大数跨境

ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالتۇننى نېمىشقا ئامېرىكىدا ساقلايدۇ؟

ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالتۇننى نېمىشقا ئامېرىكىدا ساقلايدۇ؟ Nepkar
2022-05-09
1
导读:ئالتۇن ئىزچىل تۈردە كۆپچىلىك تەرىپىدىن بايلىقنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا دۇنيا ئېتىراپ قىلغان پۇل بولۇپ كە

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
ئالتۇن ئىزچىل تۈردە كۆپچىلىك تەرىپىدىن بايلىقنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا دۇنيا ئېتىراپ قىلغان پۇل بولۇپ كەلدى. ئالتۇن سودىسىدا دۆلەت چېگرىسى، تارىخ چېگرىسى بولمايدۇ، شۇڭا، ئالتۇن ئىزچىل تۈردە ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن بايلىق سۈپىتىدە زاپاس ساقلىنىدۇ.
رايون مەسىلىسى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېنىقسىز ئامىلىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، ئالتۇن گويا ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجە نۇر چاچماقتا ئىدى.
ئالتۇن ئاللىبۇرۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئايرىۋېتىلدى، ئامېرىكىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق پۇل تارقىتىش ئارقىلىق دۇنيا بايلىقىنى يىغىش ئۇسۇلى سەۋەبلىك ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى يېتەكچى ئورنى تەۋرىنىشكە باشلىدى. 2020-يىلى 4-پەسىلدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دوللارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى زاپاس ئۈلۈشى %59 كە تۆۋەنلەپ، 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن، بۇنداق ئەھۋالدا كۆپ دۆلەت ئالتۇن توشۇش پىلانىنى يولغا قويغان.
ئۇنداقتا، شۇنچە كۆپ دۆلەتلەر نېمىشقا ئالتۇننى ئامېرىكا قاتارلىق ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ساقلايدۇ؟
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇننى ئامېرىكىدا ساقلىشىنىڭ سەۋەبى
2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن غەرب ئەللىرى 1944-يىلى برېتون ئورمانلىقى يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكا دوللىرىنى دۇنيا پۇلى قىلىپ، ئالتۇن بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنى چېتىشنى بېكىتكەن.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودىسى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن راسچوت قىلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ قولىدا ئالتۇن بولسىمۇ، دۇنيا سودىسى قىلماقچى بولسا، يەنى باشقىلار بىلەن سودا قىلماقچى بولسا چوقۇم ئامېرىكا دوللىرىنى ئايرىۋاشلاش كېرەك، بولمىسا باشقا دۆلەتلەر قوبۇل قىلمايدۇ.


ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن زاپىسى دۆلىتى بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زاپاس پۇللۇق نوپۇزى ۋە 29 تىرىليون ئامېرىكا زايومىنى ئىناۋەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نيۇيورك دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن سودا مەركىزى بولۇپ، دۇنيا ئالتۇن بازىرىدىكى ئېقىشچانلىقىمۇ ئەڭ ياخشى. ئالتۇننىڭ ئامېرىكىدا ساقلىنىشىمۇ سودىغا قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى قولىدىكى ئالتۇن زاپىسىنى زۆرۈر تېپىلغاندا تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قىلىپ ئىشلىتىپ، خەلقئارا تۆلەم ۋە راسچوتقا ئىشلىتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ چەت ئەل ئالتۇنىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم خەزىنىسى نيۇيورك مانخاتتون يەر ئاستىدىكى 24 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تاش قاتلىمىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە 60 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا ئورگاننىڭ زاپاس ئالتۇنى ساقلانغان. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئالاھىدە مەزگىلدە ئالتۇننىڭ بىخەتەرلىكى ياكى مەلۇم ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالتۇننى ئامېرىكىدا ساقلاشنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودىدا توشۇش جەريانىدىكى نۇقتىلىق بىخەتەرلىك تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە قولايلىق يارىتىش قاتارلىقلارنى ئويلىشىدۇ.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 13 دۆلەتنىڭ ئالتۇننى توشۇپ كېتىشىنى توسۇش ھوقۇقى يوق
IMF ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارا زاپاستىكى ئۈلۈشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى %85 تىن ھازىرقى %58 كە چۈشكەن.
تۆۋەندىكى رەسىم ئارقىلىق، بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننىڭ قىممىتى ئۆتكەن 100 يىل ئىچىدە، داۋاملىق چۈشۈپ كەتكەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئامېرىكا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز يوقىتىدۇ.
شۋىيتسارىيە ئالتۇن سودىگىرى 5-ماي BWC خەنزۇچە تورى مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادىكى كۆپ دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن بۇيان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قاتارلىق خەزىنىلەرگە ئامانەت قويغان ئالتۇننىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئىنتايىن ئېنىق، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئالتۇن زاپىسىنى يۆتكەپ كېلىشگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا ھېچقانداق ئىقتىدارى يوق، ھوقۇقىمۇ يوق. ئۇنداق بولمايدىكەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پۇل ئىناۋىتى ۋە ئورنى ۋەيران بولىدۇ.
ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىش شۇكى، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە تور بېكىتى Zerohedge نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قاتارلىق چەت ئەل خەزىنىسىدىن بارلىق ئالتۇن زاپىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن. بىز فىرانسىيە بانكا تور بېكىتىنى تەكشۈرۈپ، نۆۋەتتە فىرانسىيەنىڭ ئالتۇن زاپىسىنىڭ پارىژ خەزىنىسىدە ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.


شىۋىتسارىيەلىك ئالتۇن سودىگىرى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 1300 توننا ئالتۇننى كۆپ دۆلەت مەركىزى بانكىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ خەزىنىسىدىن يۆتكەپ چىققان. بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن بۇيانقى ئالتۇن زاپىسىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدا يۈز بەرگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىش. فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسارىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، ۋېنېسۇئېلا، تۈركىيە، ۋېنگرىيە، ئاۋسترالىيە، پولشا، سلوۋاكىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 13 دۆلەت ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قاتارلىق چەت ئەل خەزىنىسىدىن بىر قىسىم ئالتۇننى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ياكى ئالتۇن زاپىسىنىقايتۇرۇپ كېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئالتۇننى قايتا تەكشۈرۈش پىلانىنى توسۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن 13 دۆلەت مەركىزىي بانكىسى، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى بەس-بەستە ئالتۇننى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ توسۇش ھوقۇقى يوق ھەم توسۇش ئىقتىدارىمۇ يوق ئىدى.

 2300 توننا ئالتۇن تۈركۈمگە بۆلۈپ جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىندى
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى تاموژنا سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ 2-ئايدا 67 توننا ئالتۇن ئىمپورت قىلغانلىقىنى، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %41 تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقىغان. 2021-يىلى جۇڭگو 818 توننا ئالتۇن ئىمپورت قىلغان بولۇپ، بۇ 2020-يىلىدىكىدىن %36 يۇقىرى بولۇپ، 2019-يىلىدىكى سەۋىيەگە يېقىنلاشقان. بۇ بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى قوشقاندا، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2019-يىلىدىن بۇ يىل 2-ئايغىچە بولغان 38 ئاي ئىچىدە، ئاز دېگەندىمۇ 2300 توننا ئالتۇن ياۋروپا، ئامېرىكىدىن ئارقا-ئارقىدىن تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ جۇڭگو بازىرىغا توشۇپ كېلىنگەن.

مىقدارلاشقان قويۇۋېتىش ۋە تارىخىي داۋالغۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۆلچەرلىگەن ئېگفون گرېيس نەچچە ھەپتە ئىلگىرى تەھلىل قىلىپ، جۇڭگولۇق نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بازارلىرىدىكى ئالتۇننى داۋاملىق سېتىۋالغانلىقىنى بايقىغان. دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2017-يىلىدىن بۇيان، ئالتۇن داۋاملىق جۇڭگوغا ئېقىپ كىرگەن.
ئامېرىكا تاراتقۇسى Silverdoctor نىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، Alasdair Macleod كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇمات ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا ئەمەلىي جۇغلانغان ئالتۇن 20 مىڭ توننىدىن ئاشقان بولۇپ، بىز بىلىدىغان ئالتۇن سانىدىن كۆپ ئىكەن. ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە تور بېكىتى Zerohedge سەل بۇرۇن Simon Hunt ئىستراتېگىيەلىك مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ بىر پارچە خېتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگودا ئەمەلىيەتتە بەلكىم 30 مىڭ توننا ئالتۇن بولۇشى مۇمكىن، بۇ نۇقتىنى جۇڭگو مەركىزى بانكىسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئالتۇننى ياخشى كۆرۈشىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا ئالتۇن ئانالىز پىشۋاسى ئالسدال ماكلېئود تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگو 1982-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە تەخمىنەن 25 مىڭ توننا ئالتۇن توپلىغان، لېكىن ھازىر 31 مىڭ توننىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.
---
تۆۋەندىكى يازمىغا قىزىقامسىز؟
سوئال: ماسك زادى كىم؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا تىۋىتتېرنى سېتىۋالىدۇ؟ بۇ قېتىملىق سېتىۋېلىش سودىسىنىڭ كەينىگە زادى قانداق غەرەز-مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان؟... 
ئەگەر بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408