大数跨境

يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈشى قىيىنمۇ؟

يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈشى قىيىنمۇ؟ Nepkar
2022-03-29
0
导读:كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلى

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئارقا-ئارقىدىن ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشنى قويۇۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ «يالغۇز پەرزەنت»نىڭ پات ئارىدا ئۆتمۈشكە ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بېقىش كىرىزىسى تەدرىجىي يېتىپ كەلدى. بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز پەرزەنتلىك تۇيغۇسى قانداق تۇيغۇ؟» بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئالقىشلانغان جاۋاب: «كېسەل بولۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، يىراققا ياتلىق بولۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، چۈنكى ئاتا-ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان پەقەت مەنلا بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى پۈتۈن ئائىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.» دېگەندىن ئىبارەت.
بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ پېنسىيە پۇلىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش، يەنى سىياسەتتە بەلگىلەنگەن پېنسىيە پۇلى ئاساسىدا، پېنسىيە پۇلىنى %10 تىن %20 كىچە ئۆستۈرۈش، ھۆكۈمەت مالىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن، يېزىلاردىكى يالغۇز پەرزەنتلىك ياشانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمىغان يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلار ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش، پىنسىيە يېشىغا يەتكەندىن كېيىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بولۇش.» بۇ تەكلىپ ھەش-پەش دېگۈچە قىزىپ كەتتى.


ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، ئېلىمىز نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىش بېسىمى تۈپەيلىدىن پىلانلىق تۇغۇت دەۋرىگە قەدەم قويدى. بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ «بىرلا پەرزەنتلىك بولۇش»نى تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، يالغۇز پەرزەنت سىياسىتى دەل مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلانغان، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە تەخمىنەن 180 مىليون يالغۇز پەرزەنت بار. بۇ كىشىلەر كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەن، بايلىق يېتەرلىك بولسا تالىشىش ھاجەتسىز، ئىچكى يۆگىمىلىشىشمۇ بولمايدۇ، لېكىن ھازىر بىر يالغۇز پەرزەنت ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەگەر بىر يالغۇز پەرزەنتلىك بولمىغان ئائىلە تېپىلسا، ئۇنداقتا كۈتۈنۈش خېلى ئاسان بولىدۇ. ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولسا، ئاتا-ئانىسى ۋە بالىلىرى بولۇپ، تۆت نەپەر ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش خىراجىتى، بالىلارنى بېقىش خىراجىتى، شۇنداقلا ئائىلىنىڭ ھەر خىل چىقىمى، ئەر-خوتۇننىڭ شەخسىي چىقىمى قوشۇلسا، ھەقىقەتەن بېسىم ئېغىر بولىدۇ.
ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا بېيجىڭدىكى بىر ئائىلىدە، ئۆيى، ئاپتوموبىلى، ئامانەت پۇلى بولغاندىن سىرت، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان بولسىمۇ، لېكىن قېيىنئاتىسى تۇيۇقسىز زۇكام بولۇپ قېلىپ، بەش دوختۇرخانىغا بېرىپ، 21 كۈنلۈك ICU كېسەلخانىسىدا يېتىپ، بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە بارلىق بىساتىنى قۇرۇقداپ قويغاندىن باشقا، ئاخىرىدا يەنىلا كېتىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ئىدى. لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئەگىشىپ، يېزىدىن ئايرىلىپ شەھەرگە كىرىپ خىزمەت قىلىدۇ ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىسى يەنىلا يېزىدا تۇرىدۇ، ئاتا-ئانىسى تاسادىپىي ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالسا، بوشلۇق ئارىلىقى پەرزەنتلەرنىڭ ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، خىزمەت ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرەلمەيدىغان ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. ئۆتكەن يىلى بىر ۋىدىئو مىليونلىغان تورداشلارنى «يۈرەك سانجىقى» قىلىپ قويغان. بىر تورداشنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىزچىل ئۇنى ئۆيگە قايتقىلى قويمىغان، ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇنچە تۇيۇقسىز ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دادىسىنىڭ سەكتە بولۇپ قېلىپ ئاغزىنىڭ مايماق بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمما ئاپىسىنىڭ بېلىمۇ قايرىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئانىسى ئوغلىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ توختىماي كوتۇلداپتۇ: كىم سېنى قايتىپ كەلسۇن دەپتۇ؟ دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاۋازى ئازابلىق يىغا ئاۋازى ئىدى.


شۇڭا، ئىلگىرى نۇرغۇن ئائىلىلەر دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەرگەن ئىدۇق. مەسىلەن، «نورمىدىن ئارتۇق تۇغۇش» سەۋەبىدىن جەرىمانە قويۇلغان ھەمدە ئىككىنچى، ئۈچىنچى بالىلىق بولۇش ئۈچۈن، ئۇلار يەنە مۆكۈپ يۈرۈپ، «پىلاندىن ئارتۇق تۇغۇلغان پارتىزانلار ئەترىتى»گە ئايلىنىپ، ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتىكى «قوش بېسىم»غا ئۇچرىغان. ھازىر بۇ كىشىلەرنىڭ يېشى بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ، دۆلەت بۇ توپقا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشى ۋە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. لېكىن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ پېنسىيە پۇلىنى ئۆستۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى يېزىلاردىكى يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسى. يېزىلاردىكى يالغۇز پەرزەنت ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئۇدا نۇرغۇن يىل ئۆزگەرمىدى، يەنى ھەر بىر كىشىگە ئايدا 80 يۈەن، ھەر يىلى 960 يۈەن بېرىلدى، بۇنىڭدىن باشقا يەر تېرىش كىرىمى ۋە ھەر ئايدا 100 يۈەندىن ئارتۇق يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى ئېلىنىدۇ. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يەر تېرىش ئۇلارغا نىسبەتەن بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتتى. يېزىلاردىكى يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە بىر بالىنىڭ ياردەم پۇلىغا تايىنىپ، ياشانغانلارنى بېقىش، ئېنىقكى بىر ئېغىر يۈك بولۇپ قالدى. بۇنداق ئادەتتىكى ئائىلىدىن ئىككى بالىلىق، ئۈچ بالىلىق بولۇشقا زېھنىي كۈچى ۋە ۋاقتى بارلىرىدىن يەنە قانچىلىكى بار؟
مەنبە: «خەن شيۇيۈن ئىقتىساد سۆزلەيدۇ» دېگەن سالوندىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408