大数跨境

ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قانچىلىك مۇھىم؟ سىز بۇنىڭغا تەۋەمۇ؟

ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قانچىلىك مۇھىم؟ سىز بۇنىڭغا تەۋەمۇ؟ Nepkar
2022-04-26
1
导读:سوئال: ئەگەر سىزدە بىر خىل مەھسۇلات بولسا، سىز بىر باينىڭ مەھسۇلاتىڭىزدىن 100 نى سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkar» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
سوئال: ئەگەر سىزدە بىر خىل مەھسۇلات بولسا، سىز بىر باينىڭ مەھسۇلاتىڭىزدىن 100 نى سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟ ياكى مىڭ ئادەمنىڭ بىردىن سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟ بۇنىڭ جاۋابى چوقۇم كېيىنكىسى، مانا بۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ كۈچى. 
زادى قانداق ئادەم ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ھېسابلىنىدۇ؟ 
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئۆلچىمى: بىر ئۆلچەملىك ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە بولسا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ھېسابلىنىدۇ. 
نۆۋەتتە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە توپىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 400 مىليون بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %30 نى ئىگىلەيدۇ. 2035-يىلىغا بارغاندا بۇ نىشان 800~900 مىليونغا كېڭىيىپ، ئوتتۇرا ياش كىشىلەر توپىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60~%70 كە يېتىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئورتاق بېيىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ 
ئالدى بىلەن، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوڭ تورت ياساش كېرەك
ئىستېمالنى كېڭەيتىش چوڭ تورت ياساشنىڭ كاپالىتى. لېكىن ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىستېمال بازىرى تار ھەم مۇقىمسىز بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا ناھايىتى زور قىيىنچىلىق پەيدا قىلدى. بۇنىڭ كەينىدىكى سەۋەب شۇكى، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر يەنىلا بىر قەدەر كۆپ، نۆۋەتتە 600 مىليون ئادەمنىڭ ئايلىق كىرىمى 1000 يۈەنگە يەتمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا، كۆپ قىسىم كىرىمنى تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىشلەتكەندە، نەدىمۇ ئىستېمال قىلغۇدەك پۇل بولسۇن؟ 
ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولسا تېخىمۇ كۆپ ئەركىن ھالدا مەبلەغ ۋە ۋاقىتنى ئىدارە قىلىش. ئەركىن ئىدارە قىلىنىدىغان مەبلەغ يېڭى ئىستېمال ئىقتىدارىنى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، ئۆي سېتىۋېلىش، زىننەتلەش، ئۆي جاھازلىرى سېتىۋېلىش، ماشىنا سېتىۋېلىش قاتارلىقلار، ئەركىن ئىدارە قىلىنىدىغان ۋاقىت يېڭى ئىستېمال يوللىرىنى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، ساياھەت قىلىش، مەدەنىيەت ئويۇنلىرىنى كۆرۈش قاتارلىق مەنىۋى ئىستېمال تۈرىدىكى ئىستېمال قاتارلىقلار. ئاپتوموبىلنى مىسالغا ئالساق، 2021-يىلى جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 مىليوندىن ئېشىپ، ئامېرىكىنىڭ 280 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. بۇلتۇر بىر يىلدىلا، جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى 26 مىليون 300 مىڭغا يەتتى، ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە پەقەت 16 مىليون 400 مىڭ ئاپتوموبىل سېتىلدى. شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سېپىگە كىرەلىسە، بۇ مۇقەررەر ھالدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىدۇ. 


ئىككىنچىدىن، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تورتنى ياخشى تەقسىملەش كېرەك
بۇ تەقسىمات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە چېتىلىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ تەقسىمات قۇرۇلمىسى ئېھرام شەكلىدە بولۇپ، ئاستىدا 900 مىليوندىن ئارتۇق تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپى، ئوتتۇرىسىدا 400 مىليون ئوتتۇرا ھال كىشىلەر توپى بار، ئېھرامنىڭ ئۇچىدا نەچچە ئون مىليون باي بار.


2035-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60~%70 كە يېتىدۇ، شۇ چاغدا ئېلىمىزنىڭ تەقسىمات قۇرۇلمىسى زەيتۇن شەكلىگە ئايلىنىدۇ. زەيتۇن توپ تىپى دېگىنىمىز، «ئوتتۇرىسى چوڭ، ئىككى بېشى كىچىك» بولۇش، يەنى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولۇش، تۆۋەن كىرىملىكلەر ۋە يۇقىرى كىرىملىكلەر بىردەك ئاز سانلىقنى ئىگىلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. 


مانا بۇ ئورتاق بېيىش نىشانىدۇر. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان زامانىۋىلاشقان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى زەيتۇن توپ تىپىدىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا تەۋە، مەسىلەن، ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر توپىنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى، ئامېرىكىنىڭ %77.57، ئەنگلىيەنىڭ %69.24، گېرمانىيەنىڭ %65.85، ياپونىيەنىڭ %63.79، شىۋېتسىيەنىڭ %72.11، ئاۋسترالىيەنىڭ %71.13. 

قانداق قىلغاندا بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
ئىككى جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ: 
بىرىنچىدىن، باج يىغىش جەھەتتە ئىجتىمائىي بايلىقنى يۆتكەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك
شۇڭا كەلگۈسىدە يۇقىرى كىرىملىكلەرگە قارىتا باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىققا زەربە بېرىش سالمىقى زورايتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قىسىم كىشىلەر باج تاپشۇرىدىغان ئاساسىي قوشۇن، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەگە ئوخشاش، ھەقىقىي تۈردە باج تاپشۇرىدۇ. 


ئىككىنچى، شەھەرلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى تەخمىنەن %65 بولۇپ، 2035-يىلىغا بارغاندا، بۇ نىشان %70 تىن ئاشۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تۈردىكى كىشىلەر ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەگە ئايلىنىدۇ: 
1. يېزا نوپۇسى، مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، مەسىلەن، يەر ئېلىپ ئىشلىتىش تولۇقلىما كىرىمى، ئىجارە ھەققى قاتارلىقلار، بىر قىسىم كىشىلەر تېزدىن ئوتتۇرا ھال كىرىم سەۋىيەسىگە يېتەلەيدۇ. 
2. شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپى ئەمگەك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ. نۆۋەتتە يۇقىرى ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېھتىياجى تەمىناتتىن ئېشىپ كەتتى، مەسىلەن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرى، شەخسىي ئاشپەز، ھەتتا قوبۇل قىلغۇچى قاتارلىقلار. 

شۇڭا، كەلگۈسى 15 يىل جۇڭگو ئىجتىمائىي قاتلىمىدا جىددىي ئۆزگىرىش بولىدىغان مەزگىل بولۇپ، ئادەتتىكى ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەۋرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، تېخىمۇ ئىجتىھات بىلەن تىرىشىشى، ئازراق ئاغرىنىشى كېرەك. ئېھرامنىڭ ئۇچىدا تۇرىدىغانلارمۇ تەلەي سىنىماسلىقى كېرەك، ئىلگىرى تەلەيگە تايىنىپ پۇل تاپقان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر شەخسنىڭ بايلىق باشقۇرۇش ئىقتىدارى ناچار بولسا، سىزنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ جۇڭگودا باش كۆتۈرۈشى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئېقىم، تورداش دوستلار، سىز ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سەۋىيەسىگە يەتتىڭىزمۇ؟ 
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
------
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408