大数跨境

تەپەككۇر ئۇچقۇنى: ئۆلۈك ئېشەكنىڭ ھېكايىسى

تەپەككۇر ئۇچقۇنى: ئۆلۈك ئېشەكنىڭ ھېكايىسى Nepkar
2022-03-27
2
导读:تەپەككۇر يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ، يۆنىلىش كىشىلىك ھاياتنى بەلگىلەيدۇ؛ ئوي-پىكىر ئۇسۇلنى بەلگىلەيدۇ...
بىر يىگىت دېھقاندىن 100 دوللارغا بىر ئېشەك سېتىۋاپتۇ، دېھقان ئېشەكنى ئەتىسى ئەكېلىپ بېرىشكە قوشۇلۇپتۇ. بىراق، ئەتىسى دېھقان يىگىتنى ئىزدەپ كېلىپ: «كەچۈرۈڭ يىگىت، ھېلىقى ئېشەك ئۆلۈپ قالدى.» دەپتۇ.
يىگىت: «ھېچقىسى يوق، سىز ماڭا پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.» دەپتۇ.
بىراق دېھقان پۇلنى ئاللىقاچان خەجلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
يىگىت سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: «ئۇنداق بولسا ئۇ ئۆلۈك ئېشەكنى ماڭا بېرىڭ.» دەپتۇ.
دېھقان تولىمۇ ھەيران قالغان ھالدا: «سىز ئۇ ئۆلۈك ئېشەكنى نېمە قىلىسىز؟» دەپ سوراپتۇ.
يىگىت: «ئەنسىرىمەڭ، سىز بۇ ئېشەكنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ھېچكىمگە ئېيتمىسىڭىزلا بولدى.» دەپتۇ.
بىر ئايدىن كېيىن، دېھقان يىگىتنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ، دېھقان ئۇنىڭدىن: «ئۇ ئۆلۈك ئېشەك كېيىن قانداق بولدى؟» دەپ سوراپتۇ.
يىگىت: «مەن ئۇ ئېشەكنى مۇكاپات بۇيۇمى قىلىپ، ھەر بىر بېلەتنىڭ باھاسىنى 2 دوللار قىلىپ بېكىتىپ بىر قېتىملىق تەلەيلىك چەك تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدىم، 500 پارچە بېلەت سېتىپ 998 دوللار تاپتىم.» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
دېھقان قىزىقىپ: «ئەجەبا ھېچكىم بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرمىدىمۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
يىگىت جاۋاب بېرىپ: «پەقەت ھېلىقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىلا نارازىلىقىنى بىلدۈردى، شۇڭا مەن ئۇنىڭ بېلەت ئالغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بەردىم.» دەپتۇ.

تەپەككۇر يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ، يۆنىلىش كىشىلىك ھاياتنى بەلگىلەيدۇ؛ ئوي-پىكىر ئۇسۇلنى بەلگىلەيدۇ، ئۇسۇل ئۈنۈمنى بەلگىلەيدۇ؛ كاللا يانچۇقتىكى پۇلنى بەلگىلەيدۇ، ئىدىيە باي-كەمبەغەللىكنى بەلگىلەيدۇ.
كۆپ يىللاردىن كېيىن ئۇ يىگىت بىر چوڭ شىركەتنىڭ لىدىرىغا ئايلىنىپتۇ، بۇ خىل جانلىق ئىقتىسادىي كاللا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.

يۇقىرىدا يىگىت 100 دوللار خەجلەپ، دېھقاننىڭ ئۆلۈك ئېشىكىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۇنى نەس باستى دېيىشكە بولاتتى، لېكىن ئۇ ئىشنى مۇنداقلا بولدى قىلمىدى، بەلكى ئادەت رامكىسىنى بۇزۇپ، كىشىلەرنىڭ زىيادە كۈچلۈك بولغان مۇكاپاتقا ئېرىشىش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىجادىي تەپەككۇر بىلەن ئۆلۈك ئېشەكنى بىر تەرەپ قىلغان ھەم 1000 دوللارغا ئېرىشكەن. 
ئەگەر بۇ يىگىت كونا تەپەككۇر ئادىتىگە ئېسىلىۋېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجادىي پىكىر يۈرگۈزمىگەن بولسا، بەلكىم دۇنيادا داڭلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغۇچىدىن بىرى ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.
مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇش، بىر مۇۋەپپەقىيەت تەپەككۇر ئەندىزىسى بولۇپ، سىزنىڭ خوجايىن بولۇشتەك شانلىق ھاياتىڭىزنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
خوجايىننىڭ تەپەككۇرى بايلىق ئۈنۈمىگە باراۋەر، تەپەككۇرغا ئىجتىمائىي بۇرچ ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت قوشۇلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
خوجايىننىڭ تەپەككۇرىنىڭ چېكى پايدا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئامال قىلىپ بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بولۇشى كېرەك.
قوشۇلامسىز؟ ئەگەر قوشۇلسىڭىز يۈرەكلەشنى ئونۇتماڭ، شۇنداقلا باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ!
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408