大数跨境

پاي چېكى ماھارىتى: قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ۋە ھۆكۈم قىلىش!

پاي چېكى ماھارىتى: قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ۋە ھۆكۈم قىلىش! Nepkar
2022-03-25
2
导读:قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى بۇ ئىنتايىن مۇھىم كۆرسەتكۈچ، نۇرغۇن پايچىلار يەنىلا بەك بىلمەيدۇ.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى بۇ ئىنتايىن مۇھىم كۆرسەتكۈچ، يەنە بىرى، نۇرغۇن پايچىلار يەنىلا يېرىم-يارتا بىلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ.
قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى دېگەن نېمە؟
قول ئالماشتۇرۇش بۇ پاي باھاسى بىر مەزگىل ئۆرلىگەندىن كېيىن، تۆۋەن باھادا سېتىۋالغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پاي چېكىنى سېتىپ پايدا ئېلىپ، ئامبارنى قۇرۇقداپ سېتىۋېلىشنى كۈتۈپ تۇرغۇچى ياكى ئامبارنى تولۇقلىماقچى بولغان سېتىۋالغۇچىلارنىڭ پاي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى توختاپ قالغان ياكى تۆۋەنلىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.


بۇ تېمىدا يۇقىرى قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ۋە تۆۋەن قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان ئەھۋالدا، قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى قانداق تەھلىل قىلىشنى تونۇشتۇرىمىز.

قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ ئەھمىيىتى
1. پاي چېكىنىڭ قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، بۇ پاي چېكىنىڭ سودىسىنىڭ شۇنچە جانلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كىشىلەرنىڭ بۇ پاي چېكىنى سېتىۋېلىش ئارزۇسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، بۇ بازىرى ئىتتىك پايغا تەۋە بولىدۇ؛ ئەكىسچە، پاي چېكىنىڭ قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى قانچە تۆۋەن بولسا، بۇ پاي چېكىگە ئانچە كۆپ ئادەم دىققەت قىلمايدىغانلىقىنى، كاسات پايغا تەۋە بولىدۇ.


2. نىسبەتەن يۇقىرى باھادىكى سودا پۈتۈشۈش مىقدارى تۇيۇقسىز ئېشىپ كەتسە، ئاساسىي كۈچنىڭ تارقىتىش ئارزۇسى ناھايىتى روشەن بولىدۇ، ھالبۇكى، يۇقىرى باھادا پۈتۈشۈش مىقدارىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس، ئادەتتە بەزى پايدىلىق تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا، ئاندىن پۈتۈشۈش مىقدارى قويۇپ بېرىلىپ، ئاساسىي كۈچنىڭ تارقىتىشى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىدۇ، بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.
3. قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى بىلەن پاي باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى پاي باھاسى ھەققىدە مەلۇم مۆلچەر ۋە ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ. مەلۇم پاي چېكىنىڭ قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى تۇيۇقسىز ئۆرلىسە، پۈتۈشۈش مىقدارى چوڭىيىدۇ، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپ مىقداردا سېتىۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، پاي باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلىشى مۇمكىن. ئەگەر مەلۇم پاي چېكى ئۇدا بىر مەزگىل ئۆرلىگەندىن كېيىن، قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى يەنە تېز سۈرئەتتە ئۆرلىسە، بۇ بەزى پايدا ئالغۇچىلارنىڭ نەق پۇل چىقارماقچى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پاي باھاسى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.


4. يېڭى پاي چېكى بازارغا سېلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدە پاي چېكىنىڭ قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ناھايىتى تەبىئىي ئىش بولۇپ، بىر مەھەل يېڭى پاي چېكى يېڭىلمەيدۇ، دېگەن ئەپسانە پەيدا بولغان، ئەمما بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى پاي چېكى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن يۇقىرى باھادا ئېچىلىپ تۆۋەن باھادا مېڭىش رېئاللىققا ئايلانغان. روشەنكى، قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولسا، چوقۇم ئۆرلەيدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقارغىلى بولمايدۇ، ئەمما قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىمۇ پاي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى قوللايدىغان مۇھىم ئامىل.
5. ئۆرلەۋاتقان بۆلەكلەرنى قېزىشتا ئالدى بىلەن قىزىق بۆلەكلەرنى قېزىش، قىزىق پايغا كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى دەل قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتىدۇر. قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولسا، پاي جانلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇڭا، مەبلەغ سالغۇچىلار پاي تاللىغاندا، ھەر كۈنلۈك قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ئۇدا ھەسسىلەپ چوڭايتىلغان پاينى ئۆزى تاللاپ ياكى خاتىرە دەپتەرگە كىرگۈزۈپ، ئاندىن بىر قىسىم ئاساسىي ئەھۋال ۋە باشقا تېخنىكىلىق ئەھۋاللارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى تۈرنى تاللىسا بولىدۇ.

قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى قانداق كۆزىتىش كېرەك؟ تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاساسلىقى ئوتتۇرا، كىچىك پايغا نىسبەتەن ئېيتىلغان، ئاساسلىقى مەبلەغ ھالىتى ۋە مەشغۇلات تاكتىكىسىغا قاراش كېرەك.


پاي چېكىنىڭ قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، پاي چېكى سودىسىنىڭ جانلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، يەنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭغا مۇناسىپ پاي چېكى بازىرى ئىتتىك پاي بولىدۇ؛ ئەكسىچە پاي چېكىنىڭ قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى قانچە تۆۋەن بولسا، پاي چېكىگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شۇنچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ كاسات پايغا كىرىدۇ، پاي باھاسىدىكى داۋالغۇشمۇ بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ.


1. 1% تىن تۆۋەن بولسا، مۇتلەق تۆۋەن بولىدۇ.
2. 1%~2% بولسا، پۈتۈشۈش پەسكويغا چۈشكەن بولىدۇ.
3. 2%~3%، پۈتۈشۈش مۆتىدىل بولىدۇ.
قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى %3 تىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، پايچىلار مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالغا دىققەت قىلىشى كېرەك: بىر خىلى، دوكار قاتناشمىغان ئۇششاق پايچىلارنىڭ بازار ئەھۋالى؛
يەنە بىر خىلى پاي چېكى بازار باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، پاي چېكى باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان رايونلاردا داۋالغۇش يۈز بېرىدۇ، ئەگەر قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن بولسا، پۈتۈشۈش مىقدارى ئاز بولسا، دوكارنىڭ ۋاقتىنچە مال چىقىرىش ئويى يوق، يەنە يېڭى يۇقىرى نۇقتا يارىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
4. 3%~5%، پۈتۈشۈش جانلىنىدۇ. دوكارمۇ ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، پايچىلار پاي چېكىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك يۈزلىنىشىگە ئاساسەن دوكارنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلسا بولىدۇ.
5. 5%~10%، يۇقىرى دەرىجىدە جانلىق. فىشكا جىددىي ئالماشتۇرۇلىۋاتقان بولىدۇ، ئەگەر يۇقىرى ئورۇندا پەيدا بولسا، دوكارنىڭ مال چىقىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
6. 10%~15%، ئىنتايىن جانلىق. ئەگەر يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان تارىختىكى يۇقىرى پەللە ياكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يۇقىرى پەللە بولمىسا، كۈچلۈك پاي چېكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۈرۈشۈشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
7. 15% تىن يۇقىرى، زىيادە جانلىق. بۇ ئىشتا چوقۇم ئويۇن بار، پاي باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەندە، كۆپ قىسىم ئاساسىي كۈچ دوكار ئامبارنى ئازلىتىپ مال چىقىرىدۇ؛ ئەگەر پاي باھاسى تۆۋەن ئورۇندا بولسا، كۆپىنچە ئاساسىي كۈچ دوكار فىشكا سۈمۈرىدۇ. بىز تۆۋەندىكى رەسىمدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بۇ خىل ئەھۋالدا، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىدۇ.
مەنبە: كۈنجۈت ئاكسىيە تەھلىل گۇرۇپپىسى

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408