تىۋىتتېرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ماسك خۇددى قەپەستىن چىققان كىچىك قۇشقا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرمەكتە، ئۇ ھېلى ئۇنى تىللاپ مەسخىرە قىلسا (مەسىلەن، ئالما شىركىتى ۋە بىل گايتىس)، بىردەم چوڭ گەپ قىلىپ ھەممىنى ئۆزىگە قارىتاتتى. (مەسىلەن، ماسك: ئەمدى مەن كوكا كولا شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، كوكائىننى قايتىدىن قوشىمەن.)
(بۇ يەرنى بېسىپ «ماسكنىڭ ئاچكۆزلۈكى: كېيىنكى نىشان كوكا كولا؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
ماسك ناھايىتى خۇشال ئويناۋاتقاندا، پۈتۈن يەر شارىدىكى تور ئەھلىمۇ بولۇشىغا ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىماقتا ئىدى، بىراق تورداشلارنىڭ ماسكقا بەرگەن باھاسى ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنمەكتە، بىر قىسىم كىشىلەر ماسك دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي بولغاندىن كېيىن بارغانسېرى ئۆزىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ، ھامان بىر كۈنى ھامان بىر كۈنى قانات قۇيرۇقى سۇنۇپ ھالاك بولىدۇ، دەپ قارىا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ماسكنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئېيتقان ھەربىر ئېغىز سۆزى ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
تۆۋەندە بىز ماسكنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى قالتىس ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى، زادى خىيالى ئۇچۇۋاتامدۇ ياكى ھەقىقىي ئەھۋال شۇنداقمۇ؟
«ھامىلىدار بولغان ئەر» دېگەن چىراي ئىپادىسى بىلەن بىل گايتىسنى مەسخىرە قىلىش
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە چەتئەل تاراتقۇلىرى ماسك بىلەن بىل گايتىسنىڭ دىئالوگ كەسمە رەسىمىنى ئاشكارلىغاندىن كېيىن، ماسك ۋەقەنىڭ چىنلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ ئىشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بىل گايتىس باشچىلىقىدىكى بىر تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، گايتىس تېسلانىڭ 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پېيىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقى (تۆكمە قىلىپ ساتىدىغانلىقى)نى ئېتىراپ قىلغاندا، ماسك دەرھال گايتىسنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان ھەمدە تېسلانىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ھەل قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەسلىدە بۇ ئىش قائىدە بويىچە ئېيتقاندا سودا كاتىگورىيەسىگە تەۋە بولۇپ، «سىز مېنىڭ تېسلانى بايقۇت قىلسىڭىز، مەن سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىمەن.» دېگەنلىك ئىدى.
بىراق، ئارقىدىنلا ماسك تىۋىتتېردا گايتىسنى مەسخىرە قىلىپ، بىل گايتىسنىڭ رەسىمى بىلەن «ھامىلىدار ئەر»نىڭ چىراي ئىپادىسىنى بىلەن بىللە قويۇپ، «بەلكىم سىز تېز ئورۇقلىشىڭىز كېرەكتۇ!» دەپ يازغان. بۇ ۋەقە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر ماسكنىڭ بۇ ھەرىكىتى سەل چەكتىن ئېشىپ كەتتى، دېيىشتى.
ئاندىن ماسك تىۋىتتېردا يازما يوللاپ ئۆزىنىڭ گايتىسنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېسلانىڭ پاي چېكىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى قايتا مازاق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، بىل گايتىس بىر قېتىملىق زىيارەتتە بۇ قېتىمقى تالاش-تارتىشنى بېسىقتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، بۇ ئىش ئاخىرى ئاخىرلاشقان ئىدى.
«ئالما بەك قىممەت» دەپ قاراپ، ئالمىنى ئاشكارا سۆكۈش
يېقىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئالما شىركىتىنى ئەيىبلەپ، App Store قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەپ ئېچىش سودىگىرىدىن ئىزچىل %30 يۇقىرى ھەق ئېلىپ كەلدى، دېدى. بۇ خىراجەت ئالما شىركىتىگە مول كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن ئەپ ئاچقۇچىلار بولسا دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرمەكتە.
ماسك بۇ ھەقتە تىۋىتتېردا مۇنداق دېدى: APP Store نىڭ بۇ خىل تۇتۇپ قېلىش نىسبىتى ئىنتېرنېت تورىدىن %30 باج ئالغاندەك ئىش بولۇپ، نورمال سەۋىيەنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق قىلسا چوقۇم مۇۋاپىق بولمايدۇ.
بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلار بەس-بەستە مەسخىرە قىلىپ، ئالمىنىڭ بۇنداق يۇقىرى نىسبەتتە ھەق تۇتۇپ قېلىشى ماسكقىمۇ قىممەت بىلىنگەن بولسا، بۇ ھەقىقەتەن بەك قىممەت ئىكەن، دېيىشتى.
«ياپونىيەنى ئەمدى مەۋجۇت بولمايدۇ!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ تۇغۇت نىسبىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىجىل تۆۋەنلەپ، تۇغۇلغانلارنىڭ سانى 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.
ماسك بۇ ئىشقا قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئەگەر ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئۆلۈش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتمىسىلا، ياپونىيە ئەڭ ئاخىرىدا مەۋجۇت بولمايدۇ.
«جۇڭگو نۇسخىسىدىكى ماسك» بىلەن تونۇشۇش
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، دۆلەت ئىچىدىكى بىر ئەرنىڭ چىرايىنىڭ ماسكقا ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، توردا ناھايىتى تېزلا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ھەمدە تورداشلار تەرىپىدىن «جۇڭگو نۇسخىسىدىكى ماسك» دەپ ئاتالغان، يەنە بەزىلەر بۇنى ماسكنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ئۇزۇن يىل بولغان قېرىندىشى بولۇشى مۇمكىن، دېيىشتى.
گەرچە بۇ ئەر دۆلەت ئىچىدە داڭق چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن 5G دولقۇنى چوققىسىدىكى ماسكمۇ بۇ خەۋەرگە تەبىئىيلا دىققەت قىلدى، ھەمدە تىۋىتتېردا بۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تىۋىتتېرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ماسك ھەقىقەتەن ھەممە يەردە بار ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە ماسك نۇرغۇن ساھەلەردە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شەخسىي بايلىقى ئىنتايىن مول ھېسابلىنىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھازىر ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. تىۋىتتېرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، «سۆز ئەركىنلىكى»نىڭ چەكلىمىسى بولمىغاچقا، ماسك ئۈزۈل-كېسىل قويۇپ بېرىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشكەن، بۇ زادى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىمۇ ياكى كەينىدە تېخىمۇ چوڭقۇر نىيەت، غەرەز بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ قانداق قارايسىلەر، ئىنكاس رايۇنى سىلەرگە قالدى ئەمىسە.


