大数跨境

پۇل مۇئامىلە كومىتېتى: بازارنىڭ كاساتلىقىنى بىراقلا تۈگىتىش!

پۇل مۇئامىلە كومىتېتى: بازارنىڭ كاساتلىقىنى بىراقلا تۈگىتىش! Nepkar
2022-03-22
1
导读:يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ يادرولۇق ئورنىدا تۇرۇشى

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
نيۇ ۋېنشىن: پاي چېكى بازىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ باشقۇرۇشتا چوقۇم مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك
3-ئاينىڭ 16-كۈنى، A پاي چېكى ۋە شياڭگاڭ پاي چېكى بازىرى يەنە بىر قېتىم قاتتىق سىناقنى باشتىن كەچۈرىۋاتقاندا، گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پۇل مۇئامىلە كومىتېتى دېيىلىدۇ) مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئېچىپ، بازارنىڭ كاساتلىقىنى بىراقلا تۈگىتىپ، پاي چېكى بازىرىنىڭ كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇردى. نۇرغۇن كىشىلەر تەجرىبىسىگە ئاساسەن، پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ مۇشۇنداق بىر قېتىملىق يىغىن ئېچىشى پەقەت بىر خىل «بازارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى» بولۇپ، پاي چېكى بازىرىغا نىسبەتەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس، دەپ قارايدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «دۆلەت كوماندىسىنىڭ بازارنى قۇتقۇزۇشى قانداق ئۇقۇم؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
بىز شۇنى ئېنىق كۆرسىتىشىمىز كېرەككى، بازارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى دائىم ۋاقىتلىق، قىسقا مۇددەتلىك تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر، لېكىن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پۇل مۇئامىلە كومىتېتى يىغىنىدا بېرىلگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان تەدبىر ھەرگىزمۇ ئاددىي، ۋاقىتلىق بازارنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى بىر قېتىملىق جۇڭگو سېلىنما (资本) بازىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى سىستېمىلىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. 
2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، مەركەز تۇنجى قېتىم مۇنداق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان: سېلىنما بازىرى پۇل مۇئامىلە ئايلىنىشىدا بىرىگە چېقىلسا ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىش رولىغا ئىگە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئوچۇق، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئېلاستىكلىققا ئىگە سېلىنما بازىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. 
2021-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې «خەلق گېزىتى»دە «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «پەن-تېخنىكا-كەسىپ-پۇل مۇئامىلە»نىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سېلىنما بازىرى پۇل مۇئامىلە ئايلىنىشىدا بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىشتەك رولغا ئىگە، «تۈزۈم ئورنىتىش، ئارىلاشماسلىق، قىلچە يول قويماسلىق» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئوچۇق، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئېلاستىكلىققا ئىگە سېلىنما بازىرىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان تۈگۈنگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. 
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر پۈتۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سېلىنما بازىرى «بىرگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىش» رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان تۈگۈن»، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولى. 


بىرىنچى، قاتتىق قول بولۇش، مۇھىم سۆز قىلىش
بۇ قېتىمقى پۇل مۇئامىلە كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئاخباراتىدا ئاساسىي مەقسەت ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە سېلىنما بازىرى مەسىلىسى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىندى. 
بۇ تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ «سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش» تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىنىڭ جۇڭگونىڭ سېلىنما بازىرى، بولۇپمۇ پاي ھوقۇقى بازىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىمۇ نامايان قىلدى.

نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ چۈنكى، قاتتىق قول بولۇش، مۇھىم سۆز قىلىندى.
«قاتتىق قول بولۇش»، «مۇھىم سۆز» دېگەنلىك ئەمەلىيەتتە ناھايىتى كەسكىن تىل، ناھايىتى ئېغىر تەدبىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 
مەسىلەن، يىغىن ئاخباراتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلىكىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەكىتلەندى: ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، بازارغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى پائال ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىسقارتىش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. بازار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. سېلىنما بازىرىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىكى سىياسەتلەرنى ئالدى بىلەن پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، سىياسەت كۆزلىمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىردەكلىكىنى ساقلاش كېرەك. گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.
بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ جۇڭگونىڭ سېلىنما بازىرىغا قارىتا قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قىلىدىغاننى قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، تەشەببۇسكار بولۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ تەشەببۇسكار بولمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ ماسلىشىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ماسلاشمىغانلار ياكى تامامەن ماسلاشقىلى بولىدىغان بولسىمۇ، ئوبيېكتىپ سەۋەبنى تېپىپ ئىتتىرىپ قويغان ياكى پاسسىپ ماسلاشمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ بىردەك ماسلاشقىلى بولىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئاخىرىدا بىردەك ماسلىشالمىغانلارنىڭمۇ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 
بۇنىڭدا پۇل مۇئامىلىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىگە ماسلىشىپ سېلىنما بازىرىغا يۈزلىنىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن «داموكرىس شەمشىرى»نى تىكلىشىنى تەكىتلىگەن، بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسمۇ؟ 
يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مەركىزىي بانكا، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى «تارماقلار ئارا سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سېلىنما بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداش»نى مۇھىم نۇقتا قىلىدۇ، بۇ ئەجەبا مىسلى كۆرۈلمىگەن «قاتتىق قول بولۇش» ئەمەسمۇ؟ 
«14-بەش يىللىق» يىرىك پىلاندا «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈستىدە توختالغاندا، جەزمەن چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش. 
پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادتىكى قان، شۇڭا، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ساھەسى چوقۇم ئالدى بىلەن يۇقىرىقى ئاساسىي پىرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، شۇنداقلا كونكرېت خىزمەتلەردە «سىستېما قارىشى»نى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك، بۇ پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتىنىڭ بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، تېخىمۇ مۇھىمى سېلىنما بازىرىنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك قوزغىتىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. 
ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، ئالاقىدار تارماقلاردا سىستېمىلىق قاراش كەمچىل بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بەزىلەر پاي چېكى بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنى ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى باشقۇرىدۇ، باشقا پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز؛ مەركىزىي بانكا سودا بانكىلىرىنىڭ كرېدىت، ھەرىكەتچانلىقىغا، پۇل بازىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، سېلىنما بازىرىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ئۇزاق مۇددەتلىك سېلىنما ئىشى بولۇپ، مەركىزىي بانكا بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارىشى مۇمكىن، بۇ خىل قاراشنى ئۆزگەرتىش كېرەك. 
ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدىن بۇيان، «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى» كۆپ قېتىم ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر شارى خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى سېلىنمىسى، ئوقەتچىلىك سېلىنمىسىنى تالىشىش ئاللىقاچان ئەۋجىگە چىقىپ بولدى، پاي چېكى بازىرى جۇڭگو پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يادروسى بولۇپ قالدى. 
نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەلىپىمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بىز پەقەت بۇ رىقابەتكە قاتنىشىپ ھەم پاي ھوقۇقى سېلىنمىسى، ئوقەتچىلىك سېلىنمىسىنىڭ رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشكەندىلا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كەلگۈسىگە ئېرىشەلەيدۇ. قەرز سېلىنمىسىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە تىرەك بولۇشى، پاي ھوقۇقى سېلىنمىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان كەسىپلەرگە تىرەك بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي پۇل مۇئامىلە فۇنكسىيەسىنى چىقىش قىلغاندا، يۇقىرىقى لوگىكا ئاساسىي سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىز بۇنداق لوگىكىنى ئېتىراپ قىلساق، جۇڭگودىكى بارلىق پۇل مۇئامىلە ئەربابلىرى پاي ھوقۇقى سېلىنمىسى، ئوقەتچىلىك سېلىنمىسى ئەۋزەللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەكمۇ؟ 
شۇڭا، بىز بۇ قېتىمقى پۇل مۇئامىلە كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇچۇرنى ئېنىق يەتكۈزۈش: ھەر قايسى تەرەپلەر چوقۇم «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، سېلىنما بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. 
بۇ جۇڭگو پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ ئىنچىكە تەھلىل قىلىشىغا مۇھتاج. 


ئىككىنچى، ئالدىن كۆزلەنگەن باشقۇرۇش مۇھىم ھالقا 
پۇل مۇئامىلىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىشىپ سېلىنما بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغداشنىڭ ۋاسىتىسى نېمە؟ 
ناھايىتى كۆپ، ئەمما بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا ئىككى: بىر تەرەپتىن، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت، سېلىنمىلىشىشى، پاي ھوقۇقىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو پۇل مۇئامىلە بازىرىغا يېتەرلىك ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ ئاجرىتىپ، سېلىنما بازىرىنى مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كۈچلۈك كۆزلىمە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق، مەبلەغ سالغۇچىلارنى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا قارىتا مۇستەھكەم ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ھەم پاي چېكى بازىرى تۆۋەنلەش جەريانىدا، تېخىمۇ قىممىتى بار پاي چېكىنى سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلدۇرۇش، ھەرگىزمۇ جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ تۆكمە قىلىپ سېتىش ئەمەس. 
ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە قارىتا بېسىم ئىشلەتتى. جۇڭگوغا سودا ئۇرۇشى، پەن-تېخنىكا ئۇرۇشى قوزغىغىلى بولغان يەردە، نېمە ئۈچۈن پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى قوزغىغىلى بولمايدۇ؟ ئەجەبا ئامېرىكىنىڭ قولىدىكى قۇدرەتلىك پۇل مۇئامىلە كۈچى ئىشلەتكىلى بولىدىغان قورال ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ ئېنىقلا سەل قاراشقا ئاساسىمىز يوق. 
تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، بىر دۆلەتكە قارىتا پۇل مۇئامىلە ھۇجۇمى قوزغاشتا، پۇل مۇئامىلە تىمساھىنىڭ سېلىنمىسى پەقەت پىلتە بولۇپ، مۇھىمى شۇ دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى «قوي پادىسى ئېففېكتى»نى پەيدا قىلىدۇ. 
شۇڭا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پۇل مۇئامىلە ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: 
بىرىنچى، پۇل مۇئامىلە بازىرىنى ئېچىۋېتىش جەريانىدا، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇشتىن ھەرگىز ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۈنۈملۈك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، خەلقئارا سېلىنمىنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىگە قارىتا چوقۇم تولۇق سەزگۈرلۈككە ئىگە بولۇشى كېرەك ھەمدە يېتەرلىك ۋاسىتە بىلەن تەرتىپسىز ھالەتنى توسۇش كېرەك. ئىككىنچى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي، سىجىل، ئۈنۈملۈك كۆزلەنمىنى باشقۇرۇشى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە تىمساھىنىڭ «قوي پادىسى ئېففېكتى»نى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبنى تېپىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك.
ئۈچىنچى، مەركىزىي بانكىدا يېتەرلىك تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بولۇشى، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرى ۋە پۇخرالارنىڭ قولىدىمۇ يېتەرلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆز پۇلى مەبلىغى بولۇشى كېرەك. پاي چېكى بازىرىدا باھا چۈشۈش جەريانىدا زور مىقداردا سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. 
بۇ ئۈچ تۈر ئەمەلىيەتتە پۇل مۇئامىلىدە يامان غەرەزدە يوشۇرۇنۇپ زەربە بەرگۈچىلەر ئەڭ قورقىدىغان ئىش. بىرىنچى تۈر پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش، كېيىنكى ئىككى تۈر پۇل مۇئامىلىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بازار ئامىلى بولۇپ، ئۇنىڭ يادروسى ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى تۈر − ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي، سىجىل، ئۈنۈملۈك كۆزلىمە باشقۇرۇش. 
دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، بۇ قېتىمقى پۇل مۇئامىلە كومىتېتى يىغىنىدا مۆلچەردىكى باشقۇرۇش مەسىلىسى كۈچەپ تەكىتلىنىپ، مۇنداق ئۇسۇل ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 
بىرىنچى، بازارغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى كۆپرەك چىقىرىش، بازارنى قىسقارتىش سىياسىتىدە ئېھتىياتچان بولۇشقا پايدىسىز؛ 
ئىككىنچى، بازار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب بېرىش، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە ۋاقتىدا جاۋاب بېرىش؛ ئۈچىنچى، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ سىياسەتلىرى بىردەك بولۇشى، ھەركىم ئۆز بىلگىنىچە ئىش كۆرۈپ، بازار كۆزلىمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى كېرەك. 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل مۇئامىلە كومىتېتى بازار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا «نىسپىي ئېنىق» جاۋاب بەردى. مەسىلەن، ماكرو ئىگىلىك ئايلىنىشىدا پۇل سىياسىتىدە جەزمەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىشىش خەۋپ-خەتىرى، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگو پاي چېكى جەھەتتە ياخشى ئالاقىنى ساقلاش مەسىلىسى، سۇپا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى، قىزىل، يېشىل چىراغ ئورنىتىشنى تېزدىن تاماملاش ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسىلىسى قاتارلىقلار. 
ئېنىقسىز بولۇشنى جەزىملەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىش، بۇ ئالدىن كۆزلەنگەن باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى. مەسىلەن، بىر پاي چېكى بىر زور تاسادىپىي ۋەقە سەۋەبىدىن زىيان تارتسا، ئەگەر زىيان سوممىسى ئېنىق بولۇپ، بازارنىڭ بۇ شىركەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بولغان مۆلچەرىگە تەسىر يەتكۈزمىسە، ئۇنداقتا بۇ پاي چېكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، تاسادىپىي ۋەقەنىڭ سەلبىي تەسىرى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، پاي چېكىنىڭ چۈشۈش دەرىجىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ناھايىتى تېزلا ياخشى مۆلچەرنىڭ پاي باھاسىنى بەلگىلەش جەريانى ئەسلىگە كېلىدۇ. 
ئەلۋەتتە، يەنە بىر ناھايىتى مۇھىم مەسىلە شۇكى، ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىتا ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي، سىجىل، ئۈنۈملۈك كۆزلەنمە باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ؟ بۇ ئىنتايىن كەسپىي، ئىنچىكە بولغان جەمئىيەت پىسخىكىسىنى تەڭشەش جەريانى بولۇپ، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىدا مۇشۇنداق سەۋرچانلىق بارمۇ-يوق؟ 
پىروفېسسورلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەر خىل بىلىش ئېغىشلىرىنى ئەيىبلىمەستىن، بەلكى مەيدان، يۆنىلىشنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ، ئىنچىكىلىك بىلەن ھەر خىل مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش كېرەك.
شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، سېلىنما بازىرىنى ئالدىن باشقۇرۇش مەسىلىسىدە، مەركىزىي بانكىنىڭ رولى جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك باشقۇرۇش كومىتېتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. تەپسىلاتىنى «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ئوبزورى «جۇڭگو بازىرىنى 'ئالدىن مۆلچەرلەپ باشقۇرۇش"نىڭ خام تەدبىرى»؛ 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى «مەركىزىي بانكا كۆزلىمە باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى»؛ 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى «A پاي بازىرى كۆزلىمىسىنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟» قاتارلىقلاردىن كۆرۈڭ. 
قىسقىسى، يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سېلىنما بازىرىدا جۇڭگو پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ يادرولۇق ئورنىدا تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى سېلىنما بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغداش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈنۈمىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ساھەسىدىكىلەرنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭگو سېلىنما بازىرىنىڭ ئۆز ئورنىنى تېپىشى، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىشى، ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە بېرىشى كېرەك. 
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.


بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408