ئالاھىدە تەۋسىيە:
ئاپتوموبىل كەسپىدە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوخشاشلا ئاجىزلاشقان ئەھۋالدا، مەركەزدىن يەرلىككىچە بولغان بىر مەيدان بازارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى باشلاندى.
5-ئاينىڭ 23-كۈنى، يۇقىرى قاتلام يىغىنىدا، قىسمەن يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش بېجىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىپ ئېلىش قارار قىلىندى، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئالاقىدار تارماقلار يەنە بىر قېتىم پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىپ، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن يىل ئاخىرىغىچە، يەككە ئاپتوموبىل باھاسى (قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ 300 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغان 2.0 لىتىرلىق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىپ ئېلىشنى قارار قىلدى. نۆۋەتتە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى %10 بولۇپ، يېرىم كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ، يەنى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى %5 تۆۋەنلىتىلىدۇ.
يەككە باھاسى 100 مىڭ يۈەن (قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولغان ئاپتوموبىلنى مىسالغا ئالساق، سېتىۋېلىش بېجى 10 مىڭ يۈەندىن 5000 يۈەنگە تۆۋەنلىتىلىپ، 5000 يۈەن تېجەپ قېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جايلار يەنە ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلارغا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ۋە كونا ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرغانلارغا تولۇقلىما بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە دۆلەتنىڭ «5 خىل بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى»گە ئۇيغۇن كېلىدىغان نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ كۆچۈشىگە چەك قويۇش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بۇ نىمكەش ئاپتوموبىل ئوبوروت دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دۆلەت نېمە ئۈچۈن بۇنچە زور كۈچ بىلەن ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟
چۈنكى ئاپتوموبىل كەسپى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈك كەسپى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتوموبىل تۈرىدىكى ئىستېمال پۈتكۈل ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئوندىن بىرىدىن ئېشىپ، GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %4 تىن ئېشىپ كەتكەن. ئەگەر ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنىنى، يەنى پولات-تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق كەسىپلەرگە بولغان تۈرتكىلىك رولىنى ئويلاشقاندا، ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %15 تىن يۇقىرى بولىدۇ.
ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئاپتوموبىل كەسپى ئىش ئورنى ئاز دېگەندە ئالاقىدار كەسىپلەردىكى يەتتە ئىش ئورنىغا تۈرتكە بولالايدىكەن، ھەر بىر ئاپتوموبىل سېتىلسا ئاز دېگەندە يۈزگە يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولالايدىكەن. شۇڭا، ئاپتوموبىل سانائىتى «سانائەت ياسىمىچىلىقىنىڭ تاجى» دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە ئاپتوموبىل سانائىتى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ كەسىپ زەنجىرى ئۆلچىمى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، ئادەتتىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بۇ ساھەگە كىرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىغا تېخىمۇ پايدىلىق.

ھالبۇكى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاپتوموبىل كەسپى مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىمغا دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ 3-ئايدىن بۇيان، جىلىن، شاڭخەي قاتارلىق ئاپتوموبىل سانائىتىدىكى مۇھىم رايونلار يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىش توختىدى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىپ چىققان تەمىنلەش زەنجىرى كىرىزىسى تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيدى. 4-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقى ئايدىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، سېتىش مىقدارى بىر مىليون 200 مىڭغا چۈشۈپ، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى، بۇنىڭ ئىچىدە، سودا ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىر قاتار سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سېتىش مىقدارى ۋە مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ مۇھىملىقى سەۋەبىدىن، چەت ئەلدە ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ياخشى بولماي قالسا، بازارنى قۇتقۇزۇش ئەمەس، بىۋاسىتە ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنى قۇتقۇزۇش نورمال ئىش. مەسىلەن، 2008-يىلى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئەۋج ئالغاندا، ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ناچار مۈلۈككە ياردەم بېرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا 421 مىليارد 800 مىليون دوللار مەبلەغ سەرپ قىلدى، بۇ كارخانىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈندۇر.

ئېلىمىزنىڭ بازارنى كەڭ كۆلەمدە قۇتقۇزۇش سىياسىتى ئالدىنقى قېتىم 2008-يىلى يولغا قويۇلغان ئىدى، ئەينى چاغدا دۆلەت قاتلىمىدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىپ ئېلىش ۋە ئاپتوموبىلنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان، 2009-يىلىغا كەلگەندە يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 10 مىليون 330 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن 53 ئېشىپ، ئامېرىكىدىن ھالقىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل بازىرىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ قېتىم سىياسەت سالمىقى تېخىمۇ زور بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ساھەلەر تەسىرگە ئۇچراپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىرىمى تۆۋەنلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل نېفىت باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتۇموبىللارنىڭ باھاسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى، بەزى زۆرۈر ئېچتىياجلىق ئىستېمالچىلاردىن سىرت، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر قاراپ تۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقىي ياردەم پۇلى ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ياخشى ئىش، شۇنداقلا بۇ پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى بولغان كەسىپنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تورداش دوستۇم، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسەت ئالدىدا، سىز ماشىنا سېتىۋالامسىز؟
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر
