大数跨境

كۆپ پۇل خەجلەپ ئېلان بېرىش ئىسراپچىلىق بولامدۇ؟

كۆپ پۇل خەجلەپ ئېلان بېرىش ئىسراپچىلىق بولامدۇ؟ Nepkar
2022-06-14
2
导读:زىيان تارتمىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئېلان نۇرغۇن بايلىق سەرپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئىس

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
كۆپ پۇل خەجلەپ ئېلان بېرىش ئىسراپچىلىق بولامدۇ؟ ئېلاننىڭ ئىقتىسادتىكى رولىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئېلان خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش ھەممە يەردە مەۋجۇت بولۇپ، بىزنى قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئېلىۋالىدۇ. تېلېۋىزىيە ئېلانلىرى، تالا ئېلانلىرى، مېترو ئېلانلىرى، لىفىت ئېلانلىرى... ئەنئەنىۋى ۋاسىتىلاردىكى ئېلانلاردىن باشقا، تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇ، يانفون ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئېلانلار ھەممە يەرنى قاپلىدى.
كىشىلەرنىڭ ئېلانغا بولغان ھېسسىياتى ئىنتايىن مۇرەككەپ. بىر تەرەپتىن، ئېلان ھەقىقەتەن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ئاسان رازى بولىدىغان تاۋارلارنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئېلان ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، ھەتتا بەزىلەر پۇل تۆلەش ئارقىلىق ئېلاننىڭ پاراكەندىچىلىكى بولمىغان پىروگراممىغا ئېرىشىشنى خالايدۇ.
زور مىقداردىكى ئېلان غايەت زور مەبلەغ سېلىنمىسىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئېلان ھەققى زاۋۇت-ماگىزىن تەننەرخىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، بەزى تاۋارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەتتا ئەڭ مۇھىم تەننەرخ ھېسابلىنىدۇ.


ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن سودىگەرلەر زور مەبلەغ سېلىپ ئېلان بېرىشنى خالايدۇ، بازار ئىگىلىكىدە ئېلاننىڭ قانداق رولى بار؟
ئالدى بىلەن شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئېلان بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىزدىن ھەق ئېلىنمىدى، لېكىن ئېلان ھەرگىزمۇ ھەقسىز ئەمەس. خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇت ۋە ماگىزىنلارنىڭ ئېلان ھەققىنى زاۋۇت ۋە ماگىزىنلارنىڭ ۋەيران بولۇشى، تاقىلىپ قېلىشى قاتارلىق ئايرىم ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئىستېمالچىلار تۆلەيدۇ.
ئىستېمالچىلار نېمە ئۈچۈن ئېلان ئۈچۈن پۇل تۆلەشنى خالايدۇ؟
ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئېلان تەتقىقاتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بىز ئېلانغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى ۋاقتىنچە ئويلاشمايمىز، ئېلاننىڭ مۇۋاپىقلىقىنى قوللاشتىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب ئېلاننىڭ ئىستېمالچىلارنى ئېھتىياجلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بۇ خىل قاراشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى نۇقتا بار.
بىرىنچى نۇقتا، ئۇ «ئېلان بىلەن ئېلان ساتقان تاۋار تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.» دەپ قارايدۇ
ئېلان ساتقۇچىلار تەمىنلىگەن ئۇچۇر مۇلازىمىتى، مەھسۇلات بولسا ساتقۇچىلار ھەقىقىي تۈردە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان نەرسە. بۇ ئىككىسى دائىم بىرلىشىپ سېتىلسىمۇ، لېكىن ھەرقايسىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى بولىدۇ. خۇددى ماشىنىنىڭ ھەر قايسى زاپچاسلىرى قۇراشتۇرۇلۇپ ماشىنا قىلىپ سېتىلغانغا ئوخشاش، لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن ئوخشاش بولمىغان نەرسە. ئاپتوموبىلنىڭ ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى بولىدۇ، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئايرىم سېتىشقىمۇ بولىدۇ، شۇڭا ئاپتوموبىلدىن مۇستەقىل بولغان ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىمۇ بولىدۇ.
ئىككىنچى نۇقتا، ئۇ «ئېلاننىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بىلەن ئىستېمالچىلارنى مال سېتىۋېلىشقا ئۈندەش ئىقتىدارى پەرقلەندۈرۈلىدۇ.» دەپ قارايدۇ
ئېلاننىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھەق تۆلەشتىكى ئورۇنلۇق سەۋەب، لېكىن ئىستېمالچىلار ئەسلىدە سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغان تاۋارلارنى سېتىۋېلىشقا نەسىھەت قىلىدىغان بۇ خىل تىرىشچانلىق ئۈچۈن پۇل تۆلەشنى خالىماسلىقى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا قارىتا بەزى ئىقتىسادشۇناسلار تەنقىد قىلىپ «ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش بىلەن نەسىھەت قىلىشنى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن، چۈنكى بارلىق ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ھەممىسى ئۆزگىچە بولىدۇ.» دەپ قارىغان.
كوزىنانىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى ئەنئەنىۋى ئېلان ئىقتىدارىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش، يەنى ئېلان ساتقۇچى ئىستېمالچىلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت بولۇپ، ئېلاننىڭ خاراكتېرىنى ياخشى ئېچىپ بېرەلمىگەن، چۈنكى ئۇنىڭدا كارخانىچىلار روھىنىڭ بازار رىقابىتىدىكى ئىپادىسى ئويلىشىلمىغان.
كوزىنا ئوخشاش بولمىغان ئىككى مىسالنى كۆرسەتكەن.
بىرىنچى خىل ئەھۋال، ئىستېمالچىلار ئۆزىگە كېرەكلىك تاۋارلارنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، ئەمما قەيەردىن سېتىۋېلىشنى بىلمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا، سېتىۋېلىش ئادرېسىنى تەمىنلىگەن ئېلان پەقەت ئىستېمالچىلار ئېھتىياجلىق بولغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدۇ. بۇ خىل ئۇچۇرنى ئىستېمالچىلار سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتتىن ئايرىۋېتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنىمۇ نەسىھەت بىلەن ئايرىۋېتىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئېنىق ئېھتىياجى بار، ھەرگىزمۇ بۇ ئېلان سەۋەبلىك ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
بۇ تۈردىكى ئېلانلار يەنىلا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، گېزىتتىكى تۈرگە ئايرىش ئېلانلىرىنىڭ ئۆزى ھەر خىل تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئۇچۇرلىرىدۇر. مەن ساياھەت قىلغاندا ناتونۇش شەھەرگە بارسام، ئەگەر قولۇمدا يەرلىك گېزىت بولسا، مېنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنىم مۇشۇ تۈردىكى ئېلانلار بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن نۇرغۇن پايدىلىق يەرلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيتتىم.
ئىككىنچى خىل ئەھۋال شۇكى، ئېلان ساتقان مەھسۇلاتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، ئىستېمالچىلارنى ئۆزى ساتقان مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشقا ئۈندەيدۇ. ئىستېمالچىلار بۇنداق ئېلان بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى، بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا ئېلاننىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بىلەن نەسىھەت قىلىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ، ھەتتا ئېلان بىلەن ئېلان ساتىدىغان مەھسۇلاتلارنىمۇ ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئەگەر ئېلان تەمىنلىگەن مەھسۇلات ئۇچۇرى بولمىسا، ئىستېمالچىلار بۇ مەھسۇلات ھەققىدە ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى بىلەن ئاپتوموبىل ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلاتقا تەۋە بولۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئېھتىياجى ئەگرى سىزىقى بولىدۇ، بۇ تامامەن بىر ئىش ئەمەس.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كۆپ قىسىم سودا ئېلانلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق، بولۇپمۇ بىر قىسىم باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ياكى يېڭى تىپتىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانلىرى. مەلۇم خىل يېڭى پاسوندىكى كىيىملەر، مەلۇم خىل كىشىلەر بىلمەيدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، مەلۇم خىل يېڭى تىپتىكى يانفون ياكى باشقا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانى قاتارلىقلار. ئىستېمالچىلار مۇناسىپ ئېلاننى كۆرۈشتىن بۇرۇن، بۇنداق نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئەسلا بىلمەيدۇ. بىز بۇ ئېلانلارنى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ياراتقان دېسەكمۇ، بۇ ئېلانلار ئىستېمالچىلارنىڭ ئەسلىدىكى تولۇق بولمىغان ياكى خاتا بولغان تونۇشىنى تۈزىتىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى تونۇتتى، دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئىككىنچى خىل ئەھۋالدىكى ئېلاننىڭ مەقسىتى ئاساسلىقى ئىستېمالچىلارنى مال سېتىۋېلىشقا نەسىھەت قىلىش، زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش پەقەت مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئاساسىي ئېقىم ئىقتىسادشۇناسلىقى نەزەرىيەسىدە، ساتقۇچى ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدۇ، يەنى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، جۈملىدىن ئېلان مونوپول ئەۋزەللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئىستېمالچىلارنى «بۇ تاۋار باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ.» دەپ قارايدىغان قىلىپ، ساتقۇچىلارنى بۇ جەھەتتىكى بازارنى مونوپول قىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا، بەزى ئىقتىسادشۇناسلار ئېلان تەشۋىقاتى ھەقىقىي رىقابەتلىك كارخانىلارغا، ئىستېمالچىلارغا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.
لېكىن، ئەگەر بازار پائالىيىتىگە تولۇق رىقابەت ئەندىزىسىدىكى تولۇق خەۋەردار قاتناشقۇچىلارنىڭ نەزىرى بىلەن قارىمىساق، كارخانىچىلارنىڭ رولى مەھسۇلات ۋە مەھسۇلات ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن چاغلاردا، ئىستېمالچىلار ھەتتا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ بىلمەيدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنى نەدىن ئىزدەشنىمۇ بىلمەيدۇ. ئەگەر ھەربىر ئىستېمالچى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇچۇر تاپالىسا، ئۇنداقتا ساتقۇچى پەقەت ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېتىدە ھەر خىل مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشلىرىنى يېزىپ قويسىلا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ رەڭگارەڭ، ھەتتا غەلىتە ئۇسۇللار بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېلان ۋە باشقا سېتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى كارخانىچىلار رىقابىتىنىڭ بىر قىسمى. كارخانىچىلار ھەرخىل شەكىلدە رىقابەتلىشىدۇ، بۇ باھا رىقابىتى، سۈپەت رىقابىتى، مەھسۇلات رىقابىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئېلانمۇ رىقابەتنىڭ بىر قىسمى. ئېلان سەۋەبىدىن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان مەھسۇلات بىلەن ئېلان بېرىلمىگەن ھەم ھېچكىم بىلمەيدىغان مەھسۇلاتنى مەھسۇلاتنىڭ ئۆزى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى ئوخشاش دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، سېتىش تەننەرخى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئەمەلىيەتتە بىر ئىش. شۇڭا، بۇنى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مەھسۇلات دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، نېمە ئۈچۈن بەزى ئالىي دەرىجىلىك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى تۈرىدىكى ئېلانلار تەننەرخنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئەمەلىيەتتە باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن، ئەمما ئېلان بېرىلمىگەن ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلاردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. چۈنكى ئىستىمالچىلار ئېلان بەرمىگەن مەھسۇلاتلارنى بىلمىسە، ئۇنىڭدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
بەزىلەر، ئېلان بايلىقنى ئىسراپ قىلغانلىق، دېيىشىدۇ. بۇ خىل قاراش ئۇچۇر تولۇق بولۇشنى ئاساس قىلىدۇ، لېكىن بازارنىڭ يۈرۈشتۈرۈشى ئۇنداق ئەمەس. بازار جەريانىدىكى رىقابەت ئۇچۇر تولۇق بولمىغان ئەھۋالدىكى رىقابەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇر تولۇق بولمىغان، جۈملىدىن بازار سۇبيېكتى ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى ئەسلا بىلمەيدىغان بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىزنىڭ بازار ئىگىلىكىنى چۈشىنىشىمىزدىكى مۇھىم نۇقتا. چۈنكى، ئۇچۇر تولۇق بولۇش ئارقىلىق ئېلاننى ئىسراپچىلىق دەپ تەنقىد قىلىش، ئوخشاشلا رىقابەت بىر خىل ئىسراپچىلىق، ھەتتا بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۆزىمۇ ئىسراپچىلىق، دەپ تەنقىدلىگەنلىكتۇر. بازاردا ئىسراپ بولغان-بولمىغانلىقىنى ئۆلچەشتە ئىستىمالچىلار تۆلىگەن باھا بىلەن تەننەرخ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ئەگەر زاۋۇتلار پايدا ئالسا ئىسراپ بولمايدۇ، زىيان تارتسا ئىسراپ بولىدۇ. زىيان تارتمىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئېلان نۇرغۇن بايلىق سەرپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئىسراپچىلىق بولمايدۇ.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0