大数跨境

كارخانىچىلار «يېتىۋالسا» بولامدۇ؟

كارخانىچىلار «يېتىۋالسا» بولامدۇ؟ Nepkar
2022-06-08
1
导读:ئالاھىدە تەۋسىيە: بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
بۇلتۇر بىر سۆز بەك كۆپ قوللاندى، ئۇ بولسىمۇ «يېتىۋېلىش (躺平)» ئىدى («يېتىۋېلىش» دېگەنلىك بىرەر ئىش ھادىسىگە نىسبەتەن سېزىمىنى يوقىتىپ، شۇ ئىش ھادىسىگە نىسبەتەن ئىنكاسسىز، ھېچقانداق پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.) بۇ يىل ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ياخشى ئەمەس، يېتىۋالغۇسى بارلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر ئادەمنىڭ «يېتىۋېلىشى» قورقۇنچلۇق ئەمەس، كۆپ بولغاندا بىر ئادەم (شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى)نىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا تاقىشىدۇ. بىراق، ئەگەر كارخانىچىلار «يېتىۋالسا»، ئۇنداقتا مەسىلە ئېغىرلىشىدۇ. بۈگۈن بىز بۇ تېمىنى چۆرىدەپ سۆزلىشىپ باقايلى.
كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار «يېتىۋالسا» بولامدۇ؟ ئەگەر ئۇلار «يېتىۋالسا»، جەمئىيەتكە نېمە تەسىرى بولىدۇ؟ 

ئالدى بىلەن، كارخانىچىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى
دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراۋى كارخانىلىرى ھازىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەب خام ماتېرىيال باھاسى ئۆستى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەننەرخى ئاشتى، لېكىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار تۆۋەن ئېقىنغا سېتىلسا، باھا ئۆستۈرۈشكە ئىمكانىيەت بولمايدۇ. قاراڭ، مالمۇ سېتىلمىسا، يەنە باھا ئۆستۈرۈشكە ئىمكانىيەت بولمىسا، بۇنداق ئەھۋالدا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىققا يولۇقماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى جاپالىق، مۇلازىمەت كەسپىنىڭمۇ كۈنى تەس، نۇرغۇن سودا ساراي، ئاشخانا، چېنىقىش ئۆيلىرىنىڭ غوجايىنلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى. ئۇلارنىڭ بەرداشلىق بېرىشىگە تىلەكداشمىز، ئۈمىدىمىز ھەرگىز تاڭ سەھەردىن بۇرۇن يىقىلىپ چۈشمىسۇن.

نۇرغۇن كىشىلەر پۇقراۋى كارخانىنىڭ خوجايىنى بولۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، يەنە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. لېكىن كارخانىچىلار دائىم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەيىبلىشى ۋە تەڭلىكتە قويۇشىغا ئۇچراپ كەتسە، ئۇلار ئۇۋالچىلىق ۋە ئامالسىزلىق ھېس قىلىپ قالىدۇ-دە، بۇنداق جاپالىق چەككەندىن سىرت، يەنە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسە، ئۇلار يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا بىراقلا «يېتىۋېلىش» ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ.


ئاندىن كېيىن، كارخانىچىلارنىڭ «يېتىۋېلىشى»نىڭ نېمە يامىنى بار؟
بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك، ئەڭ مۇھىمى كارخانىچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى مەبلەغ سېلىش، كارخانا قۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە ئىش ئورنى ياراتقىلى بولىدۇ. ئىقتىساد ياخشىلانسا، كارخانا تاپاۋەت بېجى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى يۇقىرىغا تاپشۇرغاندىلا، ئاندىن ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە كىرىمى بولىدۇ، ئاندىن مەمۇرلار چىقىمى (مەمۇرلارنىڭ مائاشى) بولۇپ، دۆلەت مەمۇرىي تارماقلىرى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ۋە سېلىنمىسىغا باغلىق.
ھەممىگە مەلۇمكى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈچ مۇھىم ئامىلى بار: ئەمگەك كۈچى، سېلىنما (كاپىتال)، يەر. بۇ ئۈچ ئامىلنى ماسلاشتۇرغاندىلا ئاندىن بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.
ئادەم ۋە يەرنى چۈشىنىش ئاسان، بىز سېلىنما ئۈستىدە توختىلىمىز، سېلىنما: دۆلەت سېلىنمىسى، ئىجتىمائىي سېلىنما، شۇنداقلا خۇسۇسىي سېلىنما، پۇقراۋى سېلىنما، چەت ئەل سېلىنمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سېلىنما ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى ئاشۇ بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبەسى ئەمەس. سېلىنما بىر خىل مەبلەغ بايلىقى، ئۇ بىر تەڭگىنىڭ ئىككى تەرىپى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسىمۇ، زىيىنىمۇ بار، لېكىن پايدىسى زىيىنىدىن كۆپ. ئەگەر سېلىنمىنىڭ تۈرتكىسى بولمىسا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قانداقمۇ بۈگۈنگە ئۇلىشالىسۇن؟
سېلىنمىنىڭ ياخشى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، يامان تەرىپىنى چەكلىگەندىلا، جەمئىيەت ئاندىن ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلالايدۇ. جەمئىيەت سېلىنمىنى ئادەملەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، مەسىلەن: مەلۇم ئادەم مەلۇم سېلىنما گۇرۇھىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنە كېلىپ سېلىنما پايدا قوغلىشىش خاراكتېرىگە ئىگە، بەزىدە يەنە ۋاسىتە تاللىمايدۇ، لېكىن بۇ سېلىنمىنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە باجغا قوشقان تۆھپىسىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. ئەگەر سېلىنمىدا مەسىلە كۆرۈلسە، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى ۋە قانۇن-نىزام ئارقىلىق سېلىنمىنى چەكلەشكە توغرا كېلىدۇ.


دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشى چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزدى، چەت ئەل مەبلىغى بولسا چەت ئەل كاپىتالىدۇر. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا دەل سېلىنمىنىڭ رولىنى، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىق نەتىجىسى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى بارلىققا كەلتۈردى.
پۇقراۋى كارخانىلار يوقلۇقتىن تەرەققىي قىلىپ زورايدى. پۇقراۋى سېلىنما، پۇقراۋى كارخانىچىلار جەمئىيەت ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى، ئەگەر ئۇلار ئىگىلىك تىكلەپ مەبلەغ سالمىغان بولسا، جۇڭگودا نەدىمۇ بۇنچە كۆپ پۇقراۋى كارخانا بولسۇن، نەدىمۇ بۇنچە كۆپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بولسۇن؟ پۇقراۋى كارخانىلار %50 تىن ئارتۇق باج كىرىمى، %60 تىن ئارتۇق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، %70 تىن ئارتۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، %80 تىن ئارتۇق شەھەر-بازاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش، %90 تىن ئارتۇق كارخانا سانى تۆھپىسىنى قوشتى. دۆلەت مۈلكى، تاشقى مەبلەغ ۋە پۇقراۋى كاپىتال سېلىنمىسى بولغاچقىلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ، ئەگىم يولدا ياندىشىپ ھالقىپ كېتىش بارلىققا كەلگەن.
بىز دائىم بەزىلەرنىڭ ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئۇلار «ياشلار "يېتىۋالسا" ياخشى بولمايدۇ.» دېيىشىدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بىر ئادەم «يېتىۋالسا» باشقىلارغا چوڭ تەسىرى بولمايدۇ. لېكىن كارخانىچىلار «يېتىۋالسا» ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر يېتىدۇ، دۆلەتكە زور زىيان بولىدۇ. ياپونىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈشىدىكى سەۋەب، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كارخانىچى ئىختىساسلىقلارنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ خارابىلىقتىن ياپونىيە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە گېرمانىيە ئاپتوموبىللىرىنى ياساپ چىققانلىقىدىن بولغان، بۇ ئادەم كۈچى سېلىنمىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئاخىرىدا، قانداق قىلغاندا كارخانىچىلارنىڭ «يېتىۋېلىشى»دىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
مېنىڭچە، جەمئىيەت كارخانىچىلارغا يېتەرلىك ھۆرمەت بىلدۈرۈشى، ئۇلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى، مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىشى، ئۇلارنى خاتىرجەم ھالدا جۇڭگودا تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشى، ئومۇمىي خەلق ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
ئورتاق تونۇش دېگەن نېمە؟
بىرىنچىدىن، بايلىق يارىتىلسا، ئاندىن بايلىق تەقسىم قىلىنىدۇ؛ بايلىق يارىتىلمىسا، بايلىق تەقسىم قىلىنمايدۇ. ھەربىر ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ رولىغا توغرا باھا بېرىش، بولۇپمۇ تۆھپە قوشقان كارخانىچىلار قاتلىمىغا يېتەرلىك ھۆرمەت قىلىش ۋە توغرا باھا بېرىش كېرەك، ماسلوۋنىڭ ئېھتىياج قاتلىمى نەزەرىيەسىدە، ئادەمدە بەش قاتلاملىق ئېھتىياج بولىدۇ، ئېھتىياجغا ھۆرمەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كارخانىچىلار قاتلىمىنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە.


ئىككىنچىدىن، ئىگىلىك تىكلەش ۋە مەبلەغ سېلىشقا ئىلھام بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشى. كارخانىچىلارنىڭ كۆزلىمىسىنى ئۆزگەرتىش، كۆپچىلىك پىكرىنى ئۆزگەرتىش تېخىمۇ مۇھىم. كارخانىچىلارغا ئۆز ئۈمىدىنى، دۆلەتنىڭ ئۈمىدىنى، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدىنى كۆرسىتىپ، بارلىقىنى ئۆز دۆلىتىگە بېغىشلاشنى خالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بۇ خەلقنىڭ ئارزۇسى، دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى.

مۇشۇنداق قىلغاندىلا، كارخانىچىلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ، ئاندىن ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى خالايدۇ، ئاندىن پۇلنى دۆلەت ئىچىگە مەبلەغ سېلىشنى خالايدۇ. ھازىر ئېلىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارغا تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى.
مەن كارخانىچى دوستلارغا: «نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى قىيىنچىلىق، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىن زور ئۈمىد بار، قاراڭ، دۆلىتىمىزدە مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى بار، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىلىك چوڭ بازار بار، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئەۋزەللىكى.» دەپ چوقان سالغۇم بار. مەن كارخانىچى دوستلارنىڭ «يېتىۋالماي»، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خەن شيۇيۈننىڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0