۈشۈشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغكە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغنى يۆنىلىش بەلگىسى قىلىۋالغاچقا، دائىم شامالغا ئەگىشىش ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغنىڭ A پاي چېكىگە كەڭ كۆلەمدە ئېقىپ كىرگەنلىكىنى كۆرگەندە، A پاي چېكىنىڭ پۇرسىتى كەلدى، دەپ قارىلىدۇ، نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار تەسىرگە ئۇچراپ تېخىمۇ كۆپ پاي چېكى سېتىۋالىدۇ. ھالبۇكى، شىمالغا يۈزلەنگەن مەبلەغنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، پاي چېكى بازىرى چۈشىدىغاندەك ھېس قىلىپ، قولىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋېتىدۇ. بۇ خىل شامالغا ئەگىشىش ئېففېكتى شەكىللەنگەن ھامان، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۆرلىشى ياكى چۈشۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
مەنبە: كۈنجۈت ئاكسىيە تەھلىل گۇرۇپپىسى
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0