大数跨境

مالىيە تەپەككۇرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ!

مالىيە تەپەككۇرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ! Nepkar
2022-05-07
1
导读:باشقىلارغا بېلىق بەرگەندىن كۆرە، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ياخشى...

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
----

«باي دادام، نامرات دادام» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلار ناھايىتى كۆپ، كۆپچىلىك ۋاقتىڭلار بولسا كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ، ۋاقتىڭلار بولمىسا پەقەت بولمىغاندا «باي دادام، نامرات دادام» دېگەن كىتابنى پىششىق ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.

شەخسەن ئۆزۈم بۇ يۈرۈشلۈك كىتابلاردا تەكرارلىنىدىغان مەزمۇنلار بىر قەدەر كۆپ دەپ قارايمەن، ئەلۋەتتە قانچە كۆپ تەكرارلانغان مەزمۇن دەل ئەڭ مۇھىم، زادى بىلمىسەك بولمايدىغان مەزمۇنلاردۇر. شۇڭا كۆپچىلىك كىتابنى تاللاپ كۆرسەڭلارمۇ ياكى بىر قىسىم كىتاب ھەققىدىكى ئوبروزلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئوقۇساڭلارمۇ بولىدۇ.

ئەمدى نەق گەپكە كېلەيلى.

مېنىڭ بۇ قېتىم تاللىغىنىم «باي دادام، مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» دېگەن كىتاب بولۇپ، «باي دادام، مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ» ناملىق بۇ كىتابتا بىر ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلگەن، كىتاب بىزگە مېتودولوگىيەنى ئۆگەتمەستىن، بەلكى مالىيە ئىدراكىمىزنى ئۆستۈرۈش بىلىملىرىنى تەمىنلىگەن بولۇپ، مالىيە ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئارۇشىمىز ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىش پايدىلانمىسى تەمىنلىگەن.

بۇ يازمىدا مەن كۆپچىلىككە ئىككى جەھەتتىن ئەڭ ئاساسىي مالىيە باشقۇرۇش تەپەككۇرىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.

روزىغارلىق (مالىيە باشقۇرۇش) ئەقىل پاراسىتى: بەش خىل ئاساسىي مالىيە ئىدراكى

سىزنىڭچە نېمە مالىيە باشقۇرۇش ھېسابلىنىدۇ؟

سۇغۇرتا سېتىۋېلىشمۇ؟ فوند سېتىۋېلىشمۇ؟ پاي چېكى سېتىۋېلىشمۇ؟ ياكى ھېچنىمە ئالماي، پۇلنى بانكىغا قويۇشمۇ؟

«باي دادام، مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» دېگەن كىتابنى كۆرگەندىن كېيىن شۇنى بىلدىمكى، بۇلارنى پۈتۈنلەي مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش دېگىلى بولمايدىكەن، ياكى ھەرگىزمۇ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش دېگىلى بولمايدىكەن.

روبېرت كىيۇساكى مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەمنى باي قىلىدىغىنى ئۆي-زېمىن، پاي چېكى، ئورتاق فوند، سودا ياكى پۇل ئەمەس، بەلكى ئۇچۇر، بىلىم، ئەقىل-پاراسەت ۋە ئەمەلىي ماھارەت، بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ روزىغارلىق ئەقىل-پاراسىتى دەپ ئاتىلىدۇ.»

ئۇ دەۋاتقان مالىيە باشقۇرۇش ئەقىل-پاراسىتى دەل ئۇنىڭ «باي دادام، مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» دېگەن كىتابىدا تىلغا ئالغان بەش خىل ئاساسىي مالىيە ئىدراكىدۇر.

ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا:

بىرىنچى مالىيە ئىدراكى: تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش؛

ئىككىنچى مالىيە ئىدراكى: پۇلىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ؛

ئۈچىنچى مالىيە ئىدراكى: پۇلىڭىزنى خامچوت قىلىڭ؛

تۆتىنچى مالىيە ئىدراكى: پۇلنىڭ پىشاڭىنى قومۇرۇپ تاشلاڭ؛

بەشىنچى مالىيە ئىدراكى: مالىيە ئۇچۇرلىرىڭىزنى ياخشىلاڭ؛

ئۇلارنى كونكرېت قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

مىسال كەلتۈرەيلى.


تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش-مۈلۈك

ئەگەر ھازىر ھەر ئايلىق كىرىمىڭىز 5000 يۈەن بولۇپ، سىزنىڭچە يەنىلا يېتەرلىك بولمىسا، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشىڭىزغا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا ئامال قىلىپ كۆپرەك پۇل تېپىشىڭىز كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن قوشۇمچە خىزمەت قىلىش، قوشۇمچە كەسىپ قىلىش، فوند سېتىۋېلىش، پاي چېكى سېتىۋېلىش، مەبلەغ سېلىش، ئىش ھەققى يۇقىرى بولغان خىزمەتنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى كۆپرەك پۇل تېپىشنىڭ يولى بولۇپ قالىدۇ.

بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، بۇ يوللاردىن بىر قانچە خىلىنى تاللاپ، ئۆزىمىزنى ئىمكانقەدەر تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

خۇددى روبېرت كىيۇساكى، يەنى مالىيە ئىدراكى مائارىپىنىڭ يول باشلىغۇچىسى، باي دادام شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى، «باي دادام، مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورىغا ئوخشاش، گەرچە ئۇنىڭ شىركىتى ۋەيران بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆپ خىل پۇل تېپىش يولى بار، شۇڭا بىر يول ئۈزۈلۈپ قالسىمۇ ئۇ نامراتلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن كىرىم مەنبەسى بار.


پۇلىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ

سىزنىڭ ھەر كۈنلۈك، ھەر ھەپتىلىك، ھەر ئايلىق ئىستېمال ئۆلچىمىڭىز قانچە؟

سىز ھاياجان ئىستېمالچىلار تىپىدىنمۇ؟

سىزنىڭ بۇ ئايلىق كىرىمىڭىز ئۇ ئايغا يەتمەيدىغان غۇرىگۇل تۇرمۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدىىزمۇ؟

سىزدە ھەر ئايدا تۈگىمەيدىغان جىڭدۇڭ قەرز چېكى ياكى خۇابېي بارمۇ؟

سىز ئەقلىي ئىستېمال قىلىشنى ئويلىسىڭىزمۇ لېكىن قىلالمايۋاتامسىز؟

پۇل تېجەشتە پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، پەقەت مۇۋاپىق پىلانلانغاندىلا، ئاندىن پۇل ئارقىلىق بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ پۇلىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟

جاۋابى شۇكى، مالىيە بىلىملىرى ۋە قانۇننى ئۆگىنىش. (بۇنىڭدىن كېيىن سالوندا داۋاملىق مالىيە باشقۇرۇش يۈرۈشلۈك ئوبزورلىرى يېزىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مالىيە بىلىملىرى ۋە قانۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا سالونغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.)

بىز بارلىق «ئالدامچىلىق» تۈسىدىكى پۇلىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغان قىلمىشلارنى ئېنىق تونۇپ يەتكىنىمىزدە، ھەمياننى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى باشقۇرالايمىز.


پۇلىڭىزنى ياخشى خامچوت قىلىڭ

خامچوت دېگىنىمىز، كىرىمىمىزنى (ھازىرقى مۈلكىمىزنى) ۋە چىقىمىمىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پىلانىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاساسلىقى خام چوت قىزىل رەقىمى (چىقىم كىرىمدىن ئېشىپ كەتكەن) ۋە خام چوت ئېشىندىسى (كىرىم چىقىمدىن ئېشىپ كەتكەن) دەپ ئايرىلىدۇ.

مائاشىڭىز قولىڭىزغا تەگكەندە، ئۆي قەرزى، ئاپتوموبىل قەرزى، جىڭدۇڭ قەرز چېكى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن پۇل يەتمىسە، ئۇنداقتا خامچوت قىزىل رەقىمى بولىدۇ.

ئەگەر خام چوتتا قىزىل رەقەم كۆرۈلسە، «باي دادام»نىڭ تەۋسىيەسى چىقىمنى ئازايتىش ئەمەس، كىرىمنى ئاشۇرۇش، مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

بۇ خىل ئەھۋال بىزنىڭ مالىيە باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىمىزگە، پۇل-مالنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزگە تېخىمۇ موھتاج.


روبېرت كىيۇساكى مۇنداق دەيدۇ: 

«بارون (Baron) پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش قوللانمىسى» شەخسنىڭ خامچوت ئېشىنچىسىنى ئۈچ خىل تاللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇلار: قەرزنى قايتۇرۇش، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ياكى مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت. 

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇنچە كۆپ ئادەمدە مالىيە مەسىلىسى پەيدا بولۇشىدىكى بىر سەۋەب شۇكى، ئۇلار ئىستېمال ۋە قەرزنى كۆپەيتىپ، مەبلەغنى ئازايتقان. 

ئەگەر سىز باي بولماقچى بولسىڭىز، خام چوت ئېشىندىڭىزنى تاللاڭ، ھەمدە كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى ئازايتىش ئارقىلىق خام چوت ئېشىنچىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ. 

مۇنداقچە ئېيتقاندا، توغرا بولغان مەبلەغنى كۆپەيتىش، مەسىلەن، پاي چېكى، فوند سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ خامچوتتىكى پايدىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىزغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. (پاي چېكى ۋە فوند سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىشمۇ بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك مالىيە باشقۇرۇش بىلىملىرى ياكى بىر ياخشى «ۋاسىتىچى (بېدىك)» تېپىپ، كېيىنكى قەدەمدە ئەھۋالغا قاراپ باھالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.) 


پۇل پىشاڭىنى قومۇرۇپ تاشلاڭ

قانداق قىلغاندا پۇلنىڭ پىشاڭىنى قومۇرغىلى بولىدۇ؟ 

بىزنىڭ ھازىرقى مال-مۈلۈك ۋە مالىيە باشقۇرۇش ئەقىل-پاراسىتىمىزدىن پايدىلىنىپ، چىقىم قىلمىساقلا كىرىم بولىدۇ، پىشاڭلىق رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 

مەسىلەن، سىزنىڭ ھازىر ئىجارىگە بېرىدىغان بىر ئۆيىڭىز بار. سىز كىرئالغۇ، قۇرۇتۇش ماشىنىسى، ھاۋا تەڭشىگۈچنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۆينى بېزەپ ياخشىلىسىڭىز، ئىجارە ھەققىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. 


مالىيە ئۇچۇرلىرىڭىزنى ياخشىلاڭ

نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ مالىيە ئۇچۇرلىرىمىزنى ياخشىلىشىمىز كېرەك؟ 

«باي دادام، مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» دېگەن كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: 

«ئۇچۇر بۇ دەۋردىكى بىردىنبىر، ئەڭ ئۇلۇغ مۈلۈك. ئۇچۇر تېخنىكىنىڭ پىشاڭلىق رولىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بايلىق بولىدۇ.»

مەسىلەن، بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى روبېرت كىيۇساكىنى تىلغا ئالساق، مالىيە ئىدراكى ئۇنىڭ مالىيە ئۇچۇرى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بايلىقى. 

دەل مۇشۇ مۈلۈكلىرى بىلەن ئۇ «باي دادام، نامرات دادام» ناملىق يۈرۈشلۈك بازارلىق كىتابنى يېزىپ چىققان ھەمدە شۇنچە كۆپ نەشر بېجى (قەلەم ھەققى)گە ئېرىشكەن.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر سىزدە كەم ئۇچرايدىغان بايلىق بولسا، بۇ بايلىقلار سىزنىڭ بېيىش مەنبەيىڭىز بولىدۇ. 

ئۇچۇر پاخاللىشىۋاتقان ھازىرقى دەۋردە، سىز نۇرغۇن ئۇچۇرلار ئىچىدىن مۇھىم، پايدىلىق ئۇچۇرلارنى تاللاپ چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەر تېخى چىڭ تۇتمىغان ئۇچۇر ۋە بايلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېز سۈرئەتتە ئۆز كارامىتىڭىزنى كۆرسىتىپ، بېيىش يولىغا قاراپ ماڭالايسىز. 

پۇل سىزنى بېيىتىدۇ، ھەم بېيىتمايدۇ، مۇھىمى كىرىمىڭىزنى قانداق ئۆستۈرۈش، پۇلدىن قانداق پايدىلىنىپ مەبلەغ سېلىش، كەمچىل ئۇچۇرلاردىن قانداق پايدىلىنىش، پۇل ئارقىلىق پۇل تېپىشتىن ئىبارەت. 


ئىچكى قىممىتىنى ئۆستۈرۈش: باشقىلارغا بېلىق بەرگەندىن كۆرە، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ياخشى

شۇڭا، «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ» دېگەن كىتابتا مالىيە باشقۇرۇشنىڭ تۆۋەن قاتلام تەپەككۇرى سۆزلەنگەن، پۇل خۇددى مۇشۇ بېلىققا ئوخشايدۇ، ھامان بايلىق تۈگەيدىغان كۈنى، بىز مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى (يەنى مالىيە ئىدراكى، ئۇچۇر+بىلىم+ئەقىل-پاراسەت+ئەمەلىي ماھارەت)نى ئۆگەنسەك، پۇل ئارقىلىق پۇل تاپقىلى بولىدۇ، ئاكتىپ كىرىمدىن پاسسىپ كىرىم ھالىتىگە كىرەلەيمىز. 

ئىچكى قىممىتىنى ئۆستۈرۈشمۇ مالىيە باشقۇرۇشنىڭ بىر قىسمى. بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىچكى قىممىتى ئۆسكەندە، بۇ قىممەت بىر خىل ئۇچۇر، بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسەتكە ئايلىنىپ، بىزنىڭ بېيىش يولىمىزنى بەرپا قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. 

شۇڭا، بىز ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، كۆپرەك قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ بىلىم سىستېمىسىنى قەدەممۇ قەدەم شەكىللەندۈرۈپ، ئىچكى قىممىتىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. 

ئەگەر ئادەم پەقەت ئۆزى ئۈچۈن بىلىم سىستېمىسى بەرپا قىلىش بىلەنلا توختاپ قالسا، بۇ تېخى بېيىش يولىنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. 


يالغۇز بەھرىمەن بولۇش ئاۋام-رەئىيەت بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولغانغا يەتمەيدۇ

بىز يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، ئۇ بولسىمۇ ئۇچۇر ۋە بىلىمنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بىرلىكتە بىلىم سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، بۇ بىزنىڭ ئىچكى قىممىتىمىزنى يۇقىرى قاتلامغا كۆتۈرۈپ، باشقىلارغا قىممەت يارىتىپ بېرىپ، بىرلىكتە تېز سۈرئەتلىك بېيىش يولىغا ئاتلىنىشتۇر. 


ئۇچۇر+مائارىپ =بىلىم 

ھەرخىل بىلىملەرنىڭ سىستېمىلىق باھالىرىنى يېزىش ئارقىلىق، مۇكەممەل بىر بىلىم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ئىچكى قىممىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، باشقىلارنىڭ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئۆسۈپ يېتىلىش تۈرىدىكى بىلىم ئېھتىياجى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 


بىز ئۇچۇرلاشتۇرۇش دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز

بۇ دەۋردىكى بايلىقنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلىسەكلا، بىز نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز. چۈنكى توغرا يۆنىلىشكە توغرا ئۇسۇل قوشۇلسا بېيىش مەخپىي نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

ئاخىرىدا مەن شياۋمى لېيجۈننىڭ بىر جۈملە سۆزىنى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرى قىلدىم. 

شامال ئېغىزىدا تۇرغاندا: «چوشقىمۇ ئۇچالايدۇ، دەۋر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئەڭ مۇھىم.»

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408