搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
نېمە ئۈچۈن كوكاكولانىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆسمەيدۇ؟
>
نېمە ئۈچۈن كوكاكولانىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆسمەيدۇ؟
Nepkar
2022-05-07
2
导读:ئەينەك بوتۇلكىلىق كولا ھازىر بازاردا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، لېكىن ئۇلار سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئەسلى
ئالاھىدە تەۋسىيە:
بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
شاڭخەي شەھىرى قامال قىلىنغان بۇ مەزگىلدە، كىشىلەر ماددىي ئەشيا قىس بولۇشتەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ، مالنى مالغا ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
كۆكتات، گۈرۈچ، يېڭى گۆش قاتارلىق نۇرغۇن بايلىقلار ئىچىدە كولا بىردىنلا دىققەتنى تارتىپ، بىر خىل «قاتتىق پۇل»غا ئايلىنىپ، كىشىلەر ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ قىسىم بايلىقنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بولدى.
ئىككى تال بىر قۇتا كوكا كولا ھازىر باشقىچە قىممەتكە ئىگە بولدى.
لېكىن، سىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بازاردىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى مەيلى قانداق ئۆسسۇن، كوكا-كولانىڭ باھاسى باشتىن-ئاخىر بىردەك بولۇپ، ئەزەلدىن ئۆسۈپ باقمىغانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟
رىقابەتچىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئۇنى ئىلاجسىز قالدۇرغان
شۇنى بىلىش كېرەككى، 2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن %28 ئۆرلىدى.
ماكدونالد ماروژنىسى ئەينى يىلدىكى ئىككى يۈەن بەش مودىن ھازىرقى تۆت يۈەنگە ئۆستى.
كېنتاكېنىڭ ئەسلى تەملىك توخۇسىمۇ 2010-يىلىدىكى 7 يۈەن 5 مودىن ھازىرقى 12 يۈەنگە ئۆستى، ئۆسۈش نىسبىتى %60 بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزدە بىر ۋاق يالغۇز كىشىلىك تېز تاماق يېيىش ئۈچۈن، ئوتتۇرىچە باھاسى 25~40 يۈەن بولىۋاتىدۇ.
مائاشتىن باشقا ھەممە نەرسە ئۆسۈۋاتقان بۇ دەۋردە، كولا ئاز ساندىكى «كەسپىي ۋىجدان»لىق ھېسابلىنىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ باھاسى ئانچە ئۆسۈپ كەتمەيدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، كولانىڭ باھاسىنىڭ ئۆسمەسلىكى ھەرگىزمۇ كولا شىركىتىنىڭ باھانى ئۆستۈرۈشنى خالىمىغانلىقىدىن ئەمەس، مۇھىمى ئۇلار ئۆستۈرەلمەيدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىرقى كولا بازىرىدا پەقەت ئىككى ئاساسلىق ئوينىغۇچى بار، يەنى كوكا كولا بىلەن پەپسى كولاسى ئىقتىساد ئىلمىدە ئېيتىلىۋاتقان «قوش باشلامچى مونوپۇل»چىدۇر.
ئىككى شىركەت بىر-بىرىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئوبدان بىلىدۇ، ھېچكىم باھانى يەڭگىللىك بىلەن ئۆستۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.
كوكا كولا ۋە پەپسى كولادىن ئىبارەت ئىككى شىركەت %80 تىن ئارتۇق بازارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ رىقابەتچىلىرى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خىرىس قىلاتتى.
ئەگەر كوكا كولانىڭ باھاسى ئۆسسە، پەپسى كولاسى تۆۋەن باھادا كوكا كولانىڭ بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىۋالىدۇ. ئەگەر كوكا كولانىڭ باھاسى چۈشسە، پەپسى كولانىڭمۇ باھاسى مۇناسىپ چۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ بازار ئۈلۈشى ئۆزگىرىپ، پايدىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا ھەر ئىككى شىركەت ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، كولا ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ سېتىلىدىغان مەھسۇلات، بىر بوتۇلكا كولادىن پەقەت نەچچە مو پۇل تاپقىلى بولسىمۇ، كۆلىمى چوڭ بولسىلا، يەنىلا كۆپلەپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. كىچىك تىپتىكى ساتقۇچىلارنىڭ كۆلىمى كىچىك، باھاسىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە ئەمەس، پەقەت يوچۇقلاردىلا پايدىلىنىپ جان ساقلايدۇ، مەسىلەن ئالاھىدە كولا ۋە لاۋشەن كولاسى دېگەندەك.
شۇڭا ئىككى شىركەت كولانىڭ تۆۋەن باھاسىنى ساقلاپ قېلىشى، بۇ تۆۋەن پايدىدىن پايدىلىنىپ، باشقا كىچىك تىپتىكى ساتقۇچىلارنى كەسىپ سىرتىدا قالدۇرۇش ئۈچۈندۇر.
ئەمەلىيەتتە، جۇڭگودىلا كولانىڭ باھاسى ئانچە ئۆسۈپ كەتمەيلا قالماستىن، تارىختا كولانىڭ باھاسى ئۆسمەيدىغان ئەنئەنىسى بار ئىدى.
كولانىڭ تۆۋەن باھا تارىخى، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە
1886-يىلى كوكا كولا دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، باھاسى 70 يىلدىن بېرى ئۆسمەي، ئىزچىل تۈردە بەش سېنتلىق (دوللار بويىچە) باھا ساقلاپ كەلمەكتە.
سىز بەلكىم «كوكا كولا راستىنلا شۇنداق ۋىجدانلىق بولۇپ، ئاز پۇل تېپىپ خېرىدارلارغا بەخت يارىتىشقا رازىمۇ؟» دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر توختام ئۈچۈن.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئامېرىكىدا ھەر خىل گازلىق سۇ ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان بولۇپ، باھاسى ئادەتتە 7-8 سېنت (دوللار بويىچە) ئىدى. كوكا كولا بازارنى ئىگىلەش ئۈچۈن باھانى بەش سېنت قىلىپ بېكىتكەن.
ئەينەك بوتۇلكىلىق كولا ھازىر بازاردا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، لېكىن ئۇلار سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىسىگە ھەمراھ ئىدى.
1899-يىلى ئىككى ئادەم كوكاكولا شىركىتىنىڭ خوجايىنىنى تېپىپ، ھەر گاللون (تەخمىنەن 3.8 لىتىر) 92 سېنىت (دوللار بويىچە) باھادا قويۇلدۇرۇلغان كولا بوتقىسىنى سېتىۋېلىپ، بوتۇلكىغا قاچىلانغان كولانى ياسىغان. 1901-يىلى باھاسى 90 سېنتقا ئۆزگەرتىلگەن.
ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانكى، بوتۇلكىغا قاچىلانغان ئىچىملىك ناھايىتى ئالقىشلىنىپ، باھاسىمۇ ئىزچىل ئۆسۈپ كېتىدۇ.
لېكىن كوكا كولا چوڭ زىيان تارتىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىمزالىغان توختامدا ئەجەللىك نۇقسان مەۋجۇت: ھەر گاللون 90 سېنتلىق باھا مەڭگۈلۈك ئىدى. مەيلى بوتۇلكىغا قاچىلانغان كولانى قانچە پۇلغا ساتسۇن، كوكا كولا شىركىتى پەقەت ھەر گاللوندىن 90 سىنىتلا تاپالايدۇ.
شۇڭا كوكا كولا بەش سىنتلىق سېتىش باھاسىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان بېرىدۇ. ئۇنچە كۆپ پۇل تاپالمىغاندىن كېيىن، بوتۇلكىغا قاچىلاش شىركىتى ۋە پارچە سېتىش سودىگىرىمۇ كۆپ پايدا ئېلىشنى ئويلىمىسۇن!
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچىملىك شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كوكا كولا ئېلانى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كوچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
كوكا كولانىڭ ئېلانلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان بولۇپ، «تۇرمۇش» ژۇرنىلى، «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلىنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار يەنە نۇرغۇن سېتىشنى تېزلىتىش بۇيۇملىرىنى تارقىتىدۇ، 1913-يىلى كوكا-كولا شىركىتى 1 مىليون تال كالېندار، 10 مىليون تال سەرەڭگە قېپى، 50 مىليون تال قەغەزدىن ياسالغان قول ياغلىق، 144 مىڭ تال قېرىنداش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەش سېنتلىق باھاسىنى تەشۋىق قىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، بوتۇلكىغا قاچىلاش شىركەتلىرى ۋە پارچە سېتىش سودىگەرلىرىمۇ باھانى ئۆستۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، باھا ئۆستۈرۈلسە ئىستېمالچىلار تىللاپ كېتىدۇ.
1921-يىلى كوكا كولا بوتۇلكىغا قاچىلانغان شىركەت بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، كولانىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. ئاخىرى باھاسى ئۆسسە بولىدىغان بولىدۇ!
لېكىن، ئۇلار ھازىر كولانىڭ باھاسىدا ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ. كۆپچىلىك بەش سىنىتلىق كولا ئىچىپ ئادەتلەنگەن، ھەممىلا يەرگە بەش سىنىتلىق كولا ئېلانى بېسىلغان بولۇپ، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل كېتىدۇ، مانا بۇ ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئېيتىلغان «تىزىملىك تەننەرخى»دۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سېتىش يولى--ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسىغا بىر قېتىمدا پەقەت بىر تال بەش سىنىتلىق نېكىل تەڭگە سېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، يەنە بىر تال سالسا باھاسىنى ھەسسىلىنىدۇ، كولانىڭ باھاسىنى پەقەت بەش سېنتتىن ئون سېنتقا ئۆستۈرۈشكە بولاتتى.
كوچىلاردىن خالىغان بىر سېتىش ماشىنىسى تاپسىڭىز، كوكا-كولانىڭ سىماسىنى بايقايسىز.
باھانى ئۆستۈرۈشكە بىرەر ئامال بارمۇ؟ ئازراقلا بولسىمۇ مەيلىتىغۇ!
كوكاكولا شىركىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ 7.5 سېنت تەڭگە پۇل چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. نەتىجىدە بىز ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولىدۇ.
شۇڭا ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئويناشنى قارار قىلىدۇ، ئۇلار سېتىش ماشىنىسىدا ھەر 9 بوتۇلكا كولا سېتىلسا، بىر بوتۇلكا قۇرۇق چىقىدۇ. بۇ نەس باسقان بىرىنىڭ ئىككى قېتىم سېتىۋالغاندا ئاندىن كولا ئىچەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ خىل ئۇسۇل كولانىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنى 5.6 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرىدۇ.
ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار ھازىر بۇنداق قىلمىغان، بولمىسا ۋەيران بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.
50-يىللارغا كەلگەندە، كوكا كولا مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، بەش سېنتلىق كولانى ئامېرىكىدا ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، بەش سىنىتلىق كولا توپتوغرا 70 يىل بازار سۈرىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى باھاسى ئۆسمىگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن تاۋارلار ئىكەن.
بۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ خان زامانىسىدىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا، كولانىڭ باھاسى باشتىن-ئاخىر بىر خىل بولدى دېگەنلىك ئىدى.
ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ سېتىش ھاياتلىق ۋاسىتىسى
ھازىرقى كوكا كولانىڭ باھاسى جۇڭگودا ئىككى يۈەندىن ئاشىدۇ، ئامېرىكىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى قىممەت ھېسابلانمايدۇ.
ئۇنداقتا، كوكا كولا شىركىتى زادى قانداق قىلىپ تۆۋەن باھانى ساقلاپ قالغان؟
بۇ كوكا كولا شىركىتىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
كوكا كولانىڭ يادرولۇق پەن-تېخنىكىسى بولسا رېتسىپ.
كوكا-كولا شىركىتىنىڭ كولا كەسپى ئاساسلىقى تەڭشەپ تەييارلانغان قويۇلدۇرۇلغان بوتقىنى بوتۇلكا قاچىلاش شىركىتىگە سېتىپ بېرىش بولۇپ، قاچىلاش شىركەتلىرى سۇ ۋە گاز قاچىلاشقا مەسئۇل بولۇپ، قۇتىغا قاچىلىغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن كولانىڭ مەخپىي رېتسىپىنى پەقەت ئۇلار ئۆزى بىلىدۇ.
كوكا كولانىڭ پۈتۈن يەر شارىدا تەخمىنەن 225 بوتۇلكا قاچىلاش ھەمراھ شىركىتى بار، ئۇلار كوكا كولا شىركىتىگە تەۋە ئەمەس.
بۇ جەرياندا كوكا كولا شىركىتىنىڭ ئاساسلىق تەننەرخى كولانىڭ خام ماتېرىيالى، ئورالمىسى ۋە قۇتىسى، قاچىلاش زاۋۇتىنىڭ تىجارەت، توشۇش، ئېلان، سېتىش ۋە باج ھەققى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. كوكا كولا شىركىتىنىڭ 2021-يىلى 4-پەسىللىك مالىيە دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ سېتىش، مەمۇرىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەننەرخى 3 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
رەسىمدە: دۆلىتىمىزدىكى مەلۇم ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئاپتوماتلاشقان ماشىنا كولا قاچىلاۋاتىدۇ
ئېلان كوكا كولانىڭ مۇھىم چىقىمى، 2019-مالىيە يىلى كوكا كولا شىركىتى ئېلانغا 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان.
بۇنداق يۇقىرى تەننەرخلىك كوكا كولا راستتىنلا پۇل تاپالامدۇ؟
بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ، باشقىلار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىشنى زىممىسىگە ئالمىغان. يەر شارى بويىچە بىر كۈندە 1 مىليارد 900 مىليون بوتۇلكا كوكا كولا ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. پايدا ھەرقانچە ئاز بولسىمۇ، 1 مىليارد 900 مىليونغا كۆپەيتىلگەندە، يەنىلا غايەت زور پۇل ھېسابلىنىدۇ.
بىراق كوكا كولا شىركىتى ھەرقانچە كۈچەيسىمۇ پۇل پاخاللىقىنىڭ رەقىبى بولالمايدۇ. پۈتۈن يەر شارىدىكى پۇل پاخاللىقى كولانىڭ خام ئەشياسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ، كولانىڭ پايدىسىنى كېمەيتىۋاتىدۇ. كوكا كولا شىركىتىمۇ ئامال قىلىپ كۆپرەك پۇل تېپىشقا مەجبۇر بولماقتا.
2008-يىلى 7-ئايدا، كوكاكولا قۇتىغا قاچىلانغان كوكاكولا سىغىمچانلىقىنى 355 مىللىلېتىردىن 330 مىللىلېتىرغا قىسقارتقان بولسىمۇ، باھاسى ئۆزگەرمىدى، بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا باھانى ئۆستۈرگەنگە باراۋەر.
كولا بوتۇلكىسىنىڭ دىئامېتىرى ئاستا-ئاستا ئورۇقلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىزدەك كولاغا ھېرىسمەن ئاددىي ئىستېمالچىلار بوتۇلكىنىڭ بۇنداق ئورۇقلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان ھالغا يەتكەن ئىدۇق.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز
بۇ يەرنى بېسىپ
مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0