搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ئىچكى يۆگىمىلىشىشتىن يىمىرىلىۋاتىدۇ!
>
بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ئىچكى يۆگىمىلىشىشتىن يىمىرىلىۋاتىدۇ!
Nepkar
2022-04-25
1
导读:تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت خىرىس بولىدۇ، خىرىسنىڭ ئۆزى ئازاب ئېلىپ كەلمەيدۇ...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkar
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
-----
ئامېرىكىلىق يازغۇچى سپېنسېر جونسون بىر ھەقىقىي ھېكايە سۆزلەپ بەرگەن.
ئېغىر دەرىجىدىكى ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىز داۋالىغۇچى تەرىپىدىن ۋاز كېچىلگەن ئەھۋالدا، تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئىشتىھاسى ئېچىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماق يەپتۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەپتۇ.
چۈشىنىكسىز بولغىنى، بۇنىڭ كەينىدىكى سەۋەب، پەقەت ئۇنىڭ تاسادىپىي بىر بالىلار چۆچىكى رومانىنى ئوقۇغانلىقىدىن بولغان.
مۆجىزە ياراتقان بۇ رومان دەل سىپېنسېرنىڭ «كىم مېنىڭ پىشلىقىمغا چېقىلدى؟» دېگەن. (مەزكۇر كىتابقا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!)
بۇ كىتاب ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئىككى پاپا بىلەن ئىككى چاشقاننىڭ پىشلاق ئىزدەش ھېكايىسى سۆزلەنگەن.
ئەمما ئۈچ ياشلىق بالىمۇ چۈشىنەلەيدىغان بۇ كىتاب 1998-يىلى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، پۈتۈن يەر شارىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.
جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن سەرخىللار، سودا ساھەسىدىكى ماگناتلار ئۇنى «كىشىلىك ھايات ئىلھامى» دەپ قارايدۇ، دۇنيادىكى نەچچە يۈز كۈچلۈك كارخانا ئۇنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەرسلىكى قىلىدۇ.
بۇ كىتاب قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بىر چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەردى: بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ئىچكى يۆگىمىلىشىشتىن يىمىرىلىۋاتىدۇ.
ئەگەر سىز تەشۋىش ۋە تېڭىرقاشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىڭىز، بۇ كىتاب بەلكىم بىر تال يېشىم دورىسى بولۇشى مۇمكىن.
01
كەيپىياتنىڭ ئىچكى جەھەتتىن خورىشى، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى ۋەيران قىلىدۇ
ئىككى پاكار ئادەم ـــ غىڭ-غىڭ بىلەن مىس-مىس، بىر سىرلىق ئوردىدا ياشايدىكەن.
ئۇلار ھەر كۈنى پەقەت بىر ئىشنى قىلىدىكەن، يەنى پىشلاق ئىزدەيدىكەن.
بۇ كۈنى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن ئىرىمچىك C ئورۇن ـــ ھەر خىل ئىرىمچىكلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن جاينى بايقاپتۇ.
ئۇلار خۇشاللىقىدىن ئېرىمچىككە باشچىلاپ كىرىپ كېتىپتۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خاتىرجەم ھەم چۈشكۈن تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
ئەمما، ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارماپتۇ، توساتتىن بىر كۈنى پىشلاقنىڭ ھەممىسى غايىب بولۇپتۇ.
كۈتۈلمىگەندە، غىڭ-غىڭ بىلەن مىس-مىس باشتا قاتتىق ھەيران قاپتۇ، كېيىن غەزەپ بىلەن بىر-بىرىنى ئەيىبلەپ، ئىرىمچىكنى ئېلىپ كەتكەن كىشىلەرنى زەھەرخەندىلىك بىلەن قارغاپتۇ.
ئۇلار سىرتقا چىقىپ يېمەكلىك ئىزدىمەپتۇ، ئەكسىچە توختىماي بىر-بىرىدىن دەردىنى چىقىرىپتۇ، تاكى ھېرىپ ھالىدىن كېتىپ، جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغانغا قەدەر شۇنداق قىلىپتۇ.
سپېنسېر كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان:
«سىرلىق ئوردا بىزنىڭ مۇرەككەپ تۇرمۇشىمىزنىڭ سىمۋولى، پىشلاق بولسا بىزنىڭ بارلىقىمىز − پۇل، شان-شەرەپ، پۇرسەت، ھەتتا ئائىلە، ساغلاملىق، ھېسسىيات، ئۆز قىممىتىمىز.»
ئېنىقسىزلىققا تولغان تۇرمۇشتا، ھەر قېتىم كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەندە، كىشىلەر ھەمىشە ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن غەزەپلىنىش، تەشۋىشلىنىش، قايغۇرۇش قاتارلىق ھەر خىل كەيپىياتلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ.
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىزنى غولىتىۋەتكىنى «پىشلاق»نىڭ يوقىلىشى ئەمەس، بەلكى توختىماي ئۆزلۈك كۈرىشىدۇر.
خۇددى پىسخولوگ يۈ دېجى ئېيتقاندەك:
تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت خىرىس بولىدۇ، خىرىسنىڭ ئۆزى ئازاب ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئۆزلۈك كۈرىشىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى خوراش ئازابنىڭ مەنبەسىدۇر.
مىكرو بىلوگدا «ئىچكى خوراش» تېمىسىدا، مۇنداق بىر قانچە كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان سۆزلەر بار:
يالغۇز پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئانا مۇنداق دەيدۇ: ئوغلۇم ۋاپات بولۇپ بەش يىلدىن كېيىن، مەن ئىزچىل غايەت زور ئازاب ئىچىدە ياشاپ كەلدىم، ھەممە نەرسىنىڭ ئەھمىيىتى يوقتەك ھېس قىلدىم؛
مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغان قىز مۇنداق دەيدۇ: مۇھەببىتىمدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، مەن ئىزچىل ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆڭلىنى بۇزۇلۇپ، تۇرمۇشۇمنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم.
بەزىلەر ئىمتىھاندا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى كەمسىتىش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ؛ بەزىلەر ئىشسىز قالغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى قاتتىق سۆكىدۇ...
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ «ئىرىمچىكى»دىن ئايرىلىپ قالغانلار، خۇددى غىڭ-غىڭ بىلەن مىس-مىستەك سەلبى كەيپىياتنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ.
شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، كەيپىياتنىڭ خورىشى، تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەندۇر.
ئۇ بىزنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىدىغان جىسمانىي ۋە روھىي بايلىقىمىزنى خورىتىپ، بىزنى ھەرىكەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
ئۇ تۇرمۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ خۇددى قار پومزىكىگە ئوخشاش دومىلىغانسېرى چوڭىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىزنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
بۇ چاغدا پەقەت ئۆزىڭىز قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، قاتتىق ئىرادە بىلەن، كەيپىياتىڭىزنىڭ قەپىزىنى بۇزۇپ تاشلاشتىن باشقا ھېچكىم سىزگە ياردەم قىلالمايدۇ.
02
ھاياتلىقنىڭ ياخشىلىنىشى ئىچكى سەرپىياتنى توختىتىشتىن باشلىنىدۇ
پاپىلاردىن ئالدى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى ئويلىغىنى مىس-مىس ئىدى.
ئۇنىڭ ئەمدى ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرغۇسى يوق ئىدى، ئۇنىڭ سىرلىق ئوردىغا قايتىپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ھەر كۈنى چېپىپ يۈرۈپ، ئىرىمچىك ئىزدىگۈسى بار ئىدى.
غىڭ-غىڭ ئۇنىڭ بۇ قارارىغا پىسەنت قىلماي: ـــ ئەگەر تاپالمىساق قانداق قىلىمىز؟ ئەگەر خەتەرگە يولۇقۇپ قالساق قانداق قىلىش كېرەك؟ دەپ سوراپتۇ.
لېكىن مىس-مىس ئۇنچە كۆپ ئويلاشنى خالىماي، ئاجىز تېنىنى سۆرەپ، تېڭىرقىغان ھالدا يولنىڭ چېتىدە غايىب بولۇپتۇ.
ئۇ ئۆزىگە: «بۇ قەدەمنى بېسىشتا ھەقىقەتەن ئىرىمچىكنى تاپقىلى بولۇشى ناتايىن، ئەمما ھەرىكەت قىلمىغاندا چوقۇم تاپقىلى بولمايدۇ.» دەپتۇ.
ئۇ دەلدەڭشىگىنىچە سىرلىق ئوردىدا ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاندا-ساندا كۆكىرىپ قالغان بىر پارچە پىشلاقنى تېپىۋېلىپ، ئاچ بۆرىدەك يەۋېتىپتۇ.
بارا-بارا، ئۇنىڭ جىسمانىي كۈچى ئەسلىگە كېلىپ، كەيپىياتىمۇ خېلى ياخشىلىنىپ قاپتۇ.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، ئۇ يەنە بىر يولنىڭ بېشىدا ئېرىمچىك N ئورۇننى بايقاپتۇ.
لېكىن، بۇ قېتىم مىس-مىس بۇنىڭغا بېرىلىپ كەتمەي، ئۇ ھەر كۈنى N ئورۇنغا كېلىپ قورسىقىنى توقلىغاندىن كېيىن، بۇرۇلۇپلا سىرلىق ئوردىغا كىرىپ داۋاملىق ئىزدەپتۇ.
ئەمما غىڭ-غىڭ يەنىلا C ئورۇندا تۇرۇپ ھەممىدىن نارازى بولۇپ، ئۆلۈمنىڭ ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىشىنى كۈتۈپتۇ.
بۇ ھېكايە ماڭا پىسخولوگىيەدىكى داڭلىق «ئىستاكان تەجرىبىسى»نى ئەسلەتتى.
بىر پروفېسسور بىر ئىستاكان سۇنى ئېلىپ ساۋاقداشلاردىن سوراپتۇ: بۇ بىر ئىستاكان سۇ قانچىلىك ئېغىر؟
بىرى بەش گىرام دېسە، بىرى ئىستاكاننى قوشساق ئون گىرام چىقىدۇ، دەپتۇ.
ئەمما، پىروفېسسور بېشىنى چايقاپ: سۇنىڭ ئېغىرلىقى ئاشۇ بىر قانچە گىرامدا ئەمەس، بەلكى ئۇنى قولۇڭغا ئالغان ۋاقتىڭدىدۇر، دەپتۇ.
سىز ئۇنى ئەمدىلا ئالغان ۋاقتىڭىزدا بەش گىراملا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن سىز ئۇنى پۈتۈن بىر كۈن تۇتۇپ تۇرسىڭىزچۇ؟ بەلكىم مىڭ جىڭ ئېغىرلىقتا بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئېغىر يۈكتىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟
-قويۇپ قويۇش (ۋاز كېچىش).
پىشلاق يۈتۈپ كەتسە، دەرھال بېرىپ ئىزدەڭ؛ ئىستاكان بەك ئېغىر بولسا، دەرھال قويۇپ قويۇڭ.
كۆپ ھاللاردا، بىر ھەرىكەت مىڭ ئوي-پىكىردىن ئارتۇق بولىدۇ؛ بىر ئۆزگىرىش، ئەھمىيەتسىز چىڭ تۇرۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
ئىچكى خوراش ئىچىدە ئۆزىنى قىينىغاندىن كۆرە، ھەرىكەت ئارقىلىق قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىغان ياخشى.
خۇددى سوخۇ شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ چاۋياڭ ئېيتقاندەك:
تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى شۇكى، ھېچنېمىنى ئويلىماسلىق كېرەك، ئىشنى قىلغاندىن كېيىن بىر گەپ بولسۇن.
ھاياتلىقنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ئىچكى سەرپىياتنى توختىتىشتىن باشلىنىدۇ؛ ئىچكى سەرپىياتنى توختىتىش ھەرىكەتتىن باشلىنىدۇ.
03
ئىچكى خوراشنى رەت قىلىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ياخشى دورا
سىرلىق ئوردىدا پاپىلاردىن باشقا، يەنە كاللىسى ئاددىي ئىككى چاشقان بار، ئۇ بولسىمۇ سەزگۈر ۋە ئالدىراقسان ئىبارەت.
ئۇلار ئىسمى جىسمىغا لايىق بولۇپ، بىرى ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرىدۇ، بىرى تۇغما ھەرىكەت تەرەپدارى.
ئەينى چاغدا، ئۇلار پاپىلار بىلەن بىرلىكتە ئىرىمچىك C ئورۇننى بايقىغان بولسىمۇ، ئىنكاسى پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولغان.
ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق خۇشال بولمايدۇ، راھەت رايوندا ئېزىپ قالمايدۇ، شۇنداقلا پىشلاق (ئېرىمچىك) يوقالغاندىن كېيىن، غەزەپ ۋە گاڭگىراشقا پېتىپ قالمايدۇ.
كىچىك چاشقان ئەزەلدىن بەك كۆپ ئويلىمايدۇ، ھېچقانچە كەيپىياتىمۇ يوق، ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى ئۆزگىرىشنى بايقاش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش.
ئۇلار C ئورۇندىكى پىشلاقنىڭ بارغانسېرى ئازلاۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئالدىن تەييارلىق قىلىپ قويغان، يەنى بالدۇر ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئىرىمچىك N ئورۇننى تاپقان.
«ئەقىللىق» پاپىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەكسىچە «كاللىسى يوق» چاشقانلار تېخىمۇ ئەركىن، راھەت ياشايدۇ.
يازغۇچى سىپېنسېر ئىختىيارسىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن: تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ دەل ئۆزىمىز.
ئارقىدىنلا ئۇ كىتابىدا دوستى چارلىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەن:
چارلىز يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىنىڭ قالتىس دېكتورى بولۇپ، ئىزچىل ئىدارىنىڭ «جان تومۇرى» بولۇپ كەلگەن.
بىراق، توساتتىن بىر كۈنى رەھبەر ئۇنىڭغا كېلەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يېنىك ئاتلېتىكا تۈرلىرىنى ئۇلاپ تارقاتمايدىغانلىقىنى، سۇ ئۈزۈش ۋە سۇغا سەكرەشنىڭ ئورنىغا ئالماشقانلىقىنى ئېيتىدۇ.
بۇ خەۋەر ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك بولۇپ، چارلىزنىڭ ھەممە نەرسىسى، خۇددى C ئورۇندىكى ئىرىمچىككە ئوخشاش غايىپ بولىدۇ.
ئۇ چەتلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، ئەمدى خىزمەتداشلىرىنىڭ سەركىسى ئەمەس، ئۆستۈرۈلۈش پۇرسىتىمۇ يوق.
ئۇ پاپىلارغا ئوخشاش دەرغەزەپكە كېلىپ، رەھبەرلەرنى قايتا-قايتا ئىزدەپ ئۇلار بىلەن جىدەللىشىدۇ، نەتىجىدە خىزمىتىدىن توختىتىپ قويۇلىدۇ.
ئۇ سپېنسېرغا دەردىنى تۆكىدۇ، سپېنسېر ئۇنىڭغا پىشلاقنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
چارلىز ئەتراپلىق ئويلانغاندىن كېيىن، «مېنىڭ پىشلىقىمغا كىم چېقىلدى؟» دەپ ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي، چاشقانغا ئوخشاش يېڭى پىشلاقنى پائال ئىزدەيدۇ.
ئۇ سۇ ئۈزۈش ۋە سۇغا سەكرەشنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا باشلاپ، بىر ئايدىن كېيىن، مەيدىسىگە ئۇرۇپ رەھبەرگە، يېڭى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
نەتىجىدە ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ كەسپىي چۈشەندۈرۈشىگە تايىنىپ، قايتىدىن كەسىپتە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.
بىل گايتىسنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنى ناھايىتى ئېتىراپ قىلىمەن:
ساقلانغىلى بولمايدىغان رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، يېتەرسىزلىكتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، بۇنىڭدىن ئاغرىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.
تۇرمۇش تولىمۇ قىيىن، ھەممىمىز تەقدىرنىڭ تەستەكلىرىگە ئۇچرىغان، ئازاب ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئادالەتسىزلىك ۋە ئاسىيلىققا ئۇچرىغان.
ئەگەر پەقەت «مېنىڭ پىشلىقىمغا كىم چېقىلدى؟» دەپ سوراشنىلا بىلسەك، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆز-ئۆزىنى خورىتىش پاتقىقىغا پېتىپ قالىمىز.
سىز قۇرۇق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرماستىن، كۆڭۈل قويۇپ ھەرىكەت قىلسىڭىز، تاغدىنمۇ چوڭ قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، يول ئۈستىدىكى بىر پاكار دۆڭگە ئايلىنىپ قالىسىڭىزمۇ، قارىماققا ئۆتكىلى بولمايدىغان چوڭقۇر ھاڭمۇ بىر تېيىز ئېرىققا ئايلىنىدۇ.
ئەگەر پىشلاقنىڭ ھېكايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرساق، پاپىلار بىلەن چاشقانلارنى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەر دەپ چۈشىنىشكە، شۇنداقلا بىر ئادەمنىڭ ئىشقا بولغان ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
بىز كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، دەسلەپتە غەزەپلەنگەن غىڭ-غىڭغا ئوخشاپ قالساق، كېيىن مىس-مىسقا ئوخشاش، ئويلىنىش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنى قايتىدىن ئوڭشىۋېلىشىمىز مۇمكىن.
لېكىن، ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل چاشقانغا ئوخشاش ھەرىكەت تەرەپدارىغا ئايلىنىپ، ھازىرقىنى كۆزلەپ، ئاز ئويلاپ، كۆپ ئىش قىلىشتىن ئىبارەت.
دۇنياۋى قەلب ئۇستازى ئوناندونىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار:
«مەن بېرىپ قىلىمەن، نەتىجىدىن ئەنسىرىمەيمەن، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسام، نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىمەن.»
كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدىكى ئەڭ ئاستا سۈرئەت قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەش بولماستىن، بەلكى سىزنىڭ سانسىز قېتىم ئىككىلىنىپ قېلىشىڭىزدۇر.
ئەڭ تېز قەدەممۇ ئاتاكىغا ئۆتۈش ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئۈزلۈكسىز قىلغان ھەرىكىتىڭىزدۇر.
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408