ئەڭ يېڭى خەۋەر! ماي باھاسىدا يەنە ئۆزگىرىش بولىدۇ، بەلكىم داۋاملىق ئۆسۈشى مۇمكىن.
↓↓↓

14-ئىيۇن، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى بۇ يىلقى 11-قېتىملىق تەڭشەشنى كۈتۈۋالىدۇ. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى، 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى توققۇز يۈەندىن ئېشىپ، يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى ئۈچ يۈەندىن ئارتۇق ئۆستى. مۆلچەرلىنىشىچە، ماي باھاسى يەنە داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن!

6-ماي خەلقئارادا ماي باھاسى داۋاملىق ئۆستى. نىيۇيورك تاۋار سودىسى ئورنىدا 7-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان يېنىك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى 1.56 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 120.43 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئۆسۈش نىسبىتى %1.30 بولدى؛ 8-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان لوندون برېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك باھاسى 1.66 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 121.38 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئۆسۈش نىسبىتى %1.41 بولدى.

دەۋرىيلىك ئىستاتىستىكا 4-خىزمەت كۈنىگە قەدەم قويدى، خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى %6.48 بولۇپ، ئۇدا نەچچە كۈن ھەر توننىسى 300 يۈەن ئۆرلىدى، ھازىرقى يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، ئەگەر كېيىنكى مەزگىلدە خەلقئارادا خام نېفىتنىڭ باھاسى چۈشمىسە، بۇ نۆۋەتلىك نېفىت باھاسىنى تەڭشەشتە ماي باھاسى يەنە داۋاملىق ئۆسىدۇ!
6-ئىيۇن، يەنى دەۋرىيلىك ئىستاتىستىكىنىڭ 4-خىزمەت كۈنىدە، ھەر توننا ماي باھاسىنىڭ جەمئىي 305 يۈەن ئۆسۈشى مۆلچەرلەندى. بۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا ھەر لىتىر ماينىڭ باھاسى 0.26~0.23 يۈەن ئۆسۈشى مۇمكىن. ماشىنىنىڭ ماي باكىنى 50 لىتىر بويىچە ھېسابلىساق، بىر باك ماي قاچىلاش ئۈچۈن 12 يۈەن ئەتراپىدا كۆپ خەجلەيمىز.

ماي باھاسىنى تەڭشەش ۋاقتى:
2022-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 24تە
(ئەسكەرتىش: دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى 10 خىزمەت كۈنىدە جەملەنگەن باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ھەر توننا ماينىڭ باھاسىدا 50 يۈەن ئۆزگىرىش كۆرۈلسە باھا تەڭشىلىدۇ)
دوستلار!
ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەييارلىق قىلىپ قويدۇڭلارمۇ؟
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر



