大数跨境

بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار ھالاكەت يولى ئەمەس!

بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار ھالاكەت يولى ئەمەس! Nepkar
2022-04-25
0
导读:«بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ھەرگىزمۇ «بىرلىككە كەلتۈرۈش چوڭ پىلانى» ئەمەس، «بىرلىككە كەلگەن ھالاكەت

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepdan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
----
«بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ھەرگىزمۇ «بىرلىككە كەلتۈرۈش چوڭ پىلانى» ئەمەس، «بىرلىككە كەلگەن ھالاكەت يولى»مۇ ئەمەس 

1992-يىلى ئۇ بىر باھار كۈنلىرى ئىدى. 
بىر بوۋاي خوتۇن بالىلىرىنى ئېلىپ، 17 ئادەم بىلەن يىراق سەپەرگە چىقىپ «ئۆيىدە دەم ئېلىش»قا بارماقچى بوپتۇ. 
پېنسىيەگە چىققان بۇ بوۋاينىڭ بىر ئالاھىدە سالاھىيىتى بار، ئۇ بولسىمۇ سابىق دۆلەت رەھبىرى. 
ئۇ دەم ئېلىشقا كەتتى، لېكىن پۈتۈنلەي دەم ئېلىش ئەمەس. 
گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋە قارىشى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭكىدىنمۇ ئىلغار، تېخىمۇ ياش ئىدى. 
ۋۇخەندىن ئۆتكەندە، ئۇ: «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە كىم قارشى تۇرسا، شۇنى تەختتىن چۈشۈرۈش كېرەك!» دېگەن ئىدى.
يىڭتەندە ئۇ كۆپچىلىكنى «يۈرەكلىك بولۇپ، تېخىمۇ تېز مېڭىشقا» ئىلھاملاندۇرغان ئىدى. 
جەنۇبىي دېڭىز بويىغا كەلگەندە، ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «سوتسىيالىزم كاپىتالىزمغا سېلىشتۇرغاندا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلىشى ۋە ئەينەك قىلىشى، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، جۈملىدىن تەرەققىي تاپقان كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئىجتىمائىيلاشقان ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بارلىق ئىلغار تىجارەت ئۇسۇللىرى، باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۆرنەك قىلىشى كېرەك.»
جياڭ فامىلىلىك بۇ مويسىپىت كىشى ناھايىتى تېزلا بۇ تەييارلىقسىز سۆز قىلىش ئىدىيەسىنى «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى» دەپ يىغىنچاقلىدى. 
بۇ بوۋاينىڭ جەنۇبتىكى سۆزى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى، بوۋاي ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى  كۈچى بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشىنى قوغدىدى. 
يەنىلا 1992-يىلى پارتىيە 14-قۇرۇلتىيىدا: «دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش»، «بازارنى سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلىشى ئاستىدا بايلىق تەقسىملەشتە ئۇللۇق رول ئوينايدىغان قىلىش كېرەك» دەپ رەسمىي ئېلان قىلىندى. 
جۇڭگو ئىقتىسادىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رەسمىي باشلاندى. 
2022-يىلى، يەنە بىر باھار كەلدى.
«جەنۇب سۆھبىتى» ئېلان قىلىنىپ 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، مەركەز بىر مۇھىم ھۆججەت −«ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تارقاتتى. 
بۇ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىنى دادىل ئىسلاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلسىلا، مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ تورتىغا تەسىر يېتىپ، قارشى سادا پەيدا بولىدۇ. 
قارشى ئاۋاز قورقۇنچلۇق ئەمەس، ھەتتا قارشى تۇرۇشمۇ ياخشى، بۇ بىزنىڭ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشىمىزغا پايدىلىق. يامان بولغىنى كۆتى ئۈچۈن قارشى تۇرۇش، مەنپەئەت ئۈچۈن كۆز بويامچىلىق قىلىش. 
ئىقتىسادشۇناسلىقتىن ئازتولا خەۋىرى بولغان مەن بەزى خاتا قاراشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر دەپ قارايمەن، توغرا يۆنىلىشتە چۈشەندۈرگەندىلا ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ سىياسەت، ھۆججەتلەرنى چۈشىنىشىگە ياردىمى بولىدۇ، ئاندىن بىزنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پايدىنى كۆزلەپ زىياندىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 
بىرىنچى خاتا چۈشىنىش، «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» پىلانلىق ئىگىلىكنى يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھۆكۈمەتنى ئىقتىسادنى تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، دەپ قارايدۇ. 
بىرىنچىدىن، «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» قۇرۇش پىلانلىق ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش دەپ قارالسا، بۇ پارتىيەمىزنىڭ تارىخى ۋە سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەريانىغا بولغان چۈشىنىشىنى ئاساسەن نۆل دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. 
تارىختىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە ھەر قېتىم زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا، ئالدىنقى مەزگىلدە تولۇق مۇزاكىرە، تەييارلىق ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىنغان. 
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى، بىز «ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭ مۇزاكىرە» ئېلىپ باردۇق؛ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى، بىز ئالدى بىلەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوندا سىناق نۇقتىسى قۇرۇشنى تەستىقلىدۇق؛ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشتىن ئىلگىرى، دېڭ شياۋپىڭ «جەنۇب سۆھبىتى» ئېلىپ باردى. 

ھازىر پەقەت بىر ھۆججەت تارقىتىلغىنىغىلا، دۆلىتىمىز پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە قايتىپ قالامدۇ؟ ھەر قانداق ئالدىنقى باسقۇچلۇق مۇزاكىرە، ئۇچۇر بېرىش، سىناق قىلىش زۆرۈر ئەمەسمۇ؟ ئىسلاھات لاي قونچىقىنى قانداق چىمدىغۇسى كەلسە، شۇنداق چىمدىش كېرەكمۇ؟ 
سىياسەت، ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي ۋە ئىزچىل. 
14-قۇرۇلتايدا «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش» رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شۇ چاغدا بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتە يەنىلا ئۇللۇق رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلەندى؛ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىغا كەلگەندە، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» دەپ تەكىتلەندى ھەمدە ئوتتۇرىغا قويۇش ئۆزگەرتىلدى، «بازار بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.» دېگەن بۇ سۆز پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى. 
ئەگەر پىلانلىق ئىگىلىك قايتىدىن يولغا قويۇلسا، 180 گىرادۇس چوڭ بۇرۇلۇش بولىدۇ. گوۋۇيۈەن چىقارغان «پىكىر» يىغىنى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى چىقارغان «قارار»، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە نىزامنامىسى» بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمامدۇ؟ 

ئىككىنچىدىن، «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» قۇرۇش پىلانلىق ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىق دەپ قارالسا، بۇ بازار ئىگىلىكىنىمۇ، پىلانلىق ئىگىلىكنىمۇ چۈشەنمىگەنلىك دېيىشكە بولىدۇ. 
بىز سىياسەت ھۆججەتلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا قايتىپ كېلەيلى، بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش تەدبىرلىرى ئالتە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 
بىرىنچىدىن، بازار ئاساسىي تۈزۈمى قائىدىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. 
ئىككىنچى، بازار ئەسلىھەلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 
ئۈچىنچىدىن، بىرلىككە كەلگەن ئامىل ۋە بايلىق بازىرى بەرپا قىلىش كېرەك. 
تۆتىنچى، تاۋار ۋە مۇلازىمەت بازىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 
بەشىنچى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئادىل بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 
ئالتىنچى، بازار رىقابىتى ۋە بازارغا ئارىلىشىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. 

غەرب ئىقتىسادشۇناسلىقىدا، تولۇق رىقابەتلىك بازار ئەڭ ئۈنۈملۈك، ھەممە ئادەم ئەڭ نەپ ئالىدىغان بازار ھېسابلىنىدۇ. بىز بىرمۇبىر قاراپ باقايلى: تۈزۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن بازار ئەسلىھەلىرىنى تۇتاشتۇرۇش ناھايىتى روشەن ھالدا تۈزۈم تەننەرخى ۋە سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش بولۇپ، ھەر بىر جايغا بارغاندا قايتىدىن ئىسپات بېرىش، قايتىدىن نۇقتا قىلىش سەۋەبلىك، ئۇچۇر راۋان بولمىسا، زىيان تارتىدىغىنى كارخانىنىڭ مەنپەئەتى ئەمەسمۇ؟ 
بازار ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، بىرى تاۋار بازىرى، يەنە بىرى ئامىل بازىرى، بۇ ئىككى بازاردا ئەركىن ئوبوروت بولغاندىلا ئاندىن تولۇق رىقابەتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. قورغان ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغىنى پەقەت ھۆكۈمەتلا بولۇپ، سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قورغان ياساش ئىقتىدارىنى چەكلەش دەل بازار چېگراسىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق. 
ئەڭ ئاخىرىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مونوپولغا قارشى تۇرۇش. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىساد ئۈچۈن ئەزەلدىن يامان ئىش ئەمەس، ھۆكۈمەت «كېچىلىك قاراۋۇل» بولۇپ، ئىقتىسادقا پۈتۈنلەي ئارىلاشمايدىغان ئىش بۇرۇنلا تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە تاشلانغان، ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مونوپولىيە تەبىئىي ھالدا ئۈنۈم ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈشەندىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. 
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يۇقىرىقى ھەربىر ماددا پىلانلىق ئىگىلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى ئۈنۈملۈك رىقابەتلىشىدىغان بازار قۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 
شۇڭا مەركەزنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ پىلانلىق ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش بولماستىن، بەلكى دۆلەت ئىچىدىكى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئىدى. 

ئىككىنچى خاتا چۈشىنىش، «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» بارلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى، يەرلىك كارخانىلارنى، چوڭ كارخانىلارنى، مەركەز كارخانىلىرىنى مونوپول قىلىۋالىدۇ. 
بۇ نۇقتا بىر قەدەر قايمۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە، چۈنكى بازار ئىگىلىكى رىقابىتىدە، تېخنىكا ئەۋزەللىكى، سېلىنما (资本) ئەۋزەللىكىگە ئىگە چوڭ كارخانىلار ۋە دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئىگە مەركەز كارخانىلىرى ھەقىقەتەن تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ياشاش بوشلۇقىنى ئىگىلىۋالىدىغاندەك قىلىدۇ. 
لېكىن بۇ يەردە شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، بىر كارخانا ھەم مونوپول قىلىۋالسا، يەنە كېڭەيتىلسە، ئۇنىڭ تولۇق ئىشلەپچىقىرىشنى ھۆددىگە ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس، بىر تەرەپتىن، بۇ ئىقتىسادىي ئۈنۈم بەرمەيدۇ، مۇنداق بىر چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىش كېرەك: بىر كارخانا جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا مەسئۇل بولسا، بۇنىڭ پىلانلىق ئىگىلىكتىن نېمە پەرقى بار؟ يەنە بىر تەرەپتىن، مونوپولىيەگە دۆلىتىمىزدىمۇ يول قويۇلمايدۇ. 
ئۇنداقتا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋال قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ دورىنى يىغىپ سېتىۋېلىشنى مىسالغا ئالساق، دورا ئىشلىتىشتەك چوڭ بازاردا، بىر ياكى بىر قانچە كارخانا بارلىق بازارنى مونوپول قىلىۋالامدۇ؟ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت بىر ئۆلچەملەشكەن ۋە كۆلەملەشكەن بازار شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن، مەلۇم تەننەرخ ۋە تېخنىكىغا ئىگە كارخانىلارنى بىر تارماق ئىچىدە رىقابەتلىشىش ئارقىلىق ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، بىر تەرەپتىن نورمىدىن ئارتۇق پايدىدىن ۋاز كەچسە، يەنە بىر تەرەپتىن پەرقلىق رىقابەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. 
بۇ مەھسۇلات ئۇچىدىكى كۆرۈش بۇلۇڭى. 
يەنە بىر خىل ئەھۋال كەسىپ زەنجىرىدىكى كۆرۈش بۇلۇڭىدۇر. كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا، كەسىپنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى چوقۇم ئۆرلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى چوڭ ماركىلار شەكىللىنىدۇ؛ كەسىپ زەنجىرىنىڭ باشقا ھالقىلىرىدا، ھەرقايسى رايونلار ئۆزىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، كەسىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ ئارقىلىق كەسىپ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. يەرلىك كەسىپلەرمۇ بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان رايون ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. 
بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت تاشقى سودىدا باھانى ئۆزى چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا، تۆۋەن قاتلاملىق تەكرار قۇرۇلۇش قىلىش ۋە ئوخشاشلىق رىقابەتلىشىشتىن ساقلىنىش. 

بىر نەچچە مىسال ئالساق كۆپچىلىك چۈشىنىدۇ. 
دۆلىتىمىزنىڭ پولات-تۆمۈر كارخانىلىرى چەت ئەلدە تۆمۈر رۇدىسى سېتىۋالغاندا، پەقەت «تۆمۈر رۇدىسىدىكى ئۈچ ماگنات» − بىرازىلىيە دەنشۈي دەرياسى جىلغىسى شىركىتى، ئاۋسترالىيە بىخېبىتو شىركىتى ھەمدە ئەنگلىيە لىتو گۇرۇھىغا دۇچ كېلىدۇ. چەتئەلنىڭ تۆمۈر كان ئېكىسپورت كەسپى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن، بۇنداق بولغاندا ئۇلارمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئىتتىپاقلىشالايدۇ، بىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سېتىۋالغۇچى ئىكەنلىكىمىز ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن بىر قەدەر ئېتىبار باھادا ئىمپورت قىلىنىدىغان رودا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. 
ئېلىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىرەك يەر زاپىسى دۆلىتى، ئەڭ چوڭ سىرەك يەر قېزىش دۆلىتى ۋە ئەڭ چوڭ سىرەك يەر ئېكسپورت دۆلىتى، يەنى بىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساتقۇچى، دۆلەت ئىچىدىكى سىرەك يەر كارخانىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، سىرەك يەر ئېكسپورتىدا ئۆز ئادەملىرىمىز بىلەن باھا جېڭى قىلىپ، بۇ قىممەتلىك بايلىقنى بالدۇرراق يېسىۋېلەك باھاسى بىلەن ئېكسپورت قىلدۇق. 
سىرەك يەر قېزىش مۇھىتنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، ئەمما ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ

ئوخشاشلا يۇقۇم مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئەمما نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ پۇل تاپمىقى بەكلا تەس بولدى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۆز ئادەم ئۆز ئادەم بىلەن باھا جېڭى قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، بىز چەت ئەلنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا يۈزلەنگىنىمىزدە، باشقىلارنىڭ باشلامچى كارخانىلىرى بىرلىشىپ يۇقىرى باھا قويىدۇ، ئەينى يىلى ياپونىيە بىلەن كورىيە دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەن ئۆلكىسى بىلەن بىرلىشىپ يۇقىرى يۈزلۈك باھا قويغانلىقى دەل بۇنىڭ ئەكس مىسالىدۇر. 
شۇڭا ئۆز ئارا باھا تالىشىپ، ئۆز ئارا بېسىم ئىشلىتىدىغان يەرلىك كارخانىلار شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرالامدۇ؟ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ «ئۆزىنى كىچىك ئايلاندۇرىدىغان» جاي بولسىلا شۇ جايدىكى پۇقرالارغا سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەپ بەرگىلى بولامدۇ؟ 
سىرەك يەر ئېلېمېنتىنى مىسالغا ئالساق، شۇ جايدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يەر باشلىق يىلانلارنىڭ ئىلكىدە بولامدۇ ياكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قولىدا بولامدۇ؟ بۇ خىل ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئاسانلا سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالمامدۇ؟ 
ئەگەر بۇ تۈردىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تاقىلىپ قالسا، بۇ يەردە سىرەك يەر قازغىلى بولمايدۇ ئەمەس، بىزنىڭ باشلامچى كارخانىلىرىمىزمۇ بۇ يەردە بالا شىركەت قۇرۇپ داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىدۇ، خەلقئارادا سېتىش باھاسى ئۆرلىسە، شىركەتنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بېرىدىغان مائاشىمۇ تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بۇنداق بولغاندا پۇقرالار تېخىمۇ نەپكە ئېرىشمەمدۇ؟ 
چوڭ بازار قۇرۇش دۆلەت ئىچىدە پايدىنى قايتىدىن تەقسىم قىلىشلا ئەمەس، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادا پايدىنى قايتىدىن تەقسىم قىلىشى ئۈچۈندۇر. 
ئەسلى مەقسەت ياخشى، ئەمما ئىجرا قىلىشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك بىر ئىش، ئىجرا قىلىش جەريانىدا، زىيانغا ئۇچرىغان ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش يەنە بىر ئىش. 
ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى خەلققە بەخت يارىتىش، پەقەت ئىجرا قىلىش جەريانىدا «پۇقرالارنى يەنە ئازراق جاپادا قويۇش»نىڭ ئازراق يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 
دەۋرنىڭ كۈچلۈك دولقۇنى يېتىپ كەلدى، سىزنىڭ ئامان-ئېسەنلىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: دەۋر دولقۇنى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى. 
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!

-----

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»

ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408